قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3768|ئىنكاس: 20

مۇسۇلمانچە دېگەن نېمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يول ماڭغانسېرى ئ

5

تېما

1

دوست

8596

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10640
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1305
تۆھپە : 1717
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 12:06:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمانچە دېگەن نېمە؟
جاۋاب: مۇسۇلمانچە — ئۆزى پاك، تەن ساقلىققا زىيىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنى رۇخسەت قىلغان نەرسە دېمەكتۇر. مەسىلەن: پاك ۋە تەن ساقلىققا زىيىنى يوق يېمەكلىك ۋە ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغانغا، مۇسۇلمانچە كەسىپ بىلەن يوللۇقھالدا تىرىكچىلىك قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، يوللۇق ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىش،مۇسۇلمانچە ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش چەكلەنمەيدۇ، شۇنداق قىلغان ئادەم ساۋاب تاپىدۇ.

مۇسۇلمانچە ئەمەس دېگەن نېمە؟
جاۋاب: مۇسۇلمانچە ئەمەس — پاك ئەمەسلىكى ۋە تەن ساقلىققا زىيانلىقلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىسلام دىنى چەكلىگەن نەرسە دېمەكتۇر.مەسىلەن: چوشقا گۆشى ۋە ھاراققا ئوخشاش پاسكىنا ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغانغا، ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، مۇسۇلمانچە ئەمەسنى ئىستېمال قىلىش، چەكلەنگەن ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا تۇتقانلىق ۋە ئېغىر گۇناھتۇر.

مۇسۇلمانچە بىلەن مۇسۇلمانچە ئەمەسنى بىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
جاۋاب: مۇسۇلمانچە بىلەن مۇسۇلمانچە ئەمەسنىڭ پەرقىنى ئايرىش، نېمىلەرنىڭ مۇسۇلمانچە ۋە نېمىلەرنىڭ مۇسۇلمانچە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ئەيندۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ مۇسۇلمانلىقى تولۇقلانمايدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانچە – مۇسۇلمانچە ئەمەس بەندىنىڭ جەننىتى ياكى دوزىخى بولۇپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىبادەت ۋەدۇئالارنىڭ قوبۇل بولۇشى ياكى رەت قىلىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مۇسۇلمانچە - مۇسۇلمانچە ئەمەسنىڭ پەرقىنى ئايرىماسلىقنىڭ جازاسى نېمە؟
جاۋاب: ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانچە ئەمەسنى مۇسۇلمانچە ئورنىدا ئىستېمال قىلغۇچىلارنى دوزاخ بىلەن تەھدىت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بەدىنىنى مۇسۇلمانچە ئەمەس بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان ھەر قانداق ئادەم دوزاخقا ئەڭ ھەقلىقتۇر».ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان مۇسۇلمانچە نەرسىلەردىن يەڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. (بەقەرە سۈرىسى 172 - ئايەت).


قانداق قىلغاندا مۇسۇلمانچە ئەمەسدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا ھەر قانداق بىر نەرسىدەمۇسۇلمانچە ئەمەس دېيىلگەن نەرسىلەر ۋە ئىشلاردىن چەكلىنىش، شۇنداقلا مۇسۇلمانچە ياكى مۇسۇلمانچە ئەمەسلىقى ئېنىق بىلىنمىگەن - شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانچە ئەمەسدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرھەدىستە: «مۇسۇلمانچەمۇ، مۇسۇلمانچە ئەمەسمۇ ئېنىق ئايرىلدى. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك (يەنى مۇسۇلمانچە ياكى مۇسۇلمانچە ئەمەسلىقى ئېنىق بولمىغان)نەرسىلەر بار، كۆپ ئادەملەر بۇنى بىلمەيدۇ. كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلانسا،مۇسۇلمانچە ئەمەسدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

مۇسۇلمانچە نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ قانداق پايدىلىرى بار؟
جاۋاب: مۇسۇلمانچە نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىنتايىن كۆپ پايدىلىرى بار.
(1) مۇسۇلمانچە ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ۋە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرگەن ئادەمنىڭ دىلى پاك، كۆڭلى يورۇق، تېنى ساق، ئەقلى ئۆتكۈر، خاتىرىسى كۈچلۈك ۋە ھوشيار بولىدۇ.
(2) مۇسۇلمانچە ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ، كۈچ – قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ قالمايدۇ.
(3) مۇسۇلمانچە ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەمنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولىدۇ ۋە دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەتلەرنىڭ ۋە دۇئالارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى مۇسۇلمانچەئەمەس يېيىشتۇر.
(4) مۇسۇلمانچە ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ.
كۈندىلىك ئېستىمالىمىزدىكى بىر قىسىم تەركىپلەرگەنەزىرىمىزنى ئاغدۇردىغان بولساق،ئۆزىمىزنىڭ ئاللىقاچان بىلىپ-بىلمەي مۇسۇلمانچە ئەمەسغا ئارلىشىپ قالغانلىقىمىزنى بايقايمىز. يېمەك-ئىچمىكىمىزدىكى مۇسۇلمانچە-مۇسۇلمانچە ئەمەسنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇش ئېھتىياجى بىلەن مەن بىر قانچەئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە تور بەتلەردىن تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمەقىلىپ قويدۇم. ئۆزەم چىقىرۋالغان پەتىۋا ئەمەس.


1. سۆڭەك يىلىمى
-ھايۋانلارنىڭ پارچە-پۇرات سۆڭەكلىرىنى ۋە تاشلاندۇق تېرىلىرىنى قاينىتىپ چاپلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتىمۇ كۈچلۈك بولغان يىلىم ياسىلىدۇ.بۇرۇن بۇ خىل يىلىم ياغاچچىلىقتا ئىشلىتىلەتتى.ھازىربۇ يىلىمدىن يېمەكلىك يىلىمى،يار يىلىم ۋە ساپ يىلىم پىششىقلاپ ئىشلىنىلىدۇ.دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ% 95 تى بولسا مۇسۇلمان ئەمەس.شۇڭا يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدىغان خۇرۇچلار پەقەتلا تازلىق ئۆلچىمىگە يەتسىلا لاياقەتلىق دەپ قارىلىدۇ. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئاساسى جەھەتتىن سۆڭەك يىلىمىنى ئىشلىتىدۇ.
ئىسلام قائىدىسى بويىچە سويۇلغان قوي-كالىلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ سانى چەكلىك ھەم پەرىقلەندۈرگىلى بولمىغاچقا سۆڭەك يىلىمى كۆپ ئەھۋاللاردا چوشقىنىڭ سۆڭىكىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەر مەسىلەن دېڭىزيۇسۇنى،كۆكتات ،ئەرەپ دەرەخ يىلىمى قاتارلىقلارندىمۇ يىلىم ئايرىۋىلىشقابولىدۇ. لېكىن بۇ خام ئەشيالاردىن تەييارلانغان يىلىمنىڭ تەننەرخى سۆڭەك يىلىمدىن ئون ھەسسە يۇقۇرى بولۇپ ئادەتتە دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە تىببىپەن-تېخنىكا تەتقىقاتلىردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى يېمەكلىك كارخانىلىرى بۇنڭىغا چىقىش قىلالمايدۇ. مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى يار يىلىم ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارمۇ ھەرگىز مەخسۇس ئىسلام قائىدىسى بويىچە بوغۇزلانغان قوي-كالىلارنىڭ سۆڭىكىنى تېپىپ يىلىم قايناتمايدۇ. بەلكى يىغىپ كەلگەن ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىنى ئارلاشتۇرۇپ قاينىتىپ يىلىم ياسايدۇ.
ئىشلىتىلىشى:سۆڭەك يىلىمىدىن ئايرىۋىلىنغان يىلىم سېغىز، شاكىلات، سۈت كەمپۈتلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يىلىم بولمىسا بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلىگىلى بولمايدۇ. بۇنڭىدىن باشقا سوغۇق يېمەكلىكلەر-قېتىق، ماروژنى، مېۋە ئۇيۇتمىسى قاتارلىقنى ئىشلەچىقىرىشتا ئۇيۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ.


ئەينەك قۇتىلىق مېۋە كونسېرۋالىرى. :
شاپتۇل، نەشپۈت، ئاپلىسىن، ئۆرۈك، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ كونسېرۋالىرى گەرچەھازىر چوڭ شەھەرلەردە ئېستىمالدىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم يېزابازارلىرىدا ھېلىھەم مەۋجۇت.85 -يىلدىن بۇرۇنقى بۇ تېخنولوگىيىلىك ئۇسۇل بولسايېرىم كىلو دىستىللەنگەن سۇغا ئالتە سەر شېكەر سېلىنىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن ئىچىدىكى ھاۋا تارتىۋىلىپ قۇتىنىڭ ئېغىزى يېپىلىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا مەھسۇلات ئۇزاق ۋاقىتقىچە يېڭى تۇرىدۇ. كېيىن دۆلىتىمىزدە دىئابىت ۋە يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللكلىرىنىڭ ئەۋىج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، شېكەرنىڭ مىقدارىغا چەك قۇيۇلغاندىن كېيىن بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلار دىستىلىگەن سۇغا سۆڭەك يىلىمىدىن ئايرىۋىلىنغان يىلىمنى سېلىپ، شېكەرنى ئازراق سالىدىغان يېڭى ھۈنەرنى ئىجات قىلدى.بۇ خىل ئۇسۇلدا كونسېرۋا ئىچىدىكى مىۋىنى تېخىمۇ يېڭى پىتىچە ساقلىغىلى بولاتتى. ئەگەر يېنىڭىزدا كونسېرۋا بولسا تۆكۈپ باقسىڭىز مەلھەمسىمان قويۇق سۇيۇقلۇقنى كۆرىسىز. ئۇ دەل سۆڭەك يىلىمىدۇر.


ناۋات :
ھازىرقى ناۋاتلار يەنى كىرىستال ناۋاتلار يېسە كىشىگە چۈرۈك بىر خىل تېتىيدۇ. بۇرۇنقى ناۋاتلاردەك قاتتىق ئەمەس يەنە كېلىپ سۈزۈكلىكى يۇقىرى،خېلى يۇقىرى تېمپىراتۇرادىمۇ ئوڭايلىقچە ئېرىپ كەتمەيدۇ،ساقلاشقا قولايلىق. بۇمۇ سۆڭەكيىلىمىنىڭ كارامىتىدىندۇر.


مىۋە ئۇيۇتمىسى-مىۋە ئۇيۇتمىسى سۆڭەك يىلىمى ئەڭ جىق سېلىنىغان يېمەكلىك بولسا كېرەك. بالىلار يېمەكلىكلىرى ئاساسلىق تاتلىق تېتىتقۇ سېلىنىپ ئىشلىنىدۇ. تاتلىق تېتىقۇ بولسا خىمىيىۋى ئۇسۇلدائايرىۋىلىنغان ماددا بولۇپ،تاتلىقلىق تەمى شېكەرنىڭ 15 ھەسسگە توغرا كېلىدۇ. بەزى زاۋۇتلار پۇل تېپىشنى كۆزلەپ ھەتتا شېكەرنىمۇ ئىشلەتمەستىن مېۋە ئۇيۇتمىسىنى بىۋاستە تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچتىنلا ياسايدۇ.

كەسكەن چۆپ. : ئەگەر كەسكەن چۆپكە سۆڭەك يىلىمى سېلىنمىسا قاينىتىلغاندا ئاسانلا ئېزىلىپ كېتىدۇ. كەسكەن چۆپنى پىشۇرغان ئاش سۈيۈنى پۇرىسىڭىزلا سۆڭەك يىلىمنىڭ سېسىق پۇرىقىنى ھېس قىلالايسىز.

پىنتوزا،ئىنچىكە پىنتوزا،كىراخمالقايمىقى.:بۇلارنىڭ خام ماتىريالى پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، ئاق قوناق، ياڭيۇ قاتارلىقلاردىن ياسالغان كىراخمال بولۇپ، ئارىسغا مۇۋاپىق مىقداردا سۆڭەك يىلمى سېلىنىدۇ.

ئاچچىق-چۈچۈك شورپا –بۇنىڭغا سېلىنىدىغان سۆڭەك يىلىمنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى. شۇندىلا شورپىدىكى خۇرۇچلار يۇقىرى تېمپىراتۇرادا قىزىتىلغاندا ئاسان ئېزىلىپ كەتمەيدۇ.

2. چوشقا مېيى: ھازىر شاڭخەي بىلەن گۇاڭجۇ مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يېمەكلىك خۇرۇچلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدۇر. بۇ زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان ياغ كىسلاتاسى، سۈنئى قايماق، تورتقايمىقى، كاتالىزاتۇر، قاتۇرغۇچ قاتارلىق خۇرۇچلارنىڭ ھەممسىنىڭ تەركىبىدە چوشقا مېيى بار بولۇپ، يۇمشاق پىرەنىكلەرنىڭ ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا چوشقا مېيى سېلىنمىسا ۋە ئۈستىگە بىر قات سۈركەلمىسە مەھسۇلاتنى يېڭى پېتىچە ساقلىغىلى بولمايدۇ. ماشىنا –ماشىنا چوشقا مايلىرى بۇ زاۋۇتلارغا توشۇپ كېلىنىپ، زامانىۋى تېخنىكا بىلەن پۇراقسىز، رەڭسىز، سۈزۈك، پارقىراق سۇيۇقلۇق ئىشلىنىپ. ئاخىرىدا يېمەلىك ئىشلەپچىقىرشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مەسىلەن دولانا ئورىمى، دولانا كەمپۈتى بۇلارنى كۆپىنچىمىز ياختۇرۇپ يەيمىز. بىز تەرەپتە بۇنى يايما قاق دەيمىز. ئەگەر ھەر بىر قەۋەت ئورالمىسىغا ماي سۈركىلىپ چاپلاشتۇرۇلمىسا ،ئۇ قانداقمۇ شۇ ئورام ھالىتىدەجىپسىلىشىپ تۇرىدۇ. پۇرىسىڭىز ھېچقانداق پۇراق يوق. لېكىن ,بارمىقىڭىزنى سۈركىسىڭىزلابىر قەۋەت ماينى سېزىسىز. ئۇ ماي دەل چوشقا مېيىدۇر. سۈنئى قايماقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىمۇ  شۇنداق. خام ئەشياسى پۇرچاق تۈرىدىكىلەر بولۇپ، پۇرچاق مېيىنى يۇقۇرى قىززىقلىقتا قاتۇرغۇچنىڭ ئىچىگە پۈركۈپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق قايماق ياسىلىدۇ.لېكىن بۇ يەردىكى قاتۇرغۇچ دەل چوشقا مېيىدىن ياسىلىدۇ. تورت ياساشتا ئىشلىتىدىغان  قايماققىمۇ چوشقا مېيى سېلىنىدۇ.

3.گۆش مەھسۇلاتلىرى: ئىچكىرىدىكى بەزى زاۋۇتلاردا ئۆلتۈرۈلگەن قوي-كالىلارنىڭ ئەلۋەتتە ئىسلام قائىدىسى بويىچە سويۇلمايدىغانلىقنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئىچكىرىدىكى بەزى زاۋۇتلار كالا ئۆلتۈرگەندە گۆشنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئېلىكتىرلىق سۇ پومپىسىنىڭ شىلانكىسىنى كالىنىڭ بۇرنىغا سېلىپ، كالىنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ. يەنى بەزى زاۋۇتلار قوي، كالىلارنى ئۆلتۈرگەندە ئالاھىدە ئىشلەنگەن يىڭنىسىمان پىچاقنى قوي، كالىلارنىڭ نېرۋا مەركىزىگە سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا قان ئاقمايدۇ. گۆشنىڭ ئېغىرلىقىغا تەسىرى بولمايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇللارئەلۋەتتە ئىسلام قائىدىسىگە خىلاپتۇر. بۇ خىل گۆشلەر بىلەن ئىشلەنگەن ھەر قانداق مەھسۇلاتلارنى يەنى ئىسلام قائىدىسى بويىچە سويۇلمىغان قوي، كالا، توخۇ قاتارلىق گۆش مەھسۇلاتلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ.

تۆۋەندىكىلىرى بىر قىسىم كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرىتىغان تەركىپلەر.ي ېنىڭىزدا قانداق بىر مەھسۇلات بولسا ئېلىپ قاراپ بېقىڭ. 甘油Glycerin
ھايۋانات مېيى خام ئەشيا قىلىنغانمۇ ياكى ئۆسۈملۈكمۇ شۇنىڭغا قاراش كېرەك. ئادەتتەيېمەكلىككە ئىشلىتىلدىغىنىدا ھايۋانات مېيى خام ئەشيا قىلىنىدۇ. 香料Flavors
تىېتىتقۇنىڭ خام ماتىريالى ئۆسۈملۈك بولۇپ، لېكىن ئىسپىرىتنى ئېرىتكۈچى قىلىدۇ. لېكىن ھازىر بىر قىسىم كارخانىلار ئىسپىرىتىنى ئىشلەتمەي تېتىتقۇ ئىشلەپچىقىرۋاتىدۇ.
乳化剂Emulsifiers مۇسۇلمانچە ئەمەس
板油Lard مۇسۇلمانچە ئەمەس
卵磷脂Lecithin
سېرىق پۇرچاقىنڭ خام ئەشيا قىلغىنى مۇسۇلمانچە، ھايۋانات مېيىنى ئىشلەتكىنى بولسامۇسۇلمانچە ئەمەس 酶类Enzymes مۇسۇلمانچە ئەمەس
乙酸AceticAcidمۇسۇلمانچە
酒精Alcoholمۇسۇلمانچە ئەمەس
动物脂肪Animal Fat مۇسۇلمانچە ئەمەس
抗坏血酸(Vc) Ascorbic Acid مۇسۇلمانچە
安息香酸盐Benzoate/Benzoic Acid مۇسۇلمانچە
碳酸钙Calcium Carbonate مۇسۇلمانچە
卡拉胶(角叉菜) Carrageenan مۇسۇلمانچە
胆固醇Cholesterol شۈبھىلىك
柠檬酸Citric Acid مۇسۇلمانچە
可可油Cocoa Butter مۇسۇلمانچە
胶原质Collagenمۇسۇلمانچە ئەمەس
麦片Corn Meal / Corn Starchمۇسۇلمانچە
玉米糖浆Corn Syrup مۇسۇلمانچە
糊精Dextrin / Dextrose مۇسۇلمانچە
甘油二酯Diglyceride شۈبھىلىك
甘油二酯Diglyceride 植物مۇسۇلمانچە
乙二胺四乙酸EDTAمۇسۇلمانچە
酶Enzymeشۈبھىلىك
麦角固醇Ergosterol مۇسۇلمانچە
脂肪酸Fatty Acid شۈبھىلىك
硫酸铁Ferrous Sulfate مۇسۇلمانچە
果糖Fructoseمۇسۇلمانچە
真菌蛋白酶Fungal Protease Enzyme مۇسۇلمانچە
骨胶Gelatinمۇسۇلمانچە ئەمەس
葡萄糖Glucoseمۇسۇلمانچە
甘油酯Glyceride شۈبھىلىك
肝糖(糖原质) Glycogenشۈبھىلىك
阿拉伯树胶Gum Acacia مۇسۇلمانچە
激素Hormonesشۈبھىلىك
氢化植物油Hydrogenated Oil مۇسۇلمانچە
水解动物脂肪Hydrolyzed Animal Proteinشۈبھىلىك
麦芽Maltمۇسۇلمانچە
单糖Mono Saccharides مۇسۇلمانچە
味精(谷氨酸钠) Monosodium Glutamate مۇسۇلمانچە
硝酸盐Nitrates / Nitrites مۇسۇلمانچە
草酸Oxalic Acid مۇسۇلمانچە
苯甲酸PABAمۇسۇلمانچە
胶质Pectinمۇسۇلمانچە
胃蛋白酶Pepsinشۈبھىلىك
磷脂Phospholipid شۈبھىلىك
柠檬酸钾Potassium Citrate مۇسۇلمانچە
肾素Reninشۈبھىلىك
糖精Saccharine مۇسۇلمانچە
酵母Yeastمۇسۇلمانچە

قوشۇمچە: ئوراپ-قاچىلاش ماتېرىياللىرى-بەزى يېمەكلىك ئوراش ماتىرياللىرى بولۇپمۇ پىششىق يېمەكلىك سېتىش دۇكانلىرىدا ئوراش ماتىريالنىڭ ئىچىگە نىپىز بىر قەۋەت ھايۋانات مېيى سۈركىلىدۇ. ئادەتتە ھامبۇرۇگ، تورت قاتارلىقلارنى ساتىدىغان(مۇسۇلمانچە بەلگىىسى يوق) دۇكانلاردا لېسقىمۇ ھايۋانات مېيى سۈركىلىپ ئالدىڭىزغا تىزىلىدۇ. قاراماي جۇڭغارىيە بازىرىغاجايلاشقان كېنتاكىنىڭ كىرىش ئىشىكىدە پەقەت كېنتاكى دەپ ئۇيغۇرچە خەت بار. بىرقىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇنى مۇسۇلمانچە ياكى مۇسۇلمانچە دەپ چۈشۈنەمدۇ بىلمىدىم ئۆچرەت ساقلىشىپ غىزالىنىدۇ.
يېشىل ئوقيا ماركىلىق سېغىز –بۇ سېغىزنى ئىشلەپچىقارغان شىركەت ئېستىمالچىلار گېزىتىدە پۈتۈن مۇسۇلمان ئاممىسىدىن كەچۈرۈم سوراپ بۇمەھسۇلاتنىڭ مۇسۇلمانچە ئەمەسلىكىنى ئېتراپ قىلغان.لېكىن ھېلىھەم بۇ سېغىزنى چايناپ يۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس.
جىياڭيۇنىڭ خام ماتىريالى ئادەمنىڭ چېچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ تۈكىدىن ئىبارەت. جياڭيۇ مۇشۇنداق ئىشلىنىپ
ئاندىن تەم تەڭشىگۈچ قۇشۇلۇپ بوتۇلكىلارغا قاچىلنىپ تەييارلىنىدۇ. ھازىربازارلاردىكى خۇنەندە ئىشلەنگەن جياڭيۇ دەل مۇشۇنداق تەييارلانغان مۇسۇلمانچەئەمەس مەھسۇلاتتۇر.

مەنبە : ساقلانمام

مەزكۇر يازمىنى مەن قەشقەردە يېمەكلىك تىجارىتى قىلىدىغان بىر ئاكىمىزنىڭ بارماق دىسكىسىدىن كۆچۈرىۋالغان ئىدىم ، بۈگۈن كومپىيۇتېرنى رەتلەۋىتىپ ئۇچىرىتىپ قېلىپ دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم ، مۇمكىن بولسا مەزكۇر تېمىنى تېخىمۇ كۆپ توربىكەتلەردە يوللاپ قويساق، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلار بىلىۋالسا دىگەن ئۈمۈدتە مەن .
ھەممەيلەن بىرلىككە كېلىپ، تىل-يېزىقىمىزنى قوغدايلى!
uyghuray

0

تېما

1

دوست

7117

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9775
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1354
تۆھپە : 1307
توردىكى ۋاقتى: 603
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 17:41:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن،كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم... رەخمەت سىزگە....  
تىرىشىمەن

1

تېما

0

دوست

421

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   60.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9192
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 75
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 19:41:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان ئەمەس بىرەسى ئويىدىكى چىنىدە سۇ بەرسە ئىچمەيمىز ياكى بىر ئىكلىنىپ قىلىپ ئىچىمىز بىراق ھەممىنى تەييارلاپ ئەكىلىپ بەرسە مۇسۇلمان ئىشلىدىمۇ ياكى مۇسۇلمان ئەمەس ئادەملەر ئىشلىدىمۇ دىمەي ئىستىمال قىلىۋىرىمىز ``

0

تېما

0

دوست

898

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   79.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11188
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 117
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 20:23:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ھەممەنەرسە مۇسۇلمانچە بوپكەتتى            بىزنىڭ ئۆيدىكى تەرەت چۆگىنىگىمۇ  مۇسۇلمانچە دەپ يىزىقلىق
uyghuray

2

تېما

12

دوست

6779

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2586
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1551
تۆھپە : 1017
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 21:02:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ahmatjan41دە2012-10-30 19:41يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇسۇلمان ئەمەس بىرەسى ئويىدىكى چىنىدە سۇ بەرسە ئىچمەيمىز ياكى بىر ئىكلىنىپ قىلىپ ئىچىمىز بىراق ھەممىنى تەييارلاپ ئەكىلىپ بەرسە مۇسۇلمان ئىشلىدىمۇ ياكى مۇسۇلمان ئەمەس ئادەملەر ئىشلىدىمۇ دىمەي ئىستىمال قىلىۋىرىمىز ``    



بۇ گەپ جايىدا ، ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىۋاتىمىز ....

0

تېما

0

دوست

220

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11101
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 21:58:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
乳化剂Emulsifiers بۇنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەردەئىشلەن گىنىچۇ؟

0

تېما

0

دوست

220

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11101
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 22:07:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
起酥油دىگەنچۇ؟بىلدىغانلار دەپ بەرسەڭلەر

10

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 2725
توردىكى ۋاقتى: 494
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 01:02:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، بۇ تېمىنى يوللاپ ساۋاپلىق ئىش قىپسز، قېرىندىشىم، بىلمىگەننى بىلىۋالدىم، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!...
چاقچاققا ئىزاھات بەرمەڭ، شىئېرنى چۈشەندۈرمەڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )