- تىزىملاتقان
- 2012-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10878
- نادىر
- 2
- يازما
- 425
ئۆسۈش
2.2%
|
مەن 30يىلنىڭ ئالدىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغاندا مۇئەللىم دوسكىغا نىمە يازسا ،نىمىنى سورىسا بىرىنچى بولۇپ مەن قول كۆتۈرۈپ جاۋاپ بېرىشكە ئالدىرايتىم،لېكىن بۇ ئالدىرىشىمنى،قىزىقىشىمنى مۇئەللىم 5يىل < كەپسىز> دەپ تەنقىدلەپ جاۋان بېرىش پۇرسىتىنى قەستەن بەرمەي ،ئالدىرمايدىغان ، جىم ئولتۇرىدىغان < يۇۋاش>لارغا جاۋاب بېرىش پۇرسىتى بېرەتتى،ھەم شۇلارنى ماختايتتى،مەن ئىچىمدە بۇ تەربىيە ئۇسۇلىغا قەتئىي قايىل بولمايتتىم، نەتىجىدە مەن كەپسىز ئاتىلىپ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىساممۇ، لېكىن ئاخىرىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرۇش ناھىيە بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا ناھىيە بويىچە بارلىق باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە 3- بولدۇم،ھېلىقى مۇئەللىم ماختايدىغان < يۇۋاش> جىم ئولتۇرىدىغان،ئىمتىزامغا بەك رىئايە قىلىدىغان < ياخشى> ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىزغا ئۆرلەش ئىمتىھانىدا مەندەك < كەپسىز > دىن بەكلا كىيىن قالدى،. كىيىن مۇشۇ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرايدىغان ئوقۇش قىزغىنلىقىم،ئىنكاسىمنىڭ تېزلىقى،ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىمنىڭ ياخشىلىقى،زىرەكلىكىم ئەكسىنچە ھالدا <ئالدىراڭغۇ،بىلەرمەن، مەنمەنچى، ئۆزىگە تەماننا قويغۇچى> دەپ ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئەيپلىنىپ چەتكە قېقىلىپ، مۇئەللىمنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىغا ، يالغۇز ،يىتىم قالدۇرۇشىغا ئۇچرىدىم، يەنە شۇ < جىمغۇرلار، يۇۋاشجانلار، ئىنتىزامچانلار> ئەتىۋارلنىپ ماختالدى،مۇئەللىمنىڭ ئايرىم ،ئالاھىدە يىتەكچىلىك قىلىشىدىن بەھىرمان بولدى،لېكىن ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىدىكى نەتىجىسى قانداق بولدى، دەل تەتۇر بولدى، ھېلىقى <يۇۋاش،ياخشى> ئەتىۋارلىق ئوقۇغۇچىلار مەندەك < كەپسىز،بىۋاش> تاشلىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىدىن 100--150 نومۇر كىيىن قالدى، مەن شىنجاڭ بويىچە 5- بولۇپ ئالىي مەكتەپ ئەلىيۇل ئەلاسى بولدۇم.
بۈگۈن يەسلىدە مېنىڭ بالامنڭ ئىجاتچانلىقى،تىرىشچانلىقى،جاۋاب بېرىشكە ئالدىراشتەك <زېرەكلىكى، تېز ئىنكاس قايتۇرۇشى> يەسلىدىكى خەنزۇ مۇئەللىمى تەرىپىدىن ئەيىپلىنىپ،يەنىلا شۇ < جىم ئولتۇرىدىغان،ئىنتىزامچان، يۇۋاشجانلار> ئەتىۋارلىنىپ ماختىلىپتۇ، بالامنىڭ قىزغىنلىقى،تالىشىپ جاۋاب بېرىش قىزغىنلىقى ئەيىپلىنىشكە ئۇچراپتۇ.
بۇ خىل <يۈۋاش> قا ئامراق بولۇش مائارىپ تەربىيە ئۇسۇلى ---- مەن ئوقۇغان ئۇيغۇر باشلانغۇچ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدىمۇ ،ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىدىمۇ ،بۇگۈنكى يەسلى خەنزۇ ئوقۇتقۇچىسىدىمۇ ئوخشاش باركەن.
بۇنىڭ سەۋەبى : مېنىڭچە جۇڭگۇنىڭ قەدىمدىن قالغان كۇڭزى ئىدىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن،چۈنكى كۇڭزى ئوقۇغۇچىلىرىنى <جىم ئولتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش>نى، دەرىس مۇزاكىرسىدە ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ گەپ سۆزدە ،دەرىس مۇنازىرە قىلىشتا ئوقۇتقۇچىدىن بۇرۇن ئالدىراپ سۆزلەش چوڭ-كىچىكلىك ئەخلاقىغا خىلاپ ھېساپلىنىپ قاتتىق ئەيىپلىنىدىكەن، يۇمۇرلۇق بولۇش ،كۈلۈش ئەڭ چوڭ ئەخلاقسىزلىق ھېساپلىنىپ 20 دەررە تاياق يەيدىكەن. ئوقۇتقۇچىغا < قۇللارچە مۇتلەق بويسۇنۇش،ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنى مۇتلەق توغرا دەپ بىلىپ ئىتائەت قىلىش،ئوقۇتقۇچىدىن دەرىسكە قارىتا گۇمان سۇئال سورىماسلىق،ئوقۇتقۇچى گەپ قىلىۋاتقاندا ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ تالىشىپ گەپ قىستۇرۇپ <چوڭ -كىچىكلىك ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى پەردە شەپنى بۇزۇش>چوڭ گۇناھ سادىر قىلىش نىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتتىق تەلەپ قىلىنىدىكەن. ھازىرقى مەيلى خەنزۇ،مەيلى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ئوقۇغۇچىدىن مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋېلىپ،ئوقۇغۇچىغا مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلىشتەك مائارىپ ئۇسۇلى ھازىرقى زاماندىكى ئامىرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنڭ ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى باراۋەر بولۇش،ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەللىمنىڭ سۆزىدىن گۇمانلىنىشقا ،بۇرۇنقى بىلىملەردىن گۇمانلىنىشقا،ئۆزگەرتىپ بېقىشقا، بۇرۇنقى تەجرىبىلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ يېڭى ئىدىيە،ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتەك ئىلغار ئۇسۇلى ،كىشىنىڭ ئىجاتچانلىقىغا،تىرىشچانلىقىغا،يېڭىلىق يارىتىشىغا، ئۆزگەرتىپ بېقىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغان ئىلغار مائارىپ ئۇسۇلىدىن پەرىقلىنىدۇ، لېكىن نەتىجىدە ،ئەمەلىيەتتە ھازىر دۇنيادىكى ئىلمىي ماقالىلار ئىچىدىكى ھەر مىڭ يېڭىلىقنىڭ 900 ئامىرىكىدىن چىقىدىكەن. قالغىنى 100 گىرمانىيىدىن،100 ياپونىيىدىن چىقىدىكەن،جۇڭگۇنىڭ 10 ئەتراپىدا ئىكەن.
غەرىپتە كىشىنىڭ < ئىجاتچانلىقى >ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈلسە ، جۇڭگۇدا ئوقۇغۇچىنىڭ مۇئەللىمنىڭ دىگىنىنى مۇتلەق توغرا دەپ قاراپ ،گۇمانلانماي،ئويلانمايلا توغرا دەپ ئىشىنىپ مۇئەللىمگە ئىتائەت قىلىشتەك <بويسۇنۇشچانلىق روھى >بىرىنچى مۇھىم تەلەپ بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.
مېنىڭچە بۇ خىل <يۇۋاش قوي > تەربىيىلەش مائارىپ ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخولوگىيىسىگىمۇ خىلاپ،ئىجاتچانلىق،يېڭىلىق يارىتىش روھىغىمۇ خىلاپ،كىشىنىڭ ئىلھامىنى ،تېرىشچانلىقىنى،يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى،تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقىمۇ خىلاپ ،پەقەت ئوقۇتقۇچىنىڭ < يۇۋاش قويدەك ،ئىتائەتمەن ئىنتىزامچان ئوقۇغۇچىلىرىنى> جاپا تارتماي راھەت باشقۇرشىغا،مۇئەللىمنىڭ راھەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىغشىغىلا پايدىلىق.
مەن مائارىپ كەسپىنى بىلمەيمەن،پىسخولوگىيىنىمۇ بىلمەيمەن،كۇڭزى تەلىماتىنىمۇ بىلمەيمەن، يۇقارقىلار يۈزەكى ھېس-تۇيغۇلۇرۇم،تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش،بىرلىكتە ئىلگىرلەشنى مەقسەت قىلىپ ھېس -تۇيغۇلىرىمنى يىزىپ باقتىم.
يۇقارقى ئوقۇتقۇچىلار بەلكىم قىسمەن ئوقۇتقۇچىلاردۇر،لېكىن ناھايتى ئومۇمى ئەھۋال بولۇشىمۇ مۇمكىن، مۇنبەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ئېلىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئىدىيىسى ئىلغار،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىقىغا ئىلھام بېرىدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆپ.......
بۇ يەردە بەزى ئوقۇتقۇچىلاردىكى <بەزى ناچار ئىللەت> تەنقىت قىلىندى، پۈتكۈل ئوقۇتقۇچى بىر تاياقتا ھەيدىلىپ تەنقىت قىلىنمىدى. |
|