دېھقان پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى سەرگۈزەشتىلىرى
(دوكتور بۇرھان سېتى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار، ئاتا-ئانىلار، دوستلار ۋە ئۇكا سىڭىللار:
ياخشىمۇسىلەر! مەن سىلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇغان «دېھقان پەرزەنتىنىڭ چەتئەلدىكى سەرگۈزەشتىلىرى» دىگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولىمەن. بۇ ماقالەم 2009 يىلى 4-3-ئايلاردا مەرھۇم توربەتلەرگە يوللانغان بولۇپ، ئاشۇ ۋاقىتىنىڭ ئۆزىدىلا كۆرۈلۈش سانى نەچچە ئونمىڭدىن، ئىنكاس سانى بىر نەچچە يۈزدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. كېينىچە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ مەرىپەت بلوگىغا، تۇرسۇنجاننىڭ جېك بلوگىنغا كۆچۈرلۈپ چاپلانغانىدى... تور بەت ئىشلىرى ئەسلىگە كەلگەندىن كېين باغداش تورىدا يەنە ئېلان قىلغان ئىدىم. بۇ مۇنبەردىمۇ ھازىر يەنە كۆرۈلۈش سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. توردىن ئىزلەپ باقسام، مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن تور بەتلەرگىمۇ چاپلىنىپتۇ. ھەتتا كۆكنۇر تىبابەت تور بېكىتىدىمۇ ئورۇن ئەپتۇ. ئاددىغىنا سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا كۆرۈلۈش سانى نەچچە يۈزمىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇنبەرلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولدۇم. بۇ يەردە مېنىڭ مەقسىتىم كۆرۈلۈش سانى بىلەن مەغرورلىنىش ئەمەس، بەلكى كىچىكنىنە ھايات كارتىنامنىڭ باشىقىلارغا زور ئىلھام بولغانلىقىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئوقۇتقۇچىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئاشۇ يىلى مېنىڭ يېزامدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى 40% گە يېتىپتۇ. ماگستىرلىق ئۇقۇيدىغان ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان قىزغىنلىق ئېشىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يېزىدىمۇ نەچچىلىگەن ئۇكا سىڭىللىرىم ھازىر چەتئەللەردە ئوقۇۋاتىدۇ. بەلكىم مەن ئاشۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىمگە يەتكەندەك بولدۇم. مەن يەنمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىنى، ئوقىغاندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇشىنى بەكمۇ ئارزو قىلىمەن. شۇڭا مەن ھاياتىمنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىسمى يولغان دوكتورلۇق ئوقۇشتىكى سەرگۈزەشتىلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.
بۇرۇنقى ئەسەرنىڭ ئادرىسى:
./read.php?tid=1917
ئاللاھ مۇشۇ ماقالام ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇكا-سىڭىللىرىمغا، دوسىتلىرىمغا ئىلھام بېرىشنى مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن.
ئاپتور دوكتور بۇرھان سېتىدىن...
مەن ماقالەمنى ئۆزەمنىڭ بىر خەلىقئارالىق شىركەتتە ئىشلەۋاتقانلىقمنى، ئايالىمنىڭ بولسا خەلىقئارا ئىسلام ئۇنىۋېسىتىدا ماستىرلىق ئۇقۇشقا كىرگەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرغان ئىدىم. بۇ 2009 -يىلى 1-2 ئاي مەزگىللەر ئىدى. ئايالىم ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى، مەن بولسام، ئاشۇ شىركەتتە ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىرىشىپ كەتتىم. لېكىن مېنىڭ يەنىمۇ يوقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزويۇم بار ئىدى. ئىشلەپ يۈرۈپ ئىككى ئۇنىۋېرستىقا دوكتورلۇققا ئىلتىماس قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم.
2009-يىلى 4-ئايدا يۈز بەرگەن بىر ئىش مېنى بۇ شىركەتتىن ئايرىلىش ئويىغا ئېلىپ باردى. (بۇ ۋاقىتتا مەن بۇ شىركەتنىڭ جوڭگودىكى تارماق شىركەتلىرىگە مەسئول خادىملىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ئىدىم). شۇڭا جوڭگودىكى تارماق شىركەتلىرىگە كاماندۇرپكىغا توغرا كەلدى. ئىككى مالاي مۇسۇلغان ، مېنىڭ مالايسىيالىق خەنزو باشلىقىم ۋە مەن تۆتىمىز شەندۇڭنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىگە كاماندۇروپكىغا چىققتۇق. بىزگە ياتاق-تاماق ھەەمە نەرسە مۇشۇلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. مەن ئەلۋەتتە ئۇلار ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتتە تاماق يىمەيمەن دە! كەچلىكى باھانە كۆرسىتىپ كەچلىك زىيەپەتكە بارمىدىم. ئايالىم سېلىپ بەرگەن نان بىلەن شۇ ئاخشامنى ئۆتكۈزدۈم. بىر كۈنىغۇ باھانە كۆرسەتتم. ئەتىسى بۇ باھانە ئاقمايدۇ-دە ! ئامال يوق چۈشلۈك تاماققا بىللە باردۇق، مەن قۇسقىم ئاشمىدى دەپ يالغان ئېيتىپ خۇاسىڭ مېغزىنى يەپ ئولتۇردۇم، لېكن مۇشۇ نەرسىمۇ ئاران گېلىمدىن ئۆتىۋاتاتتى... كەچلىكى بۇ ئىشلار تېخىمۇ يوقىرى پەللىگە چىقتى. مېنىڭ ئاۋۇ نومۇس قىلمايدىغان مالاي مۇسۇلغان خىزمەتدىشىم ئالدىغا كەلگىنىنى يەپ ، ئالدىغا كەلگەن رومكىنى كۆتۈرۋاتاتتى. مېنىڭ ئۇنداق قلىشىم (ئاللاھ ساقلىسۇن) مۇمكىن ئەمەستە.. ھازىر خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالساممۇ ئۇ نېجىسىنى مەن ئېغزىمغا ئالمايمەن-دە.. ئاشۇ يەردە ئولتۇرۇمشىنىمۇ ئۆزەمگە چوڭ ھاقارەت دەپ ھىسابلىدىم. خەنزو باشلىقىم مېنى سىرتقا ئەچىقىپ، ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ.. ئاۋۇ خىزمەتدىشڭىمۇ مۇسۇلمان، سەنمۇ مۇسۇلمان.... ئۇ قىلسا، سەن قىلمىساڭ قانداق بولىدۇ. سەن بۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشىڭنى ئۆگىنشىڭ كېرەك،، بولمىسا خىزمىتىڭغا تەسىر يېتىدۇ دەپمۇ ئۈلگەردى.... لېكىن مېنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىسلامغا بولغان ئېنىقلىمىسنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى پەش قىلىپ، ياتاققا قاراپ چاپتىم.
مەن ئۆز-ئۆزەمگە پىچىرلاشقا باشلىدىم: مالايسىياغا ھارامدىن قېچىپ چىقىتىم، يەنە ھارامغا تۇتىلامدىمەن ؟ ياق بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر بۇ يولنى تاللىغان بولسام بۇ يەرگە چىقمىغان بولاتتىم، بۇ مېنىڭ تاللاش يولۇم ئەمەس.... ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ئاتامغا تىلفۇن قىلىپمۇ ئۈلگەردىم... ئاتامنىڭ مەدىتى مېنىڭ چەكسىز خوشاللىققا چۈمدۈردى. ئاتا ماڭا: «بالام سېنىڭ رىزقىڭ ئۇ شىركەتتىن كەلمەيدۇ.. ئاللاھتىن كېلىدۇ... ئۇنداق قىلسا، ئۇ شىركەتتىن چىقىپ كەتسەڭمۇ كەت»..... ئاتا-ئانا بىزگە مەڭگۈ مەدەتكار ئىكەن... ئاتامنىڭ بۇ گېپى بىلەن كۆڭلۈم ئارام تاپقاندەك بولدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈنى ئايالىم تەييارلاپ بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ئۆتكۈزۋەتتم. شۇنداق قىلىپ مۇشۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن قايتىپ كەلدىم. لېكىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھىچ-نەرسە بولمىغاندەك، بۇرۇنقىدەكلا تىرىشىپ ئىشلىدىم. ئېلىۋاتقان مۇئاشىمنى ھالال يول بىلەن تېپىشىم كېرەكتە.
2009 -يىلى 5 - ئاي بولغاندا، ئايالىم بولسا بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى تۈگەتتى. مانا مۇشۇ پەيتتە، ئاللاھتائالا بىزنى بىر قىز پەرزەنت بىلەن مۇكاپاتلىدى. مەن ئۇنىڭغا شەھىدە دەپ ئات قويدۇم. بۇ مۇكاپات ئايالىمنىڭ تەتىل مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئەمدى مەن چوقۇم ئەرلىك ۋە دادىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىشىم كېرەك ئىدى.
2009-يىلى 6-ئاي بولغاندا مەن ئىككى ئىلتىماس قىلغان مالايا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ماركىچىلىق كەسپىدىن ۋە مالايسىيا مەركىزى بانكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىسلام پۇل-مۇئامىلە ئۇنىۋېسىتىنىڭ ئىسلام پۇل-مۇئامىلىسى كەسپىدىن دوكتورلۇق ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ ئىشلار مېنىڭ بۇ شىركەتتىن ئايرىلىش قەدىمىمنى تىزلەتتى. لېكىن مەن شىركەتتىن چىقىۋېلىشتىن ئاۋال ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ھەل قلىشىم كېرەك ئىدى ھەمدە ئىككىدىن بىر مەكتەپنى تاللىشىم كېرەك ئىدى. مەن ئەلۋەتتە ئىسلام پۇل-مۇئامىلە كەسپىنى تاللايمەن دە !
نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپنى تاللىدىم؟ بىز مۇسۇلمانلار چوقۇم ئىسلام كۆرسەتكەن يول بىلەن ياشىشىمىز كېرەك. بىز ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشىمىز كېرەك. ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن بىز مالىيە يولىمىزنى ھالالدىن تېپىشىمىز كېرەك. بۇ تۈپكى مەقسەت ئىدى. يەنە كېلىپ ئىقتىسادى كىرزس سەۋەبىدىن مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەر بىردەكلا بۇ مالىيە تۈزۈمىگە قىزىققان ئىدى. دۆلىتىمىزمۇ نىڭشىيا بانكىسىنىڭ مۇشۇ مالىيە شەكلنى يول قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئاللاھ خالىسا، ئاستا-ئاستا بىزنىڭ دىيارىمىزگىمۇ يېتىپ بارىىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدىم ( دىگەندەك ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرى بۇ يولدا ئىزدىنىۋېتىپتۇ). ئەگەر ئاشۇ كۈنلەر كېلىپ قالسا، مەنمۇ دىيارىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدە بولسىمۇ ئازراق كۈچ چىقىرمەنغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. يەنە كېلىپ مەقسىتمنىڭ پۇل تېپىشلا ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە كېلىپ ئىلىم ئېلىشنىڭ بىز مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىلاھى بۇيرۇق ئىكەنلىكنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. ئۇقۇپ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، خىزمەت تاپالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم. بىزنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا چەكسىز بوسۇنىمەن دەپ تەۋەككۇل قىلدىم.
ئۇنداقتا يانچۇق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىم؟؟
دىققىتىڭىز داۋامىدا بولسۇن..... |