قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4646|ئىنكاس: 26

جۇمھۇرىيەتچى رومنينىڭ مەغلۇبىيەت نۇتۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

1277

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10292
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 17:46:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇمھۇرىيەتچى رومنينىڭ مەغلۇبىيەت نۇتۇقى
ئنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن


تەرجىماندىن سۆز:ئوقۇمىسڭىزمۇ بولىدۇ.
(تۆت يىرىم يىل بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ كۇچلۇك دۆلەت،دۇنيادىكى ئەڭ دىموكراتىك دۆلەت ئامېرىكىغا - ئافرىقىدىن كەلگەن بىر قارا تەنلىكنىڭ ئوغلى پىرىزدىنت بولۇشقا بەل باغلىغان ۋە غەلبە قازانغاندا ،ئامېرىكا قانۇنى ۋە ئامېرىكا قىممەت قارىشى مەۋجۇت رىئاللىقتىن چارچىغان  ياشلىرىمىزغا دۇنيانىڭ بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان بوشلۇقلىرىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ،ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجە ۋە ئەمەلى ئېقتىدارى دۇنيادىكى بارلىق تىللار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلنغان (تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئسپاتلانغان)نۇتۇقلىرى ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن ئۇچرىشىپ ھىچبولمىسا دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۇملۇك دۆلەت تۇزۇلمىسنىڭ ئوچۇق تۇزۇلمە بولىدىغانلىقىنى ،ئەڭ سۆيۇملۇك كىشلەرنىڭمۇ ھىچبولمىسا بىرەر ئېتىقادى بولىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن ئىدى.مانا بۇگۇن يەنە شۇ دىموكراتىيەنى قۇۋۋەتلىگۇچى ئاساسى قانۇننىڭ كۇچى بىلەن تۇنجى قارا تەنلىك ئامېرىكا پېرزدىنتى كۇچلۇك رەقىبى ھسابلانغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى رومنىينى يېڭىپ داۋاملىق سايلاندى. نامزاتلارنىڭ  بارلىق ئشلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇلۇپ،باھا بىرىشكە ۋە تاللاشقا قويۇلدى ۋە سايلامدا يەڭگۇچى ۋە يېڭىلگۇچى ھەر ئىككىلسىى دۆلەت ۋە خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئوچۇق-ئاشكارا بازارغا سىلىپ،ئاخىرىدا ئوباما تاللاندى.ئايان بولدىكى، بىز ئاشكارىلىقنى ،ئادىللىقنى ،سەمىمىلىكنى،باراۋەرلىكنى سۆيىمىز.بۇلارغا ئۆزىمىز ئىرىشەلمىسەكمۇ ئىرىشەلىگەن خەلقلەر ئۇچۇن خۇرسەن بولىمىز.ۋە مۇشۇنداق يەرلىرىمىز ئۇچۇن دىيەلەيمىزكى،بىز ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ يۇكسەك ئنسانپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە خەلقمىز.نۇتۇقلار ئوقۇرمەنلەرگە داۋاملىق زوق ئىلىپ كىلىدىغانلىقىغا تىلەكداشمەن.)

 
رومنى :رەھمەت،رەھمەت سلەرگە.كۆپ رەھمەت.(ئالقىش)

مەن بايىلا پېرىزدىنت ئوباماغا تېلفۇن قىلىپ ،ئۇنىڭ غەلبىسنى تەبرىكلىدىم.ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە سايلام گۇرۇپپىسىمۇ تەبرىكلىنىشكە ھەقلىق.

ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە سايلام گۇرۇپپىسمۇ تەبرىكلىنىشكە ھەقلىق.مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسگە ياخشى كۈنلەرنى تىلەيمەن،بولۇپمۇ پېرزدىنت ئوباما ،بىرىنچى خانىم ۋە ئۇلارنىڭ قىزلىرىغا بەخت تىلەيمەن.(ئالقىش )

دۆلىتىمىز ئامېرىكا ئىغىر كىرزىسلارغا دۇچ كەلمەكتە،شۇڭا مەن پىرىزدىنتنىڭ دۆلىتىمىزگە مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلىشنى تىلەيمەن. (ئالقىش )

مەن پائۇل رىيان (رومنىېنىڭ مۇئاۋىن زوڭتۇڭ نامزاتى-ت)نىڭ سايلام پائالىيتىمىز ئۈچۈن،شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئۈچۈن  قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئىيتىمەن. (ئالقىش )

پائۇل رىيان ئايالىمدىن قالسا، مەن تاللىغان ئەڭ ياخشى ھەمراھدۇر.

(ئالقىش )

مەن يەنە شۇنىڭغا ئىشنىمەنكى،ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ،شۇنداقلا ئۇنىڭ دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پىرىنسپىغا بولغان ئەقىدىسى داۋاملىق دۆلىتىمىزنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. (ئالقىش )

 

 

مەن يەنە ھاياتىم بولغان سۆيگۇنۇم –ئايالىم ئانناغا رەھمەت ئىيتىمەن.

(ئالقىش )

ئۇ ئەسلىدە بىر قالتىس بىرىنچى خانىم بولۇپ قالاتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ باغرى يۇمشاقلىقى ۋە ئەستايىدىللىقى بىلەن ماڭا ،ئائىلىمىزگە ۋە ئۆزى ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھەر بىر ئادەمگە شۇنداق قالتىس بىرىنچى خانىمدەك مۇئامىلە قىلىپ كەلدى.

مەن ئوغۇللىرىمنىڭ سايلام پائالىيتىمىز ئۈچۈن قىلغان ھارماس خىزمەتلىرى ئۈچۈن ،ھەم ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ -ئەرلىرى ۋە دادىلىرى ئۆيدە يوق چاغلىرىدا ئۇلارنى چۇشىنىپ قوللىغىنى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىمەن.(ئالقىش)

مەن مات ريودائىس ۋە ئۇ يتەكلىگەن پىداكار سايلام گۇرۇپپىسى ئۈچۈن مننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. (ئالقىش)

ئۇلار پەقەت مەن ئۈچۈنلا ئەمەس،يەنە بىز سۆيىدىغان مۇشۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

بۈگۈن كىچە بۇ يەرگە يېغىلغان  سلەرگە،دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىنىڭ سايلام ئۆمىكىمگە ،پىدائىيلارغا،مەبلەغ يىغىشقا قاتناشقۇچىلارغا،ئىئانە بەرگۈچىلەرگە،قوللىغان شەخسلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن.مەن ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى پارتىيمىزدە سلەرنىڭ مىنىڭ سايلىنىشىم ئۇچۇن قىلغان خىزمىتىڭلارغا سىلىشتۇرغىدەك تىرىشچانلىق بولغانلىقىغا ئشەنمەيمەن.سلەرگە ناھايتى كۆپ رەھمەت.

سلەرنىڭ سائەتلەپ ئشلىگەن خىزمىتىڭلارغا،ئۇيۇشتۇرغان يېغىلىشلار،تەييارلىغان نۇتۇقلار ۋە ئۇچرىششلار ،سلەر سەرپ قىلغان بايلىق مەنبەلىرى ۋە سلەرنىڭ تەڭرىگە قىلغان دۇئايىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.سلەر بۇ خىزمەتلەرنى ئىچ-ئىچىڭلاردىن رازى بولۇپ قىلدىڭلار ۋە ئاجايىپ ياخشى قىلدىڭلار.شۇنداقلا سلەر بىزگىمۇ ئىلھام بولدۇڭلار ۋە بىزنى خىجىل قىلدىڭلار.سلەر بىز تەسەۋۇر قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى كىشلەرسلەر!

سلەرگە مەلۇمكى،دۆلىتىمىز بىر كىرزىس نۇقتىسدا تۇرۇپتۇ.بۇنداق چاغدا ،بىز تەرەپبازلىق بىلەن تالاش –تارتىششساق،سياسى رەڭۋازلىق قىلىش بىلەن دۆلىتىمىزنى خەتەرگە ئىتتەرسەك بولمايدۇ.بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز پۈتۈن دىققىتىنى خەلق خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشى كىرەك.

بىز پۇقرالارمۇ ئوخشاشلا ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كىرەك،بىز ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە پىروففىسورلىرىمىزگە ئۇمىد بىلەن قارايمىز،بىز سلەرنىڭ بىزگە تەلىم بىرىش ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى بىزنىڭ بالىلىرىمىزدا ئۆگىنىش ۋە كەشپىيات يارىتىش ئۈچۈن ئوتلۇق ھەۋەس پەيدا قىلىشىڭلارنى كۇتىمىز.

بىز بىزنىڭ پوپلىرىمىز،دىنى يتەكچىلىرىمىز ،تەربىيچىلىرىمىز ۋە ھەر تۈرلۈك مەسىھلەتچىلىرىمىزدىن بىز جەمئىيتىمىز ئاساسلىنىپ قۇرۇلغان مەڭگۈلۈك پىرىنسپلارنى رىئاللىققا چىقىرشنى كۇتىمىز:ئۇ پىرىنسپ بولسا:سەمىمىيەت (honesty)،مىھرى-شەپقەت(charity)،مۇكەممەللىك(integrity) ۋە ئائىلە (family)دۇر.

بىز ئاتا-ئانىلاردىن ئۇمىد كۇتىمىز،چۇنكى ئەڭ ئاخىرقى ئانالىز بويىچە، ھەممە نەرسە يەنىلا ئائىلىلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيتىگە تايىنىدۇ.

بىز ھەر خىل خىزمەتلەرنى ياراتقۇچىلارغا قارايمىزكى،بىز سلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىز ئۈچۈن مەبلەغ سىلىش،خىزمەتچى ئشلىتىشڭلارغا ئۇمىد باغلايمىز.

بىز يەنە ھۆكۈمەتتىكى ھەر دەرىجىدىكى  دىموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن خەلقىمىزنى سياسىينىڭ ئالدىغا قويۇشنى ئۇمىد قىلىمىز.

مەن ئامېرىكىغا ئشىنىمەن.مەن ئامېرىكا خەلقىگە ئىشىنىمەن.

(ئالقىش)

مەن ئامېرىكىغا زوڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن رىقابەتلەشتىم،چۈنكى مەن ئامېرىكىغا كۆڭۈل بۆلىمەن.سايلام تۈگىدى،بىراق بىزنىڭ پىرىنسپلىرىمىز مەڭگۇ داۋاملىشىدۇ.مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى،دۆلىتىمىز ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان پىرىنسپلارلا گۈللەنگەن ئېقتساد ۋە يېڭىچە بۈيۈكلۇككە ئىلىپ بارالايدىغان بىردىنبىر يولدۇر.

ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن كىشلەرگە ئوخشاش،پائۇل بىلەن مەن ھەممە نەرسىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان ئىدۇق.بىز بارلىقىمىزنى مۇشۇ سايلامغا بىغىشلىدۇق.(ئالقىش )

مەن،مەن سلەرنىڭ مىنىڭ دۆلىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ ،باشقىچە نشانغا يتەكلىشمگە بولغان ئۇمىدىڭلارنى ئاقلاشقا شۇنچىلىك قاتتىق ئىنتىزار ئىدىم،بىراق دۆلىتىمىز باشقا بىر رەھبەرنى تاللىدى.شۇڭا ئايالىم ئاننا ۋە مەن سلەرگە قوشۇلۇپ ئۇ رەھبەر ۋە بۈيۈك دۆلىتىمىزگە سەمىمىيلىك بىلەن دۇئا قىلىمەن.

سلەرگە رەھمەت،تەڭرى ئامېرىكىغا بەخت ئاتا قىلسۇن.سلەر دۇنيادىكى ئەڭ ياراملىق كىشلەرسىلەر.سلەرگە كۆپ رەھمەت.سلەرگە رەھمەت.رەھمەت.

(ئالقىش )

ئنگىلىزچە مەنبەسى:
 
تاھىر ئىمىن:
(شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى )
بىر قىسم يازما ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئۇچۇن
http://www.uyghurology.com/a/uyghurshunasliq/uyghurshunaslar/2012/0421/80.html
 
 

پەرۋايىم پەلەك

52

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7500
تۆھپە : 4597
توردىكى ۋاقتى: 3292
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 09:10:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر ئىمىن ئەپەندى، يوللىغۇچى مەريەمگۈللەرئەجرىڭلارغا رەھمەت .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

پەرۋايىم پەلەك

52

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7500
تۆھپە : 4597
توردىكى ۋاقتى: 3292
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 09:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن،مەن سلەرنىڭ مىنىڭ دۆلىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ ،باشقىچە نشانغا يتەكلىشمگە بولغان ئۇمىدىڭلارنى ئاقلاشقا شۇنچىلىك قاتتىق ئىنتىزار ئىدىم،بىراق دۆلىتىمىز باشقا بىر رەھبەرنى تاللىدى.شۇڭا ئايالىم ئاننا ۋە مەن سلەرگە قوشۇلۇپ ئۇ رەھبەر ۋە بۈيۈك دۆلىتىمىزگە سەمىمىيلىك بىلەن دۇئا قىلىمەن.

سلەرگە رەھمەت،تەڭرى ئامېرىكىغا بەخت ئاتا قىلسۇن.سلەر دۇنيادىكى ئەڭ ياراملىق كىشلەرسىلەر.سلەرگە كۆپ رەھمەت.سلەرگە رەھمەت.رەھمەت.

---------------------------------------------------

  نېمىدېگەن سەمىمىيلىك، نېمىدېگەن ئىنسانىيلىققا تويۇنغان توق قەلىبلەر.

   دەرۋەقە ، ئامېرىكىنىڭ دېمىگراتىك سايلام تۈزۈلمىسىنى دۇنيادىكى بىر قىسىم ھەر قېتىملىق ھاكىمىيەت ئالمىشىش ئالدىدا ئۆز رەقىپلىرىنىڭ پۇت-قولىغا ئىشكەل سېلىپ ، تۈرمىلەرگە قامىۋېتىدىغان ياكى رەقىبلىرىنى يوشۇرۇن قەتلى قىلىۋېتىدىغان تۈزۈلمە بىلەن روشەن سېلىشتۇرما قىلىشقا بولىدىكەن.

2

تېما

0

دوست

6932

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7426
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1257
تۆھپە : 1303
توردىكى ۋاقتى: 884
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 11:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[quote]بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى bozqirدە2012-11-09 09:20يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
     شۇڭا ، بۇ بۈيۈك دۆلەت تارىخىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن تۈنجى پىرزېنىت گېئورگى ۋاشىنگوتون(1789-1797) دىن ئوباماغا(2009- )غىچە بولغان 44 پىرزېنىت ئىچىدە، كېيىنكىلىرى ئاۋالقىلارنىڭ  نىجاسىتىنى ئادالايدىغان، تەنقىت كۈرۈشى ئىلىپ بارىدىغان ئىش ئاساسەن كۆرۈلمىگەن.

يول ماڭغانسېرى ئ

5

تېما

1

دوست

8589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10640
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1305
تۆھپە : 1713
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 12:05:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ھارمىغايسىلەر.
ھەممەيلەن بىرلىككە كېلىپ، تىل-يېزىقىمىزنى قوغدايلى!

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

9120

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   82.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1730
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 13:05:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچكىم پارتىيەنىڭ گىپىنى قلىماپتۇغۇ؟ ساراڭمۇ بۇلار. پارتىيە ياشىسۇن! ئۇلۇغ پارتىيە، دانا پارتىيە، پارتىيە بولمىسابىز بولمايتتۇق دىگەن گەپلەر يوققۇ؟ ئازراق كاللىسىنىڭ سۇيى باركەن، كەچكىچە دۆلەت بىلەن خەلىقنىڭ گىپىنى قلىغان. ئاشۇ ئامىركىدا پارتىيە بولمىسا، ھازىرقى ئامىركا بولمايتتى. ئۇلار بەك شەكىلۋاز بوپ كىتىپتۇ. مۇشۇنداق شەكىلۋاز بۇلسا، ھامىنى ۋەيران بۇلۇدۇ، ئۇ؟ ئامىرىكا.

2

تېما

9

دوست

6681

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2586
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1546
تۆھپە : 997
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 14:43:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز پۇقرالارمۇ ئوخشاشلا ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كىرەك،بىز ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە پىروففىسورلىرىمىزگە ئۇمىد بىلەن قارايمىز،بىز سلەرنىڭ بىزگە تەلىم بىرىش ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى بىزنىڭ بالىلىرىمىزدا ئۆگىنىش ۋە كەشپىيات يارىتىش ئۈچۈن ئوتلۇق ھەۋەس پەيدا قىلىشىڭلارنى كۇتىمىز.....
....سەمىمىيەت (honesty)،مىھرى-شەپقەت(charity)،مۇكەممەللىك(integrity) ۋە ئائىلە (family)دۇر.
بىز يەنە ھۆكۈمەتتىكى ھەر دەرىجىدىكى  دىموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن خەلقىمىزنى سياسىينىڭ ئالدىغا قويۇشنى ئۇمىد قىلىمىز.
مەن،مەن سلەرنىڭ مىنىڭ دۆلىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ ،باشقىچە نشانغا يتەكلىشمگە بولغان ئۇمىدىڭلارنى ئاقلاشقا شۇنچىلىك قاتتىق ئىنتىزار ئىدىم،بىراق دۆلىتىمىز باشقا بىر رەھبەرنى تاللىدى.شۇڭا ئايالىم ئاننا ۋە مەن سلەرگە قوشۇلۇپ ئۇ رەھبەر ۋە بۈيۈك دۆلىتىمىزگە سەمىمىيلىك بىلەن دۇئا قىلىمەن.

سلەرگە رەھمەت،تەڭرى ئامېرىكىغا بەخت ئاتا قىلسۇن.سلەر دۇنيادىكى ئەڭ ياراملىق كىشلەرسىلەر.سلەرگە كۆپ رەھمەت.سلەرگە رەھمەت.رەھمەت.

ئەڭ مۇھىم گەپ مۇشۇكەن : بىز ئاتا-ئانىلاردىن ئۇمىد كۇتىمىز،چۇنكى ئەڭ ئاخىرقى ئانالىز بويىچە، ھەممە نەرسە يەنىلا ئائىلىلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيتىگە تايىنىدۇ.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4805
توردىكى ۋاقتى: 1399
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 14:47:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ ئۇلاردىن ئىلھام ئالساق بولغىدەك.نەگە قارىسا شەكىلگە سايلام ئۆتكۈزۈپ يۈرگەن.بېكىتپ قويغان ئادەمگە شەكىلگە بىلەت تاشلايمىز. نىمە دىگەن كۈلكىلىك-ھە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )