- تىزىملاتقان
- 2012-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8661
- نادىر
- 0
- يازما
- 390
ئۆسۈش
73.22%
|
باي ناھىيىسىدە تۇلۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپنى يەنى 9يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى تاماملىغاندىن كېيىن ،يەنە مەجبۇرى ھالدا تۇلۇق ئوتتورا مەكتەپنى ئوقۇيدىكەن. ئەگەر ئوقۇشتىن باش تارتسا ،قارشى تۇرسا ، بويسۇنمىسا ،قېچىپ كەتسە بىۋاستە ھالدا ھامىلىقىدىكى ئاتا —ئانىسىنى بالىرىنى تېپىشقا بولمىسا 5مىڭ يۈئەندىن باشلاپ 10مىڭ يۈئەنگىچە جەرىمانە تاپشۇرۇشقا ،پۇلى بولمىسا يېرىنى مەجبۇرى تارتىۋالدىغانلىقىنى ئېيتقان! دېھقان ئۈچۈن يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ.ئۇلار ئاشۇ يەر ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىپ جان باقىدىغان تۇرسا......ھەقىقەتەنمۇ ئامالى يوق
بۇ يەرە ئېيتىلىۋاتقان تۇلۇق ئوتتورا مەكتەپنى مەجبۇرى ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى بۇ يىل 3–ئايدا يۇرتقا بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن خېلى ئوبدانلا بىلىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ مەجبۇرىيەت پەقەتلا بىر ئاتاق سۆزدىن ئىبارەت ئىكەن ..تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى بۇ مەجبۇرىيەت مائارىپ پىلانى كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەنىتىگە ئايلىنىپتۇ! مۇئەللىم دەرىس سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇخلىشى ،تىلفۇن ئوينىشى، پاراڭلىشىشى،دەرىسكە دېھققەت قىلماسلىقى،ئىنتىرام ساقلىماسلىقى......قاتارلىق ئىشلارغا كەڭچىلىك بىلەن يولغا قۇيىدىكەن.ئارلاشمايدىكەن. مەكتەپنىڭ قوروسى ئىچىدىلا بۇلىدىكەن باشقا ئىشلارغا كارى يوقكەن . ئۆگىنىش دېگەندىن ئەسەر يوق دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ
ئادەتتە مەكتەپ بالىلىرى بولسا ئوغۇلار قىزلارنى قوغلىشىپ قىزلا ئوغۇللانىڭ ئارقىغا كىرىپ. ئوغۇللار قىزلارغا تەلەپ قۇيۇش قىزلا بولسا تەلەپ خەتلەرنى ئوقۇش .....دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراشكەن
بۇ ئىشلارمۇ خوشياقمىغان بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ تورخانىغا ،بورتخانىغا ،خۇمارى تۇتقانلىرى بولسا ھاجەتخانىغا يۈگىرەيدىكەن.
سىنىپلارغا ئۇنئالغۇ ئېلىپ كىلىپ مەشرەپ ئوينايدىكەن.ئادەتتە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان بۇلۇپ ئۆيلىرىگە ھەپتىدە ياكى نەچچە ئايدا بىر قايتىپ كېلىدىكەن.قىسقىسى ئائىلە تەربىيىسىدىن مەھرۇم بۇلىدۇ دېگەن گەپ. مەكتەپتە شارائىت ئەنە غۇنداق تۇرسا يا ئائىلە تەربىيىسى بولمىسا .مىللەتنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بۇلار؟ناكەس بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرى تەقدىرىمىزگە مىللىتىمىزگە بىر يۈك بۇلىدۇ خالاس |
|