- تىزىملاتقان
- 2011-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6589
- نادىر
- 1
- يازما
- 180
ئۆسۈش
31.78%
|
ئۇيقۇغا كەتكەندە چوپان خىرامان،
ئىت سالدى ئەمچەكنى ئوغلاققا چاقان،
نە ئامال كەينىگە قايتمىدى ۋاقىت،
پەرىشان بولسىمۇ بۇ ئىشقا جاھان.
گۇنايى ئوغلاقنى ئەركىگە قويغان،
ئەلەملىك ئازاپتا پۇچۇلدى چوپان.
ئاھ!پىغان قىلسىمۇ يۈرەكنى جۇل-جۇل،
پۇشايمان قەلىپگە دۇشمەن ھەر قاچان.
ھەي چوپان،ھەي چوپان،دىدى ئۆزىگە،
نە ئۈچۈن ئۇنى سەن باغلاقسىز قويغان.
ئايانغۇ سېنىڭغا قىسمىتى جاھان،
ئۆزۈڭگە ئۆز-ئۆزۈڭ قۇرۇپسەن قاپقان.
ئەمدى ئۇ چوڭ بولسا ئىتتەك مىجەز ئەپ،
چوقۇمكى چىشلەيدۇ بارنى بىر-بىرلەپ.
ھەتتاكى چاقىدۇ ئاش بار قازاننى،
يانىدۇ بىزگىمۇ ئىتقا ئۆزگۈرەپ.
ئاھ!چوپان كۆرگەنسەن كوچا-كويلارنى،
مىسالى ئىت كەبى قاۋاپ ياتقاننى.
ئاڭلىساڭ ئۆزتىلىڭ چىرايىمۇ ئۆز،
بىلمەيسەن مىجەزى كىمنى تارتقاننى.
ئۇنتۇغان ئەكسىنى قويماي تەل-تۆكۈس،
بوغۇدۇ ھېيىقماي ئاجىز تاپقاننى.
ئېگىلىپ پۈكلۈنۇر كۆرسە قاۋاننى،
ئاھ خۇدا! كىم كۆرگەن مۇنداق زاماننى.
بولدى بەس غاجىماي ئۆزۈمنى-ئۆزۈم،
مەنمۇ بىر چوپانمەن ساۋاقتۇر سۆزۇم.
ئېغىزنى چىڭ يۇماي نەفسىم ئېچىسۇن،
كۆرمىسۇن زۇلمەتنى شۇ خىرە كۆزۈم.
ئۆكۈنمە ئەي چوپان بولدى قىل سەنمۇ،
چىڭ تۇتقىن ۋەسلىڭدە قالغان-قاتقاننى.
چېچەن بول ئۇخلىما يوقاتما ئازنى،
بىز تېخى بېزەيمىز ئەتىكى تاڭنى.
تۇرغۇن نېرىنكىر |
|