قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 13961|ئىنكاس: 56

ئوبامانىڭ 2-قىتىملىق غەلبە نۇتۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

1277

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10292
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 18:40:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبامانىڭ 2-قىتىملىق غەلبە نۇتۇقى
 
ئوبامانىڭ 2-قىتىملىق غەلبە نۇتۇقى
 
ئنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن
 
رەھمەت،رەھمەت سلەرگە،كۆپ رەھمەت.

بۈگۈن كىچە ، بىر مۇستەملىكىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىرىشپ200 يىلدىن كىين ،جۇمھۇرىيتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋەزىپىسى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.(چاۋاك)

سىلەر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.سلەرنىڭ ئۇرۇش ۋە چۈشكۈنلۈك ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن بىر روھنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن،دۆلىتىمىزنى ئۈمۈتسزلىك ھاڭلىرىدىن ئۈمىد چوققىلىرىغا كۆتۈرگەن روھنى ئېتىراپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن،ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ شەخسى ئارزۇلىرىمىزنى رىئاللىققا ئاشۇرۇشىمىزغا بولغان ئشەنچىمىز سەۋەبلىك ئالغا ئىلگىرلەۋاتىمىز.(ئالقىش،چاۋاك)

بۈگۈن كەچ،بۇ سايلامدا ،سلەر،ئامېرىكا خەلقى بىزگە شۇنى ئسمىزگە سالدىڭلاركى،بىزنىڭ يولىمىز مۈشكۈل ،مۇساپىمىز ئۇزۇن بولسىمۇ ،ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۈچۈن ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا ! (ئالقىش،چاۋاك)

 

مەن بۇ سايلامغا قاتناشقان ھەر بىر ئامېرىكىلىققا رەھمەت ئىيتىمەن. (ئالقىش،چاۋاك) مەيلى ئەڭ بۇرۇن بىلەت تاشلىغانلار بولسۇن ياكى ئۆچرەتتە ئۇزۇن ساقلاپ بىلەت تاشلىغانلار بولسۇن،ھەممىڭلارغا رەھمەت،چۇنكى سايلامنى بەرىبىر ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىشىمىز كىرەك.سايلام جەريانىدا مەيلى يول ياسىغانلار بولسۇن ياكى تىلىفون قوبۇل قىلغانلار بولسۇن،مەيلى ئوباما تەشىۋىقاتىنى كۆتۈرگەن بولۇڭلار ياكى رومنى پىلاكاتىنى كۆتۈرگەن بولۇڭلار،سلەر ئاۋازىڭلارنى ئاڭلاتتىڭلار،ئۆزگىرىش ياراتتىڭلار. (ئالقىش،چاۋاك)

مەن بايا شتات باشلىقى (ۋالى ) رومنى بىلەن سۆزلەشتىم،مەن ئۇ ۋە پائۇل رىيان ئىلىپ بارغان كەسكىن كۆرەشكەن سايلام پائالىيتىنى تەبرىكلىدىم. (ئالقىش،چاۋاك)بىز بەلكىم كەسكىن ئېلىشقان بولۇشىمىز مۇمكىن،بىراق بۇ پەقەت بىزنىڭ مۇشۇ دۆلەتنى چوڭقۇر سۆيگەنلىكىمىز،ئۇنىڭ كەلگۈسىگە كۇچلۇك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمىزدىن  بولدى.گىئورگى،لېنورېى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغلى مېت قىچە،رومېنى ئائىلىسى ئامېرىكا ئۈچۈن جامائەت خىزمىتى ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرۇشنى تاللىدى.مانا بۇ بىز بۇگۇن كەچ ئھتىرام بىلدۇرىدىغان ۋە ئالقىشلايدىغان رىۋايەتتۇر . (ئالقىش،چاۋاك).ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتىدە ،مەن ۋالى مېت رومنېى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ دۆلىتىمىزنى ئالغا باسقۇزۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشش ھەققىدە سۆزلىششنى ئستەيمەن. (ئالقىش،چاۋاك)

 

مەن ئالدىنقى تۆت يىلدىن بىرىقى دوستۇم ۋە خىزمەتدىشىم ،ئامېرىكىنىڭ روھلۇق جەڭچىسى،ھەممە ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئورۇنباسار پىرىزدىنتى جوۋ بايدىنغا رەھمەت ئىيتىمەن. (ئالقىش،چاۋاك)

مەن يىگىرمە يىل بۇرۇن مەن بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلغان بىر ئايال بولمىغان بولسا،بۇگۇنكى  كۇندىكى مەن بولالمىغان بولاتتىم. (ئالقىش،چاۋاك)

شۇنى ئالدىڭلاردا داۋالايكى،مېشەل،مەن بۇگۇن سزنى ئىلگىركى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك سۆيىمەن (ئالقىش،چاۋاك)،مەن ئەزەلدىن پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىنىڭ سزنى بېرىنچى خانىم سۈپىتىدە ياخشى كۆرۈشىگە شاھىت بولغانلىقىمدىن بۇنداق پەخىرلىنىپ باقمىغانىدىم. (ئالقىش،چاۋاك)

ساشا ۋە مالىيا (ئالقىش،چاۋاك)،سلەر بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا خۇددى ئاپاڭلارغا ئوخشاش ،كۈچلۈك،ئەقىللىق ۋە چىرايلىق چوڭ بولۇۋاتىسلەر. (ئالقىش،چاۋاك).مەن سلەردىن پەخىرلىنىمەن.بىراق ھازىرقى دەپ قوياي،سلەرگە ئىلىپ بەرگەن بىر ئىت يېتەر! (كۈلكە)

ئنسانىيەت سياسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى سايلام ئەترىتى ۋە پىدائىيلارغا ،(ئالقىش،چاۋاك)،ئەڭ ياخشى،تارىختىكى ئەڭ ياخشى-(ئالقىش،چاۋاك)-بەلكىم ئاراڭلاردىكى بەزىلەر سايلام پائالىيتىگە مۇشۇ قېتىم تۇنجى قوشۇلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن بەلكىم يەنە بەزىلەر باشتىنلا مەن تەرەپتە تۇرغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. (ئالقىش،چاۋاك)

 

بىراق ھەممىڭلار بىر ئائىلە.سلەر مۇشۇ يەردىن مەيلى نەگىلا بارماڭلار،سلەر بىز بىرلىكتە ياراتقان تارىختىن بىر ئەسلىمىنى بىللە ئىلىپ بارىسلەر. (ئالقىش،چاۋاك)

 سۆيۇنۇشنى بىلىدىغان بىر پىرىزدىنتنىڭ ئۆمۈرلۈك مىننەتدارلىقى سىلەرگە ھەمراھ.سلەرنىڭ ماڭا ئشەنگەنلىكىڭلارغا رەھمەت (ئالقىش،چاۋاك)،ۋەتىنىمنىڭ ھەر بىرجىلغىسى،ھەر بىر ۋادىسغا رەھمەت. (ئالقىش،چاۋاك).سلەر باشتىن-ئاخىر مىنى يۇقىرىغا كۆتۈردۈڭلار،مەن سلەر قىلغان بارلىق خىزمىتىڭلار ۋە ئشەنگۇسز تېرشچانلىقلار ئۈچۈن مەڭگۈ مىننەتدارمەن. (ئالقىش،چاۋاك)

مەن سياسى سايلاملارنىڭ بەزىدە چاكىنا ھەتتا ئەخمىقانە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن.دەل مۇشۇ تەرەپ ئۇمۇتسزلەر ئۇچۇن :سياسى دىگەن شەخسيەتچىلىك ياكى ئۇ پەقەت ئالاھىدە مەنپەئەت تەرەپدارلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس –دېيشكە باھانە ھازىرلاپ بەرگەن.بىراق ئەگەر سز بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرىدكى پائالىيەتلىرىمىز ئۈچۈن سەپ-سەپ بولۇپ يېغىلغان كشلەر بىلەن سۆزلەشكۇدەك بولسڭىز ياكى كېچىلىرى كىچىك ناھيىلەردىكى ئۆيلىرىدىن يىراق سايلام ئشخانىلىرىدا توختىماي ئشلەۋاتقان كىشلەرنى كۆرسڭىز،بەلكىم باشقىچىراق نەرسنى بايقاپ قالىسز.

سز ئۇنىېۋرسېتىتىتلار ئارا مەيدانلاردا نەق مەيدان پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگۇچىلەرنىڭ ھەر بىر بالىغا باراۋەر تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىش ئۇچۇن كەسكىن ئىرادە بىلەن تىرىشۋاتقانلىقىنى بايقايسز. (ئالقىش،چاۋاك)

سز يەنە ئىشكمۇ ئىشك بېرىپ سايلام پائالىيتىمىز ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقان خىزمەتچىلىرىمىزنىپ پەخىرلىك ئاۋازىنى ئاڭلايسز،چۈنكى ئۇنىڭ قىرىندىشى يەرلىك ئاپتوموبىل شركىتى ئاچقان يەنە بىر سىخقا قوبۇل قىلىندى. (ئالقىش،چاۋاك)(ئوباما ئامېرىكا ئاپتوموبىل سانائىتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى دەپ قارىلىدۇ-ت)

سز يەنە كەچلىرى تىلىفۇن قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلىلىرىنى بايقايسز،چۇنكى ئۇلار مۇشۇ دۆلەت ئۇچۇن كۆرەش قىلغان ئۆز جۇپىتىلىرىنىڭ ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەندىن كىين ئۆي ئۇچۇن ياكى خىزمەت كۆرەش قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قىلىشنى خالىمايدۇ. (ئالقىش،چاۋاك)

شۇڭا بىز بۇ يولغا ماڭدۇق.سياسي مۇشۇنداق ئشلارنىمۇ  قىلالايدۇ.سايلام شۇنىڭ ئۇچۇن مۇھىمدۇر.ئۇ چاكىنىلىق ئەمەس بەلكى مۇھىم ئشتۇر.كاتتا ئشتۇر.300مىلىيون نوپۇسقا ئىگە بىر دىموكراتىك دۆلەت ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ.بىزنىڭ مۇستەقىل كۆز-قاراشلىرىمىز بار.ھەر بىرىمىز ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزدا چىڭ تۇرىمىز.بىز مۈشكۈل چاغلاردىن ئۆتۈپ ،بىر دۆلەت سۈپىتىدە چوڭ قارارلارنى چىقارغاندا،ئۇ ئەلۋەتتە ھاياجانلىرىمىزنى قوزغاپ ،ئىختىلاپ ۋە غەۋغا پەيدا قىلىشى مۇقەرەر.بۇ بۈگۈن كىچىدىن كىين ئۆزگىرىپ قالمايدۇ ھەم ئۆزگەرمەسلىكى كىرەك.بىزنىڭ تالاش-تارتىشلىرىمىز بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنىڭ بەلگىسىدۇر،بىز شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كىرەككى،بىز سۆزلىشپ تۇرغان دەل مۇشۇ چاغدا يىراق ئەللەردىكى نۇرغۇن خەلقلەر پەقەت مۇھىم بىلگەن ئشلار ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ مەقسەت –سۆزىنى دەۋىلىش ئۇچۇنلا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىششىغىمۇ تەۋەككۇل قىلىۋاتىدۇ. (ئالقىش،چاۋاك)-مانا بۇ بىز بۈگۈن ئاشكارا بىلەت تاشلىغان سايلامغا ئىرىشش پۇرسىتىدۇر.

بىراق ئارىمىزدىكى پەرق قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر،كۆپچىلىكىنىڭ ئامېرىكىنڭ كىلەچىكى ئۇچۇن ئورتاق ئۇمىدلىرى بار.

بىز ھەممىمىز بالىلىرىمىزنى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە ،ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلىمىز،(ئالقىش،چاۋاك)تېخنىكا ،كەشپىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يەرشارىدىكى ئەڭ ئىلغار دۆلەت بولۇش رىۋايتىنى رىئاللىققا چىقىرىۋاتقان،ياخشى خىزمەتلەر ۋە يېڭى تىجارەتلەر بولغان بىر دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلىمىز.

