- تىزىملاتقان
- 2012-11-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4355
- نادىر
- 0
- يازما
- 167
ئۆسۈش
78.5%
|
نەقىل:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم <قاراخان> ئەپەنى...
ئالدى بىلەن سىزنىڭ تور نامىڭىزنى ۋە تەخەللۇسىڭىزنى «قاراخان» نامى بىلەن ئاتىغانلىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. شۇنداقلا بۇ تەخەللۇس بىلەن باشقىلارنى ئۇچراشتۇرۇپ ۋە باشقىلارنى خەۋەرلەردۈرۈپ، شۇ مۇناسىۋەتتە مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ چوڭقۇر تارىخى يىلتىزىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چۈشىنىۋېلىشىغا يېتەرلىك پۇرسەت ھازىرلاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.
...................................................................................................................................ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام يۇن ھون ئەپەندى!
<<قورقۇشقا تېگىشلىك ئادەم ئەستايىدىل ئادەم >>(ماۋزېدوڭ)-دىگەن سۆزگە ئەزەلدىن چىن پۈتۈپ كەلگەندىم.چۈنكى<< چالا موللا ۋاراقلايدۇ،ئەگرى نوغۇچ تارقلايدۇ >>دىگەندەك بىر ئىشقا ئىخلاس ۋە ئەقىدە باغلىمىغان كىشى ئەستايىدىل بولالمايدۇ،مېنىڭ يەنە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغاننىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىغا ئاۋاز قوشقان چاغلىرىممۇ نۇرغۇن .سىزنىڭ ئىشەنچىلىك تارىخى مەنبەلەردىن ئىستات كەلتۈرۈپ لۇغەت تەركىبىمىزدىكى <<قارا>>ئاتالمىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىڭىز مېنىڭ ئىلىم ئەھلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىدىغان رايىشلىقىمغا ئوڭ تاناسىپ بولغۇسى.سىزنىڭ پىكرىڭىزدىن مەن پەقەت 360يىللىق شانلىق سەلتەنەت دەۋرىنىڭ خاس ئەستىلىكى دەپ قارىغان <<قارا>> سۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالەمچە شۆھرەتكە مۇناسىپ تارىخنىڭ 5000نەچچە يىللىق(بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولسا كېرەك) ئوق يىلتىزىغا تۇتاش تەرىپىگە ئىرەن قىلمىغان چولتىلىقىمنى پەملىدىم.لېكىن بۇ سۆزنىڭ جەۋھىرىنى ھەم ئۇنىڭغا ساھىب بولغان ھەزرەتنىڭ نام شەرىپىنى شېپى كەلتۈرۈپ ئۇنى قەلەم ئىسمى، تور نامى قىلىپ ئىشلەتكەنلىگىمدىن سىزنىڭمۇ خۇرسەن بولغانلىقىڭىز مېنىڭ ئىشەنچىمگە قۇتۇپ يۇلتۇزىدەك بەلگە بولدى.مەن بايانلىرىڭىزدىكى ئۇلۇغ تۇركنىڭ چۈشىگە يەنە بىر قېتىم ئەسرا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن سىز قەيت قىلغان تالاي تارىخنىڭ گۈلخانلىرىغا يۈزۈمنى ياقتىم ،يۈزۈم يورۇق كۆرۈندى،باغرىمنى ياقتىم ،ھارارەت بىلىندى،ئۇنىڭ چوغ ياكى مەشەللىرىنى قولۇم كۆيسىمۇ قولۇمغا ئالدىم ،ھوزۇر ھېس قىلدىم.سىز بىزدە قەلب ئىككى بولسىمۇ ئارزۇ بىر ئىكەنلىگىدىن شۈبھەم قالمىدى ،گوياكى بىر مويسەفىد ئۇستازنىڭ تەلىمىدىن بەھىرلىنىش دەملىرىگە نائىل بولغان بىر تالىپنىڭ كۆڭلىدىكى ئىپتىخار ۋە ئەمىنلىكنى مەن كاپالەتكە ئىگە قىلالىدىم دەپ
مەغرۇرلىنىشقا ھەقلىقسىز، ماڭا بۇ ئاتالغۇنىڭ جىنى<<قاراخانىلار خانلىقى ھەققىدە بايان؟>> ئاپتورى؟ دىگەن كىