- تىزىملاتقان
- 2011-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6589
- نادىر
- 1
- يازما
- 180
ئۆسۈش
31.78%
|
ئىگىز كۆكتە پەرۋاز قىلغان قۇش،
تەشۋىشى يوق ئۇنۇڭ ھېچقانچە.
تاپسا بىردان ياكى بىر قۇرت،
يېتەر ئاڭا بىر كۈن كەچكىچە.
قەرز بولماس ئىكەن بىر كىمگە،
قانائەتتە بوققاچ نەفسىنى.
شۈكرى ئېيتقاچ ئاللاھ بەرگەنگە،
يوقكەن ئۇندا ئەتىنىڭ غېمى.
ئاددىغىنە ئالقاندەك ئۇۋا،
مېھرى ئىسىق بولسىمۇ غۇۋا.
ياشار ئىكەن ئۇندا خاتىرجەم،
ئۈزۈلمەستىن كۈلكىلەر توۋا.
كۈز كەلگەندە سولغۇسا تىلەك،
كېتەر ئىكەن ئۇچۇپ يىراققا.
ئەپكەتكىدەك ھېچنىمىسى يوق،
سارغايماسكەن پەسىل ئالدىدا.
ساھىللىرى بولماسكەن قۇشنۇڭ،
بايلىرىمۇ يوقكەن ھەم ئۇنۇڭ.
قىلماس ئىكەن غېمىنى بىزدەك،
قاندۇرالماي ئاچكۆز تۇرمۇشنۇڭ.
كۆچۈپ باقتىم مەنمۇ قۇشلاردەك،
پەسىل ئاتلاپ ئۇ يۇرت-بۇ يۇرتقا.
ئۆز-ئۆزەمگە ئېچىندىم شۇ چاغ،
لاقا-لۇقام پاتماي پويۇزغا.
ئويلاپ قالدىم شۇ چاغ تەشۋىشتە،
قاچانغىچەڭ ياشايمەنكىن دەپ.
تىپىرلىدىم بىر ئۆمۈر تىنماي،
ئاھ!كىملەرگە يىققاندىمەن خەپ.
شۇ قۇشلارنىڭ سۆيگۈسى بىزدە،
بولغان بولسا كۈلەتتى جاھان.
سېنىڭ-مېنىڭ دىيىشمەي ھەمدە،
ئۆتەر ئىدۇق ئىناق شادىمان.
بىر جۇپىدىن ئايرىلغان تۇرنا،
ئۇچۇپ يۈرەر مەڭگۈلۈك تەنھا.....
تۇرغۇن نېرىنكىر |
|