- تىزىملاتقان
- 2011-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11429
- نادىر
- 0
- يازما
- 563
ئۆسۈش
3.57%
|
قەيسى غوجام قەبرىسىنى يۆتكەش ۋە دەپنە قىلىش جەريانى
شىڭشىڭشىيادا ئەسلىدە بىر ئەۋلىيانىڭ قەبرىسى بار بولۇپ ، بۇ قۇرلۇش ئەرەبچە تۈسكە ئىگە ئىدى . قەبرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توغرىسىغا "ئەرەبتىن كەلگەن ئەۋلىيا قەيسى غوجامنىڭ قەبرىسى " دىگەن خەت يېزىلغان بىر تاختاي بار . قەبرە تاملىرىغا ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان بېغىشلىمىلار ئېسىلغان . قەبرە ئوتتۇرسىغا مەرھۇمنىڭ جەسىتى قويۇلغان بولۇپ ، نەچچە ئون قەۋەت ئاق يوپۇق يېپىلغان . بۇلارنى يولۇچىلار ئېھتىرام بىلەن تەغدىم قىلغان . مانا بۇ ، داڭلىق قەيسى غوجامنىڭ قەبرىسى ئىدى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا قەيسى غوجام تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىنگۈەن يىللىرىدا جۇڭگوغا كىلىپ ئىسلام دىنى تارقانتان ئۈچ ئەرەبلىكنىڭ بىرى بولۇپ ، شڭشڭشىياغا يېتىپ كەلگەندە كېسەل بولۇپ قېلىپ ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن . كېيىن بەزى مۇسۇلمانلار ئۇنى شۇ جايىدا دەپنە قىلغانىدى . 1939-يىلى يازدا ، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ شڭشڭشىيادا تۇرۇشلۇق چېگرا دادۈيى گازارما ياسىغاندا خىش كەمچىل بولغانلىقتىن ، يېقىن ئەتراپتا تۇرغان قەيسى غوجامنىڭ قەبرىسىنى چېقىپ ، ئۇنىڭ خىشلىرى بىلەن گازارما ياسىغان قە برىدىكى تاختاينى ئوتۇن قىلىپ قالىغان ، قەيسى غوجامنىڭ جەسەت ئۇستىخانلىرى تاغ جىلغىسىغا تاشلانغان ، بۇنى كۆرگەن شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار غەزەپلەنگەن بولسىمۇ ، بىر نەرسە دېيەلمىگەن . بەختكە يارىشا شۇ چاغدىكى شىڭشىڭشىيادا ئىشىلەيدىغان ياڭماۋچۈن ئىسىملىك بىر خۇيزۇ ساقچى ، ھەسەن ئىسىملىك ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ ، يوشۇرۇن ھالدا قەيسى غوجامنىڭ جەسىتىنى تاغ ئىچىگە دەپنە قىلىپ قويغان.
1945-يىلى 3- ئايدا قۇمۇلدىكى مۇسۇلمانلاردىن سەيجەنگو ، شۈيىچۇلار قەيسى غوجامنىڭ قەبرىسىنى يېڭىباشتىن ياساپ قويماقچى بولدى . ئۇلار ئالدى بىلەن ھەر قايسى چوڭ ئاخۇنلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالدى . ئاندىن كېيىن ھۆكۈمەتتىن يوليورۇق سورىدى ،29-جىتۈەن جۈننىڭ باش قوماندانى لىي شىيجۈن، ۋالىي زىڭ يۇڭفۇ، ھاكىم سەي رۇيزولار خلقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، قەيسى غوجامنىڭ جەسىتىنى قۇمۇلغا يۆتكەپ كېلىپ چارباغدا دەپتە قىلىشنى قارار قىلدى . قەيسى غوجامنىڭ يەرلىكىنى قۇمۇل ۋاڭىنىڭ تۇغقانلىرى ئىئانە قىلغان بولۇپ ، مەيدانى ئىككى مودىن كۆپرەك ئىدى . يۆتكەپ كېلىپ دەپنە قىلىشنىڭ كونكرېت ئىشلىرىنى سەيجەنگو ، ماجۈنجېلار ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.بۇخەۋەر تارقىلىىپ پۈتۈن قومۇلنى زىلزىلىگە كەلتۈرۋەتتى سەيجەنگو ماجۈنجىلار ھەر ساھەدىن قەيسى غوجامنىڭ جەسىتىنى يۆتكەپ كىلىپ دەپنە قىلىش خىراجىتى يىغدى . ئامما بەس-بەس بىلەن بۇ ئىشقا ئاتلىنىپ ئىئانە قىلىشتى.ئۈچ ئاي ۋاقىت تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ھەممە تەييارلىق پۈتتى .
1945-يىلى 6- ئاينىڭ29- كۈنى ، نامان قازى ئاخۇنۇم ، مۆتىۋەر ۋە ئاخۇنلاردىن بولۇپ 20 كىشى ماشىنىلىق شىڭشىڭشىياغا قاراپ يولغا چىقتى . ئىككىنجى كۈنى تاغ ئىچىگە كىرىپ قەيسى غوجامنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ چىقتى . جەسەتنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن ئالتە يېرىم چى بولۇپ ، كۆكرەك قىسمى ۋە ئاپپاق ساقىلى ئۆز پېتىچە تۇرغان . شۇ جايدىكى ھەر قايسى ئورگان خىزمەتچى خادىملار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تاغ ئىچىگە ئۆزلىگىدىن بېرىپ قەيسى غوجامنىڭ جەسىتىگە قاراپ دۇئا قىلدى .
7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەتتىگەندى ماشىنا قۇمۇلغا يىتىپ كەلدى . شەھەردىن يىگىرمە كىلومىتىر يىراق بولغان جايغىچە يولنىڭ ياقىسى ئەۋلىيانىڭ جەسىتىنى ساقلاپ تۇرغان ئامما بىلەن تولغاننىدى . ماشىنا شەھەرنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى ئاقيەرگە يىتىپ كەلگەندە ( قارىغاندا يوقۇرى ئاقيەر بولسا كىرەك ) ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن توختاشقا مەجبۇر بولدى . مۇسۇلمانلار ماشىنىغا ئېسىلىشىپ ئەۋلىيانى كۆرۈشكە ئىنتىلدى . كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىپ تەرتىپىنى ساقلاشقا زادىلا ئامال بولماي قالدى . شۇنىڭ بىلەن نامان قازى ئاخۇنۇم ماشىنىنى يېققىندىكى مەسچىتكە ئاپارغۇزدى .
قەيسى غوجامنىڭ جەسىتى سەنشى مەسچىتكە ئېلىپ كىلىنگەندە كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن مەسچىت ئىچى ئادەمگە لىق توشقان بولۇپ پۇت سالغىدەك يەر قالمىغاننىدى . مۇسۇلمانلار بەس - بەس بىلەن تاۋۇتنى كۆتۈرەتتى ياكى قوللىرىنى سوزۇپ سىلايتتى . ياشانغانلار يىراقلاردا تۇرۇشۇپ تەسىرلەنگەنلىگىدىن كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ ئاقاتتى .
7- ئاينىڭ 2- كۈنى قەيسى غوجامنىڭ تاۋۇتى سۇجۇ مەسچىتىگە يۆتكەپ كىلىندى . جامائەت 7- ئاينىڭ 4- كۈنى تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى .تەزىيەگە ھەر ساھە ۋەكىللىرى قاتناشتى . بۇنىڭغا لى تە جۈن رىياسەتچىلىك قىلدى . كۆپچىلىك ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن دۇئا قىلىشتى . لى تەجۈن ، نامان قازى ئاخۇنۇم ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قىرائەت قىلدى . تەزىيە مۇراسىمى ئاخىرلاشقىندىن كېيىن قەيسى غوجامنىڭ تاۋۇتىنى بىر نەچچە ئاخۇنۇملار چوڭ مەسچىتتىن ئېلىپ چىقتى . تاۋۇت ئۈستىگە ياپقان يوپۇقنى قومۇل ۋاڭنىڭ ئەۋلادى - بىشىر ئىئانە قىلغان بولۇپ ئۇنىڭغا يېشىل يىپ بىلەن گۈل چىكىلگەن . تاۋۇتنىڭ بېششىغا زەرۋاپتا سەللە ئورالغان بولۇپ ئىنتايىن ھەشەمەت ئىدى .
تاۋۇتنىڭ ئالدىدا تەزىيە بېغىشلىمىلىرىنى كۆرۈپ ماڭغان . كەينىدە ئوتتۇز پارچە قۇرئان ئارتىلغان ئاق يوپۇق ياپقان تۆت ئاق ئات ماڭدى . ئاتلارنىڭ ئارقىدا بىر قۇرئان شىپاڭى ماڭغان بولۇپ ئىچىگە " قۇرئان " قويۇلغان . ئۇنىڭ كەينىدە قەيسى غوجامنىڭ تاۋۇتى ماڭدى .
دەپنە قىلىش ۋاختىدا سىم - سىم يامغۇر ياغدى . ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئېيتقاندا ئەگەر مىيىتنى دەپنە قىلغاندا يامغۇر يېغىپ ، لەھەتنى نەم قىلسا بۇ ناھايىتى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەن . بۇ يامغۇر دەپنە مۇراسىمىگە تېخىمۇ سۈكۈت ۋە سىرلىق كەيپىيات بېغىشلىدى.
دەپنىگە قاتناشقانلار ناھايىتى ئۇزۇن رەتنى تەشكىل قىلغان بولۇپ ، ئۇيغۇر ، خۇيزۇ ۋە يىراق تاغ - تىمىزلاردىن كەلگەن قازاقلار قوللىرىغا ئاق توۋار ۋە ئاق رەختىن ئۆزلىرى ياسىغان قارىلىق بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتىدىن ئىنتايىن ئىخلاسمەنلىكى چىقىپ تۇراتتى . ئۇلار سۇجۇ مەسچىتىدىن چىقىپ كوچا - بازارلارنى ئايلىنىپ شەھەر ئىچىگە بېرىپ سۇقوۋۇقتىن كىرىپ ئوردا قوۋۇقتىن چىقىپ يەنە شىمالغا قاراپ ئىككى چاقىرىم مېڭىپ ئاندىن يەرلىككە يىتىپ باردى . ئالدىدا ماڭغانلار يەرلىككە يىتىپ بارغاندا ئارقىدىكىلەر تېخى سۇجۇ مەسچىتىدىن چىقىپ بولالمىغاننىدى . بۇ ، قۇمۇلدا ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان بىر ئىش ئىدى .
شۇ كۈنى پۈتۈن شەھەردىكى دۇكانلارنىڭ ھەممىسى ئېچىلمىدى . مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكىنى ئالدىدىكى يوللارنىڭ ھەممىسىگە توغرىسىغا ئاق رەخت ئېسىلدى .
شۇ كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى - ۋۇجۇڭ شىن تىلگىرامما يوللاپ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى .
قەيسى غوجامنىڭ قەبرىسى قەدىمى ئۇسلۇپتىكى گۈمبەز شەكلىدە بولۇپ ، ئۈستى يۇمۇلاق ، تەكتى تۆت چاسا ، گۈمبەز ئۈستىگە يېشىل سىرلىق كاھىش يېپىلغان . تۆت ئەتىراپى تۆۋرۈكلۈك كارىدۇر . قەبرە ئىشىكى جەنۇپقا قارايدۇ . قەيسى غوجامنىڭ جەسىتى گۈمبەزنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان . قەبرىنىڭ تۆت ئەتىراپى يېشىل دەل - دەرەخلەر بىلەن ئورالغان . سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ . مۇھىتى ئىنتايىن جىمجىت بولۇپ ، ئەۋلىيالارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئاخىرەتلىكى ئىدى .
يۈسۈپ يۈنۈس تەرجىمىسى .
مەنبە قومۇل تارىخ ماتىرياللىرى.
\1 |
|