- تىزىملاتقان
- 2011-4-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3421
- نادىر
- 0
- يازما
- 73
ئۆسۈش
47.37%
|
مەن بىر ئاددى تاكسى شوپۇرى. بۇ كەسىپ بىلەن شوغۇللانغىلى ئۇزۇن بولمىغان بولساممۇ، ھەرخىل، ھەرتۈرلۈك ئىشلارنى، ئادەملەرنى ئۇچراتتىم. شۇ جەرياندا مېنى ئويلاندۇرغان ئىشلاردىن بىر قانچىسىنى تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم.
*** *** ***
ياز كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى، كەچ سائەت 10:00لار بولغان ۋاقىت. تاكسىغا 30ياشلار چامىسىدىكى ئىككى يىگىت چىقتى.
_ بىزنى مۇشۇ ئەتراپتىكى يېقىنراق < پۇت يۇيۇش، ئۇۋۇلاش> جايىغا ئاپىرىپ قويسىڭىز.
ئارىلىقتا ئىككىسىنىڭ قىلىشقان مۇنداق گەپلىرى ئاڭلاندى:
_ ***گە تېلىفون قىپ باقتىڭمۇ؟
_ مەن *** جايدا ، ئالغىلى كېلىڭ دەيدۇ، ئۇنداق يىراق يەرگە ئالغىلى بارىدىغانغا مەن ساراڭ ئەمەس.
_ بۈگۈن مېىمانخانىدىن ياتاق ئېپ قويساق، ما گۇيلار بىرسىمۇ يوقا... ئالغان ياتاق ئەجەپ زايا بوپ كېتبارىدۇ...؟
ئۇلار شۇنداق گەپلەرنى قىلىشقىنىچە بارىدىغان جايىدا چۈشۈپ قالدى.
*** *** ***
يەنە ياز كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى، ئەتىگەن ئشقا ماڭىدىغان ۋاقىت. ھاۋا تۇتۇق سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. مەلۇم ئائىلىلىكلەر قوراسى دەرۋازىسى ئالدىدا خەن مىللىتىدىن بىر ئايال 4_5ياشلار چامسىدىكى ئوغلىنى كۈنلۈك بىلەن يامغۇردىن دالدا قىلغان ھالەتتە ماشىنىنى توستى. ماشىنا توختىغاندىن كېيىن بالىسىغا ماشىنىغا ئېھتىيات بىلەن چىقىشنى قايتا-قايتا جېكىلىدى. ھېلىقى بالا خۇددى ئاسماندىن تاش يېغىۋاتقاندەك قورققان، بەدىنىنى ئىككى مۈرىسى بىلەن قىسقان ھالەتتە ماشىنىغا چىقتى. بالا ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئانىسى كۈنلۈكنى يىغىشتۇردى. ئۇلار شەھىرىمىزدىكى مەلۇم يەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئانىسى ئاۋال ماشىنىدىن چۈشۈپ كۈنلۈكنى ئاچتى-دە، بالىنى يەنە بەكرەك ئېھتىيات قىلىشىنى بىر قانچە قېتىم تەكىتلەپ، بالىغا بىر تامچە يامغۇر تەككۈزمەي بالىلار يەسلىسى دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ كەينىدىن، بالىلارغا ھەددىدىن ئارتۇق كۆيۈنۈشنىڭ ئۇلاردىكى جاپا-مۇشەققەتكەچىدايدىغان، ھەرخىل بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان خاراكتېرنىڭ يېتىلىشىگە، كېيىن تولدۇرۇۋالغۇسىز سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.
*** *** ***
بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، كەچ سائەت 10:00لار ئەتراپىدا 35ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئىككى ئەر ماشىنىغا چىقتى. مەلۇم مەھەللىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئىككەيلەنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنى ئېلىۋېلىپ مېڭىشىمىزنى ماڭا ئېيتتى. يول بويىدا ئىككى ئايال ساقلاپ تۇرغانىكەن. ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ، تېنچلىق سوراپ ئەھۋاللاشتى. ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان ئەرنىڭ تېلىفونى سايرىدى. تېلىفوننى ئالدى:
_ مەن مەلىمىزدىكى ***نىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. ئانچە مۇنچە پاراڭلىشىپ، كورت ئوينىغىلى
_.... ... .....
_ مەن چوڭ يول بويىدا مېڭىۋاتقان تۇرسام، يولدىكى ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمامدۇ...
بۇ ئەر بىرمۇنچە يالغان گەپلەر بىلەن تېلىفون ئۇرغان ئادەمنى گوللاپ بولۇپ تېلىفوننى قويۇپلا، ماڭا قاراپ:
_ مۇشۇ تېلفون دېگەن نەرسىنىزە، ئادەم سىرتقا چىققاندا ئۆيگە تاشلاپ قويغان ياخشى زادى...
مەن تېلىفون ئۇرغان ئادەمنىڭ چوقۇم بۇ ئەرنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم.
ئۇلار شەھىرىمىزدىكى ئىنتايىن ئاۋات بولغان مەلۇم يېمەك-ئىچمەك كوچىسىدىكى < ... يەل قازان شورپىخانىسى>غا كىرىپ كەتتى. |
|