- تىزىملاتقان
- 2012-11-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 661
- نادىر
- 0
- يازما
- 18
ئۆسۈش
32.2%
|
ئەسسالامۇئەلەيكوم!
ھېيت كۈنى ھەممىمىز دېگۈدەك قوي سويۇپ قۇربانلىق قىلدۇق، گۆش سېلىپ مېھمانلارنى ئۇزاتتۇق، ئەمما سىز قۇربانلىق قويىڭىزنىڭ ئۆپكە - ھېسىپىنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭىز؟
قېنى ھەمشىرىلىرىم، بىز ئۆپكە - ھېسىپ قۇيۇش توغرىلىق بىللە ئىزدىنىپ كۆرسەك قانداق؟
1. تازىلاش:
1) ئۆپكىنى قانسىرىتىش
يېڭى سويۇلغان قوينىڭ ئۆپكىسى قان تولۇپ تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا قان ھارام قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىز ئۆپكىنى قانسىرىتىمىز.
كانايدىن چەينەك ياكى بىۋاسىتە تۇرۇبا سۈيى ئارقىلىق ئاز - ئازدىن سۇ قۇيىمىز، قۇيۇلغان سۇنىڭ مىقدارى كۆپەيگەنچە ئۆپكىمۇ ئېسىلىدۇ، چوڭىيىپ ئۆزىنىڭ مەلۇم سىغىش مىقدارىغا يەتكەندە، سۇ قۇيسىڭىز كانىيىدىن چىقىپ كېتىدىغان ھالەتكە يەتكەندە، سۇ قۇيۇشتىن توختايمىز. (قايتا - قايتا تەكرارلىنىدۇ)
2) ھېسىپ (ئۈچەي) نى تازىلاش (بىرىنچى قىتىملىق تازىلاشتىن كېيىنكى تازىلاش)
ئۈچەينى چوقۇم پاكىز تازىلىشىمىز كېرەك، شۇڭا ئالدى بىلەن ئۈچەينى ئۆرۈشنى ئۆگىنەيلى:
ئۈچەينى ئۆرۈشتىن بۇرۇن سىرتىدىكى مايلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئېلىۋېتىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۈچەينى ئۆرىگىنىمىزدە مايلارنىڭ يىغىلىپ قىلىش سەۋەبلىك ئۆرۈلمەي قالىدۇ. ئۈچەينىڭ چوڭراق تەرىپىنى ئالدى بىلەن 5 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆرۈيمىز، ئاندىن شۇ ئۆرۈلگەن يەرگە سۇ قۇيىمىز، بىر تەرەپتىن سۇ قۇيغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۈچەينىڭ ئۆرۈلمىگەن يېرىنى ئاستا - ئاستا ئىچىگە سالىمىز.
ئۈچەي پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، جاۋۇرغا سېلىپ ئازراق سودا سېپىپ بىر ئاز قويۇپ قويىمىز، 1 - 2 مېنۇتتىن كېيىن سودا بىلەن يۇيىمىز، ئاندىن پاكىز چايقىۋېتىمىز، ئەگەر پاكىز تازىلانمىغان بولسا (يېپىشقاق سۇيۇقلۇقلار بولسا)، قايتىدىن سودا سېپىپ يۇيىمىز، تەكرار - تەكرار يۇيۇلۇپ چايقالغاندىن كېيىن (تاكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق تۈگىگەنگە قەدەر يۇيساق ئۈچەي ئاندىن پاكىزلانغان بولىدۇ)، ئۇنى قايتا ئۆرۈپ ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرىمىز (ئۈچەينىڭ چوڭراق تەرىپىنى ئالدى بىلەن 5 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆرۈيمىز، ئاندىن شۇ ئۆرۈلگەن يەرگە سۇ قۇيىمىز).
قوينىڭ ئاشقازىنى(قېرىننى) تازىلاش
يىڭى قاينىغان قايناق سۇنى قېرىن قويۇلغان جاۋۇرغا تۆكىمىز، تازىلاشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار:
(1) جاۋۇرنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە يېپىپ قويۇپ، بىر نەچچە مېنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئېلىپ پىچاق بىلەن قىرىپ تازىلايمىز.
(2) قايناق سۇنى قۇيۇپ بولۇپلا قېرىننى قولىمىزغا ئېلىپ، قىزىق پېتى تېرىپلىرىنى قولىمىز بىلەن تازىلىساقمۇ بولىدۇ.
تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تور شەكلىدىكى خالتىسىمان يېرىنى كېسىۋالىمىز.
2. ئۆپكە - ھېسىپ قۇيۇش
1) تەييارلىق
(1) قېرىندىن كېسىۋېلىنغان يەرنى (دوپپىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كانايغا تىكىمىز.
(2) ئۈچەينىڭ ئىنچىكە تەرىپىنى يىپ بىلەن چىڭ بوغۇپ تەييارلايمىز.
(3) خىمىر يۇغۇرىمىز. (مىقدارى ئۆپكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ)
(4) 7- 8 تال تۇخۇم، چوڭراق پىيالىدە بىر پىيالە سۇ يىغىنى چۈچۈتۈپ تەييارلايمىز.
(5) جىگەر، گۆش، قۇيرۇق يېغىنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
2) قۇيۇش
(1) چوڭراق قازانغا سۇ قۇيۇپ قېرىننى سېلىپ، ئوتقا قويىمىز.
(2) چوڭراق جاۋۇرغا سۇ ئېلىپ، خىمىرنى سېلىپ، شىرنىسىنى چىقىرىۋالىمىز. (بىر نەچچە جاۋۇرغا سىلىپ شىرنە چىقىرىپ ئاخىرى مىيەنجاڭغا ئايلانغۇچە داۋاملىشىدۇ)
ئۆپكىنى ئېلىپ تىكىپ تەييارلانغان دوپپىلىقى ئارقىلىق چىقىرىلغان خىمىر شىرنىسىنى ئۆپكىگە قۇيىمىز ... بىز مۆلچەرلىگەن شىرنىنىڭ يېرىمى قۇيۇلۇپ بولغاندا چۈچۈتۈلگەن ياغنى قۇيىمىز. ئاندىن يەنە خېمىر شىرنىسى قۇيۇلىدۇ... ئۆپكە قۇيۇلۇپ بولۇشىغا ئاز قالغاندا تۇخۇمنى چېقىپ، ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆپكىگە قۇيىمىز، ئۆپكە ئۇنى «يەپ بولغاندا» يەنە ئازراق خىمىر شىرنىسى قۇيىمىز. ئۆپكە چىڭىغاندا خىمىر شىرنىسى قۇيۇشتىن توختىتىپ، دوپپىلىقىنى تەييارلاشقا تۇتۇش قىلىمىز.
توغراپ تەييارلىۋالغان جىگەر، گۆش، قۇيرۇق يېغىغا (گۆشنىڭ يېغى بولسىمۇ بولىدۇ)، چانالغان قۇرۇق مۇچ، قۇرۇق پەمىدۇرنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق زىرە، تۇز قوشۇلۇپ قىيما قىلىمىز؛ ميەنجاڭنى نىپىز يېيىتىپ، تەييارلىۋالغان قىيمىمىزنى ئۈستىگە يېيىتىمىز، ئاندىن تۈرمەللەيمىز ۋە دوپپىلىقنىڭ ئىچىگە ئاستا تىقىمىز. ئاندىن دوپپىلىقنىڭ ئاغزىنى يىپ - يىڭنە بىلەن يىمىرىپ چىڭ تىكىمىز.
تەييارلانغان ئۆپكىنى قازانغا سالىمىز ( سۇغا چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باشتا دوپپىلىقى سۇغا سېلىنمايدۇ).
ئۈچەينى تەييارلاش
توغراپ تەييارلانغان گۆش، جىگەر، قۇيرۇق يېغىغا، چانالغان پەمىدۇر، مۇچ، يۇمغاقسۈت قوشۇپ تەييارلايمىز.
ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، تەييارلىغان خۇرۇچلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە سېلىپ، مۇۋاپىق سۇ قۇيىمىز، ئۈستىگە تۇز، زىرە سېلىپ تۇزىنى تېتىغاندىن كېيىن، ئۈچەينىڭ ئىچىگە قۇيساق بولىدۇ. (سۇ ھەم گۈرۈچى مۇۋاپىق تەڭشىلىشى كېرەك) ئۈچەينى قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، يىپ بىلەن ئۇچىنى چىڭ بوغىمىز.
مانتا دۈملەيدىغان قاسقانغا ئاستىنقى جىمبىل چىلاشقىدەك سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن، جىمبىلنى قويۇپ ئۈستىگە ئۈچەينى يۆگەپ قويىمىز (بۇنداق بولغاندا سۇ بىلەن گۈرۈچ ئۆزئارا يۈرۈشىدۇ)، تۇۋاقنى يېپىپ، 5 - 10 مېنۇت تۇرغۇزىمىز.
ئۆپكە سالغان قازاندىكى «دوپپىلىق» نى ئۆپكە يېرىم سائەت قاينىغاندىن كېيىن پەم بىلەن ئاستا سۇغا سېلىۋېتىمىز.
ئۈچەي قايناپ 5 - 10 مېنۇتتىن كېيىن، يىڭنە بىلەن ئۈچەينىڭ سۈيى كۆپ يەرلىرىگە سانچىپ ئارتۇق سۈيىنى چىقىرىۋېتىمىز ...
ئۆپكە ئىككى، ئىككى يىرىم سائەتلەردە تەييار بولىدۇ. ئۈچەي قىرىق مېنۇتتىن، بىر سائەتكىچە ئارىلىقتا تەييار بولىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى قازاندىن سۈزۈۋالساق بولىدۇ.
تەييارلانغان ئۆپكە - ھېسىپنى چىرايلىق توغراپ، ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ، ياغمۇچ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلساقمۇ بولىدۇ. مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى |
|