قومۇل جەنوبىي ۋوگزالى رەسمى ئىشقا كىرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئۈزۈندە
سوئال : نېمە ئۈچۈن ئەسلىدىكى ۋوگزالدا ئاممىۋى ئاپتۇبۇس بېكىتى تەسىس قىلىنمىدى ؟
جاۋاب 1: . قومۇل ۋوگزالى ئومۇمى يۈزلۈك ئۆزگەرتىلىدىغان بولغاچقا ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلا توختىيالمايدۇ ؛ 2. جەنوبىي ۋوگزالغا بارىدىغان يول تار ، ماشىنا جىق ، ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلارنىڭ ھەجىمى چوڭ ، قاتنايدىغان ئاپتۇبۇس بەك كۆپ بولسا يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ پايدىسىز ؛ 3. قىش پەسلى ئاممىۋى قاتناشنىڭ يوقىرى پەللىسى بولۇپ ، ترانسپورت كۈچى كەمچىل ، ئاممىۋى قاتناش ئاساسلىقى يولۇچىلارنى جەنوبىي ۋوگزالدىن شەھەر مەركىزىگە ئاپىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان .
سوئال : شەھەر ئاھالىسىنىڭ جەنوبىي ۋوگزالدىكى سودا-سېتىق ، ئىستىمال ئېھتىياجى قانداق ھەل قىلىنىدۇ ؟
جاۋاب : راھەتباغ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىككى قەۋەتلىك تاختاي ئۆي قۇرۇلۇشىنى جىددى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ، 20 كۈندىن كېيىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ . ئىككىنچى قەۋىتى ساراي بولۇپ ئەڭ تۆۋەن باھادا يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىدۇ؛ بىرىنچى قەۋەت دۇكان ، ئاشپۇزۇل قاتارلىقلار . ھازىر بىر ئاشپۇزۇل جەنوبىي ۋوگزالدا تەييار قاچىلىق تاماق سېتىۋاتىدۇ . يېمەك- ئىچمەك ساتقۇچىلار چوقۇم تازىلىق سۈپەت ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك . مېۋە-چىۋە ھەم ئۇششاق يىمەكلىكلەرمۇ كىرگۈزىلىدۇ .
سوئال : كەچ سائەت 10 دىن كېيىن جەنوبىي ۋوگزالغا قاتنايدىغان ئاممىۋى ئاپتۇبۇس بارمۇ يوق ، بېلەت باھاسى قانچىلىك؟
جاۋاب : ھازىرچە تېخى كەچ سائەت 10 دىن كېيىن جەنوبىي ۋوگزالغا قاتنايدىغان ئاپتۇبۇس يوق . ۋوگزال ئىشقا كىرىشكەن بىرىنچى كۈنى ، ئاممىۋى قاتناش تارماقلىرى كۈزىتىش ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋاقىتلىق سەھەر 1 گىچە ئۇزارتقان ، بېلەت باھاسى ۋاقىتلىق 5 يۈەن بولغان بولۇپ شەھەر ئاممىسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈزبەرگەن . ئاممىۋى قاتناش شوپۇرلىرى كۈندۈزدە ماشىنا ھەيدىگەندىن سىرت كەچتە يەنە ھەيدىسە زىيادە چارچاپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكتىن ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ پايدىسىز .(ئالدىنقى كۈندىكى 24 سائەت قاتنايدۇ دېگەن خەۋەر ساختا كەندە )
سوئال : جەنوبىي ۋوگزالغا ۋاقىتلىق يۆتكەلگەندىن كېيىن ، بېلەت سېتىش نۇقتىلىرىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولدى ؟
جاۋاب : جەنوبىي ۋوگزال ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن يولۇچىلارنىڭ بېلەت ئېلىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن تۆمۈريول تارماقلىرى قومۇل جۇڭشەن يولى ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورنى ، چوڭ گازارما بەخت يولى تىيەنچاۋ سارىيى ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورنى ، تەڭرىتاغ غەربى يولى 6-نومۇر ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورنى قاتارلىق ئۈچ ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورنى تەسىس قىلىندى . جۇڭشەن يولى ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورنى بىلەن چوڭ گازارما بەخت يولى تىيەنچاۋ سارىيى ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورنى تىجارەت ۋاقتى: ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتتىگەن 6:30 دىن كەچ 18:30 كىچە ،تەڭرىتاغ غەربى يولى 6-نومۇر ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورنى 24 سائەت تىجارەت قىلىدۇ.
سوئال : نىمىشقا بەزى پويىزلار قۇمۇلدا توختىماي ئۆتۈپ كېتىدۇ ؟
جاۋاب : قومۇل جەنوبىي ۋوگزالىنىڭ ئۆتۈش مىقتارى چەكلىمىسى تۈپەيلى ، تۆمۈريول تارماقلىرى لىنىيىنى ئازراق تەڭشەش ئېلىپ باردى ، بۇندىن كېيىن تۆت جۈپ سەككىز قېتىملىق پويىز قۇمۇلدا ۋاقىتلىق توختىمايدۇ .
سوئال : ۋاقىتلىق ۋوگزالغا نېمە ئۈچۈن غەربى ۋوگزال تاللاندى ؟
جاۋاب : ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ۋاقىتلىق ۋوگزال قومۇل ۋوگزالىنىڭ ئەتىراپىدا قۇرۇلماقچىدى ، قومۇل ۋوگزالىنىڭ شارائىتى ئەسلىدىن يېتەرسىز ، ۋوگزال ئالدى مەيدانى بەك كىچىك ، بۇيەردە ۋاقىتلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلسا تەلەپنى قاندۇرالماي قېلىپ چوڭ قىستاڭچىلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن . تۆمۈريول تارماقلىرى ھەم يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرىدا قومۇل جەنوبىي ۋوگزالىدا ئۆتكۈنچى يولۇچىلار بېكىتى قۇرۇشنى قارار قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە قومۇل ۋوگزالىنىڭ ئۆزگەرتىش قۇرلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك مەيدان ھازىرلاندى .
سوئال : جەنوبىي ۋوگزال شەھەر مەركىزىدىن يىراقتىكەن ، شەھەر ئاھالىسى پويىزغا ئولتۇرۇشتا قانداق قىلىدۇ ؟
جاۋاب : شەھەرلىك ھۆكۈمەت ، شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتى چوڭ ئاپتوبۇستىن 20نى زاكاس قىلدى ، تەخمىنەن 25-نويابىر كېلىدۇ ھەم ئىشقا چۈشۈدۇ . ۋاقتى كەلگەندە مەخسۇس ئاممىۋى ئاپتۇبۇس لىنىيىسى تەسىس قىلىنىپ، تېلگراف ئىدارىسىدىن باشلىنىپ ئارىلىقتا توختىماي بىۋاستە جەنوبىي ۋوگزالغا بېرىپ قاتنايدۇ . يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ، شىنمىڭ ئالتىنچى يولىدىن جەنوبىي ۋوگزالىغىچە بولغان 7 كىلومېتىر يول بۆلىكىدە ، شەھەر مەمۇرىيىتى شىركىتى يول چىرىغى ئورنىتىپ ، شەھەر ئىچى يولى باشقۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرىدۇ ھەم سۈرەتكە چەك قويۇلۇپ ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى بېكىتىدۇ .
يوقارقى مەزمۇنلار قومۇل رادىئو تېلېۋىزىيە گېزىتى مۇخپىرىنىڭ شىنلاڭ مىكرو بىلوگىدىن يىغىپ تەرجىمە قىلىندى ، تەرجىمە قىلغۇچى ئەلقوندى . |