- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14934
- نادىر
- 0
- يازما
- 642
ئۆسۈش
12.34%
|
يەنە تولۇقلىما :
‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا فامىلىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر بايانلار ئۇچرىدى، تەگئاتى ھەققىدە تونۇشىمىز ئۈچۈن بىر تولۇقلىما بولۇپ قالار دەپ يولداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم:
ئوغۇز— تۈرك قەبىلىرىدىن بىرى. ئوغۇزلار تۈركمەنلەر دۇر. ئۇلار يىگىرمە ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ھەربىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى بار ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار. ئۇلار بىر–بىرىنىڭ ماللىرىنى شۇ تامغىسىغا قاراپ تونۇيدۇ.
بىرىنچىسى ۋە يېتەكچىسى— قىنىق. زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى شۇلاردىندۇر. ماللىرىنىڭ تامغىسى .... ( تامغلىرىنى چىقارغىلى بولمىدى)
ئىككىنچىسى: قايىغ.
ئۈچىنچىسى :بايۇندۇر.
تۆتىنچىسى: ئىۋا.
بەشىنچىسى: سالغۇر.
ئالتىنچىسى: ئاپشار.
يەتتىنچىسى: بەكتىلى .
سەككىزىنچىسى: بۈگدۈر،
توققۇزىنچىسى: بايات.
ئونىنچىسى: يازغىر.
ئونبىرىچىسى: ئەيمۇر.
ئون ئىككىنچىسى: قارا بۆلۈك.
ئون ئۈچىنچىسى: ئالقا بۆلۈك.
ئون تۆتىنچىسى: ئىگدىر.
ئون بەشىنچىسى: ئۈرەگىر. يۈرەگر دەپمۇ ئاتىلىدۇ
ئون ئالتىنچىسى: تۇتىرقا.
ئون يەتتىنچىسى: ئۇلايۇندلۇغ.
ئون سەككىزىنچىسى: تۈگەر.
ئون تووققۇزىنچىسى: پەچەنەك.
يىگىرمىنچىسى: چۇۋۇلدار.
يىگىرمە بىرىنچىسى: چەبنى.
يىگىرمە ئىككىنچىسى: چارۇقلۇغ.
مەھمۇد ئېيتىدۇكى،كىشىلەر بۇ قەبىلىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى بىلىشكە مۆھتاج بولغاچقا، مەن بۇلارنى بىرمۇ بىر يېزىپ چىقتىم. بۇ تامغىلار ئۇلارنىڭ ئات –ئۇلاغ ۋە ماللىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئارىلىشىپ كەتسە ،شۇ بەلگىلەرگە قاراپ تونىۋالىدۇ. يۇقۇرىدا ساناپ ئۆتكەنلىرىم، ئوغۇزلارنىڭ توپ ئۇرۇقلىىدۇر. بۇ ئۇرۇقلارنىڭ يەنە بىرمۇنچە ئايماقلىرى بار. گەپنى قىسقا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېيتىپ ئولتۇرمىدىم. بۇ ئېيتىلغان ئۇرۇقلارنىڭ ناملىرى ئۇلارنى قۇرغان ئەڭ قەدىمكى بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر. ئەرەبلەردە (سەلىم ئوغۇللىرى)، (خەفاجە ئوغۇللىرى) دەپ يۈرگۈزۈلگىنىدەك ئۇلارمۇ ئۆز ناملىرىنى قەدىمكى ئاتا–بوۋىلىرىغا قاراپ شۇنداق يۈرگىزىدۇ.
Θgūz —جەيھۇن ۋە فىراتقا ئوخشاش ھەممە چوڭ ئېقىنلارغا بېرىلگەن نام، بۇ سۆز يالغۇز قوللىنىلغاندا ئوغۇزلارچە بەنەگىت دەرياسى دىگەن ئۇقۇمنى ئاڭلىتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى شۇ دەريا قىرغاقلىرىغا جايلاشقان ،ئۇلارنىڭ كۆچمەنلىرىمۇ شۇ دەريا قىرغاقلىرىدا ياشايدۇ.تۈرك خەلقلىرى ياشايدىغان ئۆلكىلەردىكى باشقا بىرمۇنچە دەريا ۋە ئېقىنلارمۇ Ö gūzدەپ ئاتىلىدۇ....
تۈگىدى.
مېنىڭچە يۇقۇرىدىكى ئاساسلارغا قارىغاندا ئاتا– بوۋىلىرىمىزنىڭ نامىنى ياكى ئوۇن–جاي ، تاغ–دەريالارنىڭ ناملىرىنى تەگئات قلىپ ئىشلەتسەكمۇ خاتا بولمايدىغان ئوىشايدۇ . |
|