- تىزىملاتقان
- 2012-9-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2960
- نادىر
- 0
- يازما
- 138
ئۆسۈش
32%
|
<<تىلنى سۆيمىگەن ئەلنى سۆيمەس>>
تىل ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئالاقىلىشىش قورالى،شۇنداقلا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاستە.ئىنسانىيەت دۇنياسىنى تىلسىز تەسەۋۋۇر قىلىش خۇددى،بىلىقنى سۇسىز،يەر شارىنى قۇياشسىز،گۈلزارنى گۈلسىز تەسەۋۋۇر قىلغان بىلەن ئوخشاش.ھەممىمىزگە مەلۇمكى،ئانا تىل ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.لېكىن ھازىرقى ئانا تىلىمىز دۇچ كېلىۋاتقان كۈچلۈك خىرىس كۈنسىرى كۈچىيىپ، باشقا تىللارنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر تىلىغا ئۈن-تۈنسىز بىسىپ كىرىپ
كۈچلۈك ئاسمىلاتسىيە ھالىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ بىرخىل ئەبجەش تىل ھالىتى شەكىللەنمەكتە.ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ بۇ يىللىق ئىتوتى بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن.
قويۇق ئاسمىلاتسىيە پۇرىقىغا ئىگە تۆۋەندىكلى جۈملىگە قاراپ باقايلى:<<سەي قورۇش ئۈچۈن پەمىدۇر،لازا،گۆشتىن باشقا يەنە،چەيزە چىڭسەي،بەسەي،ياڭيۇ قاتارلىقلار كېتىدۇ>>ئەمىليەتتە بۇ جۈملە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.ئەگەر بىز بۇ جۈملىنى<<قورىما قورۇش ئۈچۈن پەمىدۇر گۆشتىن باشقا يەنە مۇچ،پىدىگەن،كەرەپشە،بەرەڭگە ۋە يىسىۋلەك قاتارلىقلار لازىم بولىدۇ .>>دەپ ئىشلەتسەك نېمە دېگەن يىقىملىق ئاڭلىنىدۇ.كۆرۈشكە بولىدۇكى تىل ئاسمىلاتسىيىسى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەڭ كىچىڭ ھالقىلىرىغىچە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە.
ئەلۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەميىتى يولۇققان بۇ خىل تراگىدىيە ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا تېگىشلىك.ئۇ بىزنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كگلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە تۈگىمەس خىياللار قوينىغا غەرق قىلىدۇ.بىزنى ئويغا سالىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى،ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسى ۋە تەقدىرى ئەگەر بۇ خىل ئاسمىلاتسىيە ھالىتىدە داۋاملىق تۇرىۋەرسە،يەنە قانچىلىك پۇت تىرەپ تۇرالار،يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەر؟يەنە قانچىلىك خۇش پۇراق چاچالار؟
ئۇيغۇر تىلى خۇددى ئۇيغۇرنىڭ نېنىغا ئوخشايدۇ.نان تەمى ۋە ساپلىقى بىلەن ئەتىۋارلىنىدۇ.ئەگەر ئۇنىڭغا ھەر خىل خىمىيىۋى خۇۇرۇچلار قىتىلىپ قالسا،
ئەسلى خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ ئىككى كۈن يەپلا زىرىكىدىغان بولكا،پىرەنىككە ئايلىنىپ قالىدۇ.ئۇيغۇر تىلىمۇ ھەم شۇنداق.ئۇ ئۆزىنىڭ ساپلىقى بىلەن گۈزەلدۇر.بىز چوقۇم بۇخىل ساپلىقنى قوغدىشىمىز،ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ خىميىۋى خۇرۇچنىڭ ئارلىشىۋىلىپ ئىچكى دۇنياسىنى ئاستا-ئاستا چىرىتىشىگە يول قويماسلىقىمىز لازىم.ئەلۋەتتە بىز بۇ قوغداشنى باشقىلاردىن كۈتمەيمىز.شۇڭا بۇ خىل قوغدىلىش پەقەت بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىقلا روياپقا چىقىدۇ.ئەگەر بىز ئومۇمى خەلقتە بۇ خىل روھنى ئازراق بولسىمۇ ئويغىتالىساق،تىلسىز يېزىقسىز قىلىشتەك تراگىدىيەگە قىلىشتىن ساقلىنالايمىز.كېلىڭ دوستۇم خوسەينى تاشلىۋىتىپ سەرەڭگە بىلەن تىلىمىزدىكى چاتقاللارغا ئوت ياقايلى.كېلىڭ دوستۇم شىياڭزاۋنى تاشلىۋىتىپ خۇش پۇراق سوپۇن بىلەن تېلىمىزدىكى ئارلاشمىلارنى يۇيۇپ چىقىرۋىتەيلى. |
|