- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31879
- نادىر
- 18
- يازما
- 1028
ئۆسۈش
54.7%
|
كەمىنە بوزقىردىن كەڭ باغداش ئەھلىگە ئايەملىك سالاملار بولسۇن.
تور بەتلىرى نورمال ئېچىلمىغاندىن بۇيان تولىمۇ پەرىشان بولدۇم. مۇنبەر باشلىقى باغداش ئەپەندىگە كۆپ قېتىم ئۇچۇر يوللاپ ، تېلېفوون قىلغان بوساممۇ ئالاقىلىشەلمىگەنىدىم.مۇشۇ كۈنلەردە قەلىب ئاسمىنىمنى تۈرلۈك گۇمان،شۈبھە تۇمانلىرى قاپلاپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى بولۇپمۇ باغداش مۇنبىرى مەسئۇلى باغداش ئەپەندىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھەر خىل ئەندىشىلىك خىياللارنى سۈرگەنىدىم.بولۇپمۇ يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر ئىلمي پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان جىددىي كۈنلەردىمۇ باغداش ئەپەندىگە قايتا-قايتا تېلفون قىلىپ ئەھۋال سوراش ھەتتا يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ ھال سوراپ ئۆتۈشنى ئىستىگەن بولساممۇ ئەمما،يەنىلا ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىدى.شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم پەرىشان ھالدا قايتىپ كەلدىم.كېيىنكى كۈنلەردە تور نورمال ئېچىلمىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلىرىممۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى.شۇڭا تورغا چىققۇدەك پۇرسەت بولمىدى.
ئۇلۇغ قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇم باي ناھىيىسىدىكى بوز قىر-توپىلىق يوللار، ئېتىز-قىرلار،ساي-دالىلارنى ئۆزۈمگىلا مەلۇم بولغان تەلقىنلىق خىياللار ئىچىدە ئارىلىدىم. مەيلى ئۈرۈمچىدە بولسۇن ، مەيلى ئاقسۇدا بولسۇن ياكى بوزقىر تۇپرىقىدا بولسۇن ئەڭ كۆپ ئاڭلىغىنىم يەنىلا تور مۇنبەرلىرى ۋە مېنىڭ قىزغىن ئىنكاس قوزغىغان بەزى تېمىلىرىم ھەققىدىكى پاراڭلار بولدى.
مېنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىگە جۈملىدىن باغداشقا يوللىغان بىر يۈرۈش تېمىلىرىمغا نۇرغۇن تورداشلىرىم ئىنكاس يېزىپ يۇقۇرى باھالارنى بەرگەن ھەم ماڭا قۇربان ھېيىتتا كۆك قوشقار ھەدىيە قىلىشنى ئېيىتقانىدى. گەرچە مەن بۇنىڭغا قارىتا ئۆز پىكرىمنى ئېيتىپ ئۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى ، تورداشلىرىمنىڭ ياخشى كۆڭلىنىڭ ماڭا تېگىل بولغانلىقىنى، توردا پائالىيەت قىلىشنىڭ مېنىڭ ئەقەللىي مەسئۇلىيىتىم ئىكەنلىكىنى ئېتىتقان بولساممۇ ئەمما باغداش مۇنىرى مەسئۇلىنىڭ باغداش مۇنبىرىدىكى تورداشلارغا ۋاكالىتەن يوللىغان كۆك قوشقارنىڭ پۇلىنى ھېيىتنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئەڭ يېقىن بۇرادىرىم تۇنياز ئوسمان ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئېلىپ ھەيران قالدىم.
مۇشۇ كۈنلەردە كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق تېلېفونۇمنىمۇ ئېتىپ قويغاچقا ۋە ئۆزۈممۇ سېگنال قوبۇللاش نىسبەتەن ناچار مۇھىتتا بولغاچقا بۇرادىرىم تۇنياز ئوسمان ، مارشاللار كۆك قوشقار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ماڭا يەتكۈزۈشتە كۆپ ھەرەج تارتىپتۇ.يېقىن تۇغقانرىمىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ تېپىپ بۇ ئۇچۇرنى ماڭا يەتكۈزگەندە مەن ھەيران قالدىم ھەم ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.راستىنى دېسەم ئۆزۈمنى خۇددى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندەك تۇيغۇدا سەزدىم دېسەممۇ ،بولىدۇ.ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولساممۇ ئەمما ، بۇ قېتىمقىسىدەك ھاياجانلانمىغانىدىم. بۇ يەردىكى گەپ ئەلبەتتە پۇلدىكى گەپ ئەمەس بەلكى ئەمگەك-ئەجرىنىڭ ، ئىدىيە-يۆنىلىشنىڭ قانداقلا بولمىسۇن ئېتراپقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ بىشارىتى دېيىشكە بولاتتى.ئەلبەتتە بۇ كۆكقوشقارنىڭ پۇلىنى ئىنتېرنېت تورىغا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىيلىق تۈسىنى ئالغان تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئىشلارنىڭ ئىختىسادىي خېمىتۇرىچى قىلىش پىلانىم بار.
تېمىلىرىمغا ئىزچىل ئورۇن بېرىپ كېلىۋاتقان باغداش مۇنبىرى ، ساڭا رەھمەت!باغداش، توخوتۇر ، ئىلىم قاتارلىق كەڭ باغداشلىقلىقلار ، سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ رەھمەت !! قومۇلدىكى دىلچى غىزالىق چايخانىسىغا ۋە خوجايىنى ئەخمەتجان ھەمدە دىلچى غىزالىق چايخانىسىدىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۇر !!!
ئاللاھ بىزنى تېخمۇ يۈكسەك مەنىۋى مەنزىللەردە ئۇچرىشىشقا نېسىپ قىلسۇن. |
|