قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: be42late

دېھقان پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى سەرگۈزەشتىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1825

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6456
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 433
تۆھپە : 263
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 20:28:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ۋاقتىڭىزلا يار بەرسەداۋامىنى يېزىۋىرىڭ ،ئىنكاس يازمىغانلىغىمىز تېمىڭىزنى كۆرمەيۋاتقانلىقتىن ئەمەس. مانا تورغا چىقىپلا بىرىنجى بولۇپ تېمىڭىزنى ئاچتىم ،بىر جۈپ پەرىشتىلىرىڭىز بەكمۇ ئوماق ھەم تاتلىقكەن، ئۇلارنىڭ ئامان-ئېسەن ساغلام چوڭ بولۇشىنى بىر ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق ئائىلىڭىزگە قوۋناقلىق ئاتا قىلغاي.

21

تېما

0

دوست

7749

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 1737
تۆھپە : 1209
توردىكى ۋاقتى: 1370
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 22:18:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالى تۇغۇپ ياتسا، دۆلەتمۇ دۆلەت ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار، مېنىڭ بۇ يەردە كىچىكىكىنە يەنە بىر ھىكايىنى قىستۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ:

بۇ 2011-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى... چوڭ قىزىمنى ھەمرا قىلىپ، كۇۋالۇمپۇر شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلامچە ناخشىلار فېستىۋالىغا باردۇق. بۇ فېستىۋالغا باشقا دوستلىرىمىزمۇ كەلگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىز تونۇمايدىغان، لېكىن ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغان ئانا-بالا ئىككەيلەن بار ئىدى.... فېستىۋال تۈگىگەندە خېلى كەچ بولۇپ كەتكەنىدى، بۇ ئانا-بالا بىلەن سالاملاشقاچ ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۆزبەكلەردىن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق. ئۇلارنىڭ قاتنىشى بولمىغاچقا، بىز بىلەن بىللە ماشىندا قايتىدىغان بولدى.  ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقساق، قىزى ئاۋىستىرالىيەدە تۇرمۇشقا چىققان ئىكەن، ئامال بار ئانىسىنى يېنىغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەپتىكەن، لېكىن بۇنىڭغا بىر مەزگىل كېتىدىغانلىقىنى، مالايسىيادا بىر مەزگىل تۇرۇش لازىم ئىكەن. شۇڭا بۇ قىز ئانىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆي ئىزدەۋېتىپتىكەن.....  قارىمامسىلەر، ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىز بۇ ھاجەتمەن ئانا-بالىغا، بىز بولساق بىز كۆڭلىمىزدىكىدەك بىر ئانىغا ئېرىشىش پۇرستى بوپتىكەن.  شۇڭا مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن، بىزنىڭ ئۆي بەك چوڭ، بىزنىڭ ئۆينى كۆرۈپ بېقىڭلار دېدىم. ئۇلارنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەتىسى ئۆينى كۆرگىلى كەلدى، ۋە تۇرغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.  

شۇنداق قىلىپ 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنى قىزىمنىڭ 2 ياشقا تولغان كۈنىدە بۇ ئانا بىزگە ھەھرا بولغىلى كەلدى. ئاللاھ مۇشۇنداق مۇساپىرلارنىڭ ئىشىنى ئوڭشايدىكەن. بۇ ئانا مالايسىيادا قانونلۇق تۇرۇش ئۈچۈن ۋىزا كېرەك ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم كېرەك ئىدى. بىز بولساق ئالدىراش بولغان ۋاقىتلىرىمىزدا قىزلىرىمغا ھەمراھ بولغىدەك بىر ئانا لازىم ئىدى..  مۇشۇنداق قىلىپ ئىشلار گۈل-گۈلىگە كېلىپ كەتتى.  مەن بۇ ئانىمزنىڭ بىر مەكتەپتن ئوقۇش ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تىرىشتىم. لېكىن ياشىنىپ قالغان بۇ ئانىمىزغا ۋىزا ئېلىش ئاسانغا چۈشمىدى. بىر كۈن ئۇ نەرسە كەم، بىر كۈنى بۇ نەرسە كەم دەپ ۋىزا ئېلىش ئىشلىرى بەك كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى.. بۇ ئانىمىزغا تەسەللى بېرىپ تۇردۇق... مەن ئاپاش دەيتتم..... «ئاپاش، ئەنسىرمەڭ، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بار، ئاللاھ بىزنى ئاشۇ فېستىۋالدا ئۇچراشتۇردى، ئەگەر بىز بارمىغان بولساق، ياكى سىلەر كەلمىگەن بولساڭلار، بىز ھەرگىز ئۇچۇرشالماستۇق، بۇ ئۇچۇرشىشتا چوقۇم بىر ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش بار» دەپ تەسەللى بېرىپ تۇردۇم.... بۇ ئىشمۇ 7 ئاي بوپ كەتتى،، لېكىن ھەر ئايدا مەكتەپ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىمىز دەپ خەت چىقىرىپ بېرىپ تۇردى.

مەن مۇشۇ ئەنگىلىيە ۋە تۇركىيە ساياھىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدىم. كېلىپ سورىسام تېخى ۋىزىسىنىڭ چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى.... مانا ناماز ئەسىرمۇ بولدى. مەن ناماز ئەسىرگە تۇرۇپ، نامازنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىۋاتسام، تىلفۇن جىرىڭشىدى،،،،،،،، دەل شۇنداق، ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش دەل مۇشۇنداق بولىدىكەن،،،، بۇ تىلفۇن دەل ئاشۇ مەكتەپتىن ئىدى ۋە ۋىزىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، ئۆتۈپ بولغان 7 ئاينىڭ ھىسابلانماي، يەنە بىر يىللىق ۋىزىسى چىققانلىقى خوش خەۋىرى ئىدى. خوشاللىق ئۈستىگە خوشاللىق بولدى.... شۇنداق قىلىپ بۇ ئاپاش بىز بىلەن بىزگە ناھايىتى مۇھىم بولغان كۈنلەرگە شاھىد بولدى... ياقا تۇرتتا ئانىمزنىڭ ئورنىدە قىزلىرىمغا موما بولدى... بىز بولسا ئانىمزنىڭ مۇساپىرلىق كۈنلىرىنىڭ زىرىكىشلىك بىلەن تولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىز بالا ئورنىدا بالا بولدۇق.....

شۇنداق قىلىپ بۇ ئانا بىر يىل ۋاقىتىنى، بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ۋاقىتتىنى بىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى.... ھىساپتا ۋىزىسى بالدۇر چىقمىغانلىقىدىمۇ بىر ئىلاھى ئورۇنلاشتۇتۇش بار ئىكەن. ئەگەر ۋىزىسى بالدۇر چىققان بولسا، 4-ئايدىن يەنە بىر4-ئايغىچە پەقەت بىر يىللا تۇرالايتتى، ئۇنداق ۋىزىسىنى ئۇزارتالماتتى... ئۇزارتالمىسا مالايسىيادا قانونسىز تۇرغان دەپ قارىلىپ ئاۋىستىرالىيە كۆچمەن بولۇپ كېتىش ئىشى سۇغا چىلىشاتتى........ لېكىن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئانا بىزگە بىر يىل 1 ئايغا يېققىن ھەمراھ بولۇپ، خوشال ھالدا قىزى بىلەن جەم بولۇپ، پات ئارىدا دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان نەۋرىسىنى كۈتىۋالدى. بۇ چاغدا چوڭ قىزىم 3 ياش، كىچىكى بولسا 7 ئايلىق بولۇپ، ئايالىم ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، جاپالىق  كۈنلەرنى ئاخىرلاشتۇرۋالغان ئىدۇق....... ئاللاھنىڭ ياردىمىگە چەكسىز رەھمەتلەر بولسۇن !!!!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 3469
توردىكى ۋاقتى: 1124
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 22:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن be42late قېرىندىشمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇش ھاياتىنى ،بىزگە قىسقىچە بايان قىلىپ بەرگىنىدن شۇنداق خۇشال بولدۇم .مەنمۇ ئۆزەمنىڭ  ھايات يولۇمدا يۇلۇققان ئىشلارنى ئەسلىدىم. ئويلاپ باقسام نۇرغۇن ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋىتىپتىمەن. مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.دوستىمىزغا رەھمەت.

21

تېما

0

دوست

7749

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 1737
تۆھپە : 1209
توردىكى ۋاقتى: 1370
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 23:39:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئوقۇشۇمدىن ئېغىز ئاچاي: ئوكىسفورتتىنمۇ قايتىپ كەلدىم.... مەن يەنىلا دىستىرتاتسىيە ماقالەمنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. مەن يوقىردا قەيت قىلغاندەك، ئىلىمى ماقالامنىڭ لاھىيەسى قوبۇل قىلىنپ بولغانىدى،، لېكىن فاكۇلتىت مۇدىرى  ماڭا ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى بەرگەن ئوقۇتقۇچىمنى ئاساسلىق يىتەكچى ۋە ئۆزىنى بولسا قوشۇمچە يىتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللىشىمنى كۆرسەتمە بەردى. شۇنداق قىلىپ  ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى بەرگەن ئوقۇتقۇچىمنى ئاساسلىق يىتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئىلمى ماقالامنى داۋاملاشتۇردۇم.

ماقالەمنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرى بۇنداق ئىدى:

1) غەرپ ۋە ئىسلام پايچەكلىرى ئۇزۇن مۇدەتتلىك بىر -بىرىگە باغلىنىشلىقمۇ يوق؟ ( بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇلاردىكى باغلىنىشلىقنىڭ نەزىرىۋىيلىق باغلىنىش ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش)؛

2) ئەگەر ئۇلار باغلىنىشلىق بولسا، قايسى پايچەك باشلامچىلىق رولنى ئوينايدۇ؟ ( بۇنىڭدىكى مەقسەت قايسى پايچەكنىڭ باشلامچى، قايسىنىڭ ئەگەشكۈچى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش)؛

3) ئەگەر ئۇلار باغلىنىشلىق بولسا، ئۇلاردىكى باغلىنىشلىق ئادەتتكى باغلىنىش ياكى نورمال بولمىغان ئەھۋالدىكى باغلىنىش ( بۇ مالىيە كىسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت، قايسى پايچەكلەرنىڭ بەكرەك يۇقۇملانغانلىقنى، قايسىلىرىنىڭ يۇقۇملانغانمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىش، ئەگەر ئىسلام پايچەكلىرى يۇقۇملانمىغان بولسا، ئىسلام پايچەكلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى،  بۇ ماقالامنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىدى)؛

4) ئەگەر مالىيە كىسەللىكى كۆرۈلگەن بولسا، ئىسلام پايچەكلىرى خەلىقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن  كۆپخىللاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسىنى بېرەمدۇ يوق ( بۇنىڭدىكى مەقسەت ئەگەر ئىسلام پايچەكلىرى كۆپخىللاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسىنى بەرسە، ئىسلام پايچەكلىرىگە خەلىقئارا مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلب قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى)....


مانا مۇشۇنداق تەتقىقات مەقسەتلىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. مۇشۇ مەقسەتلەر بىلەن 9 رايوندىكى 9 چوڭ غەرپ پايچېكىنى ۋە 9 ئىسلام پايچېكىنى نۇسخا قىلىپ ئالىدىم. ۋە ئامىرىكا پايچېكىنى كىرزس سەۋەبىدىن كىسەللىك تارقاتقۇچى قالغان 18 پايچەكنى كىسەللىك قوبۇل قىلغۇچى قىلىپ ئالدىم... بۇنىڭ ئىچىدە 5 مۇسۇلمان ئەمەس رايونلار (جوڭگو، تەيۋەن، شىياڭگاڭ ئالاھىدە رايونى، ياپۇنىيە ۋە كورىيە)،  4 ى بولسا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى (مالايسىيا، ھىندونوسىيە، تۇركىيە ۋە ئەرەپ يېرىم قولتۇقى )  ئىدى. ماقالامنىڭ تېمىسى بولسا:

« مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردىكى غەرب ۋە ئىسلام پايچەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مالىيە كىسەللىكىنى دولقۇنسىمان ئانالىزى ئۇسولى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىش»


مۇشۇ مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە 5 خىل مىتودولوگىيە ئىشلەتتىم...  مۇشۇ مىتودولوگىيەلەرنى بىر ياندىن ئۆگەنگەچ يەنە بىر تەرپتىن ئىلىمى ماقالەمنى يېزىشنى داۋاملاشتۇردۇم. مەن چوقۇم ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ زامانىۋى مىتودولوگىيەلەرنى ئىشلىتىشىم كېرەك ئىدى بولمىسا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىش تەسكە توختايتتى،،،،، ھەتتا نەچچە كىچىلەرنى بىر-بىرىگە ئۇلىۋەتتىم....  تەتقىقات پىلانىم بۇنداق ئىدى:

2011-يىلى 6-ئايدىن 9 -ئايغىچە: لاھىيە ئۈچۈن ئىشلەش، 9-ئايغىچە لاھىيەنى تاپشۇرۇش، 1-2-3 بابلار ئۈچۈن ئاساس سېلىش، يۇمشاق دىتاللارنى قانداق ئىشلىتىشىنى بىلىش.

9-ئايدىن 12-ئايغىچە: باشقىلارنىڭ ئىلمى ئەمگىكىگە قاراپ چىقىش، ئىلغار مىتودولوگىيەلەرنى بايقاش ۋە مىتودولوگىيە قىسمىنى يېزىپ چىقىش، شۇنداق قىلىپ 1-2-3 ۋە 4 -بابنى تولۇق تۈگىتىش.

12-ئايدىن  2012-يىلى 1-ئايغىچە : سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىش ۋە يۇمشاق دىتال بىلەن ماقالىنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىش....

2012-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ چىقىش ، 5 -بابنى تۈگىتىش ئىدى.. ( بۇ ئەڭ تەس ۋە ئەڭ مۇھىم قىسمى ئىدى، پەقەت مۇشۇ قىسمىلا مېنىڭ دوكتورلىققا ئېرىشەلەيدىغان ياكى ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى بەلگىلەيدۇ)....

3-ئايدىن 4 -ئايغىچە بولسا مەن ماقالنى يىغىنچاقلاش... تەتقىقات مەقسىتىگە يەتكەن يەتمىگەنلىكىمىزگە قاراپ چىقىش،، بۇ ئەڭ ئاخىرقى باپ 6-باب ئىدى....

2012 -يىلى 4-ئاي بىلەن ماقالىنىڭ بىرىنچى نۇسخىسىنى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرۇش...(ئادەتتە 1-2 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ)..  

6-ئايدىن 7-ئايغىچە قوشۇمچە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇش ( بۇنىڭغىمۇ 1-2 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ)..

7-ئايدىن 9-ئايغىچە ئىچىكى باھالىغۇچى ۋە تاشقى باھالىغۇچىغا تاپشۇرۇش ( 2-3 ۋاقىت كېتىدۇ)..

مۇشۇ پىلان بويىچە ماڭسا مەن مەكتەپ پۈتتۈرەلەيتتىم،، بولمىسا يەنە بىر يىل كېچىكىپ كېتەتتى،،، لېكىن مەن كېچىكىپ كېتىشىنى قەتئي خالىمايتتىم....

ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مۇشۇ پىلان بويىچە ماڭدى.... ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇ ماڭا ئاسانلىق بەردى.... مەن 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ( قانچىلىق تىرىشقانلىقىمنى مەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئولتۇرماي) ماقالامنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى پۈتكۈزۈپ ئاساسلىق يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇم...... چۈنكى مەن يەنە بىر سەپەر ئۈچۈن يەنى خاۋارد سەپىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ بولغانىدىم... شۇنداق قلىپ مەن ماقالەمنى تاپشۇرۋېتىپ، خاۋاردتىكى ئىسلام مالىيسى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئاتلاندىم.......



بۇنىڭ تەپسىلاتى بۇ يەردە:

./read.php?tid=8996


داۋامىغا نەزەر سېلىڭ !!!

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 3469
توردىكى ۋاقتى: 1124
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 23:47:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغانسىرى ئىچىگە كىرىم كەتتىمغۇ! ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق ،تېنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.داۋامىغا ئىنتىزامىز.

NOTHING IS IMPOSSIBLE

22

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9312
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 1530
توردىكى ۋاقتى: 595
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 23:58:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن be42late قېرىندىشمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇش ھاياتىنى ،بولۇپمۇ ئىسلام ئىقتىسادىنى ئۆگىنىش ئەھۋالىدىن   بەرگەن  مەلۇماتىدىن  كۆپ  خۇرسەن  بولدۇم.چۈنكى بۇ بىر يېڭى  تېما ئىدى،بۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن فىقىشۇناسلىق،ھەدىسشۇناسلىقتا  ئوقۇغانلارنى كۆپ ئاڭلىغان،لېكىن  سىز ئوقۇغان كەسىپتە دوكتۇرلۇق ئوقۇغاننى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.
بۇرۇنقى تېمىڭىزنى ئوقۇغانتىم:ئىسىمدە قالغىنى ئۇنۋېرسىتېتنى تولۇق كۇرسنى جاپالىق ئوقۇش،مەسچىتتە بىر شىركەتنىڭ باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ  شۇ  شىركەتكە  خىزمەتكە  چۈشۈش،ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا ئۆتۈش، تۇرپان چىراي ئىدىم،ئائىلە ئىقتىسادىم ياخشى ئەمەس ئىدى،ئۈرۈمچىلىك قىزغا توي تەلىپى قويدۇم،قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەنسىردى،دەسلەپتە ئىككىلىنىپ،كىيىن تويغا قوشۇلدى، دىگەنتىڭىز،مەن قاتتىق تەسىرلەنگەن، كىيىن تور  شىنجاڭدا  بىر  يىل ئۈزۈلدى، يېقىن مەزگىلدە قايسى بىر تور بەتتىن  ئەنگىلىيەگە 15 كۈنلۈك پىراكتىكىغا تاللاندىم، شوتلاندىيىگە باردىم،ھېلىقى خاررىپ پورتىردا چىقىدىغان 1200-يىلى سالغان بىر چىركاۋ (ئىدېنبورىگ مىكىن)،بىر ئەرەب  سورىمايلا  يول بويىدىكى غەرىپچە تېز  تاماق توخۇ گۆشىنى يىدى دەپسىز،
ھازىرقى يازمىڭىزدا ماڭا تەسىر قىلغىنى: شەندۇڭغا بارغاندا ھاراق ئىچمىگەنلىكىڭىز،شۇ شىركەتتىن چىقىپ كەتكىڭىز بولدى.
يەنە دادىڭىزنىڭ  ،رىزقنى شۇ شىركەت ئەمەس،ئاللاھ بېرىدۇ ،دىگىنى
مېنىڭچىمۇ ،ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن ۋاز كەچسىڭىز ،ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلسىڭىز،ئاللاھ ئويلىمىغان يەردىن سىزگە نىئمەت ئاتا قىلىدۇ.
ھازىر بەخىتلىك ،مۇسۇلمانچە ئائىلىڭىز،ئىككى پەرزەنتىڭىز نى كۆرۈپ ناھايتى بەخىتلىك ھىس قىلدىم.
سەرگۈزەشتىڭىزنى 2009-يىلىدىن بۇيان چىنلىق بىلەن بايان قىلىۋاتىسىز...
چىنلىق بىلەن بايان قىلسىڭىز  كۆپ ئادەمگە ھەقىقى تەسىر قىلىدۇ،
بۇ قىلغىنىڭىز ،مېنىڭچە سىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىڭىز،ۋىجدانىي قەرزىڭىز،ئىلىمنىڭ زاكىتى،ھەم شۇنداقلا بىر ياخشى ۋەز-تەبلىغ  ھېساپلىنىدۇ.
مېنىڭمۇ بىر نەچچە ساۋاقدىشىم 2001،2002،2003،2004-يىللىرى مالايسىياغا چىقىپ ئىككىسى بىر ئاي تۇرۇپلا گۇاڭجۇغا يېنىپ كەلدى،سەۋەبى بەك ئىسسىق،بەك قىممەتچىلىك.
مېنىڭ مالايسىيا خەلقىگە بىر قايىللىقىم،قىز -يىگىت توي قىلغاندا ،قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆيئوغۇلغا كىلىنچەكنى مەككىگە ئاپىرىپ ھەج قىلدۇرۇپ ئەكىلىشنى <تويلۇق> سېلىشى .
ئۈرۈمچىدە مالايسىيانىڭ ئىسلامى مەدىھيە ناخشىلىرىنى تېلغۇنغا قۇڭغۇراق قىلىۋالىدىغان،مالايسىيانىڭ ئىچىملىكلىرى،ماررىي -بىراۋىن  تېز تاماقلىرى  قىزىۋاتىدۇ..........
قېنى قېرىندىشىم،دەۋىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرغايسىز.......قۇلىقىمىز سىزدە...........

