- تىزىملاتقان
- 2012-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1756
- نادىر
- 0
- يازما
- 68
ئۆسۈش
75.6%
|
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى kanjiدە2012-10-12 23:53يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭچە فامىلە قوللىنىشنىڭ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق،جاڭ فامىلىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فامىلە 85مىليون ئەزاسى بار،ئەجىبا شۇلارنىڭ ھەممىسى بىر توپقا يىغىلىشى كىرەكمۇ؟شىىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىدىكى تاش راخمان مۇئەللىم فامىلە قوللىنىشقا چاقىرغاندا مەن ئاشكارا قارشى تۇرغان،مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پەقەت تۈركىيىدىكىلەرنىڭلا فامىلىسى بار،بۇمۇ مۇستاپا كامالنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولغان.يىقىندا كىتابخانىدا ئازات سۇلتان ،ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر لار تۈزگەن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى كۆردۈم،بۇ كىتاپتا فامىلە قويۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپتۇيۇ 1000يىللاردىن بۇيان ئۆزلىشىپ كەتكەن ئەرەبچە -پارسچە ئىسىملارنى كىرگۈزمەپتۇ،ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى گەرچە مىللى مەدەنىيەتنى قوغدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە مىللى مەدەنىيەتنىڭ تەرەقىيات تىزلىكىگەسۈنئىي كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئويناپ بىر مەيدان ئىغىر "مەدەنىيەت ئىنقىلابى"نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مىللى مەدەنىيەتكە زور زىيان ئىلىپ كىلىدۇ،دۇنيادا فامىلە قولىنىدىغان كىشلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ،خەنلەرنىڭ فامىلىسى بار دىيىلسىمۇ بۇ خەلقئارادىكى فامىلە ئۆلچىمىگە چۈشمەيدۇ،فامىلە قوللىنىشقا چاقىرىش پەقەت غەرب مەدىنىيتىگە قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلىك خالاس
سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاشكارە قارشى تۇرىدىغانلىقىڭىزنى ھېچ چۈشەنمىدىم ؟فامىلە قوللىنىش مېنىڭچىمۇ نوقۇل بىر توپقا يىغىلىڭلار دىگەنلىك بولمىسا كېرەك .ئەركىم يازغان سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى بىر قىزنىڭ قۇمۇلدىكى بىر جەمەت بىلەن بىر چىىققانلىقىىنى ئاڭلاپ سۆيۇنمىدىڭىزما ؟
فامىلە قوللىنىشقا چاقىرىش پەقەت غەرب مەدىنىيتىگە قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلىك خالاس دەپسىز ،مەھمۇت قەشقىرىمۇ غەرىپ مەدەنىيىتىگە قارغولارچە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ئىسمىنىڭ كەينىگە قەشقىرى تەخىەلۇسىنى قوشقانمىدۇ ؟ئەگەر مەخمۇت بوۋامنىڭ ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ ئەۋلاتلىرى شۇ تەخەللۇسلارنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋەرگەن بولسا قانداق سۆيۇنەرلىك ئىشلار بولغان بولاتتى ھە ؟!....
بۇ يەردە كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىپ شىەخسى ھېسياتىڭىزنى ئومۇملىققا تاڭماڭ بولامدۇ ؟ئانا تىل يەسىلىسى تېمىسىدىنلا كۆڭۈللەرنىڭ يېرىم بولغىنى يېتەر..رەنجىمىگەيسىز !
ھە راست ئاياللارنىڭ فامىلىسى قانداق كېلىدۇ ؟كىمگە ئەگىشىدۇ بىزدە ؟ بىلىدىغانلار چۈشەندۇرۇپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن . |
|