قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1489|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي پەن ئاساسلىرى توغرىسىدا !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

5

دوست

3392

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9152
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 529
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 16:30:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي پەن ئاساسلىرى توغرىسىدا !
-----دەپتىكەن كونىلار

0

تېما

0

دوست

8500

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  518
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2075
تۆھپە : 1209
توردىكى ۋاقتى: 523
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 12:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بىر ساۋاقدىشىم ئالدىدا ياپۇنىيدە ئوقوپ،  كانادادا دوختورلۇق قىلىۋىتىپتۇ...............
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

5

دوست

3392

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9152
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 529
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 16:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ تەبىئىي پەن ئالىملىرىمىزمۇ خىلى كۆپكەن ، نىمىشقا بىز بىلمەيمىز؟ ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرەلمەيمىز؟ نىمشقا ئۇلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىدىن بىزگە لازىم ھەم موھىملىرىدىن ئورتاق پايدىلانمايمىز؟
-----دەپتىكەن كونىلار

2

تېما

0

دوست

1358

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10532
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 329
تۆھپە : 193
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 19:00:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىلا ئاۋازلىق ئوقيا (مىلتىق دورىسى)،مەتبە تېخنىكىسى، قەغەزچىلىك، تىبابەت قاتارلىق جەھەتلەردە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بىراق نىمە ئۈچۈندۇر بۇ ئىشلارغا ئىگە بولىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ ياكى مۇھىم بىلىنمىدىمۇ ئىشقىلىپ كىيىنچە ئاستا ئاستا ئۇنتۇلۇپ كەتكەن...

0

تېما

1

دوست

7097

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   41.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9775
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1354
تۆھپە : 1299
توردىكى ۋاقتى: 603
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 21:42:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
biz uyghur lardin har kandak yaman adam qikidu,lekin kollaydigan 《orun》yok, yurtimizda bilimini ixlatkidak 《sorun》yok... biz bilmaydigan nurgun millat soyar uyghur lerimiz jik kan... hay... xu bilimliklar komulup keliwatidu..
تىرىشىمەن

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4109
توردىكى ۋاقتى: 1544
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 11:31:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇنmartدە2012-10-15 16:30يوللىغان يازمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي پەن ئاساسلىرى توغرىسىدا ! :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبەر ئەھلى ، مەن باغداش تورىغا كىرگەندىن بۇيان بىرەر تىمىمۇ يوللاپ باقماپتىمەن ، سەل خىجىلمۇ بولدۇم ،( ئامال يوقتە ، ...

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە ياپونىيىدە تەبىئىي پەن ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار ئىككى يۈز نەپەردىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە ۋە مائارىپشۇناسلىق قاتارلىق كەسىپلەردە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارلا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

مۇشۇ ھەقتە يەنە بىلىدىغانلىرىڭلار بولسا ( باشقا دۆلەتتە تىخىمۇ كۆپتۇ بەلكىم )تەڭ ھەمبەھىر بولساق دەيمەن .
.......  


مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى

جەكك

مەنبەسى:
http://erkin-meripet.blogspot.com/2008/04/blog-post_4341.html
ئەسكەرتىش: بۇ يازما 2005-يىلى 12-ئايدا يېزىلغان بۇلۇپ، يېزىلغاندىن كىيىن ئاز بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىغى بايقالدى ھەم بۇ خاتالىقلار داۋاملاشتۇرۇپ يېزىلغان قىسمىدا تولۇق تۈزىتىلدى. بۇ يەرگە ئەسلى نوسخىنڭ ئۈز ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش يۈزىسىدىن ھېچ يىرى ئۈزگەرتىلمەي يوللاندى. يىڭى نۇسخىسى تورداشلارنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىقىدا ۋۇجۇدقا چىققۇسى. "ئويغۇر دوكتۇرلىرىنى توپلاش" بۇ خىزمىتىگە تورداشلارنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى قاتنىشىشىنى بەكمۇ ئۈمىت قىلىمەن. يەزىلگان دوكتۇرلار توغرىلىق سىز يەنىمۇ كۇئەپ نەرسىلەرنى بىلسىڭز يەزىپ قويسىڭز تەھىمۇ ياھشى. كونا يىزىقتا كۈرگۈچىلەر ئىزدىنىشتىكى ئەسلى نۇسخسىنى كۈرگەيسىز

ئۇنى بۇنى دەپ بىر مەۋسۇمنى توشقۇزۇپ تەتىل قىلىۋالدىم. ئىككى ئۇچ كۇنگىچە دەم ئالغاچ ئىزدىنىشكە بىر نەرسە يازغاچ ئۇلتۇراي دەيمەن. مۇنبەردە ھەرخىل نەرسىلەرنى تولا تارتىش قىلىپ كەتتۇق. ئەمدى ئۇز ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر توغرىسىدا سۇزلەپ باقىلى.بىزگە يېنىمزدىكى ئادەملەر بىزدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنى ئەسلەپ ماقالە يازىدىغان ئىش ئۇدۇم بۇلمىغاندىكىن.ئالدى بىلەن ھاياتلارنى ماختايلى، تەشۋىق قىلايلى. مەن ئالدى بىلەن ئۇزەم ئارىلاشقان، بىللە ئىشلىگەن، ئاڭلىغان، بىلىدىغان بىر قىسىم دوكتۇرلار توغرىسىدا سۇزلەپ باقاي. قالغانلىرىنى دۇستلار تولۇقلىغاي. مەن بۇ دۇكتۇرلارنىڭ تەرجىمھالىنى يازمايمەن، يازاي دىسەممۇ ئىنىق يازالمايمەن.ئۇتتۇرىدا ئۇزەمنىئىڭ بەزى ئويلىرىنى ۋە كەچۇرمىشلىرىنى قىستۇرۇشۇم مۇمكىن. پەقەت نىمىنى يازالىسام شۇنى يازىمەن. يازمامنىڭ رەت تەرتىۋى يوق.

1 .پەرھات مىجىت. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى(تۇۋەندە ش ج ئو دەپ ئېلىنىدۇ) فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ياردەمچى پىروفىسسورى، دوكتۇر، ئاسپىرانىت يىتەكچىسى . ھازىر 45 لەردىن سەل ئاشتىغۇ دەيمەن. مەدىنيەت ئىنقىلاۋىدىن كىيىن ئۇقۇپ، مەكتەپتە قېئىلىپ خىزمەت قىلغان. 93-94يىللار ئەتراپىدا ئالدى بىلەن ئۇزبىكىستانغا چىقىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغاندىن كىيىن ئىككىنچى يىلى بىلۇرۇسىيە دۇلەت ئۇنۋېرسىتىتى لازىر نۇرى تەتقىقات مەركىزىگە دوكتۇر ئاسپرانت بولۇپ كىرگەن. 99-2000يىللار ئەتراپىدا ئوقۇش پۇتتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن. ئاساسلىق تەتقىقات يۇنۇلۇشى لازىر نۇرىنىڭ ئىمپۇلس پىرىنسىپلىرى. بۇ توغرىسىدا جىق سۇزلىمەي. مەن پەرھات مۇئەللىم بىلەن 2001-يىلى خىزمەتكە چۇشكەندىن كىيىن تۇنۇشقان. ئىچكىردىن ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ يېنىپ كىلىپ فىزىكا فاكۇلتىتىغا ئۇزەمنى مەلۇم قىلغىلى كەلگەن ۋاختىمدا شۇ ۋاقىتتا فاكۇلتىتتا بار ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن ھەممىسى بىلەن كۇرۇشتۇم. شۇ قاتاردا پەرھات مۇئەللىم بىلەنمۇ بىر قاتار پاراڭلاشتىم. پەرھات مۇئەللىم مىنىڭ ئۇزەمنى تۇنۇشتۇرۇشۇمنى كۇتۇپ ئۇلتۇرمايلا"سىز توغرىلىئىق ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بوپ قالدى، ئەمدى بىللە ئىشلەيدىغان بوپتىمىز. كەسپىمىزمۇ ئۇخشاپ قالىدىكەن. بۇندىن كىين ھەمكارلىشىپ ئۇتەيلى"دىدى. مەن ھە بۇلىدۇ دىدىم، ئارقىدىنلا باشقا گەپكە چۇشۇپ كەتتۇق. مەن ئۇۋاقىتتا پەرھات مۇئەللىمنىڭ بۇ گىپىنىڭ راست گەپ ئىكەنلىگىنى سەزمەپتىمەن. مىنىڭ ئۇقۇغان كەسپىم ئوپتىكا ۋە ئېلېكتىرتېخنىكىسنىڭ بىرلەشمىسى. لازىر نۇرىمۇ ئوپتىكا ساھەسىگە كىرىدۇ. ھەم بىز لازىر نۇرنى ئاساس قىلىپ ئۇگەنگەن. لېكىن ئۇ بىز ئۇقۇغاندا ئىمتاھاندىن ئۇتۇش ئۇچۇنلا ، ئىمتاھان ئاز قالغاندا كىچىلەپ كىتاپ كۇرۇپ ئۇقۇغان نىمىلەر بىلەن قانداقمۇ مەن بىر دوكتۇر بىلەن ھەمكارلىشالاي. مەن مۇشۇ خىيال بىلەن پەرھات مۇئەللىمنىڭ بۇ گىپىنى تىزلا ئۇنتۇپ كەتتىم. 2-3 ئاي ئۇتكەندىن كىيىن يەنە يولدائۇچراپ شۇ توغرىلىق ئېغىز ئېچىپ مىنى تىزراق ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىشىمنى سورىدى. مەن ئاساسلىقى نىمە ئىش قىلىمىز دىسەم،ئاشۇ يولدىلا سومكىسىدىن قەغەز قەلەم چىقىرىپ، يىقىنراق يەردىكى تامنى ئۇستەل قىلىپ چۇشەندۇرۇپ كەتتى،ئالاھەزەل 30 مىنۇتتەك چۇشەندۇردى، مەن ئازراق بىر نىمە ھىس قىلغاندەك بۇلدۇم ۋە بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بەردىم، لېكىن يەنىلا كۇڭلۇمدە بىر خىل يوقىردىكى خىيال بىئەن بەك قىززىقىپ كەتمىدىم. ئۇزۇن ئۇتمەي ئۇ چىڭخۇئا داشۇگە تەتقىقاتقا كەتتى. مەنمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشنى ئۇنتۇدۇم. يەنە بىرسى ، مەن ئۇنداق نەزەرىيۋى نەرسىلەرگە قىززىقمايتتىم. ئەمەلى، تېخنىكىلىق بىر نىمە ئۇگەنگۇم بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردىكى يەنە بىر سەۋەپ، 6يىل داشۇدە ئۇقۇپ، مەن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۇزەمنى شۇنداق ينىكلەپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم. توۋا، داشۇگە ئۇتكەنلىك چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇندىن تارتىپ تا ئۇقۇش پۇتتۇرگىچە مەيلى تەتىل بۇلسۇن، مەيلى ئۇقۇش ۋاختى بۇلسۇن، ئۇنداق ئۇزەمنى روھى بېسىم يوق،ئازادە ھىس قىپ باققان ئەمەسمەن. خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۇنداق بىسىم يوق. ھەر مەۋسۇمدا بىر ياكى ئىككى دەرىسنى ئۇتۇش مەن ئۇچۇن بىر مەۋسۇمدە بىر مۇنچە دەرىسلەرنى ئۇقۇشتىن كۇپ ئاسان كەلدى. بۇرۇنقى تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ يېرىمىنى ئىشلىتىپ قويساملا ھەممە خىزمەتلەرنىڭ ھۇددىسىدىن تەل تۇكۇس چىقىپ كىتەلەيدىكەنمەن. بۇنداق دىگىنىم بىرسى، ئۇ دەرىسلەرنى مەن بۇرۇن خېلىلا ياخشى بىر ياكى بىر نەچچە قېتىم قايتا قايتا ئۇقۇغان. دەرىسنىمۇ ئاستا ئاستا ئىزىپ سۇزلەيسىز، بىر مەۋسۇمدىكى پۇتۇن زىھنىڭز ئاشۇ دەرىستىلا بۇلىدۇ، ئىمتاھان بارتى دەپ قورقۇشنىڭ ئۇرنى يوق، ئىمتاھاننى ئۇزەم ئالىمەن.يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ، مەكتەپ تېخى بىزدەك ئەمدى خىزمەتكە چىققانلارغا غۇللۇق، ئۇتمەك، چۇشەندۇرمەك تەس دەرىسلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرمايدۇ.خىزمەتتىن چۇشسەم كۇندە كىتاپ كۇرىمەن دەپ كۇتۇپخانىغا يۇگرەيدىغان ئىش يوق. شۇنداق ئازادە. ئىشقىلىپ شۇنداق قىلىپ 6يىللىق ئۇقۇشنىڭ ھاردۇقى بىراقلا چىققاندەك قىلدى، ئۇزەمچە مۇشۇنداق بىرەر مەزگىل يۈرۈپ باققۇم كەلدى. دىبا، يەنە بىر نىمە با دىگەنلەرگە ئۈمرۇمدە كىرىپ باقماپتىكەنمەن، كىرىپ شۇنداق قىززىق، قايناق تۇيۇلدى. بىر يىلغىچە دەم ئېلىش ۋاختىمدا ئاساسەن قانغۇدەك ئۇخلاپتىمەن، تاماقنى ئالدىرماي يەپ، يەپ بۇلغاندىن كىيىن دۇڭكۈرۈك، يەنئەن يولى دىگەنلەرنى چۇگىلەپتىمەن. توي، مەسلەھەت چايلارغا بېرىپتىمەن، بۇرۇنقى ئىچكىردا يۇرۇپ ققدا تۇنۇشپ قالغان بىرمۇنچە قىزلار بىلەن يۆخۇي(؟) قىپتىمەن.....، ئۇنى بۇنى دەپ بىر يېرىم يىل ئۇتۇپ كەتتى. مەنمۇ ئاستا ئاستا ئۇيۇنغا قاندىم بۇلغاي، ئەمدى ئاستا ئاستا قانداق قىلىش تۇغرىلىق ئۇيلىنىشىقا باشلىدىم. ئاسپىرانتلىق ئىمتاھان بىرىش كىرەكمۇ، ياكى چەتكە چىقىش ئىرادەم بۇيىچە شۇ يولدا چىڭ تۇرۇش كىرەكمۇ، يا مۇشۇ بۇيىچە ئىشلەۋىرەمدىم دىگەندەك. ئاخىرى چەتكە چىقىش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمەي شۇنى نىشان قىلاي دىگەن قارارغا كەلدىم.دەل شۇ پەيتلەردە پەرھات مۇئەللىم بېيجىڭدىن قايتىپ كەلدى ۋە ئۇزۇن ئۇتمەيلا يەنە مىنى ئۇزى بىلەن بىللە ئىشلەشكە ئۇندىدى.، بۇ ۋاقىتتا مەن ئارتۇق گەپ قىلمايلا شۇنداق قىلايلى زادى دەپ بىر ھەپتىگە قالمايلا ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كۇچۇپ كىردىم. پەرھات مۇئەللىم 2001-يىلى دۇلەتلىك تەبىئى پەنلەر تەتقىقات ئۇرنىدىن بىر تىما ئالغان بۇلۇپ ئاساسلىقى لازىر نۇرىنىڭ چىقىرىش قۇۋىتىنى يۇقىرى كۇتۇرۇش، سازلاش، ئىشلەش مىخانىزىمنى تېخمۇ مۇقىملاشتۇرۇش دىگەنلەرنى مەقسەت قىلغانىكەن. تەبئى پەنلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بىلىدۇ، دۇلەتلىق تەتقىقات تىمىسىغا ئىرىشىش دىگەن ئاسان گەپ ئەمەس. شىنجاڭدىلا قىيىن بۇلۇپ قالماي ئىچكىردىمۇ قىيىن. مەن ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىغا كىرگەندىن، پەرھات مۇئەللىم مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ زادى نىمە قىلىدىغانلىغىمىزنى، قانداق قىلىدىغانلىغىمىزنى ئىنتايىن تەپسىلى چۇشەندۇردى. پۇتۇن ماتىرىياللارنى بىرىپ مىنى كۇرۇشكە بۇيرۇدى، توردىن ئىزدىدىم، شۇنداق قىلىپ ئالاھەزەل بىرەر ئىككى ئايلاردا ئاساسى جەھەتتىن ئۇقۇم كاللامدا ئايدىڭلاشتى.پۇتۇن ماتىرىياللار ئاساسى جەھەتتىن روسچە ياكى ئىنگىلزچە.ئۇۋاقىتتا تېخى مەن فىزىكىلق ئۇقۇملارنى ۋە جۇملىلەرنى ئىنگىلىسچە قانداق دەيدۇ ئۇخمايتتىم. ئالدى بىلەن شۇنىڭدىن باشلىدىم، لوغەت ئاختۇرماي، مەزمۇنى نىسبەتەن ئۇخشاش بۇلغان ئىنگىلسچە ۋە خەنزۇچە ماقالىلارنى بىر دۇۋە تېپىپ سېلىشتۇرۇپ ئۇلتۇرۇپ ئىنگىلىسچىسىنى ئۇگەندىم. تىزلا ئىشلىرىمىزغا كىرىشىپ كەتتۇق، ھەر كەچلىك ۋاقىت، شەنبە يەكشەنبە كۇنلىرى پەرھاد مۇئەللىمنىڭ ئىشلەپ كەتكەنلىرىنى كۇرۇپ مەن خىجىل بوپ قالاتتىم، شۇنداق قىلىپ مەنمۇ كۇندە ئاساسەن ئىشخانىدىن چىقمايدىغان بۇلدۇم. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمز ئاساسەن كومپىيۇتېردا نەزەرىيۋى ھىساپلاش، ئۇنى دەلىللەش، باشقىلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش، ئەڭ ياخشى چىققانلىرنى پەرھاد مۇئەللىمنىڭ بۇرۇنقى دوكتۇر يىتەكچى ئۇقۇتقۇچىسغا ئەۋەتىپ بىرىپ، شۇلارغا تەجرىبە ئىشلەتكۇزۇپ نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇش، ئۇنى ماقالە قىلىپ يېزىش دىگەندەك ئىشلار . كومپىيۇتېردا بىر قېتىم تەجرىبە ئىشلەشكە 30 سائەتتەك ۋاقىت كىتىدۇ. بۇنداق تەجرىبىدىن 20-30 قېتىم ئىشلىسەك بىر يۇرۇش سانلىق مەلۇمات بۇلىدۇ، ئۇندىن كىين بۇ سانلارنى تەھلىل قىلىمىز....، پەرھاد مۇئەللىم بىلەن ھەمكارلىقىمىز ناھايتى كۈڭۇللۇك بۇلدى. دۇلەتلىك تەتقىقات تىمىسى ئۇڭۇشلۇق ھالدا تۈگىدى. بىرەر يىل ئۇتكەندىن كىيىن مىۋىسى ئاستا ئاستا كۇرۇلدى، سكى،ئەئى، دۇلەتلىك ، خەلقارالىق ئىلمى يىغىنلارغا ماقالىمىز قۇبۇل قىلىندى، بېرىپ ماقالىمىزنى ئۇقۇپ كەلدۇق، پەرھاد مۇئەللىم بىر قېتىم روسىيەگە چىقىپ كىردى، مەن 2003يىلى ئامرىكىغا بىر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنغا ماقالە ئۇقۇغىلى بارىمەن دەپ ۋىزا ئىلتىماس قىلىشقا كىچىكىپ قېلىپ بارالمىدىم. مەملىكەت ئىچىدىكى نۇپۇزلۇق جورناللاردا ماقالىمىز ئىلان قىلىندى..، ئەنە شۇ ماقالىلارنىڭ كۇچى بىلەن مەن بۇيىل ئامرىكا داشۇسىدىن تۇلۇق ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ ئۇقۇغىلى كەلدىم....، شۇڭا مەن پەرھات مۇئەللىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن. مەن بۇ جەرياندا پەرھاد مۇئەللىمدىن جىق نەرسىلەرنى ئۇگەندىم. كەسپى نەرسىلەردىن باشقىمۇ بەك جىق نەرسىلەرنى ئۇگەندىم. بەزىدە بىر ئۇلتۇرۇپ پاراڭغا چۇشۇپ كەتسەك كەچتە بىنانىڭ ئىشكىنى تاقايدىغان ئادەم كىرىپ ئالدىراتقاندىلا ئاندىن ۋوي كەچ بوپ كىتىپتىغۇ دەپ قالىمىز. ئۇ بېشىدىن ئىسسىق سۇغۇقلار جىق ئۇتكەن.ئۇزىنىڭ قاتتىق ياشاش پىرىنسىپى بار ئادەم. گەپنى قورقماي، ئۇدۇل ئۇدۇل دىيەلەيدۇ. باشقىلارغا ياردەم بىرىشكە ئامراق. پۇلۇم قالمىسا پۇل ئېلىپ تۇرىمەن، ئۇي تاماقلىرى سېغىنسام ئۇيىگە بېرىپ تاماق يەپ كىلىمەن.ئۇ سىزنى ھەر ۋاقىت خەۋىپ تۇيغۇسى ئىچىدە ھىس قىلىپ تىرىشىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىزدە بار بۇلغان ناچار ئىللەتلەرنى دائىم سۇزلەپ سىزگە سىڭدۇرۋىتىدۇ. ھەم ئۇزىدىن باشلاپ دىققەت قىلىدۇ. توي باغىقىغا 6 دەپ يازسا ئۇ 6 تىدە بارسا بۇرۇن بۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ 6تىدە بارىدۇ. (لېكىن مەن ھازىرغىچە بىكار بۇلساممۇ لاغايلاپ سۆرۈلۈپ يۈرۈپ ، 7:30، 8:00لەردە ئارا ن بارىمەن).

2. ئاسىمە نىياز. ش ج ئۇ ئاخبارات فاكۇلتىتىنىڭ پروفىئېسسورى، دوكتۇر. ئاسپىرانىت يىتەكچىسى. پەرھات مۇئەللىمنىڭ ئايالى. مىنىڭچە ئۇيغۇرلاردا تېخى ئەر ئايال ئىككى تەرەپ ئىككىلىسىلا دوكتۇر بۇلغانلاردىن تېخى بەك ساناقلىقمىكىن دەيمەن. ئاسىمە مۇئەللىمنىڭ ئۇقۇش تارىخى پەرھاد مۇئەللىمنىڭ تارىخىغا ئۇخشاش. ئۇمۇ بىلۇروسىيە دۇلەتلىك داشۇئېسىدە ئىرى بىلەن بىللە ئۇقۇپ دوكتۇرلۇقنى ئالغان. دۇلەتلىك ئىجتىمائى پەنلەر فوندىدىن ئالغان تەتقىقات تىمىسى بار.ئاخبارات فاكۇلتىتى تېخى يىڭى قۇرۇلدى، ئۇ ھازىرچە شۇ فاكۇلتىتتىكى بىردىنبىر رەسمى پىروفىسسور ۋە دوكتور.ئىرىدىن بۇرۇنراق رەسمى پىروفىسسور بۇلدى تېخى. كۇزىتىشىمچە ئۇي ئىشىغىمۇ پىششىق.تامىقى بەك ئۇخشايدۇ.