21

تېما

0

دوست

7749

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 1737
تۆھپە : 1209
توردىكى ۋاقتى: 1370
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 01:34:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ئامرىكىدىنمۇ قايتىپ كەلدىم..... ئەمدى ئىلمى ماقالام قانداق بولغاندۇ ؟ يەنە قاندق سىناقلار مېنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟ قايتىپ كېلىپ بىر قانچە كۈن ئۈتمەيلا، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمدىن ئىلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم... بۇنىڭ كۆرۈپ، كاللام سىرقىراپ كەتتى،، ھەتتا ئاشۇ كەچ ئۇخلىيالمىدىم..... خەتتە:« سەن يەنە 2 خىل بۇ يىل (2012-يىلى) ئېلان قىلنغان مىتولودولوگىيە ئىشلىتىشڭ كېرەك، سەن ئىشلەتكەن مىتودولوگىيەلەر يىتەرلىك ئەمەس، ئەگەر سەن مۇشۇ 2 خىل مىتودولوگىيەنى ئىشلەتمىسەڭ مەن ماقالەڭگە قاراپ چىقمايمەن.  مەن سېنى ئامرىكىدا كۆڭۈللۈك ئوينىۋالسۇن دەپ، ساياھىتىڭگە دەخىل قىلىشنى خالىمىدىم، شۇڭا مۇشۇ 2 مىتودولوگىيە ئۈستىدە ئىزلەن، ساڭا ئۇتۇقلاپ تىلەپ، ئوقۇتقۇچىڭ مەنسۇر ماسىخ»..........

مەن بۇ يېڭى مىتودولوگىيەلەر ئۈچۈن نەگە بارىمەن ؟ بۇ مىتودولوگىيەلەرنى لازىم بولغان يۇمشاق دىتالنى نەدىن تاپىمەن ؟  قانداق قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشىمەن؟ نەدىكى ۋاقىتتا  ئانالىز قىلىمەن؟  بۇ مىتودولوگىيەلەرنى ئۆزىمۇ بىزگە تەلىم بەرمىگەن ئىدى.... راستىنى دىسەم، بۇ مىتودولوگىيەنى مۇئەللىمۇ قانداق قىلىشنى بىلمەيتتى...  مۇئەللىمگە « مۇئەللىم مەن ئاللىقاچان 5 خىل مىتودولوگىيە ئىشلەتتىم، ئادەتتە باشقا ئوقۇغۇچىلار 1-2 خىل مىتودولوگىيە بىلەنلا ماقالىسىنى پۈتتۈردۇ،، مېنىڭ مىتودولوگىيەلىرىم يىتەرلىك ئەمەسما؟ لاھىيەدىمۇ مەن مۇشۇ 5 خىلنى ئىشلىتىمەن دەپ ئېيتىلغان، » دەپ ۋايساشلىرىم كار قىلمىدى.. ئەگەر سەن خەلىقئارالىق سەۋىيگە يېتىمەن دىسەڭ، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىشىڭ كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئۈمىدىنى ئۈزىۋەتكەن ئىدىم....

ئامال قانچە ؟ پىرافىسسورنىڭ دىگىنى ھىسابتە،،، ماتىريال كۆرۈش ئارقىلىق، بۇ مىتودولوگىيەلەر ئۈستىدە ئىزلەندىم... مەن ئۈزۈك دولقۇنسىمان ئانالىزى ئىشلەتكەن ئىدىم. ئەمدى مېنى ئۈزلۈكسىز دولقۇنسىمان ئانالىزى ئىشلەتكىن دەپ تۇرۋالدى.. بۇ ھەقتىكى ماقالىلەر ئەمدىلا تېخى 2012-يىلىدىكى مالىيە-ئىقتىساد ژورناللىرىدا ئېلان قىلنغان ئىدى،،،

مەن ماقالمنى يېزىپ بولغان بولساممۇ، يوقىردا دەپ ئېيتقاندەك مەن تېخى لاھىيەنى ئاقلىمىغان ئىدىم.. 2012-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ماڭا لاھىيە ئاقلاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، بىز 5 ئوقۇغۇچى لاھىيە ئاقلايدىكەنمىز.. مېنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە يېڭى قوشۇلغان مىتودولوگىيە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، لاھىيە ئاقلاشتا ھىچ بولمىغاندا مىتودولوگىيە قىسمىنى چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى...... شۇنداق بولغاندا مەن 4 تەتقىقات مەقسىتى، 4 چوڭ تەتقىقات سۇئالى ئۈچۈن 7 خىل مىتودولوگىيەنى ئاقلىشىم كېرەك ئىدى.... بىر ھىندونوسىيەلىك ساۋاقدىشىمنىڭ ياردىمىدە بۇ يېڭى ئىككى مىتودولوگىيەنى ئىشلىتىپ يۇمشاق دىتالدا قانداق نەتىجىگە ئېرىشىشىنى بىلىۋالدىم،، لېكىن ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇشۇ چىققان نەتىجىنى قانداق ئانالىز قىلىش مەسىلىسى ئىدى..

لاھىيە ئاقلاش كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى. بىز 5 ئوقۇغۇچى ئىدۇق.. بۇلاردىن ئىككەيلەن ئالدىنقى لاھىيە ئاقلاشتىن قالغانلار ئىدى.  مەن لاھىيە ئاقلاپ بولغاندا چېلىنغان قىزغىن چاۋاق مېنىڭ غەلبەنىڭ سىگنالى ئىدى.... ھەەمە پىرافىسسورلار دىگۈدەك مېنى لاھىيەمگە قوشۇلدى.. لېكىن ھىندىستانلىق ئىقتىسادشۇناش ئوقۇتقۇچۇم مېنىڭدىن ئۆچىنى ئېلىۋاتقان ئىدى ( ئۇ ئىسلام ئىقتىسادى دەرسى بېرەتتى،،، مەن  ئۇنىڭ دەرسىدە بىردىنبىر A ئالغان ئوقۇغۇچىسى ئىدىم.. شۇنىڭدىن ئىتىباراەن ئۇ مېنى يىتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللا دەپ تەلەپ قىلغانىدى، لېكىن مەن تەكەللۇپ بىلەن رەت قىلغان ئىدىم)، ئۇ  « سەن مەقسەت قىلغان سۇئاللارغا يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نەزىرىيە جاۋاب بېرەلەمدۇ يوق، بۇنىڭغا قاراپ چىقماپسەن، بۇنىڭغا قاراپ چىقمىساڭ بولمايدۇ،، بۇ ئەڭ مۇھىم قىسمى »دەپ تۇرۋالدى،،، شۇنداق قىلىپ نەزىرىيە قىسمىنى قوشۇش شەرتى بىلەن لاھىيەم قوبۇل قىلىندى...  ھېلىقى 2 ساۋاقدىشىم لاھىيەدىن يەنە 2-قېتىم رەت قىلىۋېتىلگەن ئىدى.....

شۇنداق قىلىپ مەن يەنە ھېلىقى مىتودولوگىيە قىسمى ئۈچۈن ئىشلىشىم، ۋە تەتقىقات سۇئاللىرىغا نەزىرىيە جاۋابى ئىزدىشىم كېرەك ئىدى ( بۇمۇ مەخسوس بىر باپ ئىدى)،، شۇنداق قىلىپ ماقالام 7 بابقا ئۆزگەردى،،،، يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ماڭا يېققىندا 14-قېتىملىق مالايسىيا پۇل-مۇئامىلە جەمىيىتنىڭ ئىلمى تەتقىقات يىغىنى بارلىقنى، بۇ يىغىنغا ماقالمنى تاپشۇرشىمنى ئېيتتى...بۇ ۋاقىتقىچە ماقالەمنىڭ كەم جايلىرىنى تولۇقلۇشۇمنى ئېيتتى..... يەنە ماڭا بىر ئاي ۋاقىت بېرىلگەنىدى،،، راستىنى ئېيتسام ، بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن ئۈمۈد ئۈزۋەتكەن ئىدىم...... بۇ ۋاقىتتا ئايالىم مەكتەپ پۈتتۈرش ئىمتىھانىنى لاياقەتلىك ئاياقلاشتۇرۇپ، ماگىستلىق ئوقۇشنى تاماملىغان ئىدى... مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمى 10-ئايدا بولاتتى...

ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ئەگەر سەن 6-ئايدىكى پۇل-مۇئامىلە يىغىنىدا نەتىجگە ئېرىشەلىسەڭ، ئىشلىرىڭ ئاسانغا توختايدۇ دەپ شەپە قىلىپ ئېيتتى..... لېكىن ئىلغار مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالىسى پەقەت بىر ئوقۇغۇچىغىلا بېرىلەتتى... بۇ مۇمكىنمۇ ؟؟؟؟ بۇ كۈنمۇ يېقىنلاشماقتا..... مۇئەللىم ماڭا قانداق نۇتۇق سۆزلەش توغۇرلۇق بەك جىق نەسىھەت قىلدى،،،،، مەن بۇ يىغىندىن 2-3 بۇرۇن قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە قارىسام ئۇنىۋېرسىتى مالايادا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى تۇراتتى،، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ماقالىسى 10 چوڭ مالىيە-ئىقتىساد ژورلىنىڭ بىرسىدىن قوبۇل قىلنغان ئىدى ھەمدە بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ھاۋايى ئۇنىۋېرسىتىدىن كەلگەن مۇشۇ يىغىننىڭ مۇھىم ئەربابى ئىدى... مۇئەللىم بۇنى ئۇققاندىن كېيىن، بولدى بورھان، ئۈمۈدنى ئۈزەيلى..مەن سېنى بۇ قېتمقى مۇكاپاتنى ئالىدۇ دەپ ئىشەنىچ قىلغان،،، لېكىن ئۇنىڭ ماقالىسى داڭلىق ژورنالدىن قوبۇل بوپتۇ،، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بۇ يىغىننىڭ مۇھىم ئەربابى،،،،،، مەن بولساممۇ ئاشۇ ئوقۇغۇچىغا بېرەتتىم...... ئەمما ئۈمۈدسىزلەنمە،،، نۇتۇقنى ياخشى سۆزلە..... بۇ ئىشلار ماڭا زەربە ئۈستىگە زەربە تۇيۇلدى،، ھەمدە مۇئەللىمنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەنىدى... بولغىنى بولار ؟؟ قانداق قىلىمەن؟ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرەرمەن.....

شۇنداق قىلىپ ئايال-باللىرىمنى ئېلىپ 6-ئاينىڭ 1-2-3 -كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلدىغان بۇ ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندۇق.... بۇ جاي مالايسىيا دۆلەت مەركىزىدىن 5-6 سائەت يىراقلىقتىكى باشقا شەھەردە ئىدى... بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ۋە مالايسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوقۇتقۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، پۇل-مۇئامىلە خادىملىرى ، ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدقغان كىشىلەر بولۇپ نەچچە يۈز كىشى قاتناشقان ئىلىمى-مۇھاكىمە يىغىنى ئىدى.....

مەن 1-كۈنى دوكتور ئوقۇغۇچىلار يىغىنىدىكى نۇتۇقۇمنى تۈگەتتم... مەن 2 پارچە ماقالە سۇنغان ئىدىم،، بىر دوكتور ئوقۇغۇچىلار قىسمىغا، يەنە بىر تەتقىقاتچىلار قىسمىغا سۇنۇلغان ئىدى.. يەنە بىرى 2-كۈنى تامام بولدى.... شۇنداق قىلىپ بىز نەتىجىسىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى كۈتتۈق...... ئۆزەمنى دىمىسەممۇ، لېكىن يىتەكچى ئوقۇتقۇچىم ئۈچۈن بۇ «ئىلغار دوكتورلۇق ماقالىسى» شەرىپىگە ئېرىشىشنى بەكلا ئۈمۈد قىلاتتىم... بۇ مىنۇتلارمۇ يىتىپ كەلدى،،،،،، مەن ئاللاھتىن بىر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشنى، ئاشۇ سەھرادىكى ئاتا-ئانام ئۈچۈن، مەندىن ئۈمۈد كۈتىۋاتقان ئۈمۈدلۈك كۆزلەرنى ئۈمۈدسىز قالماسلىقى ئۈچۈن، قىزلىرىم ئۈچۈن مۇشۇ مۇكاپاتنىڭ ماڭا نېسىپ بولۇشىنى تىلىدىم.... شۇنداق بولغاندا مەن ئوقۇتقۇچىمغا يۈز كېلەيتتىم، ئاتا-ئانامغا يۈز كېلەلەيتتىم، ئۈمۈدلۈك كۆزلەرگە يۈز كېلەلەيتتىم.......

شۇنداق قىلىپ قۇلاقلار تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مۇكاپات ئەھۋالىغا قۇلاق سېلىندى...... نەتىجىسىنى ئېلان قىلغۇچى:« ئەسلىدە دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان مۇكاپات پەقەت بىر ئىدى.» ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى،،، مۆجىزە يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بىشارەت كېلىۋاتاتتى « لېكىن قاراپ چقىش ئارقىلىق، بىر ئوقۇغۇچى دۇنياۋى يېڭى مىتودولوگىيەنى ئىسلام مالىيسىگە ئېلىپ كىرگەن، بۇنىڭ تەتقىقات ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، ماقالىسى خەلىقئارا ئۆلچەمگە يەتكەن؛ يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلەتكەن مىتودولوگىيەسى كونا بولسىمۇ لېكىن دۇنيادىكى 7-چوڭ مالىيە-ئىقتىساد ژورنىلى تەرىپىدىن قوبۇل بولغان،،،،،،، شۇڭا بىز قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇكاپاتنى 2 قىلىپ تەسىس قىلدۇق... بۇلارنىڭ بىرى خەلىقئارا پۇل-مۇئامىلە ئۇنىۋېرسىتنىڭ ئوقۇغۇچىسى - بۇرھان سېتى، يەنە بىرى بولسا مالايا ئۇنىۋېرسىتنىڭ ئوقۇغۇچىسى»..... مۇكاپات قوبۇل قىلىش مۇنبىرىدە قانداق پەيدا بولدۇم بىلمەيمەن،،،، مۇكاپاتنى ئېلىپ بولۇپ قارىسام، يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ئورنىدىن تۇرۇپ بوپتۇ... مەن يېنىغا بېرىشىمغا مېنى دەرھال قۇچاقلاپ :« ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىكەن، مۇبارەك بولسۇن بۇرھان».. خوشاللىق يېشى تۆكۈلدى.... بۇ بىر يىللىق قان -تەرىمنىڭ مۇكاپاتى ئىدى... قوشۇمچە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىممۇ مېنىڭ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ مۇبارەكلىدى...... ھېلىقى نوپوزلۇق ئەرباب- ھاۋايى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئاشۇ ئۈستەلدە ئىدى.. مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم.... ئۇ« سەن بۇ مۇكاپاتقا ئېلىشقا تىگىشلىك، مۇبارەك بولسۇن، تېخمۇ تىرىش» دەپ مۇبارەكلىدى..... ئاتا-ئانامغا دەرھال بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدۈم.. لېكىن ئۇلار بۇ مۇكاپاتنىڭ قانچىلىق مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىسىمۇ لېكىن مەن ئۈچۈن خوش بولدى.... مانا مەن ئەمدى ئائىلەمگە ۋە قىزلىرىمغا يۈز كېلەلەيدىغان بىر ئىشنى قىلغاندەك بولدۇم........

ئوقۇتقۇچۇم ماڭا« بۇرھان، ئەمدى مەن ساڭا دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرمىسەممۇ، مالايسىيا پۇل-مۇئامىلە جەمىيىتى بېرىپ بولدى.... ئەمدى بۇ خەۋەر پۈتۈن مالايسىيا ئۇنىۋېرسىتلىرىغا پۇر كېتىدۇ... سېنىڭ شەخسى نامىڭ ئەمەس، مەكتەپنىڭ نامى بىلەن.. كىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىسە، پىرافىسسور مەنسۇر ماسىخنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەيدۇ...... سەن ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلدىڭ.... مېنىڭ قاتتىق-قوللۇق قىلغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەنگەنسەن... مەن سېنىڭ شۇنداق جىق مىتودولوگىيەلەرنى ھەزىم قىلالايدىغانلىىڭغا ئىشىنىپ ساڭا بېسىم قىلغان، مەن بىلىمەن نەچچە ئاخشاملار ئۇخلىيالمىغىنىڭنى،،، ئەگەر سەن قىلالمايدىغان دەرىجىدىكى ئوقۇغۇچى بولغان بولساڭ، مەن سېنى زورلىماس ئىدىم،،،،،،، ئەمدى ماقالاڭنى تاپشۇر،،،، مەن ئاۋىستىرالىيەگە مېڭىشتىن بۇرۇن كۆرۈپ بېرىمەن.... مەن پەقەت 2-3 ھەپتىلا ۋاقىت سەرپ قىلىمەن.. سەن خاتىرجەم بول، بۇ يىل مەكتەپ پۈتكۈزەلەيسەن،،، يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن!!» دەپ يۈرىكىدىكى گەپلەرنى قىلىپ كەتتى........ 



داۋامى بار..

NOTHING IS IMPOSSIBLE

22

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9312
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 1530
توردىكى ۋاقتى: 595
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 02:19:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلايكۇم ،قېرىندىشىم،


./read.php?tid=1917
ماۋۇ تېمىنى چەكسەملا  تور ئۈزۈلۈپ كېتىپ بارىدۇ...
تۈنۈگۈن،بۈگۈن چەكسەملا تور ئۈزۈلۈپ كېتىپ 3 مىنۇتقىچە باغداش تورىغا كىرگىلى بولمىدى،ئۇ تېمىنى باشقا شەكىلدە  ئۇلىنىش قىلىپ يوللىغىلى بولارمۇ؟
باشقا ئۇلىنىش بەرگەن قىستۇرما تېمىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئېچىلدى،پەقەت مۇشۇ قىستۇرما ئۇلىنىشلا ئېچىلمىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )