ئابدىكىرىم ئابلىزنىڭ « چۇشەنمدىم » دىگەن ئىتوتى
ھەققىدە ئىككى كەلىمە
ئابدىكىرەم ئابلىزنىڭ چۇشەنمىدىم دىگەن ئىتۇتىنى كورگەن ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر بارغانسىرى بۇزلىۋاتقان ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلقى تۇغۇرۇسىدا ئويلانماي قالمايدۇ . بىر زامانلاردا ئۇرۇمچىدە ئۇقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىم ئۇرۇمچىلىك بالىلارنىڭ سوزلىشىش ئادىتى مۇنداق دەپ، ئۇلارنى دوراپ، ئىتوتتىكىدەك «بۇززۇۋان» دا سوزلەپ يۇرەتتى .شۇ چاغلاردا مەن پەقەت بىر سۇس ئېچىنىش ئىچىدە ئانچە مۇنچە رەدىيە بىرىپ قويغان ئىدىم … مانا ھازىر تىل خىرىسى بارغانسىرى روشەنلشىۋاتقان دەۋىرىدە ھەر بىر كىشى ئوز تىل يىزىقىنى قوغداشنىڭ مۇھملىقىنى تخمۇ بەكىرەك تۇنۇپ يىتۋاتىدۇ .ئەسلىمۇ ھەر بىرىمىز ئابدىكىرىم ئابلىز ئېيتقاندەك «ئويگە قايتىپ كىتىپ ئۇيغۇرچىنمۇ ،خەنزۇچىنىمۇ ياخشى ئۇگۇنۇپ كىلىپ …ئاندىن سوزلىشىمىز كىرەك ئىدى » تىلىمىزنىڭ بۇنداق بولشىنى ئوزىمىزنىڭ ئادەملىرى ياقتۇرمايلا قالماستىن ، خەنزۇ يولداشلارمۇ ئوز تىلىنىڭ باشقا تىلىغا ئارلشىپ بۇنداق «زاخۇيتاڭدەك» بۇلۇپ كىتىشنى ياقتۇرمايدۇ ئەلۋەتتە!« تىل ئۇگۇنۇش ياخشى ئىش » توغرا ! بىز ئەمدى مۇشۇ ئىتۇتتىكى ئىجابىي نەرسلەرنى كوپرەك قۇبۇل قىلىپ ، بارغانسىرى «بۇززۇۋان» لىشۋاتقان تىلىمىز توغۇرۇسىدا كوپرەك ئويلىنىشىمىز ، ھەربىر تىلنى سوزلىگەندە ساپ تىلدا سوزلىشىشنى ئادەت قىلىپ ، ھەر بىر گەپ – سوزلىرىمىزىدە بىزنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا بولغان مەنۋى قەرزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئەسكە ئېلشمىز كىرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىمىزدىكى مانجۇ ۋە زاڭزۇ مىللىتىنىڭ ھازىرقى ھالتىدىن ھەر ۋاق ساۋاق ئېلىپ تۇرۇشنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك . تىلنىڭ بىر مىللەتكە قانچلىك مۇھىملىقنى دىمىسەممۇ تورداشلارغا ئايان .ھەر بىر بىر كىشى ، ھەربىر قوۋۇم ئۇزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ۋە تەرەققىياتنى ساقلايمەن ، ئوزىنىڭ بىر كىشلىك ياكى بىر قوۋۇمچلىك رولنى جارى قىلدۇرىمەن دەيدىكەن ھەممە كىشى ئۇزىنىڭ « مۇقام» نى جايدا توۋلاپ (ئۆز تىلدا) ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلشى كىرەك . شۇندىلا بۇ جاھان تەرەققىي قىلىدۇ، زورىيىدۇ . جۇملىدىن ئىلىمىزمۇ رەڭگارەڭ گۇلگە تولغان گۇلزارلىققا ئايلىنىدۇ ….
ئاخىرىدا مۇشۇ ئىتۇتنى مەيدانغا كەلتۇرۇپ كىشلىرىمىزگە بىر قېتىملىق ئويغۇنۇش ئاتا قىلغان ئابدىكىرەم ئابلىز ئاكىمىزغا رەھمەت ئېيتمەن .
بۇرۇندا ئابدىكىرەم ئابلىزنى مەنىسز كۇلكە ئاتا قىلدىغان ئىتوتلارنى ئوينىدى دەپ مەسخىرە قىلغۇچلارنىڭ ( كۇلكىگە پىرىنسىپ سىزۋالدىغان جاناپلارنىڭ ) ئاغزى ئەمدىغۇ بېسىقار ؟
مىنىڭچە بۇئىتوت كىشلىرىمىز ئارىسىدا تىل ساپلاشتۇرۇش ئىنقلابى قوزغىۋەتسە ئەجەپ ئەمەس . بۇ ئىتوتنىڭ تەسىرى خېلى بىر زامانلارغىچە يۇقىماسلىقى مۇمكىن . مەنمۇ ئائىلدە ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرىپ ، چۇچۇك تىلى چىققۋاتقان ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغان قىزىم ئايتولدى ئۇچۇن ، ئايالىم ئىككىمىز تىلىمىزنى ئويدىن باشلاپ ساپلاشتۇرماقچى بولدۇق ……
|