- تىزىملاتقان
- 2011-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2113
- نادىر
- 0
- يازما
- 55
ئۆسۈش
3.77%
|
«ھاجىم» ئاتالغۇسىنىڭ دىنى ئاساسى توغرىسىدا
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز !دىيارىمىزدا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى «ھاجىم» دەپ ئاتايدىغان، ئومۇملاشقان بىر ئادەت بار. ئەمما، مەيلى مۇھەممەد ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياكى ساھابە كىراملەر بولسۇن، ئۇنداق ئاتالمىغان ئىكەن. سوئالىم شۇكى، ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغانلارنى «ھاجىم» دەپ ئاتاشنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ -يوق؟ ئاساسى بولسا تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى قانداق؟
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ھەج ئىبادىتى ئىسلامدىكى بەش ئاساسلىق ئىبادەتنىڭ بىرى بولۇپ، ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلىپ ناشايان ئىشلارنى (جىنسى ئالاقە قىلىشنى) ۋە گۇناھ ئىشلارنى سادىر قىلماي ھەجنى تاماملىسا، خۇددى ئانىسى تۇغقان كۈندىكىدەك، (گۇناھدىن پاك) ھالەتكە قايتىدۇ».(سەھىھەين: بۇخارى 1521-ھەدىس. مۇسلىم 1350-ھەدىس)
ھەج ئىبادىتىنى قىلىشقا مۇيەسسەر بولغانلارنى ھاجىم دەپ ئاتاش بىز ئۇيغۇرلاردا بولسۇن، باشقا تۈركى مىللەتلەردە بولسۇن، شام ۋە مىسىر قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدە بولسۇن، ئافرىقىدىكى دۆلەتلەردە بولسۇن ئاساسەن دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدىكى ئومۇم مۇسۇلمانلاردا كەڭ تارقالغان بىر ئادەت بولۇپ، بۇ سۆز ھەج قىلغان شۇ كىشىنى ئىززەتلەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتىن بۇ سۆزنى ئىشلىتىش مۇباھ بولىدۇ. بۇنىڭدا يا ھاراملىق يا مەكروھلۇق بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياكى ساھابە كىراملىرى بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتمىگەن. بىر-بىرىنى ئۆز ئىسمى ياكى كۇنيىتى بىلەن چاقىرىشقان. لېكىن ئىشلەتمىگەنلىكى ئىشلەتسە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭغا ئوخشىغان ناملارنى مىسالغا ئالساق مەسىلەن: مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى دەپ ئاتاشمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ياكى 1-خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا ئىشلىتىلمىگەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا قوللىنىلغان.
قارى دېگەن نام رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابە كىراملار دەۋرىدىلا ئىشلىتىشكە باشلىغان.
ئاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قارىيلار دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ئۆمەكنى ئەۋەتكەندە، ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىرەر نەرسىگە ئۇلارغا قايغۇرغاندەك قايغۇرۇپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ بىر ئاي بامدات نامىزىدا قۇنۇت ئوقۇغان ۋە: «ئۇسەييە قەبىلىسى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلدى!» دېگەن.(سەھىھەين: بۇخارى: 6394-ھەدىس. مۇسلىم 667-ھەدىس)
ساھابىلاردىن يەنە سەئد ئىبنى ئۇبەيدە (ئەبۇ زەيد) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك قارى دەپ تونۇلغانلار بار. تابىئىي ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر يەتتە قىرائەت ئىماملىرىمۇ بار.
شەيخۇل ئىسلام دېگەندەك، ياكى شەيخ پالانى دېگەندەك ناملارنى ئەسرى سائادەتتە ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ كېيىنچە مۇسۇلمانلار ئىشلەتكەن.
ئىمام دېگەن سۆز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە مەسجىد ۋە باشقا جايلاردا نامازغا ئىمامەتچىلىكتىن كەلگەن بولسىمۇ كېيىنچە تۆت مەزھەب ئىماملىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقىلارغا ئىلىم ۋە پەزىلەتتە ئۆرنەك بولىدىغان، ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولغان، تەسىرى چوڭ ئالىملارغا ئىشلىتىلگەن.
ئۇنداق بولىدىكەن ھاجىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ناملارنى ئىشلىتىش دىندا يېڭىدىن بىر نەرسە پەيدا قىلغان دائىرىگە كىرمەستىن، بەزى شەخسلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تونۇۋېلىش ياكى ئىززەتلەشنى كۆرسىتىدىغان ئادەت، تارىخى ئەنئەنە، مۇسۇلمانچە پۇراق.
لېكىن ھەج ئىبادىتى باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش ئىخلاس تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، ھەج قىلغان كىشى بۇ كاتتا ئىبادەتنى باشقىلار ئۇنى ھاجىم دەپ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈن ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرويلۇق كىشىلەر قاتارىدىن بولۇش ئۈچۈن ياكى ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنى يۆگەش ئۈچۈن ياكى ھاجىم دېگەن نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا قۇللۇق قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئورۇندىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغان كىشى بۇ ئىبادىتىنىڭ مۇكاپاتىنى پەقەتلا ئاللاھدىن كۈتىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (ھالبۇكى ئۇلار دىيننى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقىلا ۋە يەنە نامازنى جايىدا ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغان، ئەنە شۇلار توغرا دىندۇر.)(بەييىنە سۈرىسى 5-ئايەت.)
يەنە مۇنداق دەيدۇ: (كىمكى رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن، رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن)(كەھف سۈرىسى ئاخىرقى ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
بۇنىڭغا ئاساسەن باشقىلار مېنى ھاجىم دېسۇن دەپ شۇ مەقسەتتە ھەج قىلىدىغان كىشى ئاللاھقا تولۇق ئىخلاس بىلەن ھەج قىلمىغان بولىدۇ.
بەلكى تېخى رىياخورلۇق ياكى نام ئۈچۈن قىلىنغان بۇ ئىبادەت كىشىنى دوزاخقا تاشلىتىدۇ. جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: (كىمىكى پەقەت دۇنياۋى ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ-زىننىتىنى خالايدىكەن، ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئۇ يەردە ئۇلارغا تولۇق بېرىمىز، ئۇلار ئۇيەردە كەم بېرىلمەيدۇ. ئەنە ئاشۇلار ئاخىرەتتە ئۇلارغا دوزاختىن باشقا نەرسە يوق كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ ئۇيەردە قىلغان ئىشلىرى بىكار بولۇپ كەتتى، ئۇلار بىكار ئىشلارنى قىلىشقان ئىدى.)(ھۇد سۈرىسى 15-16-ئايەتلەر.)
ھەدىستە كېلىشىچە: قىيامەت كۈنى ئەڭ دەسلەپ قىلىپ ھۆكۈم قىلىنىدىغان شېھىت، قارى ۋە سېخى باي قاتارلىق رىياكەر ئۈچ كىشىنىڭ بىرىنچىسىگە ئاللاھ تائالا: كىشىلەر جەسۇر دېسۇن دەپ ئۇرۇشقان ئىدىڭ، شۇنداق دېيىلىپ بولدى، دەيدۇ، ئاندىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ ئۇ دۈم ھالەتتە سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئىلىم ئۆگىنىپ، ئىلىم ئوقۇتۇپ قۇرئان ئوقۇغان كىشىگە: لېكىن سەن ئالىم دېيىلسۇن دەپ ئىلىم ئالغان، قارى دېيىلسۇن دەپ قۇرئان ئوقۇغان، شۇنداق دېيىلىپ بولدى، دەيدۇ، ئاندىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ ئۇ دۈم ھالەتتە سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. سېخىلىق قىلغان بايغا: لېكىن سېخى دېيىلسۇن دەپ شۇنداق قىلغان، شۇنداق دېيىلىپ بولدى، دەيدۇ، ئاندىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ ئۇ دۈم ھالەتتە سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.(سەھىھى مۇسلىم: 1905-ھەدىس)
دېمەك يۇقىرىقى ئايەت-ھەدىستىن ھاجىم دېيىلسۇن دەپ ھاجىم دېگەن نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەج قىلىشنىڭ ئىخلاسقا تاقىشىدىغانلىقى، ئاقىۋىتى يامان بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان كىشى ھەجىنىڭ ساۋابىنى ئاللاھدىن كۈتۈشى، ھاجىم دېمەي قالسا خاپا بوپ كەتمەسلىكى، پەرۋا قىلماسلىقى لازىم.
نىيىتىنى خالىس قىلىپ ھەج قىلغاندىن كېيىن باشقىلار ئۇنى جەمئىيەتتىكى ئادەت بويىچە ھاجىم دەپ ئىززەتلەپ چاقىرغان ئەھۋالدا بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھاجەتسىز. چۈنكى نىيەتلەرنى ئاللاھ بىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ شۇنداق چاقىرىشى بىلەن بۇنىڭ نىيىتى خالىس ئەمەس بولۇپ قالمايدۇ.
بەلكى ھاجىم دېگەن بۇ سۆز ئۇنى ئۆمۈر بويى شۇ نامغا لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا، ھەج قىلىشقا ۋە ئىسلام ئەخلاقى بىلەن زىننەتلىنىشتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشقا، ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىنى تاشلاپ يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويۇشقا چاقىرىپ تۇرغاندەك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇرۇن بەزىبىر گۇناھلارنى قىلىپ سالغانلار ئەرافاتتا تۇرۇپ مەغپىرەت تىلەپ ھاجىم بولۇش نېمىتىگە مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن نورمال تۇرمۇشقا قايتقان چاغدا شۇ گۇناھلارنى قىلىپ سالسا تېخىمۇ ئەيىبلىك بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2012-3-23 |
|