3. ساھىپجامال دۆلەت، ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتى پىروفىسسورى، 70يىللارنىئىڭ بېشىدا توغۇلغان، ھازىر 34-35 لەر ئەتراپىدا باردۇر. مەن خىزمەتكە چۇشكەن ۋاختىمدا ئۇ تېخى يېنىپ كەلمەپتىكەن. بىرەر يىللاردىن كىين كەلدىغۇ دەيمەن، كەلگەندىن كىيىنمۇ ئۇزاق تۇرماي يەنە ئۇ دۇلەت بۇ دۇلەتتە ئايلىنىپلا يۇردى، رەسمى بېسىپ ئىشلىگەن ۋاقىتلىرى 2003 -يىللارنىڭ ئاخىرىغۇ دەيمەن. ساھىپجامال مۇئەللىم توغرىلىق مەتبۇئاتلاردا خېلى جىق تۇنۇشتۇرۇشلار بۇلغان،. شىنجاڭ مەدىنىيتى جۇرنىلىمۇ مەخسۇس تۇنۇشتۇرغان. شۇڭا مەن بۇ يەردە تەپسىلى توختالماي. توختىلىدىغىنىم ، ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىسنىڭ سەۋىيسىنىڭ يۇقۇرلىقى. ئىككىمىزنىڭ ئىشخانىسى قوشنا، كۇندە مانچە قېتىم ئۇچرىشىپ ، پاراڭلىشىپ تۇرىمىز، لېكىن كەسپى جەھەتتە بەك بىر بىرىمىزنى بىلىشپ كەتمەيمىز. ئۇمۇ بىزنىڭ كەسپى جەھەتتە نىمە قىلىۋاتقىنىمىز نى بەك چۇشىنىپ كەتمەيدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭ تەتقىقاتىنى ئىنچىكە چۇشىنىپ كەتمەيمەن. بىلىشىمچە، ئۇنىڭ تەتقىقات يۇنۇلۇشى ئاساسەن، زەررىچىلەر فىزىكىسى، مەيدان نەزەريىسى دىگەنلەردىن ئىبارەت.ماددىلار زەررىچىدىن تۇزۇلىدۇ. ھازىر بىزگە مەلۇم بۇلغان ئاساسى زەررىچە 47 خىل، ئۇلاردىن بىرىككەنلىرىنى قوشقاندا 100 نەچچە خىلغا بارىدۇ.لېكىن نۇرغۇنلىغان زەررىچىلەر تەبئەتتىكى نورمال شارائىتتا مەۋجۇت بۇلالمايدۇ ياكى يەككە ھالەتتە ھاسىل بۇلمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز زەررىچە تىزلىتىش ئۇسكۇنىسى ئارقىلىق ئىنتايىن يۇقىرى ئىنىرگىيە ھالىتىدە زەررىچىلەرنى سۇقۇشتۇرۇپ ئاندىن ئۇلارنى تەتقىق قىلالايمىز. شۇڭا بۇ يۇقىرى ئىنىرگىيە فىزىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلار ھازىر بىلگەن زەررىچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلچەملىك مودىل دەيدىغان بىر ئۇسۇل بۇيىچە تەسۋىرلەيمىز. ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ تەتقىقاتى ئاساسەن مۇشۇ مودىل ئۈستىدە بۇلىدۇ.. بو توغرىلىق شۇنچىلىق توختىلاي. بىلىشىمچە ساھىپجامال مۇئەللىم مۇشۇنداق مۇھىم مۇدىللارنىڭ بىرىنى ھەل قىلغان ھەم شۇ ئاساستا مەلۇم زەررىچە مەۋجۇت ئىكەنلىگىگە ئالدىن ھۇكۇم قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى دۇنيادىكى مۇشۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ زور دىققىتىنى تارتقان، نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئالىملارنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ئەرباپلار ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئۇزىنىڭ ماقالىسدا ئىشلەتكەن ياكى شۇ تۇغرىلىق توختالغان. دۇنيادا تەسىرى ئەڭ چوڭ بۇلغان فىزىكا جۇرنىلىنىڭ بىرى ئامرىكىدا چىقىدىغان "پھيسىكس رەۋىئەۋ لەتتەرس"بۇلۇپ ، ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ ماقالىلىرى شۇنىڭدا ئىلان قىلىنغان. بۇ جورناللارنىڭ سكىتەسىر كۇرسەتكۇچى ئىندىكىسى 8.6 دىن ئاشىدىغۇ دەيمەن. ھازىر جۇڭگۇدا سكىتەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىدىغان فىزىكىغا ئائىت جورناللار 6-7 ئەتراپىدا، ئۇنىڭ ئىچىدە سكىتەسىر كۇرسەتكۇچى ئىندىكسى ئەڭ يۇقىرىسى 0.69 ئەتراپىدا. مۇشۇ پەرىقتىنلا ھىس قىلسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدا، جوڭگۇدا جىق ئادەم بىلمەيدۇ،چەتئەلدە كەسىپداشلىرى چوڭ بىلىدۇ. ئۇ ئىتالىيەدىكى "ئابدۇسالام نەزىيرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئۇرنى"نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ھەر يىلى شۇ يەرگە بىرىپ تەتقىقات ئېلىپ بىرىش ۋەزىپىسىمۇ بار تېخى. مەن بۇ قېتىم ئامرىكىغا كىلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ساھپجامال مۇئەللىم ئىتالىيگە كىتىپ قالغان، بۇرۇن خوشلاشتىم، كىلىپ ئىككى ئايلار ئۇتكەندە ئاندىن كىيىن توردا ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ يېرىم يېلى ش ج ئۇ دا ئۇتسە ، يېرىم يىلى ئىتالىيە، گىرمان، ياپۇنىيەدىكى نەزىرىيە تەتقىقات ئۇرۇنلىرى ۋە تەجرىبىخانىلاردا ئۇتىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى نەتىجىسى بىلەن دۇنيادىكى خېلى خېلى چوڭ تەتقىقات ئۇرۇنلىرى ۋە ئۇنۋىرسىتىتلاردا ئىشلىيەلەيدۇ، لېكىن ئۇ مىللىتىم ئۇچۇن دەپ ھىچنىمىگە قارىماي يېنىپ كەلدى. شۇنداق ئىسىمدە، ئۇنىڭ يىڭى ئىشخانىئىسىنى رەتلەۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. قارىسام، شۇنداق جىق ئىنگىلىسچە كىتاپلارنى يەششكلەپ ئەكەپتۇ، بۇنى كىملەر كۇرەر دىسەم، "ئۇنداق دىمەڭ، ئەمدى مەن ئۇقۇغۇچى تەربىيلەيمەن، دەرىس ئۇتىمەن، ئۇقۇغۇچىلىرىم كۇرىدۇ" دەيدۇ. ئۇقۇغۇچىلىرىم كۇرسۇن دەپ شۇنچە جق ماتىرىياللارنى ئاتايىن ھەممىسىنى گىرمانىيەدىن ئېلىپ كەپتۇ. كىتاپ دىگەن شۇنداق ئېغىر بىر نىمە، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ چەتئەلنىڭ كىتاپلىرى كىسەكتەك توم ھەم چوڭ بۇلىدىكەن. ئاشۇ كىتاپلارنى بىر نىمە قىلىپ گىرمانىيەدىن ئۇرۇمچىگە ئەكىلىپ بۇلماقنىڭ ئۇزى بىر مۇشكۇل ئىش. ئۇرۇمچى ئايريۇدۇرۇمىدا يۇك تاقىڭىز 20كىلۇدىن بىر كىلو ئىشىپ كەتسە كىلوسىغا 34 كوي تۆلەيدىكەنسىز. سىز ھىساپلاپ بېقىڭ، ساھىپجامال مۇئەللىم شۇ كىتاپلارنى گېرمانىيەدىن ئەكىلىپ بۇلغىچە مانچە يەردە ئايرۇپىلان ئالمىشىپ نەچچە دوللار تۇلىگەندۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇ كىتاپلارنى بىزدىكى ئۇقۇغۇچىلار ئەمەس ئۇقۇتقۇچىلار ئىچىدىنمۇ پايدىلىنالايدىغانلار ساناقلىقلا. لېكىن ئۇنىڭ ئۇمىدى بەك چوڭ. قۇلۇمغا ، تىرىشچان، ئەقىللىق ئۇقۇغۇچى ئالالىساملا بىرىنچى يىلى ش ج ئۇ دا كەسپى دەرىس ئۇقۇتىمەن، ئىككىنچى يىلى بېيجىڭدا، ئۇچىنچى يىلى ئىتالىيەگە ئەۋەتىپ ئۇقۇتىمەن ، ئۇز ۋاختىدا مەن مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى بەكمۇ تەستە ئالغان دەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ھازىر بۇنىڭغا تامامەن كۇچى يىتىدۇ، قولىدا 2-3 خىل تەتقىقات فۇندىنىڭ بەرگەن پۇلى 300مىڭدىن ئاشىدۇ،ئىتالىيە، گىرمانىيەدىكى كەسىپداشلىرى ئۇ تۇنۇشتۇرغان ئادەمگە شەكسىز ئىشىنىدۇ. بۇ توغرىلىق مەن ئاخىرىدا يەنە ئايرىم توختىلىشىم مۇمكىن. بۇ يەردە يەنە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ يولدىشى. ئۇ ساھىپجامال مۇئەللىم بىلەن بىر يورتتىن، ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىللە ئۇرۇمچىدە قېئىلىپ خىزمەت قىلىپ، كىيىن توي قىلغان. ساھىپجامال مۇئەللىم بالىسنى تۇغۇپ مانچە ئايلىق بۇلمايلا ئىرىگە تاشلاپ قۇيۇپ چەتكە چىقىپ كەتكەن. بارلىق بالا جاپاسىنى ئىرى تارتقان. ئۇ سانجىدىكى بىر ھۇكۇمەت ئۇرگىنىدا باشقارما دەرىجىلىك ، ئىشىكتىن چىقسا ماشىنىسى بار كادىر بۇلۇپ، ساھىپجامال مۇئەللىم تولا ئۇيدە بۇلماي ،ئۆي، بالا بېئىقىشتا زور قىينچىلىئىق تۇغۇلۇپ تۇرغاچقا، ئۇ ئۇتكەن يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ، ش ج ئۇ دا ئادەتتىكى بىر كىشىلىك خىزمەتچى بۇلۇپ ئۇرۇنلاشتى. ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ يەنە مەكتەپ ئىچىدە ماتىرىيال يۇتكەيدىغان، رەسمىيەت بىجىرىدىغان، پول تەستىقلىتىدىغان دىگەندەك پارچە پۇرات ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھازىر شۇ قىلىدۇ. ساھىپجامال مۇئەللىم ئۇزى كىچىك پىئېئىل، چىقىشقاق، قەتئى تەكەببۇرى يوق ئايال. باشقىلارغا بەك كۇيىنىدۇ، بۇلۇپمۇ ياشلارنىڭ مائارىپىغا بەك كۆڭۈل بۈلىدۇ. مىنىڭ ئۇقۇيدىغان ئىشىمغىمۇ جىق كۇچىدى، مەن بىلەن تۇنۇشقان كۇندىن باشلاپ ئۇقۇش توغرىلىق نەسىھەت قىلىدۇ، يول كۇرسىتىدۇ، بۇ بۇلمىسا ئۇنى قىلىڭ ، ئۇ بۇلمىسا ماۋۇ نى قىلىڭ دەپ توختىماي كۇرسىتىپ تۇرىدۇ. بىكار قالغان ئادەمگە بەك ئۆچ. ھەر قېتىم چەتكە ماڭغاندا مىنىڭ ئۇقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ماتىريالىمنى ئېلىپ ماڭدى. مەن پالاكەت ئۇلگۇرتۇپ بۇلالمىسام تېخى ئۇزى مىنى ئىزدەپ، تەق قىلغۇزۇپ ئېلىپ ماڭىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا مەن يەنىلا ئۇزەمنىڭ كەسپىنى تاللاپ ئامرىكىغا كەلدىم. شۇنداقتىمۇ ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ بۇ چىن كۆڭلىدىن قىلغان ياردەملىرىنى مەن ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن. ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتى مەن كەلگەندە دەۋىر ئالمىشىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. مەن كىلىپ يىل ئۇتمەيلا نەچچە تەجرىبىلىك ئۇيغۇر پىروفىئىسسور بىراقلا پىنسىيگە چىقتى. ساھىپجامال دوكتۇر دەۋىر ئالماشقاندىن كىيىنكى فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىكى ھازىرچە بىردىنبىررەسمى پىروفىسسور. ئۇزىنىڭ خەنزۇلىرىنىڭ گىپىنىمۇ تاشلىۋەتكەن سېسىق پايپىقىغا تەڭ قىلمايدىغان فاكۇلتىت مۇدىرىمىزمۇ ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ گىپىنى يىرمايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر پىنسىيگە چىققىچە ئاران بۇلالايدىغان پىروفىسسورلۇقنى ئۇ 30 نەچچە يېشىدىلا ئالدى.

(قۇلۇم تېلىپ كەتتى، بۇگۇن مۇشۇنچىلىك يازاي، داۋامىدا تېخى يەنە بىر مۇنچە دوكتۇرلار بار.).

4.مەدىنە ئابلىكىم. مەدىنە ھەدىمىز توغرىسدا ئىزدىنىشتا خىلى يازمىلار يوللاندى. يىقىندا يوللانغان بىر تىما تۇۋەندىكىسى:

5.ئايجامال ئابدۇراھمان. ساھىپجامال، مەدىنە ھەدىمىزلەر بىلەن تەڭ ياشلاردا. مەن بۇ ھەدىمىزنى كۇرۇپ باقمىغان. لېكىن فاكۇلتىتتىكى ئۇقۇتقۇچىلاردىن، ساھىپجامال ھەدىمىزدىن گىپىنى كۆپ ئاڭلىغا.، يۇنۇلۇشى ئاساسەن بىئۇ خېمىيە، ماتىريىيال فىزىكىسى تەرەپلەردە ئۇخشايدۇ. توردىن ئىزدەپ باقسام مۇنۇ ئادىرسىنى چىقىرىپ بەردى.(

6. ئابدۇشۇكۇر ئابدۇرىشىت. يورتى كۇچادىن. ساھىپجاماللاردىن بىرەر يىل پەرىق قىلىدىغۇ دەيمەن . ئۇمۇ 90-يىللارنىڭ بىشىدا ئاسپىرانتلىققا ئۇقۇشقا كىرگەن. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەپ بىرىشىچە، كاللىسى ئەركىن سىدىقنىئىڭكىدەڭ ئۇتكۇركەن. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلاردە بېيجىڭدا ئەزەلدىن كومپىيۇتېر پروئەگراممىسى ئۇگىنىپ باقمىغان ھالەتتە باشتىن باشلاپ ئۈگىنىپ ، سىنىپ بۇيىچە ھېچكىم ھەل قىلالمىغان مەسىلىنى ھەل قىلىپ پەنلەر ئاكادىميسىدىكى خەنزۇلارنى ھاڭ تاڭ قالدۇرغان ئىش ئىزلىرى بار.ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۇرگەنلەرنىڭ دەپ بىرېشىچە، ئۇ ئۇزەلدىن فىزىكا، ماتىماتىكىدىكى فورمۇلالارنى ئاساسى فۇرمۇلىدىن باشقىلارنى ئىسىدە تۇتمايدىكەن، لازىم بۇلغاند ئۇزى تۈرلەندۈرۈپ ماڭىدىكەن. ئابدۈشۈكۈر 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتىدا ماستېر (ماگىستېر) ئاسپىرانتلىق ئۇقۇپتىكەن، ئاسپىرانتلىقنى تۇگەتكەنكەندىن كىين، ئۇمۇ ئىتالىيە ئابدۇسالام نەزىريۋى فىزىكا تەتقىقات ئۇرنىغا بىر يىللىق تەتقىقاتچى ئۇقۇغۇچىلىققا بارغان.، ئۇ يەردىكى ئۇقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۇگەتكەندىن كىيىن شىۋىتسارييدىكى بىر داڭلىق ئۇنۋىرسىتىتتىن ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ دوكتۇر ئۇقۇپتۇ، 2000-2001-يىللار ئۇپچۇرىسدە ئۇقۇشى پۇتتىغۇ دەيمەن. ئۇ بىر مەزگىل شۇ ئۇنۋىرسىتىتتىمۇ بىر يەردە ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن، ئاڭلىسام ھازىر بىر يۇقىرى پەن تېخنىكا شىركىتىدە ئىنجىنىر بۇلۇپ ئىشلەۋىتىپتۇ. توردىن ئىزدەپ باقسام، ئۇنىڭ ئىلان قىلغان تۇۋەندىكى ماقالىسىنى كۇردىم:

7. ماخمۇتجان. ئۇقۇغان يىلى ساھىپجامال،مەدىنە لار بىلەن بىرەر ئىككى يىل پەرىقلىنىدۇ دەپ ئۇيلايمەن. چۇنكى پاراڭلاشقاندا نۇپۇس تىزىملايدىغاندەك ياكى مۇخبىردەك قاچان تۇغۇلدىئىڭز، قاچان نىمە ئىش قىلدىڭىز دەپ سۇرىغىلى بۇلمايدىكەن. ئۇ 90-يىللارنىڭ كىينكى يېرىمىغىچە ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتىنڭ غۇللۇق ئۇقۇتقۇچىلىرىدىن بىرىكەندۇق. ئۇنىڭدىن كىين 98-يىلى ئەتراپىدا ئامرىكا بوستۇندىكى بىر ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ، ئامرىكىغا ئۇقۇشقا كەپتىكەن. 2005يىلنىئىڭ بېشىدا ئۇقۇش تۇگەپ، 5-ئايلار ئەتراپىدا يېنىپ كەلگەن. ئامرىكىدا 7يىلدىن ئارتۇق ئۇقۇپتۇ. خىزمەتداشلارنىڭ دىيىشىچە خىلى سەمىرىپ كاپتۇ. ئۇ قايتىپ كەلگەن ۋاقىت مەن ئامرىكىدىن ئۇقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ نەتىجىسىنى 4 كۇزۇم بىلەن بىلەن ساقلاۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. شۇ كۇنلەردە ماخمۇتجان قايتىپ كەلپتۇ دىگەن گەپلەر بۇلدى. بىر كۈنى ئاتايەن بىر ئىزدەپ كۇرۇشۇپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپ باقاي دەپ خىيال قىلىپ ئۇلتۇرسام تۇيۇقسىز ئىشخانامنىڭ ئىشىكى چىكىلدى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئامرىكىدىكى پروفىسسوردىن كەلگەن خەتنى ئېچىپ تېخى ئۇقىمىغانىدىم. ئىشىكنى ئاچسام تەمبەل كەلگەن بىرسى تۇرۇپتۇ . پەرھاد مالىم بارمۇ دىدى، مەن "يوقدەپلا ئۇزەمنىڭ خېتىنى كۇرۇشكە ئالدىرىدىئىم، بەك قىزغىنمۇ مۇئامىلە قىلماپتىمەن. ھازىر ئۇيلىسام خىجىل بۇلىمەن. ئۇ بىردەم تۇرۇپ قالدى دە، بوپتۇ ئەمىسە دەپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇغا يەنە بىر چوڭ مالىم كەپ قالدى دە؟ "ۋوي ، ماخمۇتجان " كىرمەي بۇ يەردە تۇرۇپ قاپسىزغۇ، ئىچىدىكىسىمۇ بىزنىڭ ياش ئۇقۇتقۇچىمىز، سىزقايتىپ كەپسىز، ئەمدى سىزنىڭ ئۇرنىڭزغا ئۇنى ئەۋەتمىسەك بۇلمايدۇ " دەپ ئۇنى ئىشخانىغا باشلىدى. شۇ ۋاقىتتلا مەن ئۇنىڭ مەن ئىزدەپ بېرىپ كۇرۇشەي دەپ ئۇيلاپ يۇرگەن ماخمۇتجان ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇم. ناھايتى قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كەتتۇق، ئۇمىنىڭ مەكتەپ ئىلتىماس قىلىۋاتقانلىغىمنى بىلىپ مەندىن نىمىلەرگە دىققەت قىلىش تۇغرىلىق بىر مۇنچە مەسلەت بەردى.، مەن ئىلتىماس سۇنغان ھەر قايسى مەكتەپلەر توغرىلىق بىلىدىغانلىرىنى دەپ بەردى. شۇ ئارىلىقتا، پەرھاد مۇئەللىم، ساھىپجامال مۇئەللىملەرمۇ پەيدا بۇلۇپ ئۇ سۇرۇن شۇنداق قىززىپ كەتتى. ئىشخانىمىز كىچىك كەپ قالدى. پەرھاد مۇئەللىممۇ دەرھاللا كافى دەملەم ئۇلگۇردى، كافى ئىچكەچ،ئۈرە تۇرۇپلا شۇنداڭ ئۇزۇن فىزىكا توغرىلىق چوڭقۇر سۇھبەتكە چۇشۇپ كەتتۇق. شۇ سۇھبەت ھازىرمۇ ئاشۇ پېتى يادىمدابار. تېخى ساھىپجامال ھەدە فاكۇلتىتتقا دەپ بىر ئېغىز ئۆي تەييارلىتىپ پاكىئىزقىلىپ چارچىغاندا دىككىدە كىرىپ كافى، چاھ ئىچكەچ ئۇلتۇرۇپ چىقىدىغان يەر قىلايلى دەپ تەكلىپمۇ بەردى. كىيىن شۇ ھەپتىنىڭ ئاخرىدا ماخمۇتجاننىڭ ئامرىكىدىن ئۇقۇشنى غەلبىلىئىك تاماملاپ قايتىپ كەلگەن شەرىپىگە بارلىق مىللى ئۇقۇتقۇچىلار يىغىلىپ بىر يىغىلىئىشمۇ ئۇرۇنلاشتۇردۇق. مىللى ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۇچى تېخىمۇ زورىيىدىغان بۇلدى دەپ خوش بۇلدۇق. باشقىلارنىڭ دىيىشىچە، ماخمۇتجاننىڭ دەرىس ئۇتۇش مىتودى بەك ياخشى ئىكەن. لېكىن ئىشلارنىڭ كەينى ئۇنچە جايىغا چۈشمىدى.ش ج ئۇ نىڭ قائىدىسى بۇيىچە ، ئۇلار ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ خىزمەت قىلماقچى بۇلغانلارنىڭ دىپلۇمىنى پۇتۇنلەي تەكشۇرەيدىكەن. ئۇ ئامرىكىدىن دىپلوم ئالغان بۇلغاچقا ، جۇڭگۇنىڭ ئامرىكدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى قىلىغان يىرىگە دىپلوم تەكشۇرۇپ كۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ ، ئۇلار تەكشۇرۇپ كۇرۇپ، ئىسپات چىقىرىپ ش ج ئۇ غا ئەۋەتىپ بۇلغۇچە بىرەر-ئىككى ئاي كىتىپ قالدىغان ئۇخشايدۇ. ئۇ ھە بوپتۇ ئەمىسە تەكشۇرۇپ كۇرۇڭلار، دەپ ئۆي بىرىدىغان يەرگە بارسا، سەن تېخى بىزنىڭ رەسمى ئۇقۇتقۇچىمىز بۇلمىساڭ ئۆي بىرەلمەيمىز، بىزمەكتەپنىڭ رەسمى ھۆججىتىنى كۇرگەندىن كىيىين ئاندىن ئۇي بىرىمىز دەپ يولغا ساپتۇ. مەكتەپنىڭ باشقا مەمۇرى خادىملىرىنىڭ ئىش بىجىرىش پۇزىتسىيمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىپتۇ. ئايالى، بالىسى بار ماخمۇتجانغا ئۇي ماكانسىز ئۇرۇمچىدە 2-3ئاي بىكار لاغايلاپ يۇرۇش ئېغىر كەلدىمۇ، دەل شۇ ۋاقىتلاردا سىفەن داشۆ فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاڭلاپ ۋاي ماخمۇتجان ، ش ج ئۇ ساڭا نەچچە پۇل بىرىمىز دىگەن بۇلسا بىزمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ بىرىلى، تەتقىقات خىراجىتىڭنى ئۇزەم ئىگە بۇلۇپ ش ج ئۇ قانچىلىك بىرىمەن دىگەن بۇلسا مەن شۇنچىلىك ساڭا ھەل قىپ بىرىمەن، دىپلومىڭنىمۇ تەكشۇرمەيمىز، يا كىيىن تەكشۇرۋالايلى دەپتىكەن ، ماخمۇتجانغا موكلا خوش يېقىپ پىشىنى قاققنىچە شۇيەرگە كىتىپ قاپتۇ. ئىختىساسلىقلار رىقابىتى دىگەن مانا شۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىزنىڭ جىق كۆڭلىمىز يېرىم بۇلدى. ساھىپجامال مالىم ئاچچىغىدا شۇجاڭلارنىڭ قىشىغا بېئىرىپ بىرمۇنچە قاينىدىغۇ دەيمەن.

8. مەمىتىئىمىن ئابباس. ش ج ئۇ پەن تېخنىكا سىنىپنىڭ تۇنجى بەرگەن مىۋىلىرىنىڭ بىرى. 93-يىللىق پەن تېخنىكا سىنىپىدا ئۇقۇغان، 2 يىل ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرگەندىن كىيىن ، ش ج ئۇ بىلەن بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى مەلۇم كىلىشىم ھاسىل قىلىپ مەمىتىمىننى ئۇقۇتۇپ باقماقچى بۇلغان. چۇنكى ئۇ ۋاقىتلارغىچە، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى (ب ئۇ ) ئۇيغۇرلاردىن ئاز ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن مۇھىمى قۇبۇل قىلىدىغىنى ھەممىسى ئاساسەن مىنكاۋخەن. لېكىن مەمىتىمىن مەكتەپنى ئۇيغۇرچىدا ئۇقۇغان. مۇشۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا ئۇ ش ج ئۇ پەن تىخنىكا سىنىپىنىڭ ئۇتلۇق ئارزۇ ئارمانلىرىنى زىممىسىگە يۇكلەپ 95-يىلى ب ئۇ غا ئۇقۇشقا كەلگەن. ئۇ بۇ ئۇقۇشنى ناھايتىمۇ ياخشى ئۇقۇپ، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىئىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنى بەكمۇ رازى قىلىۋەتكەچكە،ئۇلار 94-يىللىق پەن تىخنىكا سىنىپىدىن بىراقلا 4 ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىنى قۇبۇل قىلغان شۇنداق قىلىپ مەمىتىمىن يىقىنقى 10-20 يىللار مابەينىدە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ دەرۋازىسىنى ئۇيغۇرچە ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئۇزىنىڭ كۇچى ئارقىلىق ئاچقۇزدى. ئۇنىڭ بۇ تۇھپىسىگە سەل قارىماسلىق كىرەك. مەمىتىمىن ب ئۇ دىكى 4يىللىق ئۇقۇشنى 3 يىلدا تۇگەتتى. ئۇقۇش پۇتتۇرگەن ۋاختىدا،ئىمتاھانسىز ئاسپىرانتلىققا قۇبۇل قىلىنپتۇ. يەنە بىر مۇھىم ئىش، ئۇ ئاسپىرانتلىققا يىتەكچى ئۇقۇتقۇچى تالللىغاندا ئۇ شۇ ۋاقىتتا پەنلەر ئاكادىمىيسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتۇر ئاشتى كۇرەش ئاكىنى يىتەكچى ئۇقۇتقۇچى قىلىپ تاللاپتۇ. بۇ يەردە ماگىستىرلىقنى ئالغاندىن كىيىن يەنە پەنلەر ئاكىدىمىيسىدە دوكتۇرلۇق ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ 2002-يىلى ئەتراپىدا دوكتۇرلۇققا ئىرىشتىغۇ دەيمەن. مەمىتىمىن ئۇ مەن بىلگەن ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياش دوكتۇر!!. سورىسام ئۇنىڭ يېشى مەن بىلەن تەڭ ئىكەن. ئۇ مەكتەپكە بىزدىن بۇرۇن كىرىۋاپتىكەن ھەم ئاتلاپ ئۇقۇپتىكەن. تولۇق كۇرسنىمۇ بىر يىل قسقارتىپ ئۇقۇدى، شۇنداق قىلىپ يۇرۇپ ئۇ 25 يېشىدا دوكتۇرلۇقنى ئالدىغۇ دەيمەن. قايسڭلار تېخى بىر ئۇيغۇرنىڭ 25يېشىدا دوكتۇر بۇلغانغىنى ئاڭلىغان. شۇنداقلار بۇلسا خەۋەر قىلىپ قويۇڭلار. مەمىتىمىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ ياش دوكتۇرلۇق رىكورتىنى ياراتتى، ئۇنىڭ بۇ رېكورتى يىقىنقى زامان ئۇيغۇر پەن تېخنىكا تارىخىغا يېزىلىش كىرەك. مانا مەن ئۇنىڭ بىلەن ياش جەھەتتە تەڭ ئىكەنمەن، لېكىن مەن ئۇقۇشنى ئەمدى باشلىدىم، 6-7 يىلاردىن كىين دوكتۇرلۇقنى ئالدىم دىگەندىمۇ مەمىتىمندىن ئالاھەزەل 10 يىل كىيىن ئالغان بۇلىدىكەنمەن. مۇشۇنى ئۇيلىساممۇ بىر خىل بوپ قالىمەن. لېكىن تەن بەرمەي بۇلمايدۇ . ھەركىم ئۇزى تىرىشىپ قىپ بۇلالمىغان ئىشنى بىرسى بەك چىرايلىق قىلىۋەتسە ئۇنىڭغا بىر خىل ھۇرمىتى كىلىدۇ . مىنىڭ مەمىتىمغا شۇنداق ھۇرمىتىم بار. مەمىتىمىننڭ ئىستىقبالى تېئىخى ئالدىمىزدا. يەنە بىر يىرى مەمىتىمىن ناھايتى پائالىيەتچان. بېيجىڭدىكى كونا بالىلار ئاساسەن تۇنۇيدىغۇ دەيمەن. بىر يىلى ئۇ خوتەن بىلەن ئالاقىلىشپ نامرات ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپنى يىغىپ، سەبىلەر دىگەن بىر بەتنى ئىشلىگەن. قارىسام 200 تىن ئارتۇق نامرات بالىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى تۇنۇشتۇرلۇپتىكەن. بىر مەزگىل بۇ ئىشلارمۇ خېلى ئۇبدان ماڭدى، لېئىكىن ئۇنىڭ گۇرۇپپسىدا ھەللو لىفەتەك يامان تەشۋىقاتچى بۇلمىغىنى ئۇچۇن قارىسام جەميەتتە ئۇنچە تەسىر قوزغۇغاندەك ئەمەس. مەمىتىمىن ئارلىقتا ياپۇنغا، فىرانسىيگە بىئېرىپ تەجرىبە ئىشلەپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئەمدى بېرىپ ئىشلەي دەپ ش ج ئۇ غا يېنىپ كەلگەن، لېكىن بىر مەزگىل تۇرۇپ ئەڭ ياخشىسى دوكتۇر ئاشتىلىقنىمۇ تۇگىتەي دىگەن ئۇيغا كىلىپ يەنە بېيجڭغا كىتىپ قالدى. 6 ئايدا مەن ئامرىكا ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىپ ب ئۇ غا بارسام مەمتمىئىن تازا مىھمان قىلغانتى. ئۇ ئۇزى پەلسەپە، تارىخ، سىياسى دىگەنلەرگەئالامەت قىززىقىدۇ، ئۈزىنىڭ بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى بار. مەندەك كىتاپ خالتىسى ئەمەس، تۇرمۇشتىنمۇ ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدۇ. ساياھەت قىلىشقا ئامراق.

9. ئەخمەتجان. ئۇزىنى بىۋاستە تۇنۇمايمەن، كۈرۇپ باقمىغان. لېكىن پەرھات مۇئەللىم ، مەمىتىمىنلەر بىلەن ياخشى تۇنۇشىدىكەن. ماڭا شۇلار گىپىنى قىپ بەرگەن. ئۇزى سىفەن داشۇ دائۇقۇپتىكەن، ھەم ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ شۇ يەردە قېپ قىلىپ ، كيىين پەنلەر ئاكادىمىيسىگە دوكتۇرلۇق ئۇقۇشقا كەپتىكەن. ماڭا ئۇنىڭ گىئىپىنى قىلىئىپ بەرگەن ۋاقىت 2002-يىللار ئەتراپى ئىدى، شۇڭا ھازىر ئۇقۇشنى پۇتۇرۇپ بۇلغاندۇ.

10. كۇرەش ئىبراھىم. ئۇيغۇردىكى بىرىنچى ئەۋلاد دوكتۇرلارنىڭ بىرى. بىز تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلاردا ئۇنى گىزىت جورناللار تولا تەشۋىق قىلاتتى. ھازىر ناخشا ئۇسۇلغا دۇم چۇشۇپ ئۇنتۇپ قالدى. تۇنجى قېتىم ئۇنىئىڭ تۇنۇشتۇرلۇشىنى ئۇقۇپ ئۇزەمدە قانچىلىق ھاياجان تۇيغۇسى بۇلغانلىغىنى بىلمەيمەن. تۇنجى قېتىم دوكتۇر دىگەن سۈزنىڭ كەينىدىكى ئاشتى دىگەن گەپنى ئۇقۇپ نىمە دىگەن گەپ بۇلغىتتى چۇشىنەلمەي خېلى ئادەملەردىن سورىسام شۇ ۋاقىتتا بىرسىمۇ ئۇقمايدىكەندۇق، كىيىن ئۇرۇمچىگە كەلگەندىن كىيىن مالىملىرىمدىن سوراپ بىلدىم. توردا تۇنۇشتۇرلىئىشى بۇلسا قىستۇرۇپ قوياي دىسىئەم تاپالمىدىم، لېكىن ئامرىكىدا بىر ئۇنۋېرسىتتا ئۇنىڭ ئالاقىلىئىئىشىش ئادىرسى چىقىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇھازىر ئامرىكىدا ئۇخشايدۇ. ئۇنىڭ تەپسىلى تۇنۇشتۇرلۇشىنى مۇناسىۋەتلىك جورناللاردىن كۇرگەيسىلەر. مەمىتىئىم شۇنىڭ قولىدا ئۇقۇغان.

11.غېنى غۇپۇر. ش ج ئۇ ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ پروفىسسورى، دوكتۇر ئاشتى، ئاسپىرانىت يىتەكچىسى. ماتىماتىكا 89 يا 90 -يىللىق سىنىپنىڭ ئۇقۇغۇچىسىغۇ دەيمەن. مەن پەن -تېخنىكا سىنىپىدا ئۇقۇۋاتقان ۋاخىتىملىرىمدا ئۇنىڭ ماستىرلىقتا ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىكەندۇق. ئۇنى يوللاردا كۆرگەن. شۇ ۋاقىتتا ماتىماتىكا فاكۇلتىتىدا يەنە غېنى ۋە ھەسەنجان دەپ ئىككى ئاسپىرانىت بالا بار ئىدى. بۇ ئىككىسى ئۆز ۋاختىدا ئۇقۇۋاتقاندا بەك تېرىشپ ياخشى ئۇقۇپتىكەندۇق، پەن تىئېخنىكا سىنپىمۇ باشقۇرۇش جەھەتتىن ماتىماتىكا فاكۇلتىتىغا قارايدىغان بۇلغاچقا، ئۇ ئىككەيلەننى ئانچە مۇنچە كۇرەتتۇق. بۇلۇپمۇ ھەسەنجاننى تولا كۇرەتتىم، كىيىملىرى كونا، لېكىن پاكىز. كىيىن مەن ئىچكىرگە كىتىپ ئۇقۇپ كەلگەندە قارىسام ھەسەنجان ئامرىكىدا ئۇقۇغىلى چىقىپ كىتىپتۇ. ئۇمۇ ھازىر دوكتۇرلۇقنى پۇتتۇرۇپ بىرەر يەردە ئىشلەۋاتقاندۇ. غېنى ماستېرلىقنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن پەنلەر ئاكېدىميسىدە دوكتۇرلۇقنى ئۇقۇپتۇ. ئاڭلىشىمچە، ئۇنىڭ دوكتۇر يىتەكچى ئۇقۇتقۇچىسى جۇڭگۇدا ناھايتى نەسىرى بار ماتىماتىك ئىكەن.ئۇنىڭ قۇلىدا غېنىمۇ ناھايتى قابىل تەتقىقاتچى بوپ يىتىشىپ چىقىپتۇ. ئۇقۇش پۇتتۇرگەندە تېخى ئەنگىلىيدە بىر كىتاپ چىقىرىپتۇ. مەن ئەنگىلىيدە غېنى كىتاپ چىقىرپتۇ دەپ ئاڭلىغاندە تېخى ئۇنى ئەنگىلىيدە دوكتۇر ئۇقۇغان ئۇخشايدۇ دەپ ئۇيلاپتىكەنمەن. كىيىن يەنە ئامرىكىدىمۇ بىر كىتاپ چىقىرپتۇ. 2001-يىلى ش ج ئۇ ماتىماتىكا فاكۇلتىتىدىكى دوكتۇر ئاشتى خىزمەت پۇنكىتىغا كىرىپ 2003 يىلى پۇتتۇرۇپ، ئۇ شىنجاڭ ئۇزى تەربىيلەپ چىققان تۇنجى دوكتۇر ئاشتى بولدى. بۇ توغرىلىق تۇۋەندىكى ئۇلانمىنى كۇرۇڭ: ھتتپ: //كامپۇس.كەر.نەت/20030604/3086047.شتم

12. ھەسەنجان. ئۇستىدە تىلغا ئالغان ھەسەنجان شۇ. ھازىر ئامرىكىدا.

13. ئەركىن سىدىقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۇ توغرىلىق جىق سۇزلىمەي. ئەركىن سىدىقنىڭ ئۇتكەندە ئىلان قىلغان سۆھبەت خاتىرىسنىئىڭ ئايىغى چىقىپىئىكەن، بىلمەي يۇرۇپتىمەن، يىئىڭدىن بەك جىق مەزمۇنلار قېتىلىپتۇ. ئۇقۇپ بولۇپ ھاياجانىڭىزنى باسالماي قالماسلىغىئىز ئۇچۇن، يۇرەك كىسىلى بارلار دىققەت قىلڭلار. چۇشۇرۇش ئادىرسى ماۋۇ:

14. زەپەر ئابلىز، ش ج ئۇ خېمىيە فاكولتىتىدا ئۇقۇپتىكەن، ھازىر جوڭگۇ مىدىتسىنا پەنلەر ئاكادىميسىدە دوكتۇر يىتەكچىسى ئىكەن.ئۆزى تونجى ئەۋلاد ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئادەم توغرىلىقمۇ مەن تولۇق ئۇتتۇرىنى پۇتتۇرگەن ۋاقىتلىرىمدا مەتبۇئاتلاردا خېلى تەشۋىقاتلار بىرىلگەن. تەتقىقات نەتىجىسى كۇرۇنەرلىك. تەپسلىسىنى تۇۋەندىكى ئادىرسىتىن كۈرۈڭ:
http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?topage=1&id=8484 ، بۇنىڭدا قىسقىلا يېزىپتۇ، 3-4-ئايلاردا يېزىلغان بىر يازما بۇلىدىغان، ئۇنىڭدا بەك تەپسىلى يېزىپتىكەن.تېئىپىپ ئادىرسىنى بىرەي دىسەم، ئىزدىنىشنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى ئىشلىمەۋاتىدۇ. 2004-يىلى ش ج ئۇ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە، بىزمۇ فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ مانچە يىللىقىنى تەبرىكلىگەنىدۇق. شۇ ۋاقىتتا مەدىنە ھەدىمىز كەپتىكەن. پائالىيتىمىزگە قاتناشتى.http://www.chemie.fu-berlin.de/cgi-bin/personen_en?Ayjamal+Abdurahman) ، ھازىر بىرلىندا ئىكەن. دوكتۇر ئاشتىلىقنى ئۇقۇۋاتامدۇ، ياكى پۈتتۈرۈپ بۇلۇپ شۇ يەردە ئىشلەپ قالدىمۇ، بۇنى سۇرىماپتىمەن. ئىلاۋە:فاكۇلتىتتىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەپ بىرىشىچە، ساھىپجامال، مەدىنە، ئايجاماللار بىللە ئۇقۇغانلار ئىكەن. 80-يىللارنىڭ ئاخىرى،90-يىللارنىڭ بېشىدا تېخى شىنجاڭدا ئاسپىرانىت دىگەن ئۇقۇم ئەمدى پەيدا بۇلۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەندۇق. ئۇ ۋاقىتتا فىزىكا فاكۇلتىتىدا ئاران 3تەك ئاسپىرانت ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھۇقۇقى بار يىتەكچى ئۇقۇتقۇچى باركەندۇق. 90يىلىرى پۇتۇن ش ج ئۇ دا ئۇيغۇر خىئەنزۇ بۇلۇپ ئاسپىرانت ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانى 15لەردىن ئاشمايدىكەندۇق. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ، بۇ ئۇچەيلەن بىراقلا ئاسپىرانىتلىققا قۇبۇل قىلىنىپ، ش ج ئۇ دا خېلى غۇلغۇلا بوپتىكەندۇق.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۈچىلىسى ئۇيغۇر قىز. ھازىرمۇ فاكىئۇلتىتتىكى خەنزۇلار "لىياڭ گى جيامالى " دەپ پات پات تىلغا ئالىدۇ. 2000يىللار ئۇپچۇرىسدە بۇلار ئارقا ئارقىدىن نە تىجە بىلەن ئۇقۇش پۇتتۇردى، ئۇلارنىڭ يىراق بۇلمىغان كەلگۇسىدە ، شىنجاڭدا ئەمەس ، پۈتۈن جوڭگۇدا ، دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىشىغا تىلەكداشمەن.http://www.snf.ch/nfp/nfp36/progress/baratoff.html. بۇ مولۇكۇلا دىنامىكىسى توغرىلىق يېزىلغان ماقالە ئىكەن. ئۇنى ئامرىكىدىكى للنل دۇلەتلىك تەجرىبىخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىشپ يېزىپتۇ. للنلۇ ئامرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق بىر نەچچە دۇلەت تەجرىبخانىسىنىڭ بىرى. نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن فىزىكا ئالىملىرىدىن مانچىسى بار. تۇۋەندىكىسى ئىسيان ئىسىملىك بىر تۇردىشىمىزنىڭ ئابدۈشۈكۈر توغرىلىق بايانى(بۇ توردىشىمىزنىڭ بايانىدىن قارىغاندا ئۇ ئالدى بىلەن مالايسىياغا بېرىپ 6ئايدەك تىل ئۇقۇپتۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن شىۋىتسارييدىن بىر مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قۇبۇل قىلىنىپ شىۋىتساريگە كەپتۇ. ئۇز ۋاختىدىكى ماكانىم چايخانىسدا ئابدۈشۈكۈر بىلەن تۇنۇشقانىكەن). :" بىر كۇنى ئىنتىرنىت تۇرىدىكى ئۇيغۇرلار دائىم پاراڭلىشىدىغان چايخانىدا (مىنىڭچە ماكانىم چايخانىسىنى كۆرسىتىدۇ) ۋەتەندىن ئۇقۇشقا چىقىپ ، شىۋىتسارىيەدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەردىن بىرى بۇلغان باسېل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ فىزىكا كەسپىدا دوكتۇرلۇك ئۈنۋانى ئېلىپ ھازىر شىۋىتسارىينىڭ پايتەختى بېرندىكى بىر داڭلىق كومپىيۇتېر شىركىتىدە ئېيىغا 5-6مىڭ ياۋرۇ مائاش بىلەن ئىشلەۋاتقان ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرىشىت بىلەن تۇنۇشۇشقا مۇيەسسەر بۇلدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن ئۆيىگە مىھمانغا باردىم. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا چىرايلىق گىلەملەر بىلەن بىزەلگەن 4 ئېغىزلىق ئازادە ئۈيىدە ئۇزۇنغۇچە پاراڭلىشىپ ئۇلتۇردۇق. ئابدۇشۇكۇر ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتى دا ماستىرلىقنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن ئىتالىيەدە ئۇقۇغان، كىيىن ئۇ يەردىن شىۋىتسارىيە باسېل ئۇنۋىئېرسىتىغا كىلىپ ماتىرييال فىزىكىسى بۇيىچە دوكتۇرلۇكتد ئۇقۇغان. ئۇقۇغاندىمۇ ئالامەت ئۇقۇپ، باشقا نورمال ئۇقۇغۇچى نورمال بۇلسا 4 يىلدا ئاران پۇتتۇرەلەيدىغان ئۇقۇشنى ئۇ ئىككى يېرىم يىلدا پۇتتۇرۇپ، مەكتەپ تارىخىدا دوكتۇرلۇق ئۇقۇشنى ئەڭ قىسقا مۇدەتتە تاماملىغان ئۇقۇغۇچى دىگەن رىكورتنى ياراتقان. مەكتەپ تەرەپ ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى قۇتلۇقلاش يۇزىسىدىن مەكتەپ تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ شەرىپىگە ئاتاپ قۇتلۇقلاش زىياپىتى بەرگەن. ئەمدىلا 30ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئابدۈشۈكۈر ئۇزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۇقۇش تارىخىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دىدى:' مەن بىر ئاددى ئۇيغۇر ياش، گەرچە كىچىكمدىن ياخشى ئۇقۇپ كەلگەن بۇلساممۇ، لېكىن قېرىنداشلىرىمىنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە ئەقىللىق، توغما قابىلىيەتلىك ھىساپلىنىپ كەتمەيتتىم. پەقەت مىنىڭ ئىزچىل ھارماي تىرىشپ ئىشلەش روھىم ماڭا ھەمرا بۇلدى خالاس. مەن ياخشى ئۇقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشەلىدىم، ئەمما يۇرتۇمدا، ماڭا ئۇخشاش ئۇقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشەلەيدىغانلار قانچىلىك دەيسىز. كىسىپ ئېيتالايمەنكى ، مىنىڭ ئۇرنۇمدا ھۇش كاللىسى جايىدا بۇلغان ھەرقانداق ئۇيغۇر ياش مۇشۇ ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىرىششسە، تىرىشىپ بەرسىلا ئۇمۇ جەزمەن ئۇتۇپ چىقىدۇ. ماڭا ئۇخشاش دوكتۇرلۇك ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن ئۇيغۇرلاردىن بارمىقىمنى كۇتۇرۇپلا 200نى ساناپ بىرەلەيمەن. ئۇلارمۇ ماڭا ئۇخشاش ئۇقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشەلىگەنلەردۇر'. ئارىمىزدا بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلارنىڭ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى 'مەدىنيەتىسىز، مەينەت، ئەقىلسىزدەپ قاراپ ئۇلارنى كەمسىتىدىغانلىغى، بىر كىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا پۇتۇن ئەس يادىنىڭ بىر نىمىلەرنى قىلىپ چەتئەلگە چىقىپ شۇ يەرنىڭ پۇقراسى بۇلۇپ، ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنى ئىككىنچى كۇرمىسەم دەپ ئۇيلايدىغانلىغىنى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققى قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبى دەپ قاراپ مەكتەپلەرنى خەنزۇچىلاشتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىغىنى دىسەم، ئابدۈشۈكۈر غەزەپتىن چىكى تۇمۇرلىرى تومپىيىپ ، ئۇرنىدىن غەزەپ بىلەن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى ۋە خۇددى مەن ئاشۇنداق ئىدىيدىكى ئادەمدەك كۆزۇمگە بىگىز قولىنى سانجىپ تۇرۇپ ۋارقىراپ كەتتى: 'تۈفى!!، ئۇيغۇر ئەقىلسىز ، مەدىنيەتج دىگەنلەرنىڭ ئۇزى مەينەت، مەدىنيەتسىز، نىيتى باشقا. مانا مەن گەرچە كۇچادىكى بىر توپا باسقان نامرات يېزىدا ، كىچىگىمدىن ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيتى تەسىرى ئاستىدا، ئۇيغۇرچە مەكتەپتە چوڭ بۇلغان بۇلساممۇ، لكېن ياۋرۇپادىكى يۇكسەك مەدىينيەتكە ئىگە شىۋىتسارييدە چېنىپ قالغىنىم، كىچىكىمدە ئۇيغۇرچە ئۇقۇغۇنۇم ھىچ چېنىپ قالغىنىم يوق. تېخى مىنىڭ ئالدىمدا مۇشۇ خەق چانىدۇ. ئەركىن سىدىق دىسە،ئامرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوپتىكا ساھەسىدىكى ئىنجىنىلار ۋاي دەپ كىتدۇ. ئۇمۇ ئاقسۇدىكى بىر توپىلاڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئۇقۇغان. ئەجەپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر بوپ قالغانلىغى پۇتلاشماپتىغۇ. ئۇز ۋاختىدا ئۇ مەملىكەتلىك ئۇقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەسى بۇلۇپ ئىشلىگەندىمۇ بۇلار ئۇنىڭغا پۇتلاشمىغانغۇ...ئاشۇنداق دىگەنلەرنىڭ ئۇزى چاتاق، نىيتى يامان، بۇنىڭغا ھەرگىز ئالدىنىپ قالساڭ بۇلمايدۇ...' . ئۇ يەنە بىر مۇنچە مۇشۇ توغرىلىق سۇزلىدى، سۇھبىتىمىز يېرىم كىچىگىچە سۇزۇلدى، ئاخىرى بەك كەچ بوپ كەتكەچكە ، مەن خىجىل بۇلۇپ، ئۇنىڭ شۇنچە چىڭ تۇتقىنىغا ئۈزرىخالىق ئىيتىپ ياندىم. " يۇقارقىلار تۇردىشىمىز ئىسياننىڭ بايانى، ئۇ بۇنى 2001- ئىللار ئوپچۇرىسىدە يازغان بۇلسا كىرەك. ئابدۈشۈكۈر ئۈز ۋاختىدىكى ماكانىمنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ئىدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن شۇ يەردە تۇنۇشقان. مەنمۇ فىزىكىغا مۇناسىۋەتىلىك نەرسە ئۇقۇغاچقا ئۇنىڭغا ئالاھىدە قىززىقاتتىم. ئەم ئىچكىرگە كىلىشتىن بۇرۇن ئۇن تۇغرىلىق كۆپ ئاڭلىغانتم. ئۇ بىكار بۇلسىلا ماكانىم چايخانىسىغا كىرەتتى. لىنۇخ، ئۇنىخ دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۇ ماڭا شۇندا ئۇبرازلىق قىلىئىپ چۈشەندۇرۇپ قۇيغانىدى. بىر كۇنلەردا خىلى ئۇزۇن يوقاپ كىتىپ پەيدا بۇلدى، چايخانىدا ئۇچرىشىپلا "ھەي جەكك، ئاجايىپ قىززىق ئىش "دىدى. مەن قىززىقىپ، ئالدىراپلا نىمە ئىش بۇلدى دەپ سورىسام " مەن ئالدىنقى ھەپتە گىرمانغا بىر خەلقارالىق فىزىكا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ ماقالەمنى ئۇقۇش ئۈچۈن بارغانىدىم، يىغىن زالىدا بىرسى ماڭا شۇنداق بىر يېقىشلىق تۇيۇلۇپ كەتتى، چىرايىدىن قارىسام ياۋرۇپالىقتەك قىلىدۇ. لېكىن نىمىشقىدۇ ئۇنىڭ بىلەن شۇندا پاراڭلاشقۇم كىلىپ كىتىپ پاراڭلاشسام ، ئۇ كىمكەن بىلەمسەن، ئۇمۇ ئۇيغۇركەن!! توۋا دەۋەتتىم ئىچىمدە، بىر بىرسىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىمىزنى بىلىپ تاس قالدۇق سەكرەپ كەتكىلى. ئۇ ياپۇندا دوكتۇرلۇق ئۇقۇشنى پۇتتۇرەي دەپ قالغان ئۇقۇغۇچىكەن، مۇشۇنداق بىر مۇھىم خەلقارالىق يىغىنغا ئىككى ئۇيغۇر قاتنىشىپتىمىز. ئۇزەمنى شۇنداق پەخىرلىك ھىس قىپ كەتتىم. مۇشۇ كۇنلەردە 6-سىزىم دىگەننىمۇ راس بار نەرسە ئۇخشايدۇ دەپ ئۇيلاپ قېلىۋاتىمەن.." ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەنمۇ بىر خىل ھاياجانلىنىش ھىسياتىغا چۇمۇلدۇم. كىيىن ماكانمۇ تۇيۇقىسىز تاقىلىپ قالدى، ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئالاقە ئۇزۇلۇپ قالدى. ئىسىمدە قىلىشىچە شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۇزى ياسىۋالغان ئاددىلا بىر تور بېتى بۇلىدىغان ، ھازىر ئىزدەپ تاپالمىدىم.?? ماتىماتىدىكى خىزمەتداشلاردىن ئاڭلىشىمچە، غېنىنىڭ كىتابى ۋە يازغان ماقالىلىرىنىڭ ئىلمى سەۋىيسى ئىنتايىن يۇقىرىكەن. شۇنداك بۇلۇشىغا قارىماي ئۇ يەنە يۇقىرى سەۋىيلىك ئىكمى ماقالىنى خۇددى سالام خەت يازغانداك يازىدۇ. ھەر يىلى ئاخرىدىكى ش ج ئۇ نىڭ سكى سانبلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلاشقا تاللانغان ماقالىلەر تىئېزىملىگىدا غېنىنىڭ ئىسمىنى تولا كۇرىسىز. مۇشۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئۇ پروفىسسورلۇقنى 30يېشىدا ئالدىغۇ دەيمەن. مىنىڭچە ئۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ياش پروفىسسورلۇقنى ئالغان. 2004-يىلى ئۇ شىنجاڭ بۇيىچە مەشھۇر 10 ياشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.http://www.bilik.cn/down/software.asp?id=106. يەنە ۋورد، پدف، ھتمل ھەرخىل نۇسخۇدا چۇشۇرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ قۇيۇپتۇ. مەن ھەر بىر ئۇيغۇر ياش بالىسىنىڭ بۇ سۇھبەت خاتىرسىنى بىر ئۇقۇپ چىقىشىنى ئۇمىت قىلىمەن. ئۇ سىزگە قاندا ئۇگىنىش ، بالىنى قانداق تەربىيلەش، مۇناسىۋەتنى قانداق تەڭشەش دىگەندەك ھەرخىل نەرسىلەرنى ئەمەلى مىساللار بىلەن ئۇگىتىپتۇ. مەن ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ بۇ ئەمگىكىگە ھەقىقەتەن خۇرسەنمەن. قايسى كۇنى قەغەزگە بېسىپ چىقارغانتىم، 170 بەت كەپتۇ، بېسىپ تۇپلىسەم چوڭ بىر كىتاپ بولدى. ھازىر بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىساملا ئەركىن سىدىقنىڭ ئوز ۋاختىدە دۇچ كەلگىنى مەندىن ناچار ئىكەنتۇق، ئۇ ھەممىسىنى يىڭىپ چىقىپتۇ، سەنمۇ شۇنداڭ قىل دەپ ئۇزەمگە تەسەللى بىرىمەن. قايسى كۇنى بىزنىڭ بىر پروفىسسورنىڭ بىر ماقالىسى ئەركىن سىدىق تەھرىر بۇلغان "جوئۇرنال ئوف ئوپتىكال سوكىئەتي ئوف ئامەرىكا" دىگەن جورنالغا ماقالىسى چىقىپتىكەن، خوش بولۇپ مىنى چوڭ قىلىپ بېسىپ چىقىرىپ ئىشخانىسنىڭ ئالدىدىكى دوسكىغا چاپلاپ قويۇشۇمنى بۇيرۇدى.http://www.meripet.com/Bio/Zeper_Abliz.htm
15. ئەسقەر ھەمدۇللا. ش ج ئۇ ئۇچۇر قۇرلۇشى فاكۇلتىتىنىڭ ياردەمچى پىروفىسسورى، دوكتۇر، ئاسپىرانت يىتەكچىسى، ئېلېكتېرۇن فاكۇلتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. تۇنجى قارار ش ج ئۇ پەن تېخنىكا سىنىپىنىڭ ئۇقۇغۇچسى. خوتەندە تۇغۇلۇپ باشلانغۇچنى شۇ يەردە ئۇقۇغان، كىيىن قاغىلىققا كۇچۇپ بېرىپ ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇغان. 91-يىلى پەن تېخنىكا سىنىپىغا قۇبۇل قىلنىپ 93 يىلى چىڭدۇدىكى ئېلېكتىئېرۇن پەن تېخنىكا داشۇسىگە ئۇقۇشقا ئەۋەتىلگەن. مەن 97-يىلى بۇ مەكتەپكە ئۇقۇشقا بارسام ئۇنىڭ ئاسپىرانىتلىقننىڭ ئىككىنچى يىلىغا قەدەم قويغان ۋاقىتلىرى ئىكەندۇق. ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇنىڭ بىلەن 4 يىلنى ئاكا ئۇكىدىنمۇ يىقىن ئۇتكۇزدۇق، مەن ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ يېنىپ كەلسەم ئۇ تېئىخىچە چېڭدۇدا قالدى. 2003-يىلنىڭ ئاخرى ئاندىن دوكتۇرلۇقنى ئېلىپ يېنىپ كەلدى. ھىساپلاپ باقسام ئۇ چىڭدۇدا 10 يىلدىن سەل ئارتۇقراق تۇرۇپتۇ. مەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاقىتلىرىنى شۇنىڭ بىلەن ئۇتكۇزدۇم. ئۇنىڭ ماڭا بۇلغان تەربىيسى بەك چوڭ. پەن تېخنىكا سىنىپنىڭ باللىرى ھەممەيلەن ئۇنى چوڭ بىلىپ ساقال، يا لاۋدا دەيمىز. ئۇ گەرچە بىزگە ئۇنداق قىل، مۇنداق قىل دىمىسمۇ، شۇنىڭ يۇرۇش تۇرۇشۇدىن بىز ھەممىئىنى ئۇگىنەتتۇق. ئۆزىنىڭ ئەمەلىيتى ئارقىلىئىق بىزگە ئۈلگە بۇلاتتى. ئۇنىڭ ھىچقاچان بىر نەرسىدىن ، يا تاماقتىن، يا دەرىستىن، يا مۇئەللىمىدىن ، يا ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەردىن قاخشاپ باققىنىنى ئۇقمايمەن. دەسلەپ بارغاندا تاماقتىن ئازراق قاخشاپ قويسام ، مۇشۇنچىلىق تاماقنىڭ بۇلغىنىغا شۇكۇر قىل دەپ بىردەم تەربىيە قىلغانتى، كاللام شۇ ھامان يۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن مەنمۇ بىر نىمىدىن قاخشىمايدىغان بۇلدۇم. ئىشقىلىپ ماڭا ئادەم بۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئۇ ئۇزىنىڭ ئەمىلىيتى ئارقىلىق ئۆگەتكەن دىسەم بۇلىدۇ.

16. گۇزەلنۇر. قەشقەر شەھەر ئىچىدىن. تىببى ئۇنۋېرسىتىتنى پۇتتۇرۇپ شۇ يەردە ئاسپىرانيتلىقنى پۇتتۇرۇپ 98-يىلى چىڭدۇدىكى خۇئاشى تىببى داشۇسىدە دوكتۇر ئۇقۇش ئۇچۇن بېرىپتىكەن. شۇ ۋاقىتلاردا تۇنۇشقان. ئۇزى شۇنداق ياخشى، چىقىشقاق، بەك گەپدان. مىللەت، تارىخ دەپ قالسىڭز سىزنى ئۇلتۇرغۇزۇپ قويۇپ سۇزلەيدۇ. ئۇيغۇرچە تاماق سېغىنپ قالساق ئۇزىمىزنىڭ ئاپىسىغا ئۇنداق تاماق قىلىپ بىرىڭا دىگەندەك شۇنداق دەپ تېلپۇن ئۇرۇپ قۇيۇپلا كەچتە بېرىپ تاماق يەپ كىلەتتۇق. ئۇ 3 يىل بەك جاپا تارتىپ ئۇقۇدى. تېببى كەسىپنىئىڭ ئاسپىرانىتلىرى بەك جاپالىق ئىشلەيدىكەن. ئۇپىراتسىيە دەپ بىر كىرىپ 24 سائەت چىقمىغان. ھېرىپ ئېچىپ ئاران چىقسا بىز ئۇنى ئۇقماي كىلىپ ئۇنى ئاۋارە قىلغان، ئۇ بىزگە چاندۇرماي، نىمە دىسەك شۇنى ئىتىپ بىرىپ چىرايلىق ئۇزىتىپ قويغان، شۇ ئىشلارنى ئەسلىسەم بىر خىل خىجىل بوپ قالىمەن. 2001-يىلى چىڭدۇدىن بىللە پۇتتۇرۇپ يېنىپ كەلدۇق. ئۇ تۇمۇر يول تەرەپتىكى ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسدا ئىشلەۋاتىدۇ. راك، ئۇسمە دىگەندىك ئىشلار بىلەن ھەپىلىشدۇ. ئۇرۇمچىگە يېنىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇنى ئىككى قېتىم تۇيدا كۇردۇم. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇچرىشىپ باقمىدىم. ئۇرۇمچىدە قىلغان ئىشلارنىڭ تايىنى يوق، بىر نىمىلەر بىلەن ئالدىراش يۇرۇيدىكەنمىز، ئەسلى بىز كىچىك بۇلغاندىكىن ئىزدەپ تۇرۇدۇغان گەپ ئىدى. گۇزەلنۇر يولدىشى بىلەن ساۋاقداش، بىر يورتتىن. ئۇنىڭ يولدىشىمۇ تىببى ئۇنۋېرسىتتنىڭ قابىل دوختۇرى. ئۇ ئىككىسى بىر بىرىگە شۇنداق ماس كەلگەن. ئىككىسنى كۇرسەك مەسىگىمىز كىلىپ كىتىدۇ.

17. ئالىم قادىر. 91-يىللىق پەن تېخنىكا سىنىپنىڭ قابىل ئۇقۇغۇچىسى، پەن تېخنىكا سىنىپىنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن ش ج ئۇ پىزىكا فاكۇلتىتىدا خەنزۇ سىنىپقا كىرىپ ئۇقۇغان. ش ج ئۇ دا 95-يىللاردىن كىيىن ئۇقۇغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇنى تۇنۇمايدىغانلار ئاز بۇلسا كىرەك. چۇنكى ئۇ ۋاقىتلاردا ش ج ئۇ دا ساناقلىقلا ئاسپىرانتلار بار ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالىم بىر قەدەر پائالىيەتچان. ئۇگۇنۇش ئۇسۇلى، ئىنگلىسچىسى ئالاھىدە ياخشى. نەچچە قېتىم ئىنگلىسچە 4-دەرىجە، ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىغا قاتنىشىمەن دەيديغانلارغا ھاقسىز دەرىس ئۇتەتتى. لېكىن ئاڭلىشىمچە ئۇنىڭ مۇنداق ھەقسىز ئۆتكەن دەرىسلىرىنىڭ ئۇنىمى ئۇنچە ياخشى بولماپتۇدەك. مەنمۇ بىر مەزگىل ھەقسىز دەرىس ئۇتۇپ باققان. ئۇنىمى پەقەت ياخشى بۇلمايدىكەن، ئۇقۇغۇچىلار بىر كۇن كەلگەن، بىر كۇن كەلمىگەن، ھىچقانداق قىزغىنلىقى يوق. يەنىلا پۇل دىگەننى بۇلدى دىگۇچە ئېلىپ دەرىس ئۇتكەنگە يەتمەيدىكەن. ئالىم نىڭ مۇستەقىل ئىدىيسى بار، ناھايتى ئەمىلىيەتچان. ئۇگىنىش ئۇسۇل ناھايتى ئۇنۇملۇك. مانا مەن شۇنىڭ ئۇگىنىش ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئىنگىلىس تىلىنى ھازىرقى سەۋىيەمگە ئەكەلگەن ئادەممەن. پەن تېئىخنىكا سىنىپنىڭ ئىككىنچى يىللىرى ئىدى، ئىنگلىس تىلىنى ئۇگىنىمەن، ئۇگىنىمەن يا بىر ئۇگەنگەندەك بۇلمايمەن،. شۇنداق ئۇمىتسىزلىنىپ كەتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا ئالىمغا دەرت ئىيتقىلى كىرسەم، ئۇ بىر قاتار ئۇگىنىش ئۇسۇللىرىنى تۇنۇشتۇردى ھەمدە ماڭا كۇندە 1سائەتتىن 2 سائەتتىكىچە ۋاقىت چىقىرىپ شۇ ئۇگۇنىش ئۇسۇلى بويىچە ئىنگلىس تىلىدىن دەرىس ئۆتتى. بىر-ئىككى ئاي داۋاملاشتىئىمىكى دەيمەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىدىييسى، ئۇگىنىش ئۇسۇللىرى توغرىئىلىق بىلمەيتتىمكەن. مۇشۇ ئىككى ئاي مىنىڭ ئۇگىنىش تارىخىمدىكى ھەل قىلغۇچ بىر دەۋىر ھىساپلىنىدۇ. ئۇزەمنى يىڭىۋاشتىن تۇنۇدۇم، ئىسىت بۇرۇنقى ئىسراپ قىپ كەتكەن ۋاختىم دەپ كەتتىم، شۇ بۇيىچە ئۇگنىشنى داۋاملاشتۇردۇم. ئىچىرگىئىمۇ كىردىم. 1-يىلى 4-دەرىجە ئىمتاھان بىرىپ باقسام قاندا بۇلار دەپ بەرسەم ، 78 ئاپتىمەن، ھەيران قاپتىمەن. ئۇ ئىمتاھاننى بىرىمەن دەپ مەن بىرەر قېتىم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەقلىدى ئىمتاھان سۇئالى ئىشلەپ باققان ئادەم ئەمەسمەن، سۇزلۇك يادلاپ باقمىغانمەن. ئاشۇ نۇمۇرغا تېخى مەكتەپتىن 15 كوي مۇكاپاتمۇ ئالدىم. ھا، ھا. شۇ ۋاقىتلاردا ئالىمغا ئىچىمدە قانچىلىق تەشەككۇر ئىئېيتىپ كەتتىم. گەرچە مەن ئۇنىڭ قولىدا بىۋاستە ئۇقۇپ باقمىغان بۇلساممۇ ھازىرغىچە ئۇنى بىر ئۇستازىم دەپ ھىساپلايمەن. ئىچكىردىن ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ كەلسىئەم، ئالىم فىزىكا فاكۇلتىئىتتا ئىشلەۋىتىپتىكەن، كىيىن ئۇمۇ ئىتالىيەگە چىقىپ كەتتى. شۇ يەردە تۇرۇپ ئامرىكىنىڭ بىر داڭلىق ئۇنۋېرسىتىتىنڭ تولۇق ئۇقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشپتىكەن، لېكىن ئۇ يەردە ئامرىكىنىئىڭ ئەلچىخانىسى ئۇنىڭغا ئامرىكىغا كىرىش ئىجازىتى بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يېنىپ كىلىپ جۇڭگۇدا تۇرۇپ بىر يىل ئىچىدە 3 قېتىم كىردى، ئۇچىلا قېتىم ئىجازەت ئالالماي ئاخىرى گىرماندىن باشقا مەكتەپ ئىلتىماس قىلىپ شۇ يەرگە چىقىپ كەتتى. دوكتۇر ئۇقۇشى مۇشۇ بىرەر يىلىنىڭ ئىچىدە تۇگەيدىغۇ دەيمەن.

18. ئابدۇرەھىم. 91-يىللىق فىزىكىنىڭ، ئالىمنىڭ ئەڭ يىقىن سەبدىشى. بۇرۇندىن تارتىپ بىر ياتاقتا يېتىپ بىللە ئۇقۇپ ھازىرغىچە كەلگەنلەر. تارىخى ئالىمنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئۇخشاش. لېكىن ئىتالىيەدىكى ئۇقۇشتىن كىئىيىن ئالىمغا تولۇق ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى بەرگەن داشۈ ئۇنىڭغىمۇ بىرىپتىكەن، ئۇ ئامىرىكنىڭ ۋىزىسىنى شۇ يەردە تۇرۇپ ئاپتۇ. شۇنىڭىدىن كىيىن ئىتالىيەدىن ئۇدۇللا ئامرىكىغا كىلىپ ئۇقۇشقا كىرىپتۇ. ھازىر ئۇقۇۋاتىدۇ.

19. ھۇرنىسا. گۇچۇڭدىن. 93-يىللىق پەن تېخنىكا سىنىپىدىن، مەمىتىممنىڭ ساۋاقدىشى، باسقان يولى، ئالدىدىكى يول ئاچقانلار بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش. ش ج ئۇ پىزىكا فاكولتىتىدا ئاسپىرانتلىقنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىر نەچچە يىل ئىشلىدى، كىيىن ئىتالىيدە بىر يىل ئۇقۇغاندىن كىين ھازىر گىرماندا دوكتۇرلۇقنى ئۇقۇۋاتىدۇ.

20. مەمەت رىشات، 93-يىللىق فىزىكا سىنىپىدىن، مانچە يىل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىدىم، ئۇزى بەكمۇ راستچىل، ئىشنى بەك پۇختا قىلىدۇ. ئۇمۇ ئۆتكەن يىلى ئىتاليگە چىقىپ ئۇقۇدى، ئاڭلىسام، ئىتاليدىكىلەر ئۇنى يورتۇڭغا قايتىپ بىر مەزگىل تۇھپە قوش دىگەن ئۇخشايدۇ. يېنىپ كەلدى، ھازىر ش ج ئۇ دا.

21. نۇرمەمەت، 94-يىللىق پەن تېئىخنىكا سىنىپىدىن، مەمىتىمىندىن كىيىن 96-يىلى بېيجىئىڭ ئۇنۋېرسىتىتى ماتىماتىكا فاكولىتىتغا ئۇقۇشقا بارغان. ئاسپىرانتلىقنىمۇ شۇ يەردە ئۇقۇدى، ئۇتتۇردا ش ج ئۇ غا كىلىپ بىرەر يىل ئىشلىۋېتىپ ھازىر شۇ يەردە دوكتۇر ئۇقۇۋاتىدۇ. ئۇزى كەمسۇز، ئادەمنى بەك تاللاپ ئارلىشىدۇ. شۇڭا بېيجىڭدىكى جىق باللار بىلىپ كەتمەسلىگى مۇمكىن.

22. ئابدۇۋارىس. ش ج ئۇ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىنىڭ. مەن ش ج ئۇ پەن تېئىخنىكا سىنىپىدا ئۇقۇپ يۇرگەن ۋاقىتلىرىمدا ئۇزەمچە ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسدا ئىشلەيتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا تۇنۇشقان. كىيىن ئۇ ش ج ئۇ ئۇقۇغۇچىئىلار بىرلەشمىسىنىنڭ رەئىسى بۇلدى. مەملىكەت بۇيىچە 10 مۇنەۋەر ئۇقۇغۇچىنىڭ بىرى بۇلۇپ 10 مىڭ يۇئەندىن ئارتۇق مۇكاپاتمۇ ئاپتۇ. مەن ئىچكىردىن يېئىنىپ كەلگەن ۋاختىمدا ئۇ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتغا دوكتۇر ئۇقۇش ئۇچۇن كىتىپتىكەن، ھازىر تۇگەپ قالاي دىگەندۇ. 6-ئايدا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا بارغىنىمدا ئۇ باللار بۇ يىل ئۇقۇش پۇتتۇرگەن باللارنىئىڭ شەرىپىگە مەكتەپتىكى ھەممە مىللى ئۇقۇغۇچىلار يىغىلىپتىكەن ئابدۇۋارىس بىلەن شۇلارنىڭ يىغىلشىدا كۇرۇشۇپ قالدىم. بۇ يىل 5 تەك بالا ئۇقۇش پۇتتۇرۇپتۇ، 3 بالا ئىمتاھانسىز ئاسپىرانتلىققا قۇبۇل قىلنىپتۇ، قالغان ئىككىسى ئاۋال ئىشلەپ كىيىن ئۇقۇيمىز دەپ ناھايتى ياخشى ئۇرۇنلاردىن خىزمەت تېپىپتۇ.

23. ماھىرە. ب ئۇ نىڭ پىسخولوگىيە كەسپىدىن. ئاسپىرانتلىقنى پۇتتۇرگەن. سىفەن داشۇدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان. ئاڭلىسام ئۇمۇ مەندىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئامرىكا ئەلچىخانسىدىن ئۇڭۇشلۇق ۋىزا ئاپتىكەن. ھازىر ئامرىكدا. ئۇ بۇرۇن ماكانىمغا تولا كىرەتتى. چ چ غىمۇ كىرەتتى. لېكىن ئۇزاق بۇلدى توردا ئۇچراتمىدىم.

24. مەمەتجان

25. قېيۇمجان. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا 89-يىكى قۇبۇل قىلىنغان، ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى مەن 6-7يىل بۇرۇن ئۇقۇغان. ئۇ تەرجىمھال ماڭا جىق ئۇمىد بەخش ئەتكەن. 89-يىلى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىئىتىتىغا قۇبۇل قىلىنالىغاندىئىنلا ئۇنىڭ ئۆز ۋاختىدا شىنجاڭ بويىچە بىرىئىنچى بولمىغاندىمۇ ئىككىنچى بۇلغانلىغىنى مۇلچەرلەش قىيىن ئەمەس. ئۇمۇ مەمەتجانغا ئۇخشاشلا ئۇقۇپتىكەن، توئەفلدىن تولۇق نۇمۇر ئاپتىكەن، كەسپى شۇ ۋاختىدا يەرشارى پىزىكىسى ئىكەندۇق. ئۇزى غۇلجىدىن. ئۇقۇۋاتقاندا كىتاپ يايمىسى ئېچىپ يۇرۇپ جېنىنى جان ئىتىپتىكەندۇق. ئامرىكىدىن ئۇقۇشقا كىرىش ئۇقتۇرشى ئېلىپ بارالماي قىينالغاندا غولجىدىكى ئابلىمىت خالىس ھاجىم بارلىق چىقىمىنى كۇتۇرۇپ يولغا ساپتىكەندۇق. ئىككى ئۇچ يىل بۇرۇن ئاڭلىسام مىكروسوفت تا ئىشلەپ يۇرۇپتىكەندۇق، ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۇقمايمەن.

26. قەيسەر مىجىت. كەسىپى ئىقتىساد. ئالىم، ئابدۇرەھىملەردىن بىر ئىككى قارار بۇرۇنراق. مىنىڭچە 89-، يا 90-يىئىللارنىڭ باللىرى، بىز يىڭى داشۇگە ئۇتكەندە بىزدىن چوڭ باللار ئۇنىڭ گىپىنى قىپ بىرىدىغان. ئالىم ئەھەتنىڭ دىيىشىچە، ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنى قۇرۇش پارىڭى تۇنجى قېتىم دىلشاد ھىزىۋوللا، قاتارلىقلار بىلەن بىللە قەيسەر مىجىتنىڭ ياتىقىدا بۇلۇپ، بىر پىكىرگە كەپتىكەن. ھازىر قارىسام، ئۇ خارۋاردتا ئۇقۇۋېتىپتۇ. مىنىڭچە دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتى قىلىۋاتامدىكى. ئۇتكەندە دىگىنىمدەك ھازىر خارۋاردتا 3 ئۇيغۇر باركەن. بىرسى ئۇتكەنكى يازمامدا دىگەن بالا. بىرسى قەيسىئەر، يەنە بىرى بىر قىزكەن، ئۇ قىز سىياسى پەنلەر ئۇقۇيدىغان ئۇخشايدۇ. دوكتۇر ئۇقۇۋېتىپتۇ.

27. دىلشاد ھېۋزۇللا، ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى ئەۋلاد كومپىئۇتىر دوكتۇرى. كومپىيۇتىردا ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنى تۇنجى قېتىم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۇھپە قۇشقانلارنىڭ قاتارىدا سانىلىدۇ.ئۇنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلار ئالىم ئەھەتقۇ دەيمەن. ئۇ توغرىلىق جورناللاردا خېلى تۇنۇشتۇرۇشلار بۇلدى. قارىسام ئۇنىڭ تەڭرىتاغ جورنىلىنىڭ مۇھەررىرى پۇلات ھىزىۋوللا بىلەن فامىلىئىسى ئوخشاشكەن. شۇڭا پۇلات ئاكىمىز بىلەن دىلشادنى بىر توققان ئاكا-ئۇكىمىكىن دەپ ئۇيلايمەن.چۇنكى دىلشات توغرىلىق ئەڭ يىڭ ئۇچۇرلارنى شۇ جورنال بىرىدۇ. ئۇيغۇرچە "كوميىئۇتىر" جورنىلىمۇ تەڭرىتاغ جورنىلى رىداكسيىسى تەرىپىدىن تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغانغۇ دەيمەن.

28. نەبىجان تۇرسۇن. ئۇنىڭ "مۇسكۋا خىياللىرى" بىز دىمەتلىك بىر دەۋىر ئۇيغۇر باللىرىغا چوڭ تەسىر قىلدى. ئۇمۇ ھازىر ئامرىكىدا ئوخشايدۇ.

29. ئەسئەد سۇلايمان. 90يىللارنىڭ كىينكى يېرىمىدا شىنجاڭ مەدىنيتىدە ئىلان قىلغان بىر قاتار ماقالىلىرى ھازىرمۇ تورداشلارنىڭ ئىسىدە بۇلسا كىرەك. ئىشقىلىپ بىر مىللەتنىڭ ياشاپ تۇرۋاتقان جايىنىڭ جوغراپىيلىك تۇزۇلۇشىنىڭ ئۇ مىللەتنىڭ پىسخىك خۇسۇسيىتىگە تەسىر قىلىدىغانلىقى توغرىلىق گەپنى تۇنجى قېتىم شۇنىڭ ماقالىسىدىن ئۇقۇغان. ھازىر ئۆزى ئاسپىرانىت تەربىيلەيدۇ.

30. قاھار بارات. 80- يىللاردا ش ج ئۇ تارىخ فاكۇلتىتىدا ئۇقۇتقۇچى بۇپتىكەن. 2-3 يىللار بۇرۇن خارۋارد ئۇنۋېرسىسىتىدا تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئاپتۇ. تەپىسىلىسىنى ئۇخمايمەن.

31. مۇھەممەتجان ئىبراھىم.88-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتغا كىلىپ تەييارلىق ئۇقۇغان. 90-يىلى نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتغا كېلىپ خېمىيە كەسپىدە ئۇقۇغان. بىر ئۇقۇغانچە 97يىلى ئاسپىرانتلىقنى ئېلىپ توختىغان، . كېئىيىن ش ج ئۇ خىمىيە فاكولتىتىدا ئىككى يىل ئىشلگەندىن كىيىن ئامرىكىدىن تولۇق ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ ئامرىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇقۇغان. ھازىر پىرىنىستۇن ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتۇر ئاشتىلىقتا تەتقىقات ئېلىپ بىرىۋېتىپتۇ. ئۇمۇ بۇرۇنقى ماكانىمنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ئىدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن شۇ يەردە تۇنۇشقان. كۇزۇتۇشىمچە ئۇ ئىزدىنىشتىمۇ باركەن. لېكىن ئۇ ماڭا ئۇخشاش داۋراڭ سېلىپ يۇرمەيدىكەن. كونىلار يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دەپ زادى توغرا ئېئىيتقان.

32. راھىلە داۋۇت. ئۇيغۇر فولكىلور تەتقىقاتچىسى ، مۇشۇ يۇنۇلۇش بويىچە دوكتۇرلۇق ئالغان. ئۇيغۇر مەدىنيتىنى تەتقىق قىلىدۇ. بىلىشىمچە ئۇ تونجى بۇلۇپ ئۇيغۇر مازار مەدىئىنىيتىنى سىستىمىلىق تەتقىق قىلدى، بۇ توغرىلىق چىقارغان بىر كىتاۋىمۇ بار. تەپسىلىسنى تۇۋەندىكى ئۇلانىمىدىن كۇرۇڭ:
??مۇھەممەت ئادۇللا??قەشقەردىن. شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرسىستىدا ئۇقۇغان. 94يىلى داشۇگە ئۇتكەن. ئالدى بىلەن چىڭدۇدا تەييارلىق ئۇقۇغان. باشقىلار ئۇنى ساراڭ دەيدۇ. ئۇنداق دىگىنى ئۇ 94 -يىلى داشۇگە ئۇتكەندە ئىنگىلىس تىلى ئۇگىنىشنى 0دىن باشلاپ ئۇگىنىپ بىرىنچى ئۇقۇش يىلىنىڭ ئاخرىدىلا 4-دەرىجىدىن ئۇتۇپ كەتكەن. يەنى بىر يىل ئىچىدە ئۇ ئىنگىلىس تېلىنى 0دىن باشلاپ ئۇگىنىپ 4-دەرىجىدىن ئۇتكەن. شۇ ۋاقىتتا بىللە ئۇقۇغانلارنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ قاچان قوپۇپ قاچان ياتىدىغانلىغىنى ياتاقداشلىرى بىلمەيدىكەندۇق. كىيىن يەنە توئەفل ئىماھانىدىمۇ بىر نۇمۇرنى چۇشۇرۇپ قويماي تولۇق نۇمۇر ئالغان. ئۇيغۇرلاردىن بۇنداق تۇلۇق نۇمۇر ئالغانلاردىن نەچچىسى بار ئۇقمايمەن، مىنڭچە بۇلغاندىمى 5 بارمىقىئىمز ئۇلارنى ساناشقا ئېشىپ قالىدۇ. گرە ئىمتاھانىنىڭ 2400 نۇمۇردىنمۇ ئۇ 2370 تەك نۇمۇر ئالغان. مۇشۇ ئىمتاھاننى بىرىپ باققانلار بۇلسا بۇنىڭ قانچىلىك كىيىن ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ. 4-دەرىجە ئىماھانى بىرىش ئۇچۇن 3500 ئەتراپىدا سۇزلۇك بىلسىڭىز بۇلىدۇ،. توئەفل دىن تولۇق نۇمۇر ئېلىش ئۇچۇن 10،000دىن ئارتۇق سۇزلۇك بىلىشڭىز كىرەك. گرە دىن ئاشۇنداق نۇمۇر ئېلىش ئۇچۇن ئوكسفورد نىڭ لوغىتىدىكى سۇزلۇكلەرنى تولۇق بىلسىڭىزمۇ يىتىشى ناتايىن. مەنغۇ مەمەتجان بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىپ باقمىدىم، لېكىن ئۇنىڭ شۇ ئىشلىرىنى مىنىڭ يىقىن ئاغىنەمدىن ئاڭلاپ تۇرىمەن. ئۇزەممۇ ئاشۇ ماڭغان يوللارنى ماڭغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئاشۇ نەتىجىلىرىگە قول قويىمەن. ئۇ ھازىر ئامرىكىدا. ئۇتكەندا ئابدۇۋلىگە پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيتى بۇلغاندا ئامرىكىدىن ئاينۇر ئىسىملىك بىر قىز 2000 دوللار پۇل ئەۋەتكەنلىگى خەۋەر قىلىنغان. كىيىن تۇرداشلار ئۇنىڭ رەسىمىنى ئىزدەپ تېپىپ چىقىرىپ قۇيۇپتۇ. مەمەتجان ئاشۇ ئاينۇر دىگەنننىڭ يولدىشى بۇلىدىكەن. رەسىمدىكى ساقاللىق بالا مەمەتجان شۇ. قىززىققانلار ئاشۇ يازمىدىكى ئىنكاسلارنى كۇرۇڭلار.http://www.diyarim.com/rahile.htm
33. ئابدۇكېرىم راخمان. ش ج ئۇ نىڭ ئەڭ قولغا چىققۇدەك پىروفىسسورلىرىنىڭ بىرى. مۇنداق دىئىگىنىم ش ج ئۇ دا دۇلەت دەرىجىلىك تەتقىقات بازىسىدىن ئىككىسىمۇ ئۇچىمۇ بار. شۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئاساسلىقى ئۇيغۇر فولكىلورچىلىقى، خەلىق ئېغىز ئەدىبىياتى دىگەندەك تەرەپلەردە تەتقىقات قىلىدۇ، دوكتۇر ئاشتىغىچە تەربىيلەيدۇ. ئۆزى باش بۇلۇپ قورغان ش ج ئۇ مىللەتلەر مۇزىيى ھازىر سەنشىخاڭزىدىكى مىللەتلەر كوچىسىدا. 60كويغا بىلەت ئېلىپ كۇرىسىز تېخى.

34. گۇلناز ئابدۇقادىر. ئەركىن سىدىق بىلەن بىر دەۋىردە ئۇقۇغانلارغۇ دەيمەن. 82-يىللىرى ش ج يىزا ئېئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتىنى پۇتتۇرۇپ شۇ يەردە خىزمەت قىلغان. ئۇزاق ئۇتمەيلا ئامرىكىغا كىلىپ ماستېرلىق ئۇقۇشنى باشلاپ تاكى 93--يىللىرى دوكتۇرلۇقنى ئېلىپ توختىغان. كەسپى ئىقتىساد ئىكەن.باشقىلارنىڭ دەپ بىرىشىچە ، ئۇ دوكتۇرلۇقنى ئالغاندىن كىين دۇنيا بانىكىسنىڭ باش شىتابىدا ئىشلىگەن. كىيىن ئافرىقا، ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى دۇنيا بانكىسنىڭ تۇرلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىپ بۇ تەرەپلەردە ئۇزاق يۇرگەن. ماڭا مۇشۇ گەپلەرنى دەپ بەرگەن يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېئىرسىتىدىكى بىر مۇئەللىمنىڭ دەپ بىرىشىچە، شۇ ۋاقىتلاردا گۇلناز دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەندۇق. ئۇ شىنجاڭدىكى ئۇرۇمچى تۇرپان يۇقىرى سۇرئەتلىك تاشيولى، تارىم دەرياسىنىڭ قۇرۇپ كەتكەن بۇلىكىگە سۇ باشلاش دىگەندەك شۇ ۋاقىتلاردا دۇنيا بانكىسىدىن ياردەم ئېلىپ شىنجاڭدا قىلىنغان چوڭ قۇرلۇشلارنىڭ دۇنيا بانكىسنىڭ ياردىمىگە ئېئىرىشەلشىدە گۇلزارنىڭ چوڭ تۇھپىسى بار ئىكەن. ھازىر قاراپ باقسام ئۇ دۇنيا بانكىسىدىن چىقىپ كىتىپتۇ. چىقىپ كىتىش سەۋەبىگە، يىل بويى ئۇيدە ئۇلتۇرماي ئاسىيا ، ئافرىقىلاردا چىپىپ يۇرۇش بەك ھاردۇرۋەتتى، ئۇيۇم، باللرىم ئانا مىھرىدىن ئايرىلىپ قالدى دەپ يېزىپتۇ. گۇلناز ئۇزى ئاقسۇدىن. ئۇنىڭ ئۇرۇمچىدە بىر ئۇتتۇرا تېخنىكۇمدە ئىشلەيدىغان ئىنىسى باركەن، 2-3يىل بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن بىر تاسادىپي پۇرسەتتە تۇنۇشۇپ قالغان. ھەم ھەدىسى توغرىلىق خېلى سۆزلەپ بەرگەن.

35. ئۇمەرجان ئابلا. گۇلنازدىن بىر يىل كىيىن ش ج يىزائىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتنى پۇتتۇرگەن ئىكەن. 99يىللىرى ئامرىكىدا دوكتۇرلۇق ئاپتۇ. تەپسىلى ئەھۋالىنى ئۇقمايمەن.

36. ئىسمايىل نۇرلان. ش ج ئۇ خېمىيە ۋە خېمىيە سانائىتى ئىنىستىتۇنىڭ پروفىسسورى، دوكتۇر، دوكتۇر يىتەكچىسى، نستىتۇت مۇئاۋىن مۇدىرى. توكيۇ تەبئى ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىتىدا دوكتۇر ئاشتىلىققىچە ئۇقۇغان. 2001-يىلى قايتىپ كەلگەن.تەتقىقات ئىقتىدارى ئالاھىدە يوقىرى، مىللىلارنىڭ ئىچىدىن مىليۇندىن ئاشۇرۇپ تەتقىقات تىمىسى ئالغانلارنىڭ بىرى. سكى دا 10 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى بار. تەپىسلىنى بۇ يەردىن كۇرۇڭ:
http://hgxy.xju.edu.cn/ReadNews.asp?NewsID=93
37. ئايبىك.. ئىسمىغا قاراپ ئۇزبېكمىكى دەيمەن. ئۇ پەرھاد مۇئەللىملەر قاتارىدا ئۇزبىكىستانغا چىقىپ ئۇقۇپ شۇ يەردە دوكتۇرلۇقنى ئېلىپ بىرەر -ئىككى يىللار بۇرۇن يېنىپ كىرگەن. ھازىر خېمىيە ئىنستىتوتنىڭ تەتقىقاتچىسى. پات پات پەرھاد مالىمنى ئىزدەپ ئىشخانىغا كىرەتتى. مەن تېخى ئانچە مۇنچە ئۇنىڭ كومپىيوتېردا قىپ بۇلالمىغان ئىشلىرىنى قىلىشپ بىرەتتىم.

38. مەمىتىمىن غېنى. دوكتۇر، ش ج ئۇ مىخانىكا ئىنجىنىرلىقى ئىنستىتۇنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ياپۇنيەدە دوكتۇرلۇقنى ئېلىپ 2000- يىللائىن كىيىن يېنىپ كەلگەن، كەسپى مىخانىكا ئىنجىنىرلىقى. كۇمپىيۇتېردىنمۇ خېلى مۇتەخەسسىس. مەن ئۇنىڭ 2004-يىلى ش ج ئۇ قۇرۇلغانلىغى 80 يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىللىگەن ش ج ئۇ ۋە ياپۇنلۇق مۇتەخىئەسسىلەر دوكلات بەرگەن بىر ئىلمى مۇھاكىمە يېغنىنى ئاڭلاشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ ياپۇن تېلى راۋان بولۇپلا قالماي ئىنگىلىز تىلىمۇ شۇنداق راۋانكەن. ئىككى كۈن جەريانىدا ئۇ ناھايتى راۋان بۇلغان خەنزۇ، ياپۇن ، ئىنگىلىز تىللىرىدا يىغىنغا رىياسەتچىلىق قىلدى. سايىپجامال مۇئەللىم بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ تىل قابىلىيتىگە ئاپىرىن ئۇقۇدۇق.

39. ئەركىنجان توختاخۇن، ش ج ئۇ بىناكارلىق قۇرلۇش لاھىيەلەش ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوكتۇرلۇقنى ئىنىق قاچان ئالدى بىلىئىپ كەتمەيمەن، ئۇمۇ ياپۇندا ئالغان ئۇخشايدۇ. مەن مۇشۇ يىلنىڭ 6-ئاي ئەتراپىدا بىر ئىش بىلەن ئۇنى ئىزدەپ بارغان ئىدىم، يېرىم سائەتتەك پاراڭلاشتۇق، شۇ ئارلىقتا كام دىگەندە 5-6 قېتىم ھىلى ئۇ ھىلى بۇ كىرىپ ئۇنى بۇنى سوراپ پارىڭىمىز تولا ئۇزۇلۇپ كەتتى. قارىسام ئۇ ئىنستوتتا ئەركىنجان بۇلمىسا جاھان چۇگۇلمەيدىغان چىراي.

40. ئالىم.، ئۇزى قارىمايدىن. فامىلىسىنى سورىماپتىمەن. 93-يىللىق سىفەن داشۇ جۇغراپىيەدە ئۇقۇپتىكەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن 2001--يىللىرى ئەتراپىدا تۇنۇشقان. مىنڭ يىقىن بىر ئاغىنەم بىلەن بىللە ئۇقۇپتىكەن. سىفەن داشۇ جۇغراپىيە دا ئاسپىرانتلىقنى ئېلىپ شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىكەندۇق. ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ تەسىرى ئۇنىڭ نۇمۇرى. دوستۇمنىڭ دەپ بىرىشىچە ئۇ ئېنگلىز تىلى 6-دەرىجە ئىمتاھانىدا 96نۇمۇر ئاپتىكەن، ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىدىمۇ ئىنگىلىس تىلىدىن 90 نەچچە، ماتىماتىكىدىن 90نەچچە نۇمۇر، كەسپى پەنلەردىمۇ شۇنداق يۇقىرى نۇمۇر جەمئى نۇمۇردىن 40 نەچچىلا نۇمۇر كەم ئېلىپ ئۆز ۋاختىدا شىنجاڭ بۇيىچە ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر بوپتىكەن. مەن مۇشۇ نۇمۇرلارنى ئاڭلاپلا تاس قالغان كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى. ئۇ نۇمۇر تېخى 10، 20 يىللار بۇرۇنقى نۇمۇر ئەمەس 98-99 يىللاردىئىكى نۇمۇر، شىنجاڭ ئۇزى چىقارغان سۇئال ئەمەس، مەملىكەتلىك بىر تۇتاش سۇئال . ئىنگلىسچە ئىمتاندە 30 نۇمۇر، ماتىماتىكىدا 30 نۇمۇر ئالالماي ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئاسپىرانتلىق ئىمتھانىدىن قېلىپ قالىدۇ. شۇلار مۇشۇ ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنىئىڭ مۇشۇنداق نۇمۇر ئالغىنىنى ئاڭلىسا ماڭا ئوخشاشلا ئۈلۈپ بەرمىگەندىمۇ كىسەل بوپ بىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يىقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ ئۇتتۇق، ئۇ سىفەن داشۇدە توختىماي ئىنگىلىز تىلى ئاچاتتى، كۇرسىلىئىرىدىمۇ ئوقۇغۇچى شۇنداق جىق ئىدى. سىفەن داشۇنىڭ باللىرى بۇلسا ئۇنى تۇنۇيدۇ. ئۇ كىيىن بېيداغا بېرىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇپ ئارقىدىنلا ياپۇنيەدىكى بىر مەكتەپنىڭ تولۇق ئۇقۇش مۇكاپات پۇلۇغا ئىرىشىپ ھازىر ياپۇندا دوكتۇر ئۇقۇۋاتىدۇ. ئانچە مۇنچە چ چ غا كىرىپ قويىدۇ.

41. تۇرسۇنجان، ئۇمۇ قارىمايدىن، بىر ۋاقىتلاردىكى قارىماي نەنجىڭبەن نىڭ باللىرىدىن. 96-يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا 640نەچچىدەك نۇمۇر بىلەن شىنجاڭ بۇيىۋە بىرىنچى بۇلدىغۇ دەيمەن. شۇ نۇمۇر بىلەن ئۇ چىڭخۇئا داشۇدا ئۇقۇدى، ئۇمىنىئىڭ يىقىن دۇسلىرىم بىلەن ياخشى ئۇتىدىكەندۇق. شۇلار تولا گىپىنى قىلىپ بىرىدىغان. كىيىن يەنە ئاسپىراتنلىققا ئىمتاھانسىز قۇبۇل قىلىنىپ ئۇقۇشقا تاللانغان. ھازىرمۇ بېيجىڭدا ئۇقۇۋاتامدىكى دەيمەن. ئىسىمدە قېلىشمچە بىر ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىمدك كۇرۇشكەن. كىين كۇرۇپ باقمىدىم. بېيجىڭدىكى باللار خەۋىرنى بەرگەي.

42. ئەلى. 43.ئەلى. بۇ ئىككى ئەلىنىڭ فامىلىسنى ئۇقمايمەن. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى جۇڭگۇ پەنلەر ئاكىدىميسى ئاستېرونۇمىيە كۇزىتىش پۇنكىتى ئۇرۇمچى پۇنكىتىدا ئىشلەيدۇ.ئۇرنى ئۇرۇمچىدكى نەنسەندە. مەن 2004-يىلى يازدا ئۇقۇغۇچىلىرىمنى باشلاپ شۇ يەرگە پاراكتىكىغا چىققان ۋاختىمدا بىر ئەلى بىلەن پاراڭلاشقان. ئۇ ئەلى شۇ پۇنكىتنىڭ ئالى ئىنجىنىرى ئىكەن. يەنە بىر ئەلى بېيدا غا ئۇقۇغىلى كىتىپتىكەن. بۇلار توغرىلىق بېيدا دىكى باللارمۇسۇزلەپ بەرگەن.ھەر ئىكىلىسى بېيدا دا ئۇقۇغانلار. بىلىشىمچە ھەر يىلى يازدا بېيدا دا ئۇقۇۋاتقانلار ۋە ئۇقۇپ يېنىپ كەلگەنلەر يېغىلىشىپ شۇ ئەلىنىڭ قېشىغا چىقىپ بىرەر كۇن ئۇيناپ كىرىپ كىتىدۇ. ئۇ پۇنكىت بەكمۇ مەنزىرىسى گۇزەل ئۇرۇنغا جايلاشقان. ئىچىدە تېخى مىھمانخانىسىمۇ بار. نەنسەنگە چىقىپ قازاق ئۆيدا تۇرۇشنى خالىمايدىغانلار شۇ مىھمانخانىغا ئۇرۇنلاشساڭلارمۇ بۇلىدۇ.

44. زۇلھايات. ئۇرۇمچى بىرىنچى ئۇتتۇرىدا ئۇقۇپ، 95- يىلىغۇ دەيمەن، شىنجاڭ بۇيىچە خەنزۇچە تىل يېزىقتا ئىمتاھان بەرگەنلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچىمۇ ئىككىنچىمۇ بۇپتىكەن. ئاسپىرانتلىقنىمۇ بېيدا دا ئۇقۇدى. كىيىن شىنجاڭغا يېنىپ كىلىپ ش ج ئۇ دا بىرمەۋسۇمدەك ئىشلىگەندىن كىيىن يەنە بېيداغا دوكتۇرلىق ئىمتانى بىرىپ ئۆتۈپ ھازىر شۇ يەردە دوكتۇرلۇق ئۇقۇۋاتىدۇ، كەسپى ئىجتمائى پەننىڭ بىرى.

45. ئابدۇرىشىت. دوكتۇر ئاشتى، دوكتۇر يىتەكچىسى، ش ج ئۇ ماتىماتىكا ۋە سىستىما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. ئۇزى ياپۇندا دوكتۇر ئاشتىلىققىچە ئۇقۇغان.ئاڭلىشىمىزچە، ئۇ ياپۇندا ئۇقۇۋاتقان مەزگىلىدە ياپۇندىكى چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلار ئىچىدە خېلى داڭقى باركەندۇق. ياپۇن ھۇكۇمىتىنىڭ چەتئەللىكلەرگە شۇنداق تەس، يۇقىرى ئۆلچەملەر بىلەن بىرىدىغان ئۇقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئۇقۇپتىكەندۇق. دوكتۇر ئۇقۋاتقان ۋاقىتتا شۇ ۋاقىتتىكى ھىساپلاش ماتىماتىكىسدا ياپۇن ئالىملىرىنىڭ بېشىنى بەك قاتۇرۋەتكەن بىر ئايرۇپىلانغا چىتىلىدىغان قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ ئۇ خەقنى "ئابدۇرېشىت دىگەن كىمكەن ، قايسى مىللەتكەن" دىگۇزۇۋېتىپتىكەن. ئۇ بىر ئىشلارغا ناھايتىمۇ ئەستايىدىل، كىچىك ئىشلارغىمۇ بەك دىققەت قىلىدۇ، ناھايتى تەلەپچان. ماتىماتىكا فاكۇلتىدىكى بالىلار ئابدۇرېشىت مالىم دەرىس بىرىدىكەن دىسە تىترەپ، كۆرىدىغىنىمىز باركەن دىيىشىدۇ.

46. تاشپۇلات. ھازىر ش ج ئۇ نىڭ پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇزى ياپۇندا دوكتۇرلۇقنى ئالغان. ئۇمۇ ئابدۇرېشىت مالىمغا ئۇخشاشلا ياپۇندا چوڭ تەسىر بىلەن ئۇقۇپتىكەن. قايتىپ كىلىپلا ش ج ئۇ دىمۇ چوڭ تەسىرلەرنى قوزغىۋەتتى. تېخى 90-يىللاردا ش ج ئۇ مىليۇن يۇۋەندىن ئاشقان دۇلەتلىك تەتقىقات تىمىسنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغان ۋاقىتلاردا ئۇ بىلدۇرۇپ قويدى. ھازىرمۇ قولىدىكى تەتقىقات سېلىنمىسى مانچە مىليۇندىن كەم ئەمەس. تاشپۇلاتنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ش ج ئۇ مۇھىت ۋە مۇھىت ئىنجىنىرلىقى ئىنسىتىتۇدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەڭ باي ۋە ئەڭ نەتىجىلىك تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھىساپلىنىدۇ. ئىچىدىكى 4-5 مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئۇمۇمى تەتقىقات سېلىنمىسى 30 مىليۇندىن ئاشىدۇ. ھازىر ش ج ئۇ دىكى بۇرۇنقى سى خاۋ يۇئەن دىگەن سېرىق بىنالارنى چېقىپ قۇرلۇش قىلىۋاتىدۇ، ئاڭلىشىمچە بۇ ئۇرۇنغا تاشپۇلاتلارنىڭ ئاشۇ گۇرۇپىئىسى ئۈچۇن دۇلەتلىك نوقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرماقچىمىش.

47. ماخمۇت. ش ج ئۇ ھاياتلىق پەنلىرى ئىنستوتىنىڭ پىروفىسسورى، ش ج ئۇ بىئولوگىيە تەتقىقات ئۇرنىنىڭ باشلىغى. يورتى قۇمۇلدىن. 96-يىلدىن تارتىپ تاكى 2003-يىلغىچە ياپۇندا دوكتۇر ئاشتىلىقنى تۇگەتكىچە ئۇقۇپ شۇ يىلى 4-ئايلاردا يېنىپ كەلگەن. كىلىپلا ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ئىككى دۇلەتلىك تەبئى پەنلەر فوندى جەميىتىنىڭ تەتقىقات تۈرىنى تۈگەتكەن. ھازىر قولىدا بەشتەك خەلقارالىق تەتقىقات تۈرى باركەن.

48. يۇلتۇز ئابدۇللا. بۇنى مىنىڭچە ئارىمىزدا ھىچكىم بىۋاستە تۇنۇمايمىز. لېكىن تورلارنى ئاختۇرۋېتىپ يۇرۇپ ئۇ توغرىلىق ئۇقۇپ قالغانلارمۇ ئاز بۇلمىسا كىرەك. بۇ 40يىلللىرى گومىنداڭ ھۈكۇمىتىدە ئىشلىگەن ئابدۇللا دەپ بىر ئادەم نىڭ قىزىكەن.كىيىن گومىنداڭ تەيۋەنگە قاچقاندىن كىيىن ئۇ ئادەممۇ تەيۋەنگە كىتىپتىكەن. يولتۇز تەيۋەندە تۇغۇلۇپتۇ. تەيۋەندە قانۇن چىقىرىش كومىتىنىڭ ئەزاسى بوپ ئىشلەپتىكەن. يۇلتۇز شۇ يەردە چوڭ بوپتۇ. شۇ يەردىكى مەكتەپتە ئۇقۇپتۇ. كىچكىدە باشقا كىچىك بالىلار ئۇقمىغاچقا ئۇنى سىنىڭ چىرايىڭ ۋە ئىسمىڭ نىمشقا بىزگە ئۇخشىمايدۇ دەپ زاڭلىق قىلىسا ئۇمۇ يىغلايدىكەندۇق. كىيىن چوڭ بۇلغاندىن كىيىن ئۈزىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادى ئىكەنلىگىنى ئۇقۇپتۇ. دادىسى بىلەن شىنجاڭغىمۇ كىلىپ كۈرۈپتۇ. كىيىن ئۇزىنىڭ ئۇيغۇر بۇلغانلىغىدىن پەخىرلنىپتۇ.ھازىر مالايسىيەدە ئۇلتۇراقلىشىپ قاپتۇ. بۇ توغرىلىق قىززىقىدىغان تورداشلار تورنى ئاختۇرۇپ كۈرۇپ باقساڭلار بۇلۇپتۇ. تۇۋەندە ھىلىقى شىۋېتساريىدىكى ئابدۈشۈكۇرنى تۇنۇشتۇرغان توردىشىمىزنىڭ يۇلتۇز توغرىلىق بايانىنى كۇرگەيسىزلەر. ئۇ توردىشىمىز ئاۋال مالايسىيە بىر مەزگىل تۇررۇپ تىل ئۇگەنگەندىن كىيىن شىۋىتسارىيەگە بىرىپتىكەن. " مالايسىيادا مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان شەخىس دوكتۇر يۇلتۇز خانىم بۇلدى. ئۇ تەيۋەندە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ئۈسۈپ چوڭ بۇلغان ، ئىلىم پەن بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بۇلغان، شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى نامى چىققان شائىر، ئىجتىمائى پەنلەر دوكتۇرى ، ئالىم يۇلتۇز خانىم ئۇزىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىكەنلىگىنى باشتىن ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. مەن ئۇقۇۋاتقان مەزگىلدە يۇلتۇز خانىم مالايسىيا مائارىپ تارماقلىرنىڭ ھاۋالىسى بۇيىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىر-تۇتاش قوللىنىلىدىغان تىل_ئەدىبىيات دەرىسلىك كىتاۋىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىش خىزمىتى بىلەن جىددى شۇغۇللىنىۋاتقان بۇلۇپ ، 1-يىللىقتىن 5-يىللىققىچە بۇلغان سىنىپلارنىڭ ئۇقۇتۇش كىتاۋىنى يېزىشنى تاماملاپ ، 6-چىلىقنىڭ دەرىسلىك كىتاۋىنى باش چۇكۇرۇپ يېزىۋاتقان ئىكەن. ئۇ گەرچە شۇنچە ئالدىراش بۇلسىمۇ ، ۋەتەندىن بىر ئۇيغۇر قېرىنداشنىڭ ئۇقۇشقا كەلگىنىنى ئاڭلاپ، ماشىنىسى بىلەن مىنى ئالاھىدە تەكىلپ قىلىپ كەلگەن ھەم ھەشەمەتلىك داچىسىدا مىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى پولو بىلەن مىھمان قىلغان ئىدى. شۇندىن كىيىن مىنى يۇلتۇز خانىم پات پات يوقلاپ تۇردى ھەم ھەرجەھەتلەردىن ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. مەنمۇ ئۇنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ تاغدىن باغدىن پاراڭ سۇقۇپ كىلەتتىم. ئۇنى دائىم مالايسيادىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق مەتبۇئات، تېلىۋىزىيە ئۇرۇنلىرى تەكلىپ قىلاتتى. مەدىنيەت، ئەدىبىيات، شىئىر توغرىلىق ئۇ مالايسىيادا كۈچلۇق نۇپۇزغا ئىدى. " ئۇ دائىم ماڭا، بىز ئۇيغۇرلار دىن چىققان داڭلىق شەخىسلەر كۆپ ئەمەس، لېكىن بۇ قانداقتۇر بىزنىڭ قالاق مىللەتتىن ئىكەنلىگىمىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ. تۇرلۇك روھى ۋە ماددى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ئازىر دىگەندەك بۇلماۋاتىدۇ. مەن شۇنچە يىللاردىن بىرى مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ئۇمىت بىلەن قاراپ كىلىۋاتىمەن. ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇرلار يىقىن كەلگۇسىدە ھەر جەھەتلەردىن گۈللىنىپ دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا ئۈتىدۇ" .

49. خالمۇرات غۇپۇر. ئۇيغۇرلاردىن ئۇنى تۇنۇمايدىغانلار ئاز بۇلسا كىرەك، تۇنۇمىسڭىز چوقۇم تۇنۇڭ، بولمىسا ئارماندا قالىسىز. ئۇ 96-يىلىمۇ بىر يىلى جۇڭگۇدىكى 10 مەشھۇر ياشنىڭ بىرى بۇلغان. ئۇيغۇر ئىلىم -پەن تەتقىقاتچىلىرىدىن تۇنجى بۇلۇپ بىلىمنى كاپىتالغا ئايلاندۇرۇشتا يول ئاچتى. ئۈرۈمچىنىڭ ئېچىۋېتىش رايونىغا بېرىپ قارىسڭىز مانچە مو بۇلغان شۇنىڭ نامىدىكى دورا زاۋۇتىنى كۈرىسىز. بۇلۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇر مىللى تىبابەتچىلىكىنى تەتقىق قىلىش،دۇنياغا تۇنۇتۇش، ئۇنى غەرىپ تىبابىتى بىلەن بىرلەشتۇرۇش، ئۇنى كۈلەملەشتۇرۇش، سانائەتكە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. ئۇنىڭ تەتقىقات پۇللىرىنى ۋە ئۇ نامىدىكى كارخانىنى پات ئارىدا خەنزۇچىدىكى" بەي ۋەن" بىرلىكى ئەمەس بەلكى "يى" بىرلىكى بىلەن ئۇلچەيدىغان زامانلار كىلىدۇ.

50. رەنا قاسىم. تىببى ئىنستۇتنىڭ پىروفىسسرى، دوكتۇر. ئۇنىڭ نامىنى كۇپ ئاڭلىغانمەن. ئۈزى توغرىلىق جىق بىلمەيمەن. لېكىن سىز خەنزۇچە بەيدۇ ئىزدەش توربىتىدە " رې نا " دەپ بىر ئىسىم كىرگۇزۇپ ئىزدىسىڭز ، چىقىرىپ بىرىدىغان ئۇلانمىلار ئاساسەن ماۋۇ ئىككى شەخسكە مۇناسىۋەتلىك. بىرسى جۇڭگۇدىكى داڭلىق مودىل رەنا. يەنە بىرى رەنا قاسىم. شۇنىڭدىنلار رەنا قاسىمىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرنىڭ ئادەتتىكىدەك ئەمەسلىگىنى كۇرۇۋالغىلى بۇلىدۇ. خالمۇرات غۇپۇر ۋە رەنا قاسىم توغرىلىق ھەللو ۋورلد دوستىمىز تەپسىلى مەلۇمات بىرىش ۋەزىپىسنى شەرەپ بىلەن ئۈستىگە ئالماقچى.

خۇلاسە كالام، شۇنداق قىلىپ مەن بەلكىم خاتا دەپ قۇيۇش ئىھتىمالى بۇلغان 2-3 دوكتور بىلەن تورداشلار قېتىپ قويغان دوكتۇرلارنىڭ سانىنى يىيىشتۇرۋەتسەم مەن توپ توغرا 50 دوكتۇر تۇغرىلىق ئۇچۇر بەردىم. يەنە بىرەي دىسەم ، قىزىپ چىقسام يەنە 50 ئۇيغۇر دوكتۇرنىڭ ئۇچۇرىنى بىرەلشىم مۇمكىن. ئادەم بىكار قالغاندا كاللىسدا يۇرگەن نەرسىلەر يازاي دىسە ئۇيلاپ بۇلغىلى بۇلمايدىكەن. مەن ئۇچۇر بەرگەن دوكتۇرلار ئاساسەن مەن بىر قەدەر تۇنۇيدىغان ئاغىنە دوس بۇرادەرلىرىم، ش ج ئۇ دىكى خىزمەتداشلىرىم، ۋە ياكى دوسلىرىمدىم ئاڭلىۋالغانلىرىم. ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى دىگەن كىتاپتا يېزىلغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بۇ تىزىملىككە كىرگۇزۇلمىدى. يەنە بىر قىسمى ئامرىكىدا دوكتۇرلۇك ئالغانلار. ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى مەركەزلىك توپلاشقان ياپۇنىيەگە تېخى تىل تەككۇزمىدىم. ياۋروپاغا قول تىقمىدىم، . ئاۋستىرالىيەنى ئۇنتۇپ قالدىم. تۈركىيەگە دىن خەۋەر ئالامىدىم. روسىيە تېخى ئېچىلمىغان يىڭى قۇرۇقلۇق. ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار توغرىلىق بىر نىمە بىلمەيمىز. كۇلەملەشمىگەن بۇلسىمۇ باشقا دۇلەتلەردە ئىككى-ئۇچتىن بۇلسىمۇ دوكتۇرلۇق ئېلىۋاتقانلارنى تېخى تۇنۇمايمەن. جۇڭگۇنىڭ ئۇزىدىن دوكتۇرلۇق ئالغان ۋە ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلارمۇ كۆپ، بۇلارنىمۇ تېخى تۇنۇمايمەن. ئەڭ ئاددىسى ش ج ئۇ نىڭ ئۇزىدىمۇ باشقا فاكۇلتىت، ئىنستۇتلاردىكى دوكتۇرلارنى تۇنۇپ كەتمەيمەن. ش ج ئۇ شىمالى رايۇن (بۇرۇنكى گوڭشۆيۈئەن) دىن جىق بىلمەيمەن. ئەركىن سىدىقنىڭ تور بېتىدا ئامرىكىدىكى 35دوكتۇرنىڭ تىزىملىگىنى بىرىپتۇ، مەن 6 دوكتۇرنى تىلغا ئاپتىمەن. شىۋىتساريىدىكى ئابدۈشۇكۇر توغرىلىق توردىشىمىزنىڭ بەرگەن بايانىدا ئابدۇشۇكۇر قورقماي " بىر ئۇلتۇرۇشۇمدا بارمىقىئىم بىلەن 200 ئۇيغۇر دوكتۇرنى ساناپ بىرىمەن"دەپتۇ. ئابدۈشۈكۈرنىڭ قورسىقىدا بىرەر سان بۇلمىسا بۇنداق دىيەلمەيدۇ. 2 يىللار بۇرۇن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇمدەك ئۇيغۇر تۇنۇشلىرى بار بىر يىقىنىم بۇلىدىغان. ئۇ ماڭا مۇنداق دىدى. ئۇنىڭ بىر ياپۇنىيەدە ماتىماتىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇقۇۋاتقان تۇنۇشى بۇلۇپ ئۇ تۇنۇشى دۇنيادا ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى قانچىلىق باردۇر دەپ بىر نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، بىر نەچچە ھەقەمسايىلىرىنى سەپەرۋر قىلىپ ئىنتىرنىت، ئاشكارا ئىلان قىلىنغان مەتبۇئات، بىر نەچچە ئىلىمى ماقالىلەر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئۇزىنىڭ ئاڭلىغانلىرى، تۇنۇشىنىڭ ئاڭلىغانلىرى، يەنە تۇنۇشىنىڭ تۇنۇشى ئاڭىلغانلىرى، شىنجادىكى ھەر قايسى ئۇنۋېرسىسىتىتلاردا ئىشلەۋەتقان دوكتۇرلار دىگەندەك بارلىم مەنبەلارنى توپلاپ ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىنى خالىس سىتاتسكا قىئىلىپ بېقىپتۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىقارغان خۇلاسىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى ئەڭ كەم دىگەندىمۇ 500دىن ئاشىدۇ!!! بىز مۇشۇ گەپنى راس دەپ پەرەز قىلايلى. ئۇنىڭ سانىغانلىرى ئىچىدە ئابدۇشۇكۇر ساناپ بەرمەكچى بۇلغان 200 دوكتۇرمۇ بار دىسەك ( چۇنكى پەرىزىمچە بىزگە مەلۇمات بەرگەن تۇردىشىمىزنىڭ ئابدۇشۇكۇر بىلەن بۇلغان سۇھبىتى 2001-يىللاردا ئېلىپ بىرىلغان. چۇنكى ئۇ ئابدۇشۇكۇر بىلەن ماكانىم چايخانىسىدا تۇنۇشتىم دەپتۇ) ، يەنە ئۇمۇ خاتا ساناپ قالغاندۇ دەپ، خاتا ساناپ قالغان قىسمى بىلەن 2 يىلدىن بۇيان دوكتۇر بۇلغانلارنى يېيېشتۇرۋەتسەك، ھىچ بۇلمىغاندا ھازىر بۇلسىمۇ دۇنيادىكى ئۇيغۇر دۇكتۇرلىرىنىڭ سانى 500 دىن ئاشىدۇ (شۇنداقتىمۇ تۇلۇقسىز مەلۇمات دەپ ئېلىڭ) . مانا بۇ مىنىڭ مانچە كىچە ئۇخلىماي ھېجىلاپ ئۇلتۇرۇپ بۇ تىمىنى يېزىپ تورداشلارغا دىمەكچى بۇلغان بىرىنچى گىپىم. ئۇزى دوكتۇر بۇلمىسىمۇ، لېكىن دوكتۇرلاردىن قېلىشماي، ھەتتا بەزىلىرىدىن ئاشۇرۇپ جۇڭگۇنىڭ ، شىنجاڭنىڭ پەن-تىخنىكا، تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئۇچمەس تۇھپىلەرنى قۇشۇپ كىلىۋاتقان ئالىم ، مۇتەخەسسىس، ئىنجىنىرلىرىمزمۇ كۆپ. ئاددىسى مىسال ئالساق ھۇشۇر ئىسلام. بۇنى تۇنۇشتۇرۇش كەتمەيدۇ. ئازات سۇلتان، ئۇزى دوكتۇر تەربىيلەيدۇ، ئابدۇللا ئابباس، دوكتۇر تەربىيلەيدۇ ( بۇلار نەچچە دوكتۇرغا تەڭ كىلەر؟) ، قايسى كۇنى جەۋلان گىپىنى قىلغان قارىمايدىكى ئۇيغۇر ئىنجىنىئىرلار.....مەن تۇنۇمايدىغان ، ئاڭلىمىغان نۇرغۇنلار. بۇلارنى كىم ساناپ بۇلاركىن. مەن بىزنىڭ مەتبۇئات، تېلىۋىييزىيە خادىملىرىمىزدىن شۇنداق رازى ئەمەس. نىمە قىلىدىكى ئۇقۇپ بۇلغىلى بۇلمايدۇ. خجتۋ نى شىنجاڭدىكى ئەڭ يارىماس ، چىرىك ئۇرگانلارنىڭ بىرى دەپ قاخشاپ كىتىشىمدىمۇ مۇشۇنداق بەزى سەۋەپلەر بار. ئىشەنمىسىڭىز شۇلاردائاشۇلارنىڭ كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى پۇتتۇرگەنلەردىن قانچىلىق باردۇر دەپ ئىزدىنپ بىقىڭ. ئۇسۇل، ناخشا، تېخى تەنتەربىيە دىگەندەك كەسىپلەرنى پۇتتۇرگەنلەر مانچىلىق نىسبەتنى ئىگەللمىمسە مانا مەن. ئۇلار ئېچىپ قىزىپ بۇلالمىغان سەنئەت، ناخشا، شائىر لارغا مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلەر ئاز قالدى. بۇنڭغىغىئۇ مەن قارشىمۇ ئەمەس. لېئىن شۇنىڭغا سىڭدۇرگەن، كۇچ، مەبلەغ، زىھنىغا تەڭ بۇلغان نەرسىنى يۇرتىمىزنىئىڭ پەن تېخنىكا ، ئىقتىساد ، مائارپىغىمۇ سىڭدۇرشى كىرەك ئىدى. پەن تېخنىكغا ئائىت نەرسىمىزدىن ئاران "پەن -تېخنىكا "دۇنياسى دەپ بىر سەھىپىسى بار. ئۇنى تېخى مانچە تىمىغا بۇلۇۋەتكەن. كىچكىمىزدا چىغىمىزدا دۇنيادىكى ئالىملار توغرىلىق تولا بىر نىمە بىرەتتى. "مىم"دەپ بىر نىمە بۇلىدىغان ، شۇنداق ئامراقتىم، دۇنيا ئىئېلىم پەن تارىخى، ئالىملار توغرىلىق كارتۇن فىلىم ئىدى، شۇ بىرنىمە مىنىڭ قەلبىمگە ئىلىم پەنگە قىززقىئىش ئۇرۇغىنى چاچقان. كىتاپخانىغا كىرسەم ئالىملار توغرىلىق، كەشپىيات توغرىلىق، ئېلىم پەن توغرىلىق نۇرغۇنلىغان كىتاپ بار ئىدى. مانچە ئاي پۇل يىغىپ ئاشۇ كىتاپلارنى سېتىۋىلىپ ئۇقۇيتتى. مانا ئەمدى، بازارغا يۇزلەندۇق دەپلا بۇنداق كىتاپلارنى چىقىرىش ئاساسەن يوقىدى. كىتاپخانىغا كىرسىڭىز مەن ئىزدىگەندەك كىتاپلارىنى بىرنىمى تاپالمايسىز. مەنغۇ شىئىر ، ھىكايە دىگەنلەرنى ئاساسەن ئۇقۇمايمەن، لېكىن ئاشۇنداق كىتاپلارمۇ ئۇنچا سېتىلماسمىش ھازىر. بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بازىرى يوق دەپ ئۇلتۇرماي مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار مەبلەغ سېلىپ مەخسۇس يىتەكلىشى كىرەك ئىدى. چۇنكى سىز شۇنداق نەرسىلەرنى دىمىسڭىز باللىرىمىز ئۇقمايدۇ. كېچىكىدىن، دىيەنشىدە كۇندە ناخشا ئۇسۇل كۇرۇپ چوڭ بۇلغان بالنىڭ چوڭ بۇلغاندا ناخشىچى بۇلغۇسى كىلدۇ. ھىكايە ، رومان ئۇقۇپ چوڭ بۇلغان بالنىڭ شائىر، يازغۇچى بۇلغۇس كىلىدۇ. ئەگەر ئاشۇ بالا پەن تېخنكا، ئىلىم پەن توغرىلىق كىتاپلارنى كۇرۇپ، ئاشۇندا نەرسىلەرنىڭ تيېلىۋىئېزوردا ماختىلىۋاتقانلىغى توغرىلىق نىمىلەرنى كۈرۈپ چوڭ بۇلسا ئەلۋەتتە ئالىم، مۇتەخەسسىس، ئىقتىسادشۇناس بۇلغۇسى كىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر يىتەكچىلىك روھىنى جەميىتىمىز، مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار ئۇستىگە ئېلىشى كىرەك ئىدى. ناخشىچى مىللەتنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىنى كىم كۈرۈپتۇ دەيمىزيۇ ، جەميىتىمىزدە ئاشۇنداق بىر ساغلام بۇلغان مۇھىت بەرپا قىلىش ئۇچۇن تىرىشمايمىز. ناخشىچى ، ئۇسۇلچى دىگەنمۇ ئازراق بۇلسا، سازراق بۇلسا، بىزمۇ ئاتالمىش چولپانلىرىمىزنى كوچىدا كۇرۇپ قالساق "ۋاي، ئاۋۇ پالانچىكەنغۇ" دەپ بېرىپ يۇگۇرۇپ ئىمزا قويدۇرۋالساق، شۇ چولپانلىرمىز بىلەن بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ قالغىنىميزغا پەخىرلىنىپ يۇرسەك ، چولپانمۇ مىنىڭ مۇشۇنداق چۇقۇنغۇچىلىرىم بار دەپ غادىيىپ يۇرسە نىمىسى زىيان. بىزنىڭ خەلىقنىئىڭ ئىديسىنى ، كۇز قارىشىنى يىتەكلەپ ماڭىدىغان مەتبۇئات، تېلىۋىزىيە ئۇئۇنلىرىمىز مۇشۇنداق كىتىۋەرسە، بىزدىن ناخشىچى تېخىمۇ جىق چىقىدۇ. ئۇسۇلچى تېخمى جىق چىقىدۇ. رايۇنىمىزدىكى سەنئەت ئۇمەكلىرى ئاللقاچان تۇشۇپ بۇلغان. ئۇنداقتا ئاشۇ ئەڭ چىرايلىق قىزلىرىمىز ئىچكىرگە بىئېرىپ يالىڭاچ ئۇسۇل ئۇيناپ جېنىنى باقماي نىمە قىلىدۇ. ئەتىدىن كىچكىچە ئۇلارنى تىللىئىدۇق، شۇ ئىشنىڭ سەۋەبى توغرىلىق ئۇيلىنپ باقتىقمۇ يوقمۇ. بۇ ئىشتا ساغلام بۇلمىغان بىر جەميەتنى بەرپا قىپ بۇلالمىغان سىز بىزنىڭ ، ھەممەيلەننىڭ مەسئۇليتىمىز بارمۇ يوقمۇ.

ئىتالىيەدىكى ئابدۇسالام نەزىريۋېئى فىزىكىسى تەتقىقات ئۇرنى. بۇ تەتقىقات ئۇرنى(

ئاخرقى سۆز

مىنىڭ بۇ دوكتۇرلار توغرىلىق يازمىنى يېزىپ يۈرۇشتىكى مەقسىتىم قانداقتۇر ئۇزەمنىڭ ئۇلاربىلەن تۇنۇشلۇغۇنى پەش قىلىشمۇ ئەمەس. بۇ مەۋھۇم دۇنيادا قانداقتۇر "يۇز"، "ئابرۇي" تاپماقچىمۇ ئەمەس. بۇنداق ئابرۇي لازىم بۇلغانلاردىن ئايلانسۇن.مىنىڭ مەقسىتىم پەقەت بىرلا، يەنى بىر قېسىم مىللىتىمىز توغرلىق، يا ئۇزى توغرىلىق ئۇمىتسىزلىنىپ قالغانلارغا "ئۈمىتسىزلەنمەڭ،سىزدىن ناچارشارائىتتىكى ئاشۇلارمۇ شۇنداق قىلالىدى ، بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىت ، سىزمۇ قىلالايسىز، ھەممەيلەن تەڭ تىرىشايلى، مىللەتنىڭ كەلگۇسى غۇۋا ئەمەس" دىمەكچىمەن. سىز ئۇلارنىڭ شارائىتىنى ئۇزىئىڭزنىڭ ھازىرقى شارائىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. سىزنىڭ ئۇلاردىن نەرىڭىز كەم. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى چوڭ شەھەرلەردىن ئەمەس، يىراق يېزىدىكى توپىلاڭ سەھرادىن. مەن ھەر قېتىم خوتەنگە قايتقىنىمدا تەكلاماكان تاشيولىدىن چىقىپ خوتەن ۋىلايىتى ئىچىگە كىرگەندىن چىرا ناھىيسىدىن ئۆتىمىز. "ھە، ماۋۇ چىرا"ئىكەن دەپ بۇلغۇچە قۇيۇنداق ئۇ يەردىن چىقىپ كىتىپ قالىمىز، بەلكىم، يېزىلىئىرىنى قاتسا چوڭدۇ. ئىشقىلىپ بىز ئاپتۇۋۇزدا مانچە مىنۇتتا ئۇتۇپ كىتىمىز. ساھىپجامال دوكتۇر ئەنە شۇنداق يەردە چوڭ بۇلغان. بۇرۇنقى رەئىسىمىز ئىسمايىل ئەمەتمۇ ئەنە شۇ يەردە چوڭ بۇلغان. ئۇدوكتۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى چەتئەللەردە ئۇقۇپتۇ، مەنمۇ ھەم شۇنداق ھازىر ئۇقۇۋاتىمەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ھىچقايسىنىڭ ئۇيىدىكىلەرنىڭ مىليۇنىر، يا چوڭ باشلىق ئىكەنلىگىنى بىلمەيمەن. مىنىڭ ئاناممۇ خوتەننىڭ بىر نامرات يېزا ئۇتتۇرا مەكتىۋىدە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.. داداممۇ شۇنداق ئۇقۇتقۇچى. ئۆيىمىز باشقىلارغا ھاجىتىمىز چۈشمىسىمۇ، لېكىن تېخى مىنىڭ 6ئايلىق خىراجىتىمگە كىتىدىغان پۇلنى چىقىرالىشى ناتايىن. شۇ زور كۇپچىلىك دوكتۇرلارنىڭ چەتئەلدە ئۇقۇشى ئۇچۇن كىتىدىغان بىر يىللىق خىراجىتىنى شۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ بىز ئۆمۇر ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى جەملىسىمۇ يەتمەسلىگى مۇمكىن. شۇڭا سىز بۇ جەھەتتىن ئۆزىڭىزگە سەۋەپ ئىزدەيمەن دەپ ئاۋارە بۇلماڭ. بەلكىم 80-يىللارنىڭ بېشىدا چەتكە چىققان بىر قىسىملىرى دۇلەت خىراجىتى بىلەن دەسلەپ چەتكە چىققان بۇلسىمۇ، قالغىنى شۇ ئۇزى تۇرۋاتقان دۇلەتنىڭ، ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ تۇگەتكەن. قالغان زور كۇپچىلىك دوكتۇرلار ئۇزىنىڭ تىرىشچانلىغى ئارقىلىق چەت دۆلەتنىڭ بىۋاستە ئىتراپ قىلىشىغا ، مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ ئۇقىغان. تېخى ئۇلارنىڭ زور كۇپچىلىگى شىنجاڭدا ئۇقۇغان. ئانا تىلدا مائارىپ تەربىيسى ئالغانلار. 80-يىللاردا ئۇيغۇرنىڭ خەنزۇچە سەۋىيسى قانداق ئىدى بۇنى ئۇبدان چۇشىنىج، ئىنگىلىس تىلى، ياپۇن تىلىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىم ئەمەس. بۇلارنى ھازىرقى بىزنىڭ شارائىتىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقىلى. 95-يىلدىكى ش ج ئۇ بىلەن 2005-يىلدىكى ش ج ئۇ ئاسمان زىمىن پەرق قىلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ش ج ئۇ دا ئاران 8000دەك ئۇقۇغۇچى بار ئىدى، ھازىر 40،000 دەك ئۇقۇغۇچى بار. ئۇ چاغدا دوكتۇر دىگەن گەپ بىزگە يېڭى تۇيۇلاتتى، ھازىر ھەر قانداق فاكۇلتىتقا قارىسڭىز بىر مۇنچە دوكتۇر بار. يەنە 5-6 يىلغا قالماي بارلىق 40 ياشتىن تۇۋەن ئۇقۇتقۇچىلار دوكتۇر بۇلماي تۇرۇپ مۇنبەرگە چىقىمەن دەپ خام خىيال ئەيلىمىسۇن. ئۇ ۋاقىتلاردا تيخى قانداق بۇلار. ئەركىن سىدىق مەدىنيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلىشىپلا ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتقا كىرىپتىكەن، شۇ ۋاقىتتكى ش ج ئۇ نى سىز تەسەۋۇر قىلىب بېقىڭ. شۇلارنى ئۇزىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقايلى. سىز ھازىر داشۇگە كىرىپ ئۇقۇتقۇچىمىز ئۇندا بۇندا دەپ قاخشايسىز، شۇلارنىڭ زامانىئىسىدكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھازىرقىدىن ياخشى ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيمەن. شۇلارنىڭ زامانىسىدىكى كۇتۇپخانىنىڭ ھازىرقىدىن ياخشى ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيمەن. ئاشۇلارنىڭ كىتاپ، ماتىريياللىرىنىڭ ھازىرقىدىن كۆپ ۋە ياخشى ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيمەن. بىزدە ھازىر نىمە دىسەك ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ. سىز ھازىر ئىچكىرگە بېرىپلا ۋاي ئانام، ۋاي دادام ، پولو سېغىندىم، لەغمەن سېغىندىم دەپ يىغلايسىز، يالغۇزچىلىق تارتتىم دەپ يىغلايسىز، سىزچە ئاشۇلارنىڭ ئاتا ئانىسى ئىچكىرگە بىللە بېرىپ . كۇندا پۇلۇ ، لەغمەن ئىتىپ بىرىپ، كۇندە ئاتا -ئانا، ئۇرۇق تۇققان مۇھەببىتىنى ئۇزىگە ھىس قىلغۇزۇپ شۇ يەردە ئۆي تۇتۇپ ئۇلتۇرغانمىدۇ. ئاشۇ زامانلاردىكى سىز تۇرۋاتقان يەردىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ ئاشخانىلىرى ھازىرقىدىن كۆپمىدۇ.ئاشۇ چاغلاردىكى سىز تۇرۋاتقان يەردىكى ئۇيغۇرلار ھازىرقىدىن كۇپمىدۇ. ئەجبا ئۇلار شۇلارنىڭ ھىچقايسىنى ئۇزىگە سەۋەپ قىلماي تىرىشىپ ئۇقۇپتۇ. سىزنىڭ تىرىشمايدىغانغا، قاخشايدىغانغا نىمە سەۋەبىڭىز بار.

ھەپتىلەر بۇرۇن ، خارۋارد ئۇنۋېئىرسىتىتىدكى بىر ئۇيغۇر يىگىتى توغرىلىق بەرگەن يازمىدا بەزى دۇستلار ، "ئۇ ئاشۇنداق پۇرسەتكە ئىرىشىپتۇ، ھەر قانداق ئۇيغۇر ئاشۇنداق پۇرسەتكە ئىرىشسە ئۇمۇ شۇنداق قىلالايدۇ "دەپ ئىنكاس بەردى. توغرا، ئۇ ئاشۇنداق پۇرسەتكە ئىرىشتى، ئاشۇنداق پۇرسەتكەن يەنە باشقا ئۇيغۇرلارمۇ ئىرىشسە ئۇنىڭمۇ شۇنداق قىلالايدىغانلىغىغا مەنمۇ ئىشىنىمەن. چاتىغى، ئاشۇنداق پۇرسەتنىڭ شۇنداق دەيدىغانلارغا مەڭگۇ نىسىپ بۇلمايدىغانلىغىغىمۇ ئىشىنىمەن. پۇرسەت دىسە، لاتارىيە بىلىتىنىدىن 5 مىليۇن چىقىپ قالغاننىلا پۇرسەت دەپ چۈشىنىۋالماڭ. پۇرسەت دىگەننى يۇلۇپ ئالىدىغان گەپ. پۇرسېئەت كەلسە ئۇنى قىلىمەن ، بۇنى قىلىمەن دىيىش قۇرۇڭ گەپ. ئاشۇلار ئاشۇنداق پۇرسەتلەرگە ئىرىشىئىش ئۇچۇن ، قانچە كىچە-كۇندۇزلەرنى ، زىھنىنى، قۇۋىتىنى سەرىپ قىلغانلىغىنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ. چەتئەل ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ تولۇق ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىشنى دىمەيلا قويايلى. جوڭگۇدە يىلدا بىر ئالىدىغان ئاسپىرانتلىقتىن ئۈتۇش ئىماھانى ئۇچۇن ئىچكىردىكى خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئۈگىنىدىغىنى ئىچكىردە ئۇقۇۋاتقانلار كۆرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدىمۇ ئۇخشاش. بىرسى بۇ يىل ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىدىن ئۆتتۇم دىسە، سىز ئۇنىڭ شۇ نەتىجىسىدىنلا ئۇنىڭ قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىگىنى ئۇيلاپ يىتەلىشڭىز كىرەك. بىرسىنى چىڭخۇئاغا ، بېيداغا ئۇتۇپتۇ دىسە، ئۇلارنىڭ چۇقۇم شىنجاڭ بۇيىۋە مانچىنچى بۇلغۇدەك نۇمۇر ئاپتۇ دەپ ئۇيلاپ ، ئۇ ئاشۇ نۇمۇرلارنى ئېلىش ئۈچۈن قانچىلىق جاپا سىڭدۇرگەنلىگىنى بىلىشىڭىئىز كىرەك. ئۇ نۇمۇرلار ، نەتىجىلەر ئاسماندىن پوككىدە پۇرسەت دەپ چۇشۇپ قالمايدۇ. باشقىلارغا پۇرسەتكە ئىرىشپ شۇڭا مۇنداق بۇلالاپتۇ، ماڭا پۈرسەت يوق، شۇڭا قىلالمايمەن دەپ ئۇزىگە تەسەللى بىرىش، تەرەققياتتىن بارغانسىرى يىراقلىشىۋاتقانلىغىمىزنىڭ ئىپادىسى. ھۇكۇمەت خىراجىتى بىلەن چەتكە چىققانلارنىڭ يېشى، ئۇنۋانى شۇ شەرتكە چۇشۇپلا چەتكە چىقىپ قالغاندۇ، دەپ ئۇيلىماڭ. قانداق شەرتلەر بۇلسا ئاندىن دۇلەتنىڭ ئاشۇ بىر سانىغا ئىرىشەلەيدىغاننى ئۇيلاپ بېقىڭ. يەنە ، دۇلەت يىلدا قانچىلىك ئادەمنى چەتكە چىقارتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىنن ھازىرغىچە قانچىلىئىك دوكتۇر، مۇتەخەسسىس چىقتى، قانچىسى بىكار ئۇيناپ ، كىرىپ ئۇقۇغۇچىلرىغا ۋاي . ئۇ يەر دىگەن ئۇنداقكەن، بۇنداقكەن، بىز ئۇيغۇر دىگەن مۇنداقكەنمىز دەپ ئىككى سائەت ۋاقىتنى توشقۇزۇپ چقىۋاتقانلار قانچىلىق. دىمەكچى ، سىزدە ئاشۇنداق بىر ئىنتىلىش، داۋاملىق تىرىشىش روھى بۇلمىسا ، ئاشۇنداق پۇرسەتكە ئەڭ يىقىنلاشقان ۋاقىتتىمۇ سىز پۇرسەتنى تۇتالمايسىز.

دەيدىغانلىرىم يەنە كۆپ، پىكرىم چېچىلىپ كىتىۋاتىدۇ.

بىز بىر مىليارد 300مىليۇن نۇپۇس، بىر مىليارد 300مىليۇن ئېغىز كىچكككىنە بىر يەردە قىستىلىشپ ياشاۋاتىمىز. بۇرۇن ئۇنچە ئۇيلاپ يىتەلمەپتىكەنمەن، يىڭى زىمىنغا كىلىپ تېخىمۇ بۇنىڭ تىگىگە چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن. مەنغۇ بەك ۋاي دىگۇدەك ئۇقۇپ كىتەلمىدىم، لېكىن نۇرغۇنلىغان خەنزۇلار ھېچقانچە كۈچىمەيلا بۇ يەردىكى ئامرىكىلىقلارنى "ماي گود " دىگۇزىۋىتىدىكەن. جۇڭگۇدا ياشاش رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بۇلىدىكەن. بىزمۇ شۇندا رىقابەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. بۇنى بۇرۇن ھۈكۇمەتنىڭ مەجبۇرى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن ئۇنچە چۈشىنىپ يەتمىگەن ئىدۇق. مانا ئەمدى قايسىڭ يامان بۇلساڭ شۇ خىزمەت تاپ دەپ بازارغا قويۇپ بىرىۋىدى كۆرىدىغان كۈنىمىز تېخى ئالدىمىزدا. شىنجاڭدا ئۇقۇۋاتقانلار ئىچكىردە ئۇقۇغان بۇلسام ئۇنى قىلىتتىم، بۇنى قىلىتتىم دەيدۇ، ئىچكىردە ئۇقۇۋاتقانلار ۋاي بۇ يەردە دادام يوق، ئانام يوق، پولو يوق ، لەغمەن يۇق دەيدۇ. ئاۋۇ ئۇرۇمچىدىن ئىككى سائەتلىك يول ئاران كىلىدىغان تۇرپاندىن بىرسى ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا كىلىپ بىر ھەپتە بۇلا بۇلا بۇلمايلا ۋاي ئانام ۋاي دادام، كۇنەلمىدىمەي، تاماق يىيەلمىدىمەي دەپ تېلفۇن ئۇرۇپ يىغلايدۇ. شۇنداق دەپ سورىمىسا بۇلمايدۇ، نىمىڭزگە نىمە يەتمىدى !!!.. بىز ئۇيغۇر دىگەن ئانداق نوچى، مۇنداق نوچى، تېخى 10،000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىمىز بار دەپ ئاز قالىمىز ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى سامان يولىنىڭ تارىخىغا تۇتاشتۇرۋاتقىلى. لېكىن گەپ ئۇزمىزگە كەلگەندە مەسىلە دىگەن يەتكۇچە بار. بىزنىڭ ماسلىشىشچانلىغىمىز بەكلا ئاجىزمىكىن دىگۇم كىلىدۇ بەزىدە. شىنجاڭدىن ئايرىلغان ھەر قانداق ئۇيغۇر قايتىپ كىلىپ بىرىنچى دەيدىغان گىپى ۋاي تاماقتا ئۇنداق قىينالدىم، مانداق قىينالدىم دەپ. لېكىن ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچكىردە يەيدىغان تاماق تېپىلماي ئۆلەپ قاپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. ئۇيغۇر يوق يەرگە بارغاننى ئىنىق بىلىپ تۇرغاندىكىن يەنە نىمە قاخشاش. كۇندا ئۇيغۇرچە تاماق يىمىگەنگە ئۆلەپ قالمايدۇ ئادەم. ئۇيغۇرچە تاماق تېپىلمىسا خۇيزۇلارنىڭكىنى يەڭ. ماگزىنغا كىرىپ تەييار چۇپ ئېلىپ يەڭ. تاللا بازارغا كىرسىڭىز، يەنە ئىزدەپ كۆرسىڭىز بىز يىگىلى بۇلىدىغان نەرسە نۇرغۇن. يەنە بۇلالمىسڭىز ئۇزىڭىز ئىتىپ يەڭ. پولىڭز يەتمىسە ئىشلەپ پۇل تېپىپ يەڭ. ياكى ياخشى ئۇقۇپ ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىئىپ شۇنى خەجلەڭ. مەن ھازىر بىر ھىندىستانلىق بىلەن بىر ئۇيدە تۇرۇۋاتىمەن، شۇنىڭ بانىسدا ھىنىدىستان توغرىلىق جىق چۇشەنچىلەرگە ئىگە بوپ قالدىم. بۇ ئاغىنەنىڭ مىللىتنىڭ ئۆرىپ_ئادىتى بويىچە بۇلار ھېچقانداق گۇش ئەۋلادى يمەيدىكەن، تېخى توخۇممۇ يىمەيدىكەن. بۇرۇن شۇندا گەپلەرنى ئاڭلسام "توۋا، شۇندامۇ ئادەملار باركىنا" دەپ ھەيران قالاتتىم. لېكىن كۈندە كۈرۇپ تۇرغاچقا ئىشەنمەي ئامالىم يوق. بەزىدە مىنىڭ كالا گوشى توغرىغان پىچىقىم ئىسىمدە يوق، ئۇنىڭ سەي توغرايدىغان تاختىسىغا قۇيۇلۇپ قالدىمۇ، تاس قالىدۇ ئۈلۈپ بەرگىلى. ئەنە شۇمۇ ، ھېچقانداق گوش يىمەي، توخۇم يىمەي، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇزۇقلىق قىممىتى بار بىر نەرسە يىمەي شۇندا ئۇبدان ياشاۋاتىدۇ. كۇندىن كۇنگە سەمىرىپ كىتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ديىشىچە ھىندىستاندا شۇنڭغا ئۇخشاش ئادەملەردىن 300مىليۇندىن ئارتۇق ئادەم باركەن، شۇلار ئۇمۇر بۇيى ئاشۇ نەرسىلەرنى يىمەي . يەنە تېخى شۇندا ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرىدىكەن. بىزمۇ ئىچكىردە قوي گوشىنى ئاز يىگەنگە، پولو لەغمەن يىيەلمىگەنگە بىر نىمە بۇلۇپ قالماسمىز. خۇداغا شۈكرى،پارتىينىڭ مىللى سيياسىتى ئىچكىردە شۇنداق ئەمىلىلىشىدۇ. ئىچكىردە ھەر قانداق ئۇيغۇر ئەۋلادى بار مەكتەپنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى بار. مەن يوقىرىدا گىپنى قىلغان دوكتۇر ئەسقەر ھەمدۇللا 93-يىلى چىڭدۇدىكى ھىلىقى مەكتەپكە بارغاندا ئۇ مەكتەپتە تېخى مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى يوق ئىكەندۇق. ئۇلار جەمئى ئۈچ ئادەم بارغان بۇلۇپ ئۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى بۇلۇپ ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ بېقىشى ئىكەندۇق. ئۇلار دەرھال مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن، مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا جىددى قاراپ، ئالدى بلەن ئۇلارنىڭ قولىغا پۇل بىرىپ، نەدىن سىلەر يەيدىغان تاماق تاپالىساڭلار شۇنى يەپ تۇرۇڭلار ، ئاڭغىچە بىز سىلەرگە مۇسۇلمانچە ئاشخانا سېلىپ بىرەيلى دەپتۇ. ۋە شۇنداق قىئىلىپتۇ. ئۇتتۇرىدا پاراڭ ئارلىقىدا ئۇيغۇر ئاشخانىسى سەل يىراقكەن، شۇڭا سەل ۋاختىمىز كىتىپ بارىدۇ دەپ ساپتىكەن، ئۇلار دەرھال بىر يەرلەردىن ۋېلىسىپت تېپىپ بىرىپ، ئاشخانىمىز پۇتكىچە ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار دەپتۇ. بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، داليەن، شىئەن، لەنجى، تيەنجىن، شەندۇڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى ئىشقىكىلىپ چىڭدۇدىكى ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئاشخانسىئىدىن كۆپ ياخشى. بىر قىسمىنى ئۇزەم كۆرگەن، يەنە بىر قسمىنى شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇپ كەلگەن دوسلىرىم كۇرگەن، ۋاي ۋوخەننىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى ئۇنداقكەن، شىئەننىڭ ئۇنداقكەن دەپ كەلسە شالۇكىمىزنى ئېقىتىپ تۇرۇپ ئاڭلىغانتۇق. لېكىن شۇ يەردىكى باللاردىن ئاڭلايدىغىنىمىز ۋاي تاماق ئۇنداق ناچار، مۇنداق ناچار. ئاشۇ باللا ۋاي شىنجاڭ دەپ شىندا نىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماقلىرى ئالامەت پەيزىكەن دەپ چىقسا ، شىندا نىڭ باللىرى تاماق ئۇنداق ناچار، مۇنداق ناچار. ماڭىغۇ خۇدايىم بىلىپ مۈڭگۇز بەرمىگەن. ئەگەر ئاشۇ مەكتەپلارنىڭ مۇدىرى بوپ قالسام، "5 يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىنىڭ تامقىنى چىقىرىپ بەرسەم بۇلامتى؟ يەنە ياخشى يەيمەن دىسەڭ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئاشۇنداق يەرلەرگە بېرىپ يە، قولۇڭنى باغلاپ قويمىدىم " دەيتتىم. ئىشقىلىپ مەن دىمەكچى، ئىچكىردىكى بىر قىسىم باللار بارغاندىن تارتىپ ۋاي بىز دىگەن مۇساپىر، ئانامدىن ئايرىلدىم، دادامدىن ئايرىلدىم، ئۇ يوق، بۇ يوق ، ئۇندا بۇلسا بۇندا قىلاتتىم،بۇندا بۇلسدا مۇندا قىلاتتىم دەپ بىر قاتار سەۋەپلەرنى ئىزدەپ چۇشكۇنلۇك پاتقىقىغا پېتىپ ھاراق ئىچىشنى باشلىسا، ئۇقۇش پۇتتۇرگىلى قوپقان 4-يىلى قارىسڭىز يەنە بىز دىگەن مۇساپىر، خەقنىئىڭ يىرىدە ئانىمىز يوق دادىمىز يوق، دەپ يىغلاشقىلى تۇرىدۇ. يا ئۇقۇغىنىنىڭ تايىنى يوق، تېخى شىنجاڭغا كەلسە مەن دىگەن پالانى يەردە ئۇقۇيمەن دەپ ھالى چوڭ. ئىچكىردە بىز دىگەن خەقنىڭ يىرىدە مۇساپىر دەپ سەۋەپ قىلىپ بانا ئىزدىشىدۇ، شىنجاڭغا كەلسە تېخى بېيجىڭلىق، داليەنلىك ، ۋۇخەنلىك دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇزەڭنى شۇندا دەپ ئاتىغانىكەنسەن، ئۇنداقتا سەنمۇ ئۇ يەرە ئۇزەڭنى مۇساپىر دىمە. ئۇگەنگىنىڭ تايىنى يوق، ھالىنى مانچە ئات تارتالمايدۇ، شىنجاڭدىن چىقمىغان باللاررنىڭ ئالدىدا "پالانى يەردە ئۇندا ئۇينىدۇق، پالانى يەردە مۇندا ئۇينىدۇق "دەپ كۆز -كۆز قىلىشدۇ.لېكىن "4-دەرىجىدىن ئۆتتۇڭمۇ ؟ ياق"، "كومپىيۇتىردا قانچىلىك بىئىلىسەنماۋۇ تىلدا پروگرامما تۇزەلەمسەن؟ ئانچە مۇنچە".ئىمتاھان ئېلىپ كۇرۇپ باقسىڭىز چ چ دا پاراڭ قىلىپ قىزلارنى يالغان ياۋىداق گەپلەرنى قىلىپ كەلتۇرۇشتىن باشقىنى بىلمىگەن. پو دىگەننى ئالامەت ئۇخشىتىپ ئاتىدۇ. ئىچكىرنىڭ ئاندايەي، شىنجاڭ دىگەن مۇندايەي دەپ قاخشاپ كەتكەن. بەلكىم باشقا نەرسىلەرنى ئۇگەنگەندۇ دەپ ئۇيلاپ 1 يىلدىن كىيىن ئۇچرىشپ قارىسڭز تېخىچە خىزمەت يوق. نىمە قىلىۋاتىسەن دەپ سورىسڭىز، "ئاتا ئانام يول مېڭىۋاتىدۇ، ھازىر قابىئىلىيەت بۇلغان بىلەن يول، پۇل بۇلمىسا خىزمەت خەنزۇلاردىن ئاشمايدىكەن، ۋاي تۇنۇگۇن شەندۇڭنىڭ باللىرى كەپتىكەن، ئاندا ئىچىشىتۇق". شۇندا قىلىپ قارىسىز بىر لاتا قاسقاسنىڭ ئۈزى. يا بىر ئۇزى ئۇدۇللۇق بۇلسىمۇ بىرەر ئىش تىپىپ قىلالمىغان. دىيىشلىرى تېخى "ھە، چىڭخۇئادىكى تۇرسۇنجان زىگۇئاڭدە ئىشلەپتىما، ئامىتى كەپتۇ ئۇ گۇينىڭ، لېكىن ئۇلارنىڭ مائاشى ۋەي چى لاردەك يۇقىرى ئەمەس".ھەي، دەيمەن، بۇ لاتا گۇيلارنى نىمە قىلساق بۇلار.

شىئەندە بۇ يىل 7-ئايدا ئۇقۇش پۇتتۇرىدىغان مۇناسىۋىتىم ياخشى بىر قىز بۇلىدىغان. بىر كۇنى تېلفۇن قىلىپ نىمە قىلىۋاتىسىز دىسەم ، ھسك ئىمتاھان بىرىپ كەلدىم دەيدۇ. ۋوي سىز 8-دەرىجىدىئىن ئۆتۈپ بۇلغىلى نەۋاخ دىسەم، ئۇنىڭ دىيىشىچە باشقا مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشى تېخىچە ئۇنىڭدىن ئۇتەلمەپتۇ. بۇ قېتىم بەرسىمۇ ئۈتەلىشى ناتايىنكەن. شۇڭا ئۇ مەخسۇس مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئاتايەن-يالغاندىن كىملىك ياسىتىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن كىنىشكا ئىشلىتىپ ئىمتاھاننى ئۇنىڭ ئۇرنىغا بىرىپتۇ. يەنە ئىچكىرلەپ سورىسام ئۇنداقلار خېلى باركەن. چىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇ مەكتەپتىكىلەر بۇ مەكتەپتىكىلەرگە قاتنىشىپ بىرىدىكەن. بۇ قاندا ئىش بوپكەتتى دەپ ئۇ قىزنى بىرمۇنچە ئەيىپلىسەم ئۇ "ساۋاقدىشىم تۇرسا، ئۇقۇش پۈتتۇرەلمىسە، خىزمەت تاپالمىسا بۇلمايدۇ-دە " دەپ ئۈزىنى ئاقلاپ كەتتى. ئاچچقىئىقىمدا خاپا بۇلۇپ ئەيىپلەپ كىتىپتىكەنمەن، مانچە كۇن ماي تارتىپ يۇردى. دىمىسىمۇ دەيمەن،بەزىلەرنىڭ ئىچكىردە 4 يىل ئۇقۇپ، ئەمدى خەنزۇچىدىن 8-دەرىجىدىن ئۈتەلمەي مۇشۇنداق يالغانچىلىقلارنى قىلىپ يۇرگىنىگە زادى چىدىمىدىم. تېخى مۇشۇنداقلار ئىچكىردە خېلى بارمىش. ئاشۇنداقلارنىڭ ئۇزىنىڭ كەسپىدىئىمۇ بىر نىمە ئۈگەنىگىنىدىن گۇمانلىنىمەن. ئۇلار يا بىر بۇلسا دىپلوم ئالالمايدۇ، يا مەكتەپ بۇ ئۇيغۇر بۇلغاندىكىن بىرىۋىتىلى، كىيىن ئۇلەمدۇ تىرىلەمدۇ نىمە كارىمىز، مۇشۇ نىمىلەردىن بىر قۇتۇلىلى دەپ دىپلۇم بەرگەن گەپ. تاس تاس قالدىم، سۇرۇشتۇرۇپ چېقىپ قويغىلى. شىنجاڭدىمۇ تېخى خېلى يىقىن تۇنۇشلۇرۇم ۋاي جىددى ئىش بارتى، دەپ ئىزدەپ ئاشخانىلارغا باشلاپ كەتكەن، نىمە ئىشتى دىسىڭىز "مۇشۇ شىندانىڭ دىپلومىدىن بىرەرنى يالغاندىن ياساتقىلى بۇلارمۇ. مەن دىمەكچى،سىرتتىكى خەنزۇلارمۇ ياسايدىكەن، لېكىن مەن ئىنىتېرنىتتىن ئىزدىسىمۇ تاپقىلى بۇلىدىغان جىڭدىن ياساتماقچىتىم، 10مىڭ يۇئەن كەتسىمۇ مەيلى، سەن دىگەن مۇشۇ يەردە ئىشلەيسەن، چوقۇم بىرەر يوچۇقنى بىلىسەن، بۇ ئىشنى پۇتتۇرمىسەڭ بۇلمايدۇ، ئاچام خىزمەت تاپمىسا بۇلمايدۇ" مۇشۇندا گەپلەرنى ئاڭلىسام چېچېم تىك تۇرۇپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ گىپىنىڭ ئىچىدىكى " خەنزۇلارمۇ ياسايدىكەن" دىگەندىكى "مۇ" قۇشۇمچىسىنى كۇرۇڭ تېخى. خۇددى ش ج ئۇ مۇ يالغان دىپلۇم ياساپ ساتىدىغان يەردەك. مىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىم 5 يىل جاپا تارتىپ، تىللارنى ئىشتىپ، خوشال بۇلۇپ. قايغۇرۇپ يۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىچدىكى بىر مۇنچىسى ئۇقۇيالماي مەكتەپتىن چىكىنىپ ئاران ئالسۇن ئۇ دىپلومنى، سىز 10مىڭكوي بىلەن بىردەمدىلا دىپلوم ئېلىڭ. ئۇقۇغۇچىلىرىمنىڭ شۇ جاپالىرىنى كۇرمىگەن بۇلسامغۇ كاشكى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە شىندادىن ئاشۇنداق دىپلۇم ئالغانلار بارمىش. ئاغىنىدارچىلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ قاتتىق تەگكىلى تېخى بۇلمايدۇ. ۋاي بۇنداق ئىش يوق، قىلغىلى بۇلمايدۇ دىسەم، ۋاي بۇلىدۇ، سۇرۇشتۇرۇپ باقماي نىمە ئۇنداق دەيسەن دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھە دەپ قۇيۇپ ھەپىتنى ئۈتكۇزىۋىتىپ مەن ئۇنداقلارنى تاپالمىدىم دەپ قويىمەن،باشقىلاردىن سۇرۇشتە قىپ با دەپ قويىمەن. راس دىگەندە شۇنداقلارنىمۇ ئىزدەپ باقتىم، ئەگەر تاپالىغان بۇلسام چوقۇم ساقچىغا مەلۇم قىلاتتىم.

مۇشۇ ئىشلارنى ئۇيلىسام ئۇيلاپ قالىمەن، نىمە دىگەن زور ئىسراپچىلىق. ھازىر ئىچكىرگە يىلىغا مىڭلاپ باللار كىرىۋاتىدۇ. ياخشى ئۇقۇسڭىزلا سىزدىن ھۈكۈمەتمۇ، جەميەتمۇ، ئاتا -ئانىڭىزمۇ رازى. ھىچقايسىسى سىڭدۇرگەن مىھنىگە، خەجلىگەن پۇلىغا مىھنەت قىلمايدۇ. لېكىن ھىساپلاپ باقايلى. شۇ ئۇقۇغۇچىلارغا قانچىلىق ئىقتىساد، زىھىن، ئەجىر كەتكەندۇ. شۇ باللار پۇتتۇرۇپ كەلگەندە ئىنگىلىس تىلىدىن قورقماي 4 ئادەمنىڭ ئالدىدا ئېغىز ئاچالايدىغىنى قانچىلىك،ئاشۇ 1000ئۇقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن 4-دەرىجىدىن ئۈتۇپ كەلگەنلەر 10%گە بارامدۇ يوق. تېخى قارىغاندا مانچە پېرسەنتى خەنزۇچە 8-دەرىجىدىنمۇ ئۈتەلمەي كىلىدىغان ئۇخشايدۇ. بىرەر شىركەت كومپىيۇتېردىكى ئوففىكە مەشغۇلاتىدىن سىناق ئىمتاھان ئېپ باقسا ، كەسپى كومپىيۇتېر بۇلغانلارمۇ بىر ئا4 چوڭلىقىدىكى قەغەزگە رەسىم كىرگۇزۇپ، جەدۋەل كىرگۇزۇپ، ئۇنى تەھرىرلەپ بېسىپ چىقىرالمىغان. نىمە بۇلدى دىسىڭىز،" بىز مەكتەپتە دايىنجى بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغان". "ماڭا ئاران بىر سائەت ۋاقىت بەردى، ۋاختىم يەتمىدى ، بىر كۈن بەرسە قىلالايتتىم." ، ھالىمىز شۇنداق تۇرسا يەنە خەنزۇلارنى ئالدى مىنى ئالمىدى، كەمسىتتى دەپ بىر تالاي قورساق كۈپۈگىمىز بار. ھەر يىلى ئىختىساسلىقلار بازىرى دەپ بازار ئاچىمىز. نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر كىلىدۇ. كەلگىلى ئۇنىمىسا مەكتەپمۇ، يالۋۇرۇپ ، ئالداپ يۇرۇپ بۇلسىئۇ بىر نىمە قىئىلىپ ئەكىلىدۇ. ئۇزىنىڭ باللىرىغا كۇيۇنەيدىغان كىم بار. شۇ ۋاقىتلاردا شۇ ئىشنى قىلىدىغان ئىشخانىدىكى خىزمەتچىلارنىڭ ئالدىراشچىلىغىدىن تاماقمۇ يىمەيدۇ. شۇنداق تەستە بىرەر مىڭدەك شىركەت كىلىدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر باللار تاماشا كۇرۇش ئۇچۇن كىلىدۇ. بىرەر شىركەت بۇنداق كەسىپ ئالمايمىز، ياكى ئۇچۇقتىن ئۇچۇقلا ئۇيغۇر ئالمايمىز دەپ قالدىمۇ، بۇلدى ئۇنىڭ ئاتالمىش غۇرۇرى يەنە بۇنداق يەردە چۇرگىلەپ يۇرۇشكە قويماي، بىرىنچى قەۋەتتىكى، ئېشىپ كەتسە ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۇرۇنلارنى كۇرۇپلا ياتاققا قايتىپ ئۈزئارا تىللاشمىغان ھۇكۇمەت، مەكتەپ ، ئىش ئۇرنىنى تارتىۋالغان خەنزۇ قالمايدۇ. لېكىن خەنزۇلارغا قارىسڭىز 10 شىركەت ئالمايمىز دەپ چىقىرىۋەتسە يەنە 100 شىركەتنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر ئالىمىز دەپ كەلگەن شىركەتلەرنىڭ ئالىدىغىمۇ كىلىۋالىدۇ. ياخشى ئۇقۇمىغان ، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوقلارنى دىمەيلا قويايلى، ياخشى ئۇقۇغان، بىر نىمە بىلىدىغان، كۇرسەتسە بىر چىقىرالايدىغان گۇۋانامىلىرى بار بالىلارمۇ بىرەر شىركەت بۇلمايدىكەنسەن دەپ قالسا، خاپا بۇلۇپ ، قېيداپ دەرھال يېنىپ چىقىدۇ. ھەممىسى ئىككىنچىلەپ ئۇنداق يەرگە قەدەم باسمايدۇ. دەيمەن، سىزنىڭ ئۇلارغا ئۇتكۇزۇپ قويغان بىر نىمىڭىز بارمىتى ئۇلاردىن قييدايدىغان. بۇلسىغۇ ياخشى ئۇقۇغانلىقىڭىز ئۇچۇن خوڭچى ماركىلىق پىكاپقا ئۇلتۇرغۇزۇپ، شەھەرنى مانچە چۇرگىلىتپ ، ئاپتۇنۇپ رايۇنلۇق ھۇكۇمەتكە ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويساق بۇلاتتى. ئەپسۇس ... قەلەندەر قېيدىسا خورجۇنغا زىيان. يەنە تېخى نۇرغۇنلىغان بالىلىرىمىز ئۇنداق شىركەتكەن، مۇنداق شىركەتكەن، ئۇنداق ئىدارىكەن، مۇنداق ئىدارىكەن دەپ كىتىشلىرى. ۋوي بۇنىڭ خېلى بېڭسى بار ئۇخشايدۇ دەپ قارىسڭىز ئۇقۇش پۈتتۇرۇپ يەنە مانچە يىلغىچە خىزمەت تاپالمەي مانچە پۇل بىرىپ تۇرە دەپ سۇقۇلۇپ يۇرگەن. ئالدى بىلەن قۇرساق مەسىلىسىنى ھەل قىلماي يەنە نىمە تاللاش. قۇرۇق سۇلەتچىلىك قىلىپ شۇنداق ھالغا كەلدىكى بەزىلەر، بىرەرسىنىڭ ئالدىدا مانداق يەردە ئىشلەيمەن دەيدىغان يەرنى بىر ئامالىنى قىلىپ ئاتا ئانىسىنى قۇرۇتۇپ شۇ ئۇرۇنغا كىرگۇچە بۇلسىمۇ شىركەتلەردە ئىشلەپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ.

قىسقىسى مىنىڭ كۇز قارىشىم، رىقابەتتە بىر كىشىلىك ئۇرۇنغا دەسسەپ تۇرىمەن دەيدىكەنمىز، شۇنىڭغا چۇشلۇق تىرىشىشىمىز كىرەك. خەنزۇلار بىر ھەسسە تىرىشسا بىز 10 ھەسسە تىرىششىمىز كىرەك. شۇنداق قىلماي تۇرۇپ يەنە نىمە خەنزۇ ئۇنداق قىلدى، مۇنداق قىلدى. ئىتىبار بىرىئىش سىياسەتلىرىنى ھۇكۇمەت يەتكۇچە بىرىپ كەلدى، ئىچكىرلەردە ئۇقۇتۇش ئۇچۇن شۇنداق جىق پۇللارنى بىرىۋاتىدۇ، سەرىپ قىلىۋاتىد. يىلدا، ئايدا بىرىدىغان پۇلىمىز بار. باشقا ئىش قىلىشقا يارىمايمىز، ئەگەر شۇ پۇلنى توختىتىپ قويسا تاس قالىمىز مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ ئالدىغا يىغىلىۋىلىپ دەرۋازىسىنى چېقىۋەتكىلى.شۇنىڭغا چۇشلىق ئۇقۇساق نىمە بۇلىدۇ. ئاشۇ ئۇرۇنلارنىڭ ئەمەلدارلىرى چىقىپ قانچىلىق ئۇقۇشتۇق ئەكىلە بىر كۇرۇپ بېقىپ ئاندىن بىر نىمە دەيلى دىسە ، دىگىلى گەپ تاپالماي ئىچىمىز دىمىمىزگە چۇشۇپ كىتەر بۇلغيدى. شۇنىڭغا چۇشىلۇق، بىز ئىچكىردە ئىچىپ، لەيلەپ، ھىچنىمىگە يارىماس بىر نىمە بۇلۇپ كىلىۋاتىمىز. بىزدە پۇل ئېشىپ تېشىپ تۇرۋاتقاندىمۇ، جەنۇبى شىجاڭدا ھەممە ئۇقۇشقا ئىنتىزار بالىلار ئۇقۇيالغانمىدۇ، داشۇگە ئۇتكەن ھەممە بالىلار ئۇقۇشقا ئىچكىرگە، ئۇرۇمچىگە كىلەلىگەنمىدۇ. ؟ شۇ مەبلەخنى ئاشۇ بىچارە باللارغا سالسىمۇ بۇلىدۇغۇ. شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ، سىزنىڭ ئىچكىردە "كۇئاڭكى داۋاڭ" "جيۇ ۋاڭ" دىگەندەك ناملارنىڭ ئېلىشڭىزنىڭ بەدىلىگە، شىنجاڭدىكى بىرمۇنچە دىھقانلىرىمىز ئاچ قالدى، بالىلىرمىز ئۇقۇشسىز قالدى. شۇلارنى بۇلسىمۇ ئۇيلاپ قۇيۇش كىرەك. بەزى گەپلەرنى ئۇچۇق دىمەي بۇلمايدۇ. ھۇكۇمەت ھېلىمۇ بىزگە شۇنچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ياڭزىڭشىن دەك ھىچنىمە قىلمىغان بۇلسا نىمە قىلالايتتۇق. ئاجىزلار بىلەن كۇچلۇكلار تارىختا ئەزەلدىن تەڭ بۇلۇپ باققان ئەمەس. شۇنىچىلىئىك ئاددى ھەقىقەتنى بۇلسىمۇ چۈشۈنۈڭ. خەنزۇلار دىگەن ئىنگلىسچنى باشلانغۇچتىن تارتىپ ئۇقۇغان. مەن داشۇگە كىلىپ ئۇقۇدۇم، ئىنگىلىسچە 4-دەرىجدىن ئۇتەلمىسەم نىمە بوپتۇ دەپ سەۋەپ ئىزدىمەڭ. نىمە بۇپتۇ دىسىڭىز ھىچنىمە بۇلمايدۇ،شۇ ئىشسىز قالىسىز.ھىلىمۇ بۇرۇن ھۇكۇمەت مەجبۇرى بۇلسىمۇ بىزنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپتىكەن. شۇنداق قىلمىغان بۇلسا نىمە بوپ كىتەر بۇلغىتتى. ئاسپىرانىتلىق ئىمتانىسىدا ماڭا ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئىنگىلىسچە ئۇتمىگەن،ئەمدى كىلىپ مەندىن ئىمتاھان ئالساڭ قانداق بۇلىدۇ. مەندىن شۇ بىر نىمىنى ئىنتاھان ئالماي ئۇتكۇزۇسەن دىسەك بەلكىم ئېقىپ قالار. ئاچچىقىمىز تۇتۇپ كەتسە، يەنە بىز دىگەن ئاز سانلىق مىللەت، ماتىماتىكا ئۈلچىمىڭنى تۇۋەنلەت، يەنە بىر نىمەڭنى يوك قىل دىسەك، ماڭا شۇنداق قىل دىسەك بەلكىم ھۇكۇمىتىمىز بۇنىمۇ قىلدى دەيلى، يەنە شۇن ئۇلچەم بىلەن سىزگە، دوكتۇرلۇقنى بەردى دەيلى.شۇنىڭ بىلەن تاماشا ئالدىمىزدا، شۇنىڭدىن كىيىن دوكتورلىرىمىزمۇ خىزمەت تاپالماي مەن دوكتۇر تۇرسام ئالمىدى دەپ ھۇكۇمەتنى تىللاپ ئۇلتۇرىدىغان گەپ. ھېئىلمۇ ھۇكۇمەت شۇنچە ئىتىبارلار بىلەن ئۇنۋېرسىتىتلارغا ئەكىرىپ قۇيۇۋاتىدۇ. بىز ئۇچۇن شۇنچە پۇللارنى خەجلەۋاتىدۇ. بىز يەنە ياخشى ئۇقۇماي ، يەنە بار سەۋەپنى خەنزۇدىن كۈرۈپ، خەنزۇ بوپ قالمىغىنىمىزدىن پۇشايمەن يەپ ئۇلتۇرىمىز. بىزدە پۇرسەت يوق ئەمەس، گەپ ئۇزىمىزدە.

ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز ، ئۇزىمىز تۇغرىلىقمۇ ئۇيلاپ باقايلى. مىللەت دىسە ئۇتىدا كۇيۇپ بىرىمىز. لېكىن ئۇزىمىز قانچىلىق قىلدۇق. ئەڭ چىرايلىئىق قىزلىرىمىز ئىچكىردە لوبەنلەرنىڭ قوينىدا. ئىچكىرنىڭ ھەرقانداق چوڭراق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر خىنىملىرى بارمىش. ھازىر ئىچكىردە ۋە شىنجاڭدا چىرايلىقراق دىسەك"ئۇيغۇر خىنىملىرى" سەتراق دىسەك " ئۇيغۇر جالاپلىرى" دىگەن بىر يىڭى ئاتالغى چىقتى، بۇنىڭدىن شۇنى كۇرۇۋېئىلشقا بۇلىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇيىڭى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىزنىڭ ئىچكىردىكى ئۇغۇرلۇق كەسپىمىزدىن باشقا يەنە بىر كەسپىمىز بوپ قالغان ئۇخشايدۇ. چۇنكى ئىككى توك توك خىنىملىرىمىز بۇلغانغا بۇنداق گەپ ئاتالغى چىقمايدۇ. بۇلارنى ھارغىچە تىللىدۇق، ئۇچرىغانلىرىنى مىللەت سۇيەر يىگىتلىرىمىز ئۇردى. بۇلسا ھەممىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ كۇيدۇرىدىغانلارمۇ چىقتى. سىلەرچە ئىشلار شۇنداق ئاددىمىدۇ. ئاشۇ خنىملىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكىلىپ كۇيدۇرۋەتسەك ، بىز يەنە مۇشۇنداق ماڭساق ئاشۇ خنىملىرىمىز تۇگەرمۇ. 3-4يىل ئۈتۈپ ئۇلار يەنە پەيدا بۇلماسمۇ. چوڭقۇرراق ئۇيلاپ باقايلى. قىزلىرمىزنىڭ ئاشۇنداق ئىچكىرگە قېچىپ پاھىشە بۇلۇشىغا بىز يىگىتلەرنىڭ مەسئۇلىيتىمىز بارمۇ يوق. ئۇلارنى تۇتۇپ ئەكىلىپ كۇيدۇرۇپ، قۇرئاندىن، ھەدىئىستىن، ئەخلاقتىن، ئۇيغۇر مەدىنيىتىدىن سۇزلەپ تۈگەتكىلى بۇلماس. چۇنكى بۇلارنى شۇنداق يولغا ئەكىرىپ قويغانلار دەل ئۇزىمىز يىگىتلەرمىز. بىزمۇ ئاشۇ خەنزۇلاردەك تېرىشساق، مىڭلاپ مىڭلاپ شىركەتلەرنى قورساق، مەمەت لاۋزۇڭ، ئەركىن جىڭلى، قەييۇم چاڭجاڭ دەپ ئاتىشىپ يۇرسەك، ئاشۇ قىزلىرىمىزنى مىليونىر قىلىۋىتەلمىسەكمۇ خۇدايىم بەرگەن، دۇنيا مودىللار مۇسابىقىسغا قاتناشسا بىرىنچى بۇلالىغۇدەك چىرايىغا، بەدەن قىياپىتىگە ماس كەلگۇدەك يارىشىملىق كىيىملەرنى ئېلىپ بىرەلىسەك، ئۇقىزلىرمىز ئىچكىرگە بېرىپ تىنىنى سېتىشقا خۇمار بوپ قالمىغاندۇ. يانچۇقىمىزدىن قورقماي مىڭ كوي پۇل چىقمايدۇ. ئىككى قىز بالىنى باشلاپ يۇقىرى دەرىجىلىكراق ئىستىمال سەۋىيسى بار يەرگە كىرىپ قورقماي 500كوي خەجلىيەلمەيمىز. شۇ قىزلار بىلەن دىباغا بېرىپ قالساق خيالىمىز قاندا قىلىپ ئۇلارغىمۇ چاندۇرۇپ قويمىغۇدەك بىرەر ئۇسۇلدا ئەرزانراق پۇل خەجلەش. تۇيۇقىسىز ئۇ قىز بالىنىئىڭ ئىككى ئۇچ دوستى كىلىپ قالدىمۇ بۇلدى، يانجۇقتا پۇل يوق ئۇنىڭغا بۇنىڭغا تېلپۇن قىلىپ پۇل ئەكەلدۇرۇدىغان گەپ. ئەتىسى ۋاي مۇنچە پۇل خەجلەپتىمەن دەپ ئىچىمىزدىن ئوت كىتىدۇ. ھەممەيلەن پو ئېتىپ مىللىتىم ، يەنە بىر نىمەم دەپ پو ئاتقان بىلەن ھالىمىز تايىنلىق. قىزلىرىمىزغا ئىگە بۇلالمايمىز. دۇنيانىڭ ئاياللىرى منىڭچە ھەممىسى ئۇخشاش. ھەممىسىنىڭ چىرايلىق كەيگۇسى كىلىدۇ، ياخشى يىگۇسى كىلىدۇ، ئاستىدىكى داڭلىك ماركىلىق ماشىئىنىنى دوستلىرىغا كۆز-كۆز قىلغۇسى كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خۋ روڭ خىن دىگەن نەرسىسى شۇنداق كۇچلۇق. بىز قىزلىرىمىزغا شۇنداق نەرسىلەرنى تېپىپ بەرمەي، ئۇلارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرمەي، تېخى مابىتىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ يەنە قىزلىرىمىز ئۇنداق بۇپ كەتتى بۇندا بوپ كەتتى دەپ تىللايدىغانغا نىمە ھەققىمىز بار. ئۇلارغا قورقماي، مانچە كۇن ھىساپ قىلماي بىر تال ئالتۇن زەنجىر ئېلىپ بىرەلمەيمىز.

مەن ئىسىمگە كەلسەم بىزنىڭ ئۇيدە تولا ماجرا بۇلىدىكەندۇق. ئانام بىلەن دادام تولا ئۇرۇشىدىكەندۇق. نىمىلەرنى تالىشىپ سۇقۇشقىنىنى ئۇخمايتتىم. كىيىن ئۇلارنىڭ مائاشى ئۇستى، داداممۇ ئىشتىن سىرت تىجارەت قىلىپ ئانچا مۇنچە پۇل تاپتى. شۇنىڭ بىلەن نىمە بۇلدى ئۆيدە جىدەل ماجرا بېسىقىپ قالدى، شۇنىڭدىن كىيىن دادام بىلەن ئانامنىڭ ئۇنداق ئۇرۇشۇپ، سۇقۇشۇپ يۇرگەنلىگىنى ئۇخمايمەن. كىيىن بىلسەم ئۇلار ئاشۇ "ماينى جىق ئىشلەتتىئىڭ."، " بۇ بىزنىڭ ئۇيمىزگە بى ھاجەت تۇرسا نىمە دەپ ئالىسەن"، "جا نەرسىنى ئېلىپسەن ، كۇزۇڭ نەگە كەتتى " دىگەنگە ئۇخشاش ئىشلار ئىكەندۇق. بىر ئۇينىڭ تنىچ ، خاتىرجەم بۇلۇشى ئۈچۇن يەنىلا ئالدى بىلەن قۇرساق، كىيىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كىرەك ئىكەن. بۇلاردىن مەن شۇنداق دىمەكچى، بىز ئۇيغۇر ياشلىرى جېنىمىز چىقىپ كەتسىمۇ بىر چىداپ ئىشلەپ يول تاپساق، پۇل تاپساق، ئۇزىمىزنىڭمۇ يۇزى يۇرۇق بۇلاتتى، قىزلىرمىزمۇ قېشىمىزدىن ئەگىپ كىتەلمەيتتى. ئۇلارنى تىللاپمۇ يۇرمەيتتۇق. قىزلىرمىزنىڭ ئىچكىردىكى ئاشۇنداق قىلمىشلىرى قاچان بىز ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئەقلىمىزنى تېئىپىپ، مەسلىنى ھادىسىدىن ئىزدىمەي ماھىيەتتىن ئىزدەپ قىزلىرمىزغا ئىگە بۇلالىغان ۋاختىمىزدا تۇگەيدۇ. بىز يەنە مۇشۇنداق ئۇزىمىزنى بىلمەي لاتا قاسقاسلىق قىلىئىپ ئۇ يەردە بۇ يەردە ھىجىيىپ، ئۈزىمىزنىڭ قىزلىرىنى ئەرزان يوللار بىلەن باپلاشنىڭ كويىدا يۇرسەك قىزلىرىمىز ئىچكىرگىلا ئەمەس ، يەنە تېخى چەتئەلگىمۇ تارايدۇ. يەنە ئۇيلاپ بېقىڭ. بىر يىللىرى روسىيە پارچىلىنىپ ئىقتىسادى شىددەت بىلەن چىكىنگەندە روسىيە قىزلىرىنڭ باھاسى پاخال بوپتىكەن. شۇ يەرگە چىققان سودىگەرلىرىمىز ئازراقلا روبلى خەجلەپ مانچە خوتۇننى ئېپ قويۇپ ياشايدىكەندۇق. شىئىياڭگاڭ، لوندۇن دىگەندەك يەرلەردە چيراي بەدەن جەھەتتە ھوللوۋىد نىڭ چولپانلىرغا ئوخشايدىكەن قىزلار ئەڭ ئەرزان باھالىق خنىملارغا ئايلىنىپتىكەن. شۇ ۋاقىتتا دۇنيادا ئىشلەنگەن جىق سېرىق فىلىملەرمۇ ئاشۇ قىزلار تەرىپىدىن ئىشلىنىپتىكەن. خۇدا ساقلىسۇن بىز تېخى ئۇ كۈنلەرنى كۇرمىدۇق. يەنە دىققەت قىلساق يىقىنقى يىللار مابەينىدە بىزنىڭ ئىقتىسادىئىمىزمۇ ئۇتتۇرا ئاسىيا دۇلەتلىرىدىن سەل ئېشىپ يانجۇقىمىز پۇل كۇرىۋىدى، ئۇتتۇرا ئاسىيادىن ناخشىچى، يەنە بىر نىمىلەر كەلگىلى تۇردى. دىبالىرىمىزدا شۇلار ناخشى ئىيتىدۇ، تېخى يەنە بەزەن يەرلەردە شۇلار يالىڭاچ ئۇسۇل ئۇينايمىش. يەنە مۇشۇ بۇيىچە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ماسا 10 يىللارغا قالماي بىزدىمى ئۇتتۇرا ئاسىيانىڭ خىنىملىرى دەپ گەپ چىقامدۇ تېخى بىر نىمە دىگىلى بۇلمايدۇ. بۇلار ئارقىلىق مەن شۇنى دىمەكچى، قىزلىرىمىزدا گۇنا يوق. پۇتكۇل گۇنا بىز يىگىتلەردە. تىزراق ئۇيغنىئىپ گۇناھىمىزنى يۇيايلى.

مەن بەزىدە ئۇيلاپ قالىمەن، بىر مىللەت ، دۇلەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا قانچە يىللار كىتەر، قانچە ئەۋلاد ئادەمنىڭ يۇرەك قېنى سەرىپ بۇلار دەپ. قارىسام مانچە يۈز يىللار، مانچە ئەۋلاد ئادەملەرنىڭ ۋاقتى كىرەك بۇلىدۇ دەپ ئۇيلايتتىم. ئۇبدانراق ئۇيلاپ باقسام ئەسلى ئىشلار ئۇنچىۋالامۇ بوپ كەتمەيدىكەن. نەزەر سېلىپ باقايلى. چار روسىيە دىگەن گۇيلارنى 300يىللاردىن بۇرۇنقى تارىختا كىتاپ ئاختىرۇپ يۈرۇپ ئاران تاپىسىز. ھىلى ئۇنىئىڭغا ، ھېلى بۇنىڭغا بۇزەك بوپ يۇرگەنمىش. تاتارلار 300 يىل قۇل قىلغانمىش. نەردىن چىقتى پېتىر دەمدۇ ئىشقىلىئو شۇنداقراق ئىسمى بار بىر پادىشاھ چىقىپ ياۋرۇپاغا بىرىپ كىلىپ بىر يىڭىلىق ئۇزگەرتىۋىدى 30 يىللارغا قالماي ئۇ يەر بۇ يەردە ئىسملىرىنى كۇرگىلى تۇردۇق. 50-60 يىللار كىيىنكى تارىختا نىمە بۇلدى دوسلارغا ئايان. 100 يىل كىيىنكى تارىختا ئۇتتۇرا ئاسيانى بوي سۇندۇرغۇلى تۇردى. يەنە شۇنىڭدەك ئىشلار. ياپۇننى مىسالغا ئالايلى، تېخى 19 -ئەسىرنىڭ ئۇتتۇرلىرىدىن بۇرۇن دۇنيا تارىخى كىتاۋىدىن ياپۇنلارنىڭ قاتناشقان سىياسى ئىشلىرىنى بەك ئاز كۇرىسىز. تېخى ئاڭلىشىمىزچە دۇنيادا ياپۇن دەپ شۇنداق يەرنىڭ بارلىغىنى بىزنىڭ ئۇلۇغ بۇۋىمىز مەھمۇت قەشقىرى كىتاۋىغا كىرگۇزۇپتىكەندۇق، بۇ دۇنيادىكى چىققان كىتاپلار ئىچىدا ياپۇنلار توغرىئىلىق ئەڭ بۇرۇن مەلۇمات بەرگەن كىتاپ دەيدۇ بەزىلەر. شۇڭىمۇ ياپۇنلار مەھمۇد قەشقىرىنى بىزدىنمۇ ئۇلۇغ بىلەرمىش. ھەرقانداق مۇشۇ تارىخنى بىلىدىغان ياپۇنلار شىنجاڭغا كەلسە چوقۇم بۇۋىمىزنىڭ قەۋرىسىنى بىر تاۋاپ قىلىۋىتىپ قايتارمىش. بۇ گەپلەرنىڭ راس يالغانلىغىنى مەن ئۇقۇپ كەتمىدىم. راس بۇلسا بىزنىڭ ئاشۇ بەزىلەر دەپ كىلىۋاتقان" 10،000"يىللىق تارىخمىز بىلەن شۇ پەتەك ياپۇنلارنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ. ئۇيغۇر توغرىلىق ئەڭ ئىشەنچىلىك تارىخى مەلۇماتلارمۇ 2000 يىلدىن ئاشىدۇ. بۇ ئىشلارنى تارىخچىلىئىرمىز دەللىلىگەي.ئىشقىلىپ تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئۇتتۇرلىرىغىچە دۇنيا سىياسىدا ياپۇنلارنىڭ كۇرۇلۇپ باققانلىغى مۇمكىن ئەمەس. شۇ ۋاقىتلاردا بىرسى چىقىپ مىڭجى يىلىدىكى يىڭىلىق ئۇزگەرتىش دەپ بىر ئىسلاھات ئېلىپ باردى. تور ئاختۇرۇپ باقسام ئۇ ئىسلاھات 1867يىلى باشلانغىلى تۇرۇپتىكەن، 1871-يىللىرى ئەتراپىدا رەسمى ئىسلاھاتنى باشلاپتۇ. يەنە دىققەت قىلىڭ ، پەقەت ۋە پەقەت 20نەچچە يىللار ئۇتۇپلار بۇ پەتەكلەر تېخى جۇڭگۇغا ھۇجۇم قېلدى، بۇ ئۇرۇشنى جىياۋۇ ئىلىدىكى جۇڭگۇ-ياپۇنىيە ئۇرۇشى دەيمىز. نەتىجىسى قانداق بۇلدى ھەممىئىزگە ئايان. تېخى يەنە 10 يىللار ئۇتە ئۇتمەي بۇ گۇيلار شەرقى شىمالدا روسىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇ ئېيىقلارنى يەڭدى. بۇ يىقىنقى زامان دۇنيا تارىخىدا ئاسىيالىقنىڭ تۇنجى بۇلۇپ ياۋرۇپالىقنى يىڭىشى ئىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىنكى ياپۇنۇقلار قىلغان ھەر بىر ئىشلار دۇنيا تارىخىدىن ئۇرۇن ئېلىپ ماڭدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشدا مەغلۇپ بۇلۇپ ياپۇنيە خارابىلىققا ئايلانغانىدى، مانچە مىليۇن ياپۇن ياشلىرى، مىللەتنىڭ ئەڭ ئاۋانگارتلىرى ئۇرۇشتا ئۇلدى ياكى چولاق تۇكۇر بۇلدى. ئاشۇ ئېشىپ قالغان قېرىلار، ئاياللار ، بالىلار يەنە 20 يىل ئۇتمەي ياپۇننى دۇنياغا تۇنۇتتى. پەقەت ۋە پەقەت 20 يىللا كەتتى.

ئۆزىمىزگە نەزەر سالايلى، 49 -يىلى جۇڭگۇنى گومىنداڭدىن ئۇتكۇزۇۋالغاندا جۇڭگۇمۇ بىر خارابىلىق ئىدى. ماددى جەھەتتىلا ئەمەس روھى جەھەتتىمۇ خارابىلىق ئىدى. شۇ بويىچە يول تاپالماي 20-30 يىلنى ئۇرۇپ سۇقۇپ ئۆتكۈزدۇق. 78- يىلىدىن كىيىن دىڭ ئاغىمىز توغرا يولنى تىپىپ بىر يول باشلىۋىدى تىز يۇگرەشكە باشلىدۇق. بۇ تېخى ھىساپ ئەمەس، 90- يىللارنىئىڭ بىشىدا ئىسلاھات، ئېئىشىنى ئېچىۋىتىش، ئاق مۇشۇك، قارا مۇشۇك چاشقان تۇتقان ياخشى مۇشۇك دەپ بىر يۇگرەپتۇق،مانا 15 يىللار ئۇتۇپتۇ. ھازىر جۇڭگۇ دىسە دۇنيادا ھېچكىم كۇز يۇمالمايدۇ. ئامرىكىنىڭ گىزىت، رادىيو، يەنە بىر نىمىلىرىگە قارىسڭىز كۈندە ئىشقىلىپ جۇڭگۇ توغرىلىق بىر نىمە تالاش تارتىش بارلىقى چوقۇم بار. يا تىللايدۇ، يا ماختايدۇ، يا دوست بۇلايلى دەيدۇ ، يا دۇشمەن دەيدۇ. ئېشقىلىپ جۇڭگۇ مۇشۇ خەقنى مۇشۇنچىلىق قىپ قۇيالاپتۇ. تېخى جۇڭگۇدىن ئايرىلساق ئامرىكا ئامرىكا بۇلمايدۇ، چۇنكى مانچە پىرسەنىت نەرسىلىرمىز شۇ يەردىن كىرىۋاتىدۇ، تۇۋەن كىرىملىك ئائىلىلىرىمىز جۇڭگۇنىڭ ماللىرى بۇلمىسا ئۈلۈپ قالىدۇ دىگەن گەپلەرنىمۇ كۇرۇسىز. بازارغا چىقىپ قىممەت پۇللق بۇلسۇن ، ئەرزان پۇللۇق بۇلسۇن10 نەرسە ئالسىڭىز شۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە چوقۇم جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن نەرسىلەر چىقىپ قالىدۇ ياكى جۇڭگۇ بىلەن مەلۇم باغلىنىشى بار. بىر ۋاقىتلاردا ياپۇنلۇقلار پۇتۇن دۇنيادىكى ھەر بىر ئائىلىگە چۇقۇم ياپۇنىيەدە ئىشلەنگەن بىر ئىئېلكتۇرۇنلۇك ئەسۋاپ كىرگۇزىئىمىز دەپ شۇئار توۋلاپتىكەن. ھازىر قارىسام جۇڭگۇمۇ چۇقۇم دۇنيادىكى ھەر بىر ئائىلىگە جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن نەرسدىن بىرەرنى كىرگۇزۇپ بوپتۇ ياكى شۇنداق بۇلغىلى ئاز قاپتۇ. مانا شۇ ئىشلارنىڭ يۇز بىرىشىگىمۇ قىسقىغىنە 20 نەچچە يىل كەتتى.

مەن مۇشۇلارنى ئۇيلىساملا قايتىدىن روھلىنىپ كىتىمەن، كەلگۇسىگە بۇلغان ئۇمىت كۇز ئالدىمدا چاقنايدۇ. مىللىتمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئۇنداق مانچە ئەۋلاد ئادەم كەتمەيدىكەن. مانچە يۇز يىللار كەتمەيدىكەن. بۇنى ئالدىدا مىسال ئالغانلار ئىسپاتلىدى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز جۇڭگۇنىڭ 80-يىللىرىدىن كۇپ ياخشى، باشلىنىش نوقتىمىز ئۇلاردىن ئىگىز. شۇنچە جاپالىق شارائىتلاردىمۇ بىزدىن 500دوكتۇر چىقىپتۇ، ھىچكىم ئۇلارنى شۇنداق ئۇگەن دەپ زۇرلىمىغان. بۇ بىزدە يەنىلا ئۇيغاق ئادەملەرنىڭ كۇپلىگىنىڭ ئىپادىسى. بىز ئۇزىمىزنى تۇنۇغان ھامان شۇ چاغدىن تارتىپ ئۇزگەرتىشنى باشلىساق ھەر بىر ئادەم ئۇزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ياخشى قىلالايدىغان ئەڭ يوقىرى چەككىچە ياخشى قىلسۇن. ئۇقۇۋاتقانلىرىمىز ياخشى ئۇقۇيلى، ھەممە ئادەمنى دوكتۇر بۇلسۇن دىمەيمىز، خالىغىنىڭز بۇلۇك. لېكىن بۇلغان ئىشنى ياخشى قىلىڭ، ساغلاپ بۇلغان بىر جەميەت ئۇچۇن تىرىشايلى. بۇ دىگەن مەتبۇئات نىڭ تىلىۋىزيييە ئىستانسىلىرىنىڭ ئىشى دىمەڭ. تىلىۋىيزىيە ئىستانسى، نەشرىيات دىگەنلارمۇ يوقىرىدىن ھۇججەت چۇشمىدى دىمىسۇن. مىللىتمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېچكىمىنىڭ بىر نىمىسى بىلەن پۇتلىشىپ قالمايدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىتى بىلەن دۇقۇرشۇپ قالمايدۇ، پارتىيە ھۇكۇمەتمۇ شۇ بىزنى تەرەققى قىلدۇرساقكەن دەيدۇ. بىزمۇ تەرەققى قىلساق، قۇلمىزدا جىق پۇل بۇلسا، مەكتەپ پۇتتۇرسەك خىزمەت بۇلسا، قىزلار بىلەن يۆخۈي قىلساق ئاستىمىزدا ماشىنا بۇلسا ، ھۇكۇمەتنى كىم تىللايدۇ، كىمنىڭ مۇقىمسىزلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىشقا چولىسى. گەپ ئۇزىمىزدە، ئۇزىمىز سۆرىلىپ قېلىۋاتىمىز. يەنە دىسەم يەنە شۇ ، ھەممىمىز كۇچەيلى، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رەئىسىدىن تارتىپ، يىراق يىزىلاردىكى ھەممە كىشىنىڭ تىرىشىشى ئۇچۇن، توغرا ، ساغلام جەميەت قۇرۇشى ئۇچۇن تىرىشىچانلىق كۇرسىئىتپ باقايلى. ئۇلمىگەن جاندا ئۇمىت بار.ئۇمىتجلەنمەڭ. بىزنىڭ تېخى ئۈمىتسىزلىنىشكە سەۋەبىمىز يوق. ھېچقانداق ئىشقا سەۋەپ ئىزدىمەڭ. بىر ئىشلارنى ياخشى قىلالماسلىققا سەۋەپ ئىزدەش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلىنشى. جەميەتتە ئۇزىمىز خالاپ خالماي ، بىلىپ بىلمەي تاللاپ قالغان بىر كىشىلىك ئۇرنىمىز بار. ھەممەيلەن شۇ ئۇرنىدا ياخشى ئىشلىسۇن. مودىللىققا قىززىقىدىغان قىزلىرىمىز جۇڭگۇدىلا ئەمەس دۇنيادىمۇ نەتىجە ئالسۇن. شۇنداق قىلسا قوڭىنى ئۇچۇق قويدى، يادرۇ پىزىكىسى ئۇقۇپ بىزگە ئاتۇم بومبىسى ياساپ بەرمىدى دەپ ئۇلارنى تىللاپ يۇرمەيلى. ناخشىچىلىرىمىز ئىچكىردە ئانچە مۇنچە يۇز تاپقنىغا خوشال بۇلۇپ يۇرمەي بۇلسا جېكسۇندىن ئاشۇرۋەتسۇن. چىچىنى ئۇزۇن قۇيامدۇ ، يا ئىشتىنى كەڭ كىيەمدۇ ئۇزىنىڭ ئىشى. ناۋايلىرىمىزمۇ ئابلاجاندەك ئۇيغۇر نانلىرىنى تۇنۇتسۇن، بۇلسا ئىچكىرنىڭ ھەممە شىئەھەرلىرىدا ناۋايخانىلار قۇرۇلسا ، بىزدىن قانچىلىق ناۋاي مىليونىرلار چىقار. داۋازلىرىمىز ئاسماندا ماڭسا، نىمىشقا يەردە ماڭمەيسەن، ساراڭمۇ سەن،ئاسماندا ماڭغانغا قانچە ئۇيغۇرنىڭ قوسىقى تۇيىدۇ دىمەيلى. شۇ ئۇيغۇرنىڭ قۇرسىقىنى تويغۇزىدىغانغىمۇ ئادەم بار. ئىشقىلىل ھەممە ئادەمنى ئالىم بول، كەشپىياتچى بۇل دىگىلى بۇلمايدۇ، لېكىن ھەممە ئادەمنى ئىشڭنى ياخشى قىل دىگىلى بۇلىدۇ. بىر بىرىمىزگە كۇيۇمچان بۇلايلى. ھۇكۇمەتتە ھۇقۇق تۇتقانلار ھۇكۇمەتكە دىسۇن، شۇنداق تۇققىنى بارلار تۇققىننىغا دىسۇن. پەقەت بىرلا ئېغىز گەپنى ھەقىقەت دەپ بۇلسىمۇ ئۇچرىغانلار ئادەمگە چۇشەندۇرۇڭ.يەنى ئۇلارغا دەڭ ، مىللىتمىزدا ئۇمىت يوق ئەمەس بەلكى ئۇمىت زور. بىزگىمۇ شۇ 20-30 يىللىق تىرىشىشى كىرەك. 20-30 يىلدىن كىيىن بىز خۇدا بۇيرۇسا مىللىئىتمىزنىڭ تەرەققى قىلغان ئاشۇ ھالىتىمىزنى كۇرۇشكىمۇ ئۇلگۇرىمىز تېخى. قايتا قايتا دەڭ. ئىزىپ جىق مىساللارنى ئېلىپ دەڭ، مۇنبەردىكى بىلىمدان دۇسلرىمىز بۇ ئۇچۇن تېخىمى جىق ئىديۋى ئاساس تەيييارلاپ بەرسە تېخى ياخشى، ھىچ بۇلمىسا ھەللو لىفە دوستىمىزنىڭ ئازراق ئۇيلىغىنى باردۇر. مۇشۇلارنى ھەممىنى دەڭ. ئاخىردا شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلتۇرۇڭ: بىزدىن ئۇمىت زۇر، كەلگۇسىمىز پارلاق، ئۇ غۇۋا چۇش ئەمەس، ئۇنىڭغا پەقەت 20يىللا كىرەك. پەقەت 3تىن بىر ئۇمرىمىزلا كىرەك. تىرىشايلى، كەلگۇسى تېخىچە يەنىلا ئۇزىمىزنىڭ قولىدا.!!!!

http://www.ictp.it) پاكىستانلىق مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ئابدۇسالام تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇلغان . ئابدۇئۇسالام ئۇ 1979 -يىلى ئۇزىنىڭ تەبىئەتتىكى ئاجىز تەسىرى كۇچ توغرىسدىكى دەۋىر بۆلگۇچ نەزىريسى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. تەپسىلى چۇشۇنىشنى خالايدىغانلار ئىزدەش بىكەتلىرىدىن ئىزدەپ كۇرۇڭلار. بۇ تەتقىقات ئۇرنىنىڭ ئاساسلىق نىشانى فىزىكا ئاساسى نەزىرىيەلىرى جەھەتتىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، يەنە بىر نىشانى ئۇچىنچى دۇنيا ئەللىرى ئۇچۇن فىزىكا ئالىملىرى تەربىيلەش. بۇ ئۇرۇننىڭ بىر قىسىم خىراجىتىنى ب د ت بىۋاستە بىرىدىكەن، قالغىنىنى ئىتالىيە ھۇكۇمىتى بىرىدىكەن، يەنە بىر قسىمىنى دۇنيادىكى بىر قسىئىم فىزىكا جەميەتلىرى ۋە شىركەتلەر، بايلار بىرىدىكەن.بۇ ئۇرۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئەڭ بىۋاستە ياردىمى بىزگە بىرمۇنچە ئۇيغۇر دۇكتۇرلىرىنىڭ يىتىشىپ چىقىشىقا تۇرتكە بۇلدى. ئىلگىرى كىين بۇلۇپ ئابدۇشۇكۇر، سايىپجامال. مەدىنە، ئالىم، ئابدۇرەھىم، مەمەت رىشات، ھۇرنىسا قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە ئۇقۇپ ئۇزىنىڭ بىلىمىنى كۇچەيتىۋالغاندىن كيىن، چەتئەلدە ئۇقۇسا قانداق بۇلىدىكەن ،قاندا ئۇقۇيدىكەن شۇنى كۇرگەندىن كىيىن ناھايتى تىزلا باشقا دۇلەت ئۇنۋېرسىتىتلىرى تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىندى ۋە ئۇلارنىڭ تولۇق مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشتى. چۇنكى سىز بۇ يەردە ئۇقۇيالىدىڭز دىگەن گەپ باشقا يەرلەردىمۇ ئۇقۇيالايسىز دىگەن گەپ. مەن بۇرۇن بۇ ئىشلارنى چۇشىنىشتىن بۇرۇن شۇ يەردىن ش ج ئۇ پىزىكا فاكۇلتىتىغا ھەر يىلى سان كىلىدىكەن، ئاشۇ سان بۇيىچە چىقىرىلىدىكەن دەپ چۇشىنەتتىم. ھەم راس گەپنى دىگەندە مەن دەسلەپ فىزىكا ئۇقۇشنى تاللىغاندا شۇسان بىلەن ئىتالىيگە بارغىلى بۇلىدىكەن ، ماڭىمۇ ئۇمىت بار دىگەن تۇيغۇلاردا بۇلمىغانمۇ دىيەلمەيمەن. لېكىن كىين چەتكە چىقىپ ئۇقۇش توغرلىق ئىزدىنىشكە باشلىغاندىن كىيىن چۇشەندىمكى ئەسلى ئۇنداق ئىش يوقكەن. ئۇ يەر ھەر يىلى فىزىكىنىڭ ئۈچ تارمىقى بۇيىچە ئۇچىنچى دونيا ئەللىردىن ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ، ئۇزى بىۋاستە ماستېرلىق ياكى دوكتۇرلۇج پروگراممنىنى ناھايتى ئاز تەشكىللەيدۇ. سىز قىززىقىشڭىزغا ئاساسەن ئاشۇ ئۇچ تارماقنىڭ بىرى بويىچە شۇ لارنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۇقۇش ئىلتىماسى تاپشۇرىسىز، ئۇلار بارلىق ئىلتىماسلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن شۇلارنىڭ ئىچىدىن شاللاش ئېلىپ بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى ئىشىپ قالغانلار ئۇقۇش پۇرسىتگە ئىرىشىدۇ. تاللانغانلارنىڭ ئايرۇپىلان بىلىتىدىن تارتىپ ھەممە چىقىمىنى شۇ يەر بىرىدۇ. ئۇقۇش بىر يىل بۇلىدۇ. بىزدىن چىققانلار ئەنە شۇنداق ئىلتىماس قىلىپ چىققانلار، ئۇ يەرنىڭ ھىچيەرگە بىرىدىغان سانى يوق. يەنى ئىچكىردە يا باشقا ئۇرۇنلاردا فىزىكا ئۇقۇۋاتقانلارمۇ ئىلتىماس قىلساڭلار بۇلىدۇ. ئۇ يەردىن يىلدا بىرلا ئۇيغۇر ئالاتتۇق دەيديغان تۈزۈمى بۇلمىغاندىكىن شۇلارنىڭ تەلىۋىگە چۇشۇپ باشقا رىقابەتچىلىرىڭىزنى يىڭەلىسڭزلا بۇلىدۇ. يەنە بىرى ئادەتتە چەتئەلدە ئۇقۇش ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم بىر نەچچە پىروفىئىسسورلار سىزنى ئۇلارغا تەۋسىيە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بىرىشى كىرەك. ئادەتتە ئۇلار ناچار ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ قالماسلىق ئۇچۇن ئۇزىنىڭ ئىشىنىدىغان ، شۇ يەدە بۇرۇن تۇرۇپ باققان پروفىئىسورلىرىنىڭ خېتىنى ئالدىن ئۇيلىشىدۇ. بىزدە ھازىر بۇ رولنى ساھىپجامال دوكتۇر ئۈتەۋاتىدۇ. سىزنىڭ شۇنداق ئويىڭىز بۇلسا بېرىپ ساھىپجامال دوكتۇرغا بېرىپ دەڭ، ئۇ سىزدىن ئىمتاھان ئالىدۇ، شۇ ئىمتاھاندىن ئۇتەلىسڭىز ئاندىن ئۇ سىزگە خەت يېزىپ بىرىدۇ، شۇ خەتنى ئالالىسڭىزلا قۇبۇل قىلنىش ئىھتىماللىقىڭىز ناھايتى يوقىرى. ئىككىنچسى ئۇ يەرنىڭ ياش چەكلىمىسى بار. يەنە 28 ياشتىن تۇۋەن بۇلۇشى كىرەك. ئۇ يەر چەتئەلنىڭ ياخشى ئۇنۋېرسىتىتلىرىغا كىرىشتىكى ئەڭ ياخشى سەكرەش تاختىسىنىڭ بىرسى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )