- تىزىملاتقان
- 2012-4-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 362
- نادىر
- 0
- يازما
- 18
ئۆسۈش
31%
|
ياخشىمۇسىز قېرىندىشىم،بۇ سوئالىڭىزغا مەن ئۆزەمنىڭ خىزمەت ئەھۋالىمغا ئاساسەن مۇنداق جاۋاب بىرەي.
1.بۇ ئۈيدە تۇرۇش جەريانىدا ئىختىسات ياخشلىنىپ چوڭراق ئۈي ئالالايدىغانغا كۇچىمىز يەتكەندە كوچۇپ چىقىپ كەتسەك بۇ ئۈينى بىزدىن ئېلىۋالامدۇ؟ بۇ ئۈينى بىر نەچچە يىل ئۈتكەندىن كىيىن بىزگە مۇۋاپىق سېتىپ بەرسە ،كىيىن بىزنىڭ بۇ ئۈينى باشقىلارغا ئىجارىگە بىرىش ياكى سېتىش ھوقۇقىمىز بۇلامدۇ؟
جاۋاب:ئۆي ئېلىشقا قۇربىڭىز يىتىپ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا چوقۇم سىز بۇ ئۆينى مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ كاپالەتلىك ئولتۇراق ئۆي ئورۇنلىرىغا بۇ ئۆينى قايتۇرۇپ بىرىشىڭىز كېرەك.بۇ خلدىكى ئۆيلەرنى سىزگە سېتىپ بىرىشكەبولمايدۇ،چۈنكى بۇ ھۆكۈمەت مەخسۇس ئولتۇراق ئۆي مەسلىسى جەھەتتە قىيىنچىلىقى بارلار ئۈچۈن سالغان ئۆي بولۇپ،مۇناسىۋەتلىك بەلگلىمىلەردە<< بۇ ئۆيلەر ئۈستىدە ئېلىم -سېتىم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ>>دەپ بەلگىلەنگەن.
2.بۇ ئۈي تەقسىم بولغانلارنىڭ بۇ ئۈيدە چۇقۇم 360 كۇن تۇرىشى كىرەكمۇ؟ بۇ ئۈيدە تۇرغانلاردىن ئاڭلىسام داۋاملىق تەكشۇرۇپ تۇرىدىكەن،تەكشۇرۇش ۋاختىدا ئۇيىدە بۇلالماي قالغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇيىنى پىچەتلەپ ئۈيىگە كىرگۇزمەسلىك توغۇرلۇق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ چىقارغان ئىنىق سىياسىتى بارمۇ؟
جاۋاب:بۇ ئۆيدە ھىچبىر سەۋەبسىز 6ئايدىن يۇقىرى ئولتۇرمىغانلارنىڭ بۇ خىل كاپالەت خاراكتىرىدىكى ئۆيلەردە ئولتۇرۇشى بىكار قىلىنىدۇ(مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى خەۋەر قىلىپ قويۇپ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئولتۇرالمىغان بولسا بۇ ئۇنىڭ سىرتىدا)چوقۇم 360كۈن ئولتۇرۇشى كىرەك دەپ بەلگىلىمە يوق.
3.بۇ ئۈيلەرنى بىزەشكە قەتئى رۇخسەت قىلمايدىكەن،بىزەش دىگىنىم ھەممە ئۈيلەرنى ھەشەمەت بىزەش ئەمەس ،بەلكى كىيىم ئىشكابى ياسىتىش،ئاشخانا قاتارلىقلارنى ئازراق ئەپلىك ھالەتكە ئەكىلىش ئىدى،ئەمما ئۇنداق قىلىشقا بولمايدىكەن،بۇنداق ئۈيدە تۇرسا قولايسىزلىق بۇلىدىكەن،مەلۇم قىسمىنى يول قويغان ئاساستا بىزەشكە مۇناسىۋەتلىىك بەلگۇلىمە بارمىدۇ؟
جاۋاب:بۇ ئۆي سىزگە ئىجارە بىرىلگەن ئۆي بولغاچقا،كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ئۆيدە ئولتۇرماي قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە ئىختىلاپ يۈز بەرمەسلىك ئۈچۈن بۇ ئۆيلەرنى بىزەشكە يول قويۇلمايدۇ،ئەگەر سىز ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن بۇ ئۆينى بىزەپ كيىن ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ كىتىشكە توغرا كەلگەندە بىزەش جەريانىدا سىز چىقارغان چىقىملارنىڭ ھىچقايسى سىزگە تۆلەپ بىرىلمەيدۇ. |
|