 

بىز بالىلىرىمىزنىڭ باراۋەرسزلىك سەۋەبىدىن ئاجىزلىشپ كەتمىگەن ،ئىللىۋاتقان يەرشارىنىڭ ۋەيران قىلغۇچ كۇچ  تەھدىتىگە ئۇچرىمىغان ،قەرزگە بوغۇلمىغان ئامېرىكىدا ياششىنى ئۇمىد قىلىمىز (ئالقىش،چاۋاك)

بىز بىخەتەر ۋە دۇنيا بويلاپ ھۆرمەتكە سازاۋەر،كشلەر ئازرۇ قىلىدىغان دۆلەتتە ياشاپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىمىزكى،بۇ دۆلەت يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيە ۋە ئەڭ ياخشى ئەسكەرلەر بىلەن مۇداپىئە قىلىنىدۇ. (ئالقىش،چاۋاك)شۇنداقلا بۇ دۆلەت نۆۋەتتىكى ئۇرۇش دەۋرىدىن ھەر بىر ئنساننىڭ غورۇرى ۋە ئەركىنلىكى ۋەدىسگە قۇرۇلغان تىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.

بىز بىر مەردانە ئامېرىكىغا ئشىنمىز،بىر ھىممەتلىك ئامېرىكىغا ئشىنىمىز،بىر مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇپ ،بايرىقىمىزغا ئەھدە بىرىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىغا كەڭ قۇچاق ئاچىدىغان ، (ئالقىش،چاۋاك)چىكاگونىڭ جەنۇبى قىرغىقىدا ئۆز مەھەللىسىگە يېىقىن جايلاردىكى ھاياتنىلا كۆرىدىغان بىر بالىغا قۇچاق ئاچىدىغان،شىمالى كارولىنا شتاتىدىكى بىر ئشچىنىڭ دوكتۇر ياكى ئالىم ياكى ئىنژىنىر ياكى كارخانىچى ياكى دىپلومات ھەتتا پىرىزدىنت بولۇشنى خالايدىغان ئوغلىغا كەڭ قۇچاق ئاچىدىغان كەڭ قورساق ئامېرىكىغا ئېشىنىمىز.

مانا بۇ ،مانا بۇ بىز ئۈمىد قىلغان كەلگۈسىدۇر. كەڭ قورساق ئامېرىكىغا ئېشىنىمىز.

مانا بۇ بىز ئورتاقلىشىدىغان ئۇمىددۇر.مانا بۇ بىز ئورتاق ئالغا ئىلگىرلەيدىغان نشاندۇر. (ئالقىش،چاۋاك)مانا بىز يەتمەكچى بولغان مەنزىلدۇر. (ئالقىش،چاۋاك)

بىز بەزىدە بۇ نشانلىرىمىزغا قانداق يېتىش توغىرىسدا كەسكىن بۆلىنىمىز.خۇددى ئىككى ئەسردىن بىرى بولۇپ كەلگەندەك،ئىلگىرلەش ئسسق-سوغۇقلار ئىچىدە ۋۇجۇتقا كىلىدۇ.تەرەققىيات يولى ھەمىشە تۇز ۋە داغدام بولۇۋەرمەيدۇ.

خۇددى شۇنىڭدەك،بىزنىڭ ئورتاق ئۈمىدلىرىمىز ۋە ئارزۇلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشمۇ قىين تۈگۈنلەرنى يېشىپ،بارلىق مەسللىرىمىزنى ھەل قىلىۋىتەلمەيدۇ ياكى ئىنتايىن جاپالىق بولغان ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش ۋە دۆلىتىمىزنى ئالغا سىلجتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇرەككەپ  مۇرەسسە جەرياننى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

بىراق ئورتاق مەسئۇلىيتىمىز شۇكى، بىز باشلىشىمىز كىرەك.ئېقتسادىمىز ئەسلىگە كىلىۋاتىدۇ.ئون يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئاياقلىشىۋاتىدۇ. (ئالقىش،چاۋاك)ئۇزۇلغان سوزۇلغان سايلاممۇ ئاياقلاشتى. (ئالقىش،چاۋاك)مەن سلەرنىڭ بېلىتىڭلارغا ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەن بولاي،مەن سلەرنىڭ ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىدىم.سلەردىن ئۆگەندىم.سلەر مىنى تىخىمۇ ياخشى پىرىزدىنت قىلدىڭلار.سلەرنىڭ ھىكايەڭلار ،سلەرنىڭ كۆرىشڭلار بىلەن ،مەن ئاق سارايغا ئالدىمىزدىكى خىزمەت ۋە كەلگۈسى ھەققىدە تىخىمۇ كەسكىن ئىرادە ۋە زور ئىلھام بىلەن قايتتىم. (ئالقىش،چاۋاك)

بۈگۈن كەچ سلەر بۇرۇنقىدەك سياسى ئۇچۇن ئەمەس، ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن بىلەت تاشلىدىڭلار،(ئالقىش،چاۋاك).سلەر بىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس،سلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا دىققىتىمىزنى يىغىش ئۇچۇن سايلىدىڭلار.

ئالدىمىزدىكى ئاي-كۈنلەردە،مەن پەقەت ھەمكارلاشقاندىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىششنى كۇتىمەن.بۇ خىرىسلار قەرزنى ئازايتىش،باج قانۇنىنى ئسلاھ قىلىش،كۆچمەنلەر تۇزۇمىنى تەرتىپكە سىلىش،چەتئەل نىفىتىغا تايىنىشتىن ئازاتلىققا چىقىش قاتارلىقلاردۇر.بىزنىڭ قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئشلىرىمىز بار. (ئالقىش،چاۋاك)

بىراق بۇسلەرنىڭ ئشىڭلار  تۈگىدى دىگەنلىك ئەمەس.بىزنىڭ دىموكراتىيمىزدە پۇقرالارنىڭ رولى سلەرنىڭ بىلەت تاشلىشڭلار بىلەن تۇگىمەيدۇ.ئامېرىكا ئەزەلدىن بىزنىڭ نىمىگە ئىرىشىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى بىزنىڭ جاپالىق ئەمگەك،ئۇمۇتسزلىك ئىچىدە ئەمما ئۆزىنى باشقۇرۇش ئۇچۇن يىتەرلىك تىرىشچانلىق قىلىش ئاساسىدا بىرلىكتە نىمە ئش قىلالايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. (ئالقىش،چاۋاك)

مانا بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى قۇرۇشتا تايانغان پىرىنسپلاردۇر.

بۇ دۆلەت باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىن باي،بىراق بۇنىڭلىق بىلەن بىز باي بولۇپ كەتمەيمىز.بىزنىڭ تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيمىز بار،بىراق بۇنىڭلىق بىلەن بىز كۈچلۈك بولۇپ كەتمەيمىز.پۈتۈن دۇنيا بىزنىڭ ئۇنىۋىېرستىلىرىمىز ،مەدەنىيتىمىزگە ھەۋەس قىلىشىدۇ،بىراق بۇنىڭ ئۆزىلا پۈتۈن دۇنيانى بىزنىڭ قىرغاقلىرىمىزغا باشلاپ كىلەلمەيدۇ.ئامېرىكىنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغىنى يەر شارىدىكى ئەڭ كۆپ پەرقلەر مەۋجۇت بولغان بىر ئەلنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان رىشتەدۇركى،ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىزنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىگە ئىشنش،بىز پەقەت بىر-بىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بولغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغاندىلا ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ ھەرىكەتكە كىلەلەيدىغانلىقىغا ئىشنىشتۇر.شۇنچە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار كۆرەش قىلىپ ھاياتىنى جان بەرگەن ئەركىنلىك مەسئۇلىيەتلىرىمىز ۋە ھوقۇقىمىز بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشنىش ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسدا مۇھەببەت ،خەير-ساخاۋەت ،مەسئۇلىيەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك بارلىقىغا ئشىنشتۇر.مانا مۇشۇلار ئامېرىكىنى بۈيۈك دۆلەت قىلالايدۇ.

مەن بۈگۈن كەچ تولىمۇ ئۈمۈتۋار،چۈنكى مەن مۇشۇ خىل روھنىڭ ئامرىكىدا ئەمەلدە ئشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.مەن بۇ روھنى نۇرغۇن ئائىلىلەردە كۆردۈم،ئۇلار ئائىلە تىجارەتلىرىدە خوشنىلىرىنىڭ قىينچىلىقىنى كۆرۈپ،ئۆزىنىڭ زىيان تارتىشىنى لايىق كۆرۈشكەن.ئشچىلار ئۆز دوسىلىرىنىڭ ئشسز قىلىشىغا چىدىماي ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ئش ۋاقتىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن.ئەسكەرلىرىمىز بىر قولىدىن ئايرىلغاندىن كىينمۇ يەنە داۋاملىق ئالدىنقى سەپكە تىزىملاتقان ۋە قاراڭغۇ ،قورقۇنچلۇق جەڭگاھقا قەدەم باسقان،چۇنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسگە قاراپ تۇرالايدىغان دوسلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇر. (ئالقىش،چاۋاك)

مەن بۇ روھنى يېڭى جىرسې ۋە نىيۇ يورك قىرغاقلىرىدا كۆردۈم،بۇ يەردە ھەر بىر پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت قاتلىمى ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقلىرىنى قايرىپ قويۇپ جەمىيەتنىڭ قورقۇنچلۇق بوران ئاپىتىدىن كىين ئۆيلىرىنى قايتا سىلىشقا ياردەم بىرىشكە ئاتلاندى.

مەن بۇ روھنى ئوخىئو شتاتى مېنتور شەھىرىدە كۆردۈم،بۇ يەردە بىر دادا ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئاق قان كېسلى بىلەن ئېلىشپ كىلىۋاتقان سەككىز ياشلىق قىزىنىڭ ھىكايسنى ئىيتىپ بەردى.ئەگەر ،سۇغۇرتا شركىتى ئۇنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن پۇل تۆلەشنى توختتىشقا بىر نەچچە ئاي قالغاندا ،مەن تەشەببۇس قىلغان داۋالاش سۇغۇرتىسى ئسلاھات قانۇنى ماقۇللانمسا  ،ئۇلارنىڭ بارلىق ئائىلە بساتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئىيتىپ بەردى. (ئالقىش،چاۋاك)

مەن بۇ دادا بىلەن سۆزلىششلا ئەمەس،بۇ قەيسەر قىز بىلەن ئۇچرىشش پۇرستىگە مۇيەسسەر بولدۇم.بۇ دادا كۆپچىلىككە سۆزلىگەندە،زالدىكى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى.چۈنكى بىز بۇ قىزنىڭ ئۆز قىزىمىز بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقىنىمۇ بىلىمىز.

مەن شۇنى بىلىمەنكى،ھەر بىر ئامېرىكىلىق ئۇ قىزنىڭ كەلگۇسىنڭ پارلاق بولۇشىنى ئۇمىد قىلىدۇ.بىز مانا مۇشۇنداق خەلق.مانا مۇشۇ سەۋەبتىن مەن سلەرنىڭ پىرىزدىنتڭلار بولۇشتىن پەخىرلىنىمەن. (ئالقىش،چاۋاك)

بۈگۈن كەچ،بىز دۇچ كەلگەن بارلىق مۇشكۇللەرگە قارىماي،ۋاشنگىنتوندىكى بارلىق باش ئاغرىقلىرىغا قارىماي،مەن كەلگۈسىمىز ھەققىدە ئىلگىركى ھەرقانداق چاغدىكىدىن بەكرەك ئۇمۇتۋارمەن.مەن ھىچقاچان بۇگۇنكىدەك ئۇمۇتۋار بولۇپ باقمىغان.مەن سلەردىن ئاشۇ ئۇمۇتۋارلىقنى ساقلاشنى سورايمەن.

كۆپچىلىك:بىز سزنى قوللايمىز،پىرىزدىنت.

ئوباما:مەن ئالدىمىزدىكى ۋەزىپىنىڭ ئىغىرلىقى ياكى يولىمىزدىكى توسالغۇلارغا سەل قارايدىغان قارىغۇلارچە ئۇمۇتۋارلىق ھەققىدە سۆز قىلمايۋاتىمەن.مەن بىزنى پەقەت ئەمەلى كۆرەشتىن توساپ،بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ قالىدىغان ئازرۇلۇق ئىدىئولوگىيە ھەققىدە سۆز قىلمايۋاتىمەن.مەن شۇنىڭغا ئىشنىپ كەلدىمكى،ئۇمىد ھەرقانداق توسالغۇغا قارشى ھالدا ئىچىمىزدە مەڭگۇ ساقلىنىپ قالىدىغان جاھىل نەرسدۇركى،ئۇ قانچىكى مۇستەھكەم تۇرالىساق بىزنى ساقلاپ تۇرغىنى شۇنچىكى ياخشى نەرسە بولىدۇ. قارىغۇلارچە ئۇمۇتۋارلىق ھەققىدە سۆز قىلمايۋاتىمەن.

ئامېرىكا خەلقى،مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى،بىز ئۆزىمىز بەرپا قىلغان ئىلگىرىلەشلەرنى پۇختىلاپ ئوتتۇرا قاتلام ئۇچۇن يېڭى خىزمەت،يېڭى پۇرسەت ،يېڭى بىخەتەرلىك يارىتالايمىز.مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى،بىز ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلالايمىز،بۇ ۋەدە شۇكى،ئەگەر سز جاپالىق تىرىشسڭىزلا سز كىم بولۇڭ،نەدىن كىلىڭ،ياكى قانداقراق ئادەم بولۇڭ،مەيلى قارا ياكى ئاق بولۇڭ،ئسپان ئەۋلادى ياكى ئاسيالىقنىڭ پۇشتى ياكى يەرلىك ئامېرىكىلىق بولۇڭ،ياش ياكى قېرى،نامرات ياكى باي،ساغلام ياكى مېيىپ ،نورمال ياكى جنسىداش مۇھەببەتلەشكۇچى بولۇڭ،سز پەقەت خالىسڭىزلا مۇشۇ دۆلەتتە ئامېرىكىدا غايىڭىزنى ئشقا ئاشۇرالايسز! (ئالقىش،چاۋاك)

مەن شۇنىڭغا ئشىنىمەنكى،بىز كەلگۇسمىزنى تۇتالايمىز،چۇنكى بىز سياسى مەۋجۇتلۇقىمىز ئشارە قىلغاندەك ئۇنچىۋالا بۆلۇنۇپ كەتمىدۇق.بىز ئالىملار ئىيتقاندەك ئۇ قەدەر ئۇمۇتسز ئەمەس.بىز يەككە ئارزۇلىرىمىزنىڭ ئومۇمىسدىنمۇ بۇيۇكمىز.بىز يەنىلا قىزىل ۋە كۆك شتاتلارنىڭ بىرلەشمىسدىنمۇ مۇھىممىز.بىز ھازىر ۋە مەڭگۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىمىز. (ئالقىش،چاۋاك)

ھەمدە شۇنداقلا سلەرنىڭ ياردىمىڭلار،تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ،بىز ئۆزىمىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە دۇنياغا ئۆزىمىزنىڭ نىمىشقا يەرشارىدىكى ئەڭ بۇيۇك دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىمىز. (ئالقىش،چاۋاك)

رەھمەت سلەرگە.ئامېرىكا خەلقى. (ئالقىش،چاۋاك)،تەڭرى سلەرگە ئامەت بەرسۇن.تەڭرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئامەت ئاتا قىلسۇن.

 

(بىرىنچى تىز تەرجىمە )
 
تاھىر ئىمىن:
(شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى )
بىر قىسم يازما ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئۇچۇن
http://www.uyghurology.com/a/uyghurshunasliq/uyghurshunaslar/2012/0421/80.html


.مىللەتنىڭ كەلگۈ

17

تېما

7

دوست

7394

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1416
تۆھپە : 1298
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 19:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارۋاي.رومىنىيغا خىلى سىسىق گەپ قىلىۋاپتۇ دىسە.............
ھوقۇق بىرىلمەيدۇ ،يۇلۇپ ئىلىنىدۇ. -(كۆك ھىلال)
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

1272

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9590
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 162
تۆھپە : 299
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 19:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىگۇراتىيە دىگەن -ھە ،ئېرقى، مىللىتىگە قارىماي كىم ئىقتىدارلىق، تەدبىرلىك بولسىلا شۇنى ئەلگە باش قىلىدىكەن .
ھالال ئەقىدىسى يوقلار ئۆلگەنلەردۇر!

پەرۋايىم پەلەك

52

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7500
تۆھپە : 4597
توردىكى ۋاقتى: 3292
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 19:45:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىق پىرزېنىت كىچىك بۇشنىڭ نۇتقى ئاجايىپ پاساھەتلىك ئىدى. ئۇنىڭدا « ...بىز دېمىگراتىيىنىڭ نۇرى بىلەن يەر  شارىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى زۇلمەت قاپلىغان قاراڭغۇلۇقلارنى يورۇتىمىز...» دېگەندەك گەپلەر بار ئىدى.

2

تېما

9

دوست

6681

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2586
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1546
تۆھپە : 997
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 19:57:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈزلىرىم ھاياجاندىن چىمىلداپ كېتەتتى ياخشى ئېيتىلغان نۇتۇقلارنى ئاڭلىغاندا  .نىمىشقىكىن مەن تازا تەسىرلەنمىدىم ،تازا ھەقدادىغا يېتىپ چۈشەنمىدىممۇ يا، يانا بىر ئوقۇپ باقاي .

31

تېما

0

دوست

6443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6223
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1593
تۆھپە : 882
توردىكى ۋاقتى: 258
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 19:57:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باراك ھۈسەين ئوباما...
ئۇنىڭ ئۆزى خىرىستىيان توغرىسى ، كاتۇلىك بولسىمۇ لىكىن ئاتا بوۋىلىرى مۇسۇلمان ئىدى، مانا مۇشۇنداق مۇسۇلماننىڭ پۇشتى بولغان قارا تەنلىكنى ئەلباش قىلغان ئامېرىكىلقلارنى توختىماي تىللايدىغان تور موللاملىرىدىن ئايلىناي...........................

پەرۋايىم پەلەك

52

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7500
تۆھپە : 4597
توردىكى ۋاقتى: 3292
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 20:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇمىنىي سايلىنىپ قالغان بولسا قانداقراق سۆزلەر بولغىيدى نۇتقىنى .
   مېنىڭ شۇ كىشىنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاپ باققۇم بار ئىدى. ئەپسۇس...

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1952
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3341
تۆھپە : 1982
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 20:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-11-07 19:57يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
باراك ھۈسەين ئوباما...
ئۇنىڭ ئۆزى خىرىستىيان توغرىسى ، كاتۇلىك بولسىمۇ لىكىن ئاتا بوۋىلىرى مۇسۇلمان ئىدى، مانا مۇشۇنداق مۇسۇلماننىڭ پۇشتى بولغان قارا تەنلىكنى ئەلباش قىلغان ئامېرىكىلقلارنى توختىماي تىللايدىغان تور موللاملىرىدىن ئايلىناي...........................  


سالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ، ئۇزۇندىن بېرى نەگە يوقاپ كەتتىلا دەيمەن ،  سىلى يوق مەنمۇ جىق كىرىپ كېتەلمىدىم ،
بۇلارنىڭ نۇتىقى قانداقراق ئۇلارنى بەك ئويلاپ كەتمىدىم ،  ،لېكىن بۇلارنىڭ نۇتۇق سۆزلىگەنكى كەيپىياتىغا مەن بەك قايىل ،
بۇلاردا ئازراقمۇ مەركەز ، سىياسىەت ، فاڭچىن ، دىگەندەك گەپلار بولۇنمايدىكەن ھە ، .  .....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )