قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7793|ئىنكاس: 30

قوربانلىق قوينى ئۆزىڭىز سويۇۋاتامسىز ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

1

دوست

1990

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4908
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 454
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 22:47:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتى . قەلبىمدە شۇنداق بىر ھاياجانلىق بىر تۇيغۇ بار . بۇ ئەلۋەتتە بالدۇرقى يىللاردىكىگە قىلچە ئوخشىمايدۇ .يىڭى كىيىم كىيگەنلىكىمدىنمۇ ؟ياق..ياق .. ئاتا -ئانامغا ،كىچىك -سەبىيلەرگە ھېيتلىق تۇتقۇزۇپ ،ئۇلارنى خۇشال قىلالىغانلىقىمدىنمۇ ؟بۇمۇ بار ،ئەمما ،پۈتۈنلەي شۇنداق دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ .بۇ ھاياجان دەل ھەممەيلەنگە ئورتاق نېسىپ بولغان ئۇلۇغ ھېيتنىڭ خاسىيىتىدىن ئىدى .بۇنداق ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىمنى سېغىنغانلىقىمنى پەقەت بۈگۈن ھېس قىلىۋاتىمەن .

1-بۇ ھېيتتا ئاتا-ئانىڭىزنى خوش قىلالىدىڭىزمۇ ؟


   ئېسىمنى بىلسەم كىچىك چاغلىرىمدا ،پەرىزىمچە تۆت-بەش ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك .ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ قۇربان ھېيتىمىز ئالتىنچى ئاي مەزگىللىرىدە كىلەتتى .ئاپام ماڭا خېلى كەچ كىرگۈچە تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ،قىپقىزىل دۇڭپاڭلىدىن  كەشتە ئىشلىگەن روباشكا تىكىپ بەرگەنىدى .ئاپام تىكىپ بولغاندىن كىيىنلا مەن ئۇ روباشكىنى چىڭ قۇچاغلىغىنىمچە يوتقانغا كىرىپ ئۇخلىغانىدىم .ئەمما ئاشۇ چاغلار قانداق پەيزى چاغلار ئىدى-ھە ؟ئۇ چاغلاردا ھېيت خۇشاللىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايتتۇق . قولىمىزدىكى ئازغىغە ھېيتلىق پۇللار بىلەن بىشىمىز كۆككە يېتىپ ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمەتتۇق .ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى چوڭلارنىڭ قولىدىن تۇتۇپ مېڭىپ ،ئۇرۇق -تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ھېيتلىشاتتۇق . ئۆز-ئارا نەۋرىلەر ھيتلىق پۇللىرىمىزنىڭ ئاز -كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىپ ،مومىلىرىمىزدا ،بوۋىلىرىمىزغا ئەركىلەپ ئۇششۇقلىق قىلاتتۇق ،ئەمما شۇنچە شېرىن ،شۈنچە چۈچۈك شۇ چاغلار ....
ئەمدىچۇ ،چوڭ بولدۇق .ھېيتلىق كىيىملەرنى ئۆزىمىز بازارغا چىقىپ ،مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن پالان پۇلغا ئېلىپ كىيىۋاتىمىز .خالىغىنىمىزنى كىيىپ ،خالىغانچە كەيىپ -ساپا بىلەن كۆڭلىرىمىزنى خوش قىلىپ ،ئەل -بۇرادەرلەر بىلەن خالىغان چاغدا ئەسرارلىشىۋاتىمىز . خالىغان يەرلىرىمىزگىچە بېرىپ ،يەنە شۇندىمۇ كۆڭلىمىزنىڭ بىر يەرلىرى قانمايۋاتقاندەك ھارغىن روھى -كەيپىياتىمىزدىن بوشىنالمايۋاتىمىز .بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ئەل ئاغىنىمىزگە ،دوست -بۇرادەرلىرىمىزگە مەنپەئەتنى دەپ ،ئابروينى دەپ تۇتاملاپ پۇللارنى كۆزىمىزنى مىت قىلماي تۇرۇپ ،كەڭ قوساقلىق بىلەن خەجلەۋاتىمىز ،ئەمما بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ ھېيت -ئايەملەردە ئاتا -ئانىمىزغا بەرگەن ئازغىنا نەچچە قىزىل ۋاراقنى مىننەت قىلىپ تۇرۇپ ، خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى مائاشنىڭ ۋاقتىدا بەرمەي ، ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىدىن تارتىپ قاقشاپ تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۇياتچان قوللىرىغا تۇتقۇزىۋاتىمىز .
ھېيتنىڭ خۇشال دەقىقىلىرىدە ئىچىم شۇنداق دىلىغۇل  ھالەتتە ئاچچىق  تىڭىرقاپ ۋىجدان سورىقى ئالدىدا بىشىنى ساڭگىلىپ تۇرماقتا .
بۇ ھېيتتا سىز ئاتا -ئانىڭىزنى خۇشال قىلالىدىڭىزمۇ ؟ ئۇلارنىڭ دىگىنىنى ھازىرلاپ بېرەلىدىڭىزمۇ ؟ ئۇلارغا ھېچ بولمىغاندا بىر كۈن تولۇق يېنىدا پۇت -قولىغا ھەمدەم بولالىدىڭىزمۇ ؟ئاتا -ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئەزىز قېرىندىشىم ،ئاتا -ئانىڭىزنىڭ تۇپراق بېشىغا ئايەملەپ چىقتىڭىزمۇ ،ئىككى كەلىمە خەتمە قۇرئاننى ئۆزىڭىز ئوقۇدىڭىزمۇ ياكى ئاتايىن موللا قارىمنى ياردەمگە چاقىردىڭىزمۇ ؟ياكى ئاغىنىڭىز ئوقۇپ بەردىمۇ ؟ئەگەر شۇنداق بولغىنىدا ئەتە -ئۆگۈن بىزنىڭ تۇپراق بىشىمىزدا بىز بالىلىرىمىزنىڭ چەكسىز سېغىنىش ھېسسىياتىنى ،باشقىلارنىڭ قۇرئان -تىلاۋىتىدىن ئاڭلايمىزمۇ ؟




2-قۇربانلىق قويىڭىزنى ئۆزىڭىز سويدىڭىزمۇ -ياكى ؟


ئېسىمنى بىلسەم 90-يىللىرىدا بىزنىڭ كىچىك چاغلىرىمىز ئىدى .قۇربان ھېيتلىقى ھەربىر ئۆيلۈكتە ئاز دىگەندە ئىككى ئەركەك قوي سۇيالايتتى . كىيىنچە ئالى مەكتەپلەرنى ئوقۇدۇق .مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كىلىپ ئالدىراش خىزمەت بىلەن تۇرمۇش قايناملىرىغا بىلىپ بىلمەي كىرىپ كەتتۇق . ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ قوي سۇيۇپ باققانلىقىمىزنى زادىلا ئەسلىيەلمىدۇق .
       ھالا بۈگۈنگە كىلىپ مۇشۇ دەقىقىلەردە قۇربان ھېيتنىڭ ھاياجان ئىزگۈ تىلەكلىرىدە تۇرۇپ مۇسۇلمان ئەركەكلىرىمىزنىڭ ھېيت نامىزىدىن چىقىپ بوغۇزلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان قۇربانلىق قوينىڭ كۆزلىرىدىكى ئىزتىراپ ،بىچارىلەرگە خاس مىسكىن تۇرقىنى ،نىمىگىدۇر چۈشكۈنلەشكەن كۆزلىرىدىكى ئاجىز نۇرلارنى بايقاپ قالدىم .كۆز ئالدىمدا نۇرغۇن قويلار ،مىليون قويلار دەۋرەپ ماڭا ياش يۇقى كۆزلىرىنى بىچارىلەرچە تىككىنىچە قاراپ كەلمەكتە ئىدى .ئۇلارنىڭ توختىماستىن مەرەشلىرىدىن مەن شۇ ئىلتىجانى ئېنىق ئاڭلىدىم ،شۈبھىسىزكى مېنىڭ روھىم ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېنىق كۆردى .ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھېلىلا بوغۇزىغا پىچاق سۈركۈلۈپ ،ئاچچىق جان ئازابىدا تولغىلىنىپ جېنىدىن جۇدا بولىدىغىنىدىن ھالسىزلىنىپ ئەمەس ،بەلكى ئۆزلىرىنى تەكبىر ئېيتىپ ئۆز قولى بىلەن قوي سويىدىغان ئەركەكلەرنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن  ،ئادەملەر ئارىسدا قۇربانلىق قۇينى سويۇشتەك مۇھىم ئەنئەنىنىڭ يوقىلىش گىردابىدا ئاجىز ئىڭراۋاتقىنىدىن ئەپسۇس يەپ ،باشلىرىنى تۆۋەن سالغىنىچە ،تۇياقلىرىنى بىلەن ئاياغلىرى ئاستىدىكى زىمىننى تىلغاپ ،ئۇنىڭغا شىكايەت قىلماقتا .

بۇ يىل قۇربان ھيتتا قوربانلىق قوينى ئۆزىڭىز سويدىڭىزمۇ ؟ئەگەر بىر قۇللۇق ئۆزىڭىز سويغان بولسىڭىز ،سىز ئۆزىڭىزدىن چوقۇم پەخىرلىنىشكە لايىقتۇرسىز ،ئاللاھنىڭ رەھمەت -سالاملىرى بولسۇن ! ئەگەر سويالمىغان بولسىڭىز ،دوست -بۇرادەرلىرىڭىزنى ، قاسساپلىقتىن خەۋىرى بار قوشنا -قۇلۇملىرىڭىزنى ياكى بولمىسا قوي سۇيالايدىغان دادىڭىزنى چاقىرىپ كەلدىڭىزمۇ ؟قوي سۇيۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغىڭىزنى كىلەر يىلىغا ئاتاپ قويدىڭىزمۇ ؟ ئاللاھ كىلەر يىلىغىچە ياق ،سىزنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە نىسىپ قىلسۇن . مەن شۇ تاپ كىيىنكى  پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بارمىقىدىكى قاننى كۆرسىمۇ قورقۇپ -چىرقىراپ كېتىدىغان مىشچان تۇرقىنىڭ قېنىمىزغا سىڭىپ كىرىشدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمەن ،سىلەرچىچۇ ؟



مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتنىڭ خۇشال -خورام ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن .قىممەتلىك ئارام -كۈنلىرىڭلار شادلىققا تولسۇن .






ھۆرمەت بىلەن - دىلكەش دوستۇڭلار كاۋكاز .
بىر كەم دۇنيا ،كىمىنى تولدۇرۇپ ياشا!

NOTHING IS IMPOSSIBLE

22

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9312
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 600
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-26 00:23:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم  مەسىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز،مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ھەممە ئەر  دىگۈدەك  خەتمە قۇرئان قىلالايتتى،ھەممە ئەر دىگۈدەك قوينى  ئۆزى سويالايتتى،لېكىن ھازىر  ئازلاپ كىتىپ بارىدۇ.........
مەن ئۆگەندىم.
قېنى باشقا  كادىر،شەھەرلىك ، قېرىنداشلىرىمىزمۇ  سەل قارىماي ،ئۆگىنىۋالايلى  بۇ ئىشلارنى...........
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

10

تېما

2

دوست

7660

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 1929
توردىكى ۋاقتى: 416
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-26 00:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ئىنتايىن مۇھىم بىر تېمىنى يوللاپسىز، دەرھەقىقەت، كۆپىنچە شەھەرلىك قېرىنداشلىرىمىز قوي تۈگۈل توخۇنىمۇ بوغۇزلىيالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا بەك ئېچىنىمەن، مەن گەرچە بىر خىزمەتچى بولساممۇ، ئايرىم ئۆي تۇتقاندىن باشلاپ قۇربانلىق قوينى ئۆزۈم سويۇۋاتىمەن.
چاقچاققا ئىزاھات بەرمەڭ، شىئېرنى چۈشەندۈرمەڭ

22

تېما

0

دوست

9928

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2135
تۆھپە : 1610
توردىكى ۋاقتى: 1003
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-26 09:52:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم بۇيرىسا مانا مۇشۇ ئىنكاسنى يوللىۋىتىپ قوينى ئۆزەم سويغىلى چوڭ ئۆيگەماڭدىم .

2

تېما

0

دوست

129

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11026
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 19
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-26 10:16:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوي سويۇشنى ئۆگۈنۈشنى  كېلەر يىلغا قالدۇرماي ،بۈگۈندىن باشلايلى
قوربان ھېتىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن !

1

تېما

0

دوست

374

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6061
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 90
تۆھپە : 53
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-26 11:27:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن مەكتەپتە ئىشلەۋاتساق باللارغا ھىيتلىق بىرەلەمدۇق...
جەنۇبى شىنجاڭدا ھىيت كۇنى خىزمەت قىلىسىلەر دەپ ئۇقتۇرش بولسا يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن

13

تېما

4

دوست

2857

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 675
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-26 12:32:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدىكى چىۋىننىمۇ پالاق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشتىن قورقۇپ، دورا بىلەن ئۆلتۈرىدىغان بولۇپ كەتكەن ئەركەكلىرىمىزدىن قوينى ئۆزى سويۇشنى تەلەپ قىلغىلى بولامدۇ؟

2

تېما

3

دوست

3099

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8547
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 615
تۆھپە : 501
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-26 12:51:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى bulak0998دە2012-10-26 11:27يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇگۇن مەكتەپتە ئىشلەۋاتساق باللارغا ھىيتلىق بىرەلەمدۇق...
جەنۇبى شىنجاڭدا ھىيت كۇنى خىزمەت قىلىسىلەر دەپ ئۇقتۇرش بولسا يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن  

كىچىدىن ئائىلە تەكشۈرۈپ ھازىر ئىشتىن چۈشۈپ ھىيىتلىق قوينى سويۇش ئۈچۈن ئۆيگە قايتتۇق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )