- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18677
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
21.69%
|
ئانار ئىنتايىن مول ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەر قايسى قىسمىنىڭ ئۆزىگە خاس رولى بار .
1 . ئانار دانچىسىنىڭ قان تۇلۇقلاش ، قان تومۇر يوللىرىنى جانلاندۇرۇش ، مەڭزىنى قىزارتىپ ، چىراينى گۆزەللەشتۈرۈش ، پۇتۇن بەدەننى ، مېڭىنى قۇۋەتلەش ، نېرۋا ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇش رولى بار . ئانار دانچىسىنى سىقىپ سۈيىنى سەل قاينىتىپ ئىچكەندە ، مۆتىدىللىشىپ ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق رولى تېخىمۇ ئاشىدۇ ، سەپراغا تەگمەيدۇ .
2 . ئانار پوستىنى قۇرۇتۇپ ، چالا سوقۇپ چاي تەييارلاپ ئىچسە ياكى يۇمشاق سوقۇپ كاپ ئەتسە ، بەدەندىكى قۇرۇقلۇقنى ھەيدەپ ، مجەزنى مۆتىدىللەشتۈرۇپ ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
3 . ئانار چېچىكىنى ھەر خىل مىجەزدىكى كىشىلەر چاي دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ، قان تومۇر يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ ، نېرۋا خىزمىتىنى جانلاندۇرىدۇ .
ياشانغانلار گېزىتىدىن ئېلىندى |
|