- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14934
- نادىر
- 0
- يازما
- 642
ئۆسۈش
12.34%
|
فامىلىسىز كېتىۋېرەمدۇق؟
بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى جەھەتتە دۇچ كەلگەن بىر قاتار مەسىلىلىرىدىن جىددىي تەخىرسىزلىك ھېس قىلماقتا. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار «سىزنىڭ فامىلىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالغا دۇچ كەلگەندە تېڭىرقاش ھېس قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى فامىلە مەسىلىسى تۈپەيلىدىن يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەرنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىپ ياشىماقتا.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى» ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە نەشر قىلدۇرغان «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى» ناملىق كىتاب (2002 - يىل 10 - ئاي)
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى فامىلە مەۋجۇتمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىسىم - فامىلىلىرىمىز بۈگۈنكى كۈنگىچە قېلىپلاشمايدۇ؟ فامىلە قوللىنىش جەھەتتە دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلدىمۇيوق؟
تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئىسىم - فامىلە مەدەنىيىتى ياراتقانلىقى ھەققىدە تارىخىي پاكىتلار مەۋجۇت. بولۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خاس ئىسىملىرىدىن باشقا يەنە ئۇرۇق - جەمەتىنىڭ، شۇغۇللانغان ھۈنەر - كەسپىنىڭ ياكى تۇغۇلغان يۇرت - مەھەللىنىسىنىڭ ناملىرىنى فامىلە سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. مىلادىيە 10 - ئەسىردىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقى مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلە ئادەتلىرىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئورنىغا ئىسلامىي تۈستىكى ئەرەبچە ياكى پارسچە ئىسىملارنى قوللىنىدىغان بولغان. تەخمىنەن 14 - ئەسىرلەردىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا ئۇرۇق - قەبىلە تۈزۈمى پەيدىن - پەي يىمىرىلىپ، ئۆز نەسەبىنى ئىپادىلەيدىغان جەمەت ياكى يۇرت چۈشەنچىسى ساقلىنىپ قالغان. نەتىجىدە شەخسلەرنىڭ ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ئارقىسىغا ئاتىسىنىڭ ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسىملىرىنى قوشۇپ يازىدىغان ئادەت شەكىللىنىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا شەخسلەرنىڭ كىملىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ئايرىۋېلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك لەقەم ئىشلىتىدىغان ئادەت مەيدانغا كەلگەن. بولۇپمۇ جەمەت لەقەملىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ غەيرىي رەسمىي «فامىلە» نىڭ رولىنى ئۆتەپ كەلگەن.
20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۆز خەلقىنىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىشقا باشلىغان مىللەت سەرخىللىرى ئۇيغۇرلاردا قېلىپلاشقان فامىلە ئادىتىنىڭ بولۇشى ھەققىدىكى جىددىي تەخىرسىزلىكنى ھېس قىلىدۇ. گەرچە بىر قىسىم تەرەققىيپەرۋەر ئائىلىلەر ۋە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلار ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ مۇقىم فامىلە قوللانغان ھەمدە ئاۋام خەلققە فامىلە قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چاقىرىق رېئاللىققا ئايلىنالمىغان. 1920 - يىللاردىن باشلاپ سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ كوممۇنىزىملاشتۇرۇش دولقۇنىغا دۇچ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاشلا مەجبۇرىي ھالدا رۇسچە ئىسىم - فامىلە رامكىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ۋەتەن ئىچىدە بولسا ئاز بىر قىسىم زىيالىيلار فامىلە قوللانغاندىن باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى يەنىلا ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئاتىسىنىڭ ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ يېزىشتەك ئاددىي ئۇسۇلنى ساقلاپ قالدى.
1930 -يىلى ۋە 1940 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆرسەتكەن تەسىرنىڭ كۈچىيىپ بېرىشى ھەمدە رۇسچە ئوقۇغان زىيالىيلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئىسىم - فامىلە ئۆزگىرىشلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، رۇسچە فامىلە قېلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە «- ئوف، - يوف، - ئېۋا، - يېۋا» دېگەندەك رۇسچە فامىلە قوشۇمچىلىرى قوشۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر فامىلىلىرى بارلىققا كېلىدۇ ۋە بىر مەزگىل ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما بۇ رۇسلارنىڭ فامىلە ئادىتىدىن ئۆلۈك ھالدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، كەڭ خەلقنىڭ تاللىشىدىن ئۆتمىگەن ھادىسە بولغاچقا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولالماي ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئومۇملىشالمايدۇ. 1950 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بىردەك ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئىشلىتىدىغان بولدى. ھەمدە ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى «فامىلە» سۈپىتىدە قوللاندى. نوپۇس كىنىشكىلىرىدىن تارتىپ كىملىك، گۇۋاھنامە، ھۆججەت، يەر خېتى ۋە باشقا بارلىق ھۆكۈمەت ئالاقىلىرىدە بۇ خىل تۇراقسىز ئىسىم - فامىلە شەكلى قوللىنىلىدىغان بولدى.
بۈگۈنكى دۇنيادا ئىسىم - فامىلە سىستېمىسى تۇراقلاشقان مىللەتلەرگە نىسبەتەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ يېزىشتەك بۇ خىل ئاددىي شەكىل ئەمەلىيەتتە رەسمىي فامىلە ئۇقۇمىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى «ئاتا ئىسمى» نى فامىلە سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان بۇ خىل شەكىلدە فامىلە تۇراقلىق بولمايدۇ، بەلكى ھەر بىر ئەۋلادتا يېڭىدىن «فامىلە» ئالمىشىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە ئۈچ ئەۋلادىدىن بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىنى ئەسلىيەلمەيدىغان ھالەت–شەكىللىنىدۇ.
1980 - يىللاردىن كېيىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ياكى ئولتۇراقلىشىش ئىشلىرىغا مەلۇم ئىمكانىيەتلەر ئېچىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىدى. ۋەھالەنكى، پاسپورت ئېلىش جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئىنتايىن تەستە بېجىرگەن پاسپورتلىرىدا ئۆز ئىسىم - فامىلىلىرىنى ئۆز تىلىدا يېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدى. خەنزۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلە قائىدىسىگە ئاساسەن تەرتىپى ئالماشتۇرۇلۇپ خەنزۇ تىلى ئاھاڭى ياكى «پىن - يىن» بويىچە پاسپورتقا يېزىلغان ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىلىرى چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇرلارغا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆز ئىسىم - فامىلىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قالايمىقانچىلىقلارنى چۈشەندۈرۈشكە تېخىمۇ تەس بولدى.. بۇ رېئال مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «رەئىس» لىك تۆرىدە ئولتۇرغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەربابلىرىمۇجىق كۈچەپ باقتى. بۇنىڭ بىلەن يىللاردىن بۇيان ھۆر دەۋىردە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۆز - ئارا ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئىشلەتسىمۇ، ئەمما رەسمىي قانۇنىي ھۆججەت ۋە ئالاقىلەردە خەنزۇچە «پىن - يىن»(فونېتىكىلىق ترانسكرىپسىيە) بىلەن يېزىلغان غەلىتە ئىسىم - فامىلىلىرىنى يېزىشقا دۇچ كەلدى . تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىغا ئىگىسىدىن سوراپمۇ ئولتۇرمايلا خەنزۇچە؛ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ ياكى تۆت خەت بىلەن يېزىلىدىغان خەنزۇ ئىسىم - فامىلىلىرىنى ئۆلچەم قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى يېرىمىدىن ئۈزۈلۈپ يېزىلدى ياكى فامىلىسى ئېلىپ تاشلىنىپ پەقەت ئىسمىلا خەنزۇچە «پىن - يىن» بىلەن يېزىلىپ قويۇلدى. نەتىجىدە ئىسىم - فامىلىسىدە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلار پاسپورتىدا «فامىلە» سى بولمىغانلىقتىن ۋىزا ئىلتىماسى رەت قىلىندى. چەتئەللەرگە چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى پاسپورتلىرىغا يېزىلغان خەنزۇچە غەلىتە «ئىسىم - فامىلە» لىرىنىڭ دەردىنى ئەرلەردىنمۇ بەكرەك تارتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى خەنزۇ پاسپورتىغا خەنزۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلە قېلىپى بويىچە ئۇيغۇرچە تەرتىپى بۇزۇلۇپ يېزىلغاچقا، ئامالسىز قالغان قىز - ئاياللىرىمىز «فامىلە» ئورنىدا يېزىلغان ئاتىلىرىنىڭ ئەرلىك ئىسىملىرىنى ئۆز ئىسمى ئورنىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئايالچە ئىسىملىرىنى «فامىلە» ئورنىدا ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدى. ئىسىم - فامىلە جەھەتتە دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر مىللەتتە كۆرۈلمەيدىغان بۇ غەلىتە ئەھۋالنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرىش ھەقىقەتەن قىيىن بولدى. نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار نۇرغۇن رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش ئارقىلىق ئۆز ئىسىم - فامىلىلىرىنى «پىن - يىن» دىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تېخىچە ئۆزلىرىنىڭ «پىيىنلاشتۇرۇلغان» ئىسىم - فامىلىلىرىنىڭ دەردىنى تارتىپ كەلمەكتە ئىكەن.
2001 - يىلى 2 - يانۋاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە ئۇيغۇر بىلىم سەرخىللىرىنى چاقىرتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇقىم فامىلە قوللىنىش مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئالىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم زىيالىيلار بىردەك فامىلە قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داغدۇغىلىق فامىلە قوللىنىش دولقۇنى قوزغىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىدىن مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇراقلىق فامىلە قوللىنىشى بويىچە لايىھە تەييارلاشقا كىرىشىدۇ. 2001 - يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىرقانچە قېتىملاپ مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىلىپ، رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردە تەشۋىق قىلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان لايىھىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم - فامىلىلىرى پاسپورت ۋە باشقا خەلقئارالىق ھۆججەتلەرگە خەنزۇچە پىن - يىن بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشىنى ئاساس قىلغان ھالدا لاتىنچە يېزىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىلىرى پاسپورتقا خەنزۇ ئىسىم - فامىلىلىرىنىڭ قېلىپى ۋە تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە تەرتىپ بويىچە يېزىلىشى كېرەك» دېگەندەك ماددىلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئەپسۇسكى، ئۆز دەۋرىدە ئاپتونوم رايوننىڭ باش رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئابدۇقادىر نەسىردىن مەسئۇل بولغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىدىكى نەچچە ئونلىغان مۇتەخەسسىسلەردىن ھەيۋەتلىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىنغان، رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردە داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىنغان بۇ زور ئىش ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيلا ئاخىرلاشتى. بۇ ئىشتىن شۇنچە زور ئۈمىدلەنگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئاخىرى بېرىپ شۇنچىلىك قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە چۆمدى. ھەتتا «ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىنى رەئىسلىك مۇددىتىم توشقۇچە ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتمۇ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان بۇ ئىش توغرىسىدا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە چۈشەنچە بېرەلمەستىن خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن مەركەزگە يۆتكىلىپ كېتىپ قالدى...
شۇنىڭ بىلەن كەڭ ئۇيغۇر جامائىتى
ھەيرانلىق ئىچىدە بۇ ئىشنىڭ باش–ئاخىرىنى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۈتۈپ ،بارا–بارا ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى.
مەنبە: ئۆزۈمنىڭ ‹‹ تارىخي ساقلانمىلىرىم›› دىن.
كېچىككەنلىكنى بىلگەن ۋاقىت ،يېتىشىۋېلىش شارائىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
دەۋىر بىزگە ئىسىم - فامىلە مەسىلىسىدە پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن جىددىي تۈردە قايتا ئويلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتمەكتە. كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ئوتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى،شۇنداقلا ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك سەرخىل مەمۇرلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە خەلققە تېگىشلىك ياردەمدە بولۇپ، ئۇيۈۇرلارنىڭ فامىلىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە ئىزدىنىپ كۆرۈشىنى ،يول يورۇق بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. |
|