- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31879
- نادىر
- 18
- يازما
- 1028
ئۆسۈش
54.7%
|
ئەسسالام باشقۇرغۇچىلار :
مەزكۇر تېمىنىڭ 3-بېتىگە « ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىمەن» دەپ قويغان كەنىت ساقچىسىدىن 500يۇەن جەرىمانە ئېلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بىر ئىنكاس يازغانىدىم.بۈگۈن بىر كۈن ھەپىلىشىپ قايتا تەھرىرلەپ تولۇقلاپ قوياي دېسەم مۇمكىن بولمىدى. شۇڭا شۇ ئىنكاسنى ئۆچۈرىۋېتىپ تۆۋەندىكى تەھرىرلەپ تولۇقلانغان ئىنكاسنى چاپلاپ قويۇشىڭىزلارنى سورايمەن :
-------------------------
ئاڭلىسام مەلۇم ناھىيەلىك ج خ سىستىمىسىدىكى كاتتىباشلار پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا تېنىچ مۇھىت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەنىتمۇ كەنىت، مەھەللىمۇ مەھەللە چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىۋېتىپتۇ.
ئۇلار مەلۇم بىر كەنىتنىڭ كەنىت ساقچىسىدىن « سەن قايسى دىنغا ئېتىقات قىلىسەن ؟ » دەپ سوراپتىكەن كەنىت ساقچىسى : « ئىسلام دىنىغا » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر كەنىت ساقچىسىغا شۇ ھامان 500يۇەن جەرىمانە قويۇپ، نەق مەيداندا ئىجرا قىپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالدىم .بۇشۅبھىسىزكى كىشىدە ئۇلار پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا تېنىچ مۇھىت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتامدىغاندۇ يا پارتىيە-دۆلەتنىڭ گىراژدانلارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى ھەققىدىكى قانۇن-سېياسەتلىرىگە ئاشكارە قارشى چىقىش ئارقىلىق پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ دگەندەك گۇمانلارنى تۇعدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا گىراژدانلارغا بېرىلگەن بىر خىل ئاساسىي ھوقۇقتۇر.شۇنداقلا جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسلىق دىنىي سېياسىتىدۇر.«ئاساسىي قانۇن»نىڭ 36-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ : «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىراژدانلىرى دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە ئىگە »، «ھەرقانداق دۆلەت ئورگانلىرى ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇخرالارنى دىنغا ئېتىقات قىلىش ياكى قىلماسلىققا زورلىشىغا بولمايدۇ، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ياكى دىنغا ئېتىقات قىلمايدىغان پۇخرالارنى كەمسىتىشىگە بولمايدۇ»، «دۆلەت نورمالنى دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگۈلەنگەن.
كەنىت ساقچىلىرىمۇ ئۉز نۉۋىتىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىراژدانلىرى ھساپلىنىدۇ.بەلكىم شۇ كەنىت ساقچىسى كومپارتىيە ئەزاسى بولغان بولسا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى "كومپارتىيە ئەزالىرى دىنغا ئېتىقات قىلسا بولمايدۇ"دېگەن بەلگۈلىمىنىڭ روھى بويىچە جازا بېرىلگەندۇ.ئەمما دىنىي ئېتىقاتتا ئېغىزدىكى گەپ ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ھەركەت ئۆلچەم قىلىنىشى كېرەك.مۇبادا شۇ كەنىت ساقچىسى كومپارتىيە ئەزاسى بولمىغاندا ئۇنداقتا ئۇنىڭ دىنغا ئېتىقات قىلىش ھوقۇقى بولامدۇ- يوق ؟ بولمىغان تەقدىردە ئۇ قانداقسىگە كەنىت ساقچىسى بولۇپ قالىدۇ ؟ كەنىت ساقچىلىرى ئىمتاھان بەرگەندە بۇنداق مەزمۇنلار ئىمتاھان سۇئالىغا كىرگۈزۈلگەنمۇ-يوق ؟ شۇ كەنىت ساقچىسى « ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىمەن» دەپ قويغان بىلەن ئەمەلىيىتىدە ئىسلام دىنىڭ پەرىزلىرىنى ئادا قىلغانمۇ-يوق ؟
شۇڭا ، دىنىي ئېتىقاتقا ياتىدىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا چوقۇم سوغۇققان بولۇش، ئەتراپلىق ئويلاش، مەسئۇلىيەتنى بىر تەرەپكىلا ئىتتىرىپ قويماسلىق ۋە تەنقىت-تەربىيەنى ئاساس قىلىش كېرەك.بولۇپمۇ دىنىي پائالىيەت ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى باشقۇرۇش ھەققىدە «ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘمھﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧى» ۋە «گوۋۇيۇەننىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى»دا ئېنىق ماددا ۋە بەلگۈلىمە چىقىرىلغان. ئۇنىڭدىن سىرىت تۈزۈلگەن بارلىق يەرلىك سېياسەت ۋە تەدبىرلەر قارىماققا بى مەھەل ئۈنۈم ياراتقاندەك قىلسىمۇ ئەمما ئاخىر بېرىپ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىككە پاسسىپ تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى ھەتتا قانلىق توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.شۇڭا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-سېياسەتلىرى تۇرغان يەردە ئۇنى توللۇق ئىجرا قىلىشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ يەنە ئۆز ئالدىغا دىننىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلەرنى چەكلەيدىغان يەرلىك سېياسەت ۋە تەدبىرلەر نى تۈزۈپ قارىغۇلارچە ئىجرا قىلىشتىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىش كېرەك. |
|