- تىزىملاتقان
- 2011-11-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3268
- نادىر
- 1
- يازما
- 112
ئۆسۈش
42.27%
|
ئەمەلىيەتتە مائارىپ قانۇنى ياكى يەسلى مائارىپى ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنىڭ ھىچبىىرىدە بۇنداق قائىدە يوق ئەكسىچە يەسلى مائارىپى تەربىيەلەش ئۇسۇلى چوقۇم دەرسلىكلە مۇنتىزىم ئوقۇتۇش بىلەن ئېلىپ بېرىش ئەمەس بەلكى تۈرلۈك ئويۇن-پائالىيەت ئارقىلىق ئارقىلىق تەربىيەلەش نىشانىغا يىتىشنى تەكىتلەيدۇ .باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ دەسلەپكى تەييارلىق باسقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەسلى مائارىپى ئۇل مائارىپى بولۇپ ئۇ يەسلى يېشىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىك يىتىلدۈرۈشتىكى ھالقىلىق مەزگىل ۋە پەرزەنتلەرنىڭ توغرا ئۈگۈنۈش ۋە ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش توغرا تۇرمۇش ئادەتلىرىگە نىسبەتەن قىزىقىش ، تونۇش يىتىلدۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى . شۇڭا بۇ باسقۇچتىكى پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيلىنىشى باشلانغۇچ ۋە ئوترا مەكتەپ مائارىپىنىڭ مەخسىدىدىن روشەن پەرقلىنىدىغان بولۇپ ، يەسلى مائارىپىدا قوغداش ۋە ئۈگۈتۈش ئاساسى مەخسەت قىلىنىدۇ .
يەسلى يېشىدىكى بالىلار بەك كىچىك ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى كەمچىل شۇنداقلا ئۆسۈش ، پىسخىك خاراكتىر يىتىلدۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نازۇك باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن قوغداش ــ ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىقىنى قوغداشنى ۋە مۇۋاپىق ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسەتسە ، بىلىم ئۈگۈتۈش ـ مۇنتىزىم بىلىم قۇرۇلمىسى يىتىلدۈرۈشكە قارىتىلغان بولماستىن ئۇلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىگى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيەت تەلىۋىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئىلمىي ئۇسۇل ۋە قىزىقتۇرۇش كۈچى بار بولغان پائالىيەت ، ئويۇنلار ئاساسىدا ئۇلاردا ئۈگۈنۈش ، بىلىم ئېلىش ، ئەمگەك قىلىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشتەك ياخشى ئادەتلەرگە بولغان قىزىقىشنى يىتۈلدۈرۈش مەخسەد قىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققان مەزگىلدىكى سىجىل ئۈگۈنۈش ۋە بىلىم ئېلىش ، ئىقتىدار تولۇقلاش....قاتارلىق مەسئۇلىيەتلىك ۋەزىپىللىرنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىدۇ ... ئۇل ھازىرلىنىدۇ ...شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ باسقۇچتىكى مائارىپ تەربىيەسى مەزمۇنىدىمۇ يەسلى مائارىپى «ماتىماتىكا پائالىيەت دەرسى ، تىل پائالىيەت دەرسى ، ئويۇن پائالىيەت دەرسى ، ئىنگىلىز تىلى پائالىيەت دەرسى ، گۈزەل-سەنئەت پائالىيەت دەرسى....»دەك ئاتالغۇلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللەپ ، ماتىماتىكا ، تىل-ئەدەبىيات ،گۈزەل -سەنئەت ، ئىنگىلىز تىلى ، ئويۇن، مۇزىكا ...دىگەندەك تۇراقلىق خاس پەن تۈرلىرى ئاتالغۇللىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان دەرسلىك مەزمۇنلىرى كۆپ بولمايدۇ . مۇشۇ پەرقنىڭ ئۆزىدىنلا يەسلى بالىللىرىغا بىلىم بىرىش كەيپىيىتىنىڭ قانداق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىگىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . ...
لېكىن ، ھازىرقى يەسلى ئوقۇتقۇچىللىرى ئۆزىنىڭ دەرستىن بۇرۇنقى تۈزگەن پىلانىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى دەخلىسىزلىگىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بالىلاردىن قونچاقتەك ...ماشىنا ئادەمدەك تۇرۇپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ...بۇ ئېنىقكى ھازىرقى زامان جوڭگۇ مائارىپىدىكى پاسسىپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى-كەيپىيىتىدە تەربىيەلەنگەن مىخاينىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈگەنگەنلىرىنى پاسسىپ ئۇسۇلدا تەدبىقلىشىنىڭ بىر كۆرۈنىشى ....
ئانا تىل يەسلىسى قۇرماقچى بولغان قانۇنىي يول ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزگىچە قارىشى ۋە تەجرىبىسى بولۇشى مۈمكىن ، ئەگەر بۇ يەسلى قۇرۇش پىلانى تەستىقلىنىپ «ئانا-تىل يەسلىسى »قۇرۇلۇپ قالىدىغان بولسا مەنمۇ مۇشۇ يەسلىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدا تارماق يەسلىسىدىن بىرنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىپ بارىمەن (تەييارغا ھەييار بولۇپ -ھە!؟)لېكىن «قوش-تىل يەسلىسى »سىناق تەرىقىسىدە بىرقىسىم رايونلاردا ھەقسىزلەشتۈرۇپ ئېچىلىۋاتىدۇ .... مۇشۇ يېقىنقى يىللاردىكى پىلانغا قارىساق يەسلى مائارىپىنىڭ قوش-تىللىق يەسلى شەكلىدە ھەقسىزلەشتۈرۈپ ئېچىلىشى (بۇ پىلان ئاللىقاچان تۈزۈلۈپ بولدى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەدەملىرىمۇ ئېلىندى )كەڭ خەلق ئاممىسىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە كۆپلىگەن يەككە ئىگىلىكتىكى يەسلىلەرنىڭ (جۈملىدىن ئانا-تىل يەسلىسى قۇرۇلغان تەقدىردە ئۇمۇ شۇنىڭ ئىچىدە )مەۋجۇت بولۇش شەرتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدىغىنى ئېنىق . شۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىزادقا ۋە مەنىۋىيەتكە باغلىق تاللاشلاردا پەرزەنتلىرىنى يىتىلىگەن ھالدا كەلگەن ئانا تىل مەنپەئەتىنى ئويلىغان پىداكارلاردىن ئۇچرىتىش مۈمكىنمىدۇر ئەشۇ يەسلىلەردە؟؟ دىگەندەك ئەندىشىلەردىمۇ بولۇپ قالىمەن بەزىدە..ئارزۇ-ئارمانلار ھامان رومانتىك ھاياجاندىن خالىي بولالمايدۇ لىكىن رىياللىق ئۇنداق ئەمەس ، مۇنبەردىكى قوللاشلار ۋە ئالقىشلار رىياللىقتا بىرى مىڭ بولۇپ كۆپىيەلىگەندە بۇ يەسلىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە مەۋجۇت بولۇش ئىمكانىيىتى رىيال ئاساسقا ئىگە بولغان بولاتتى .... |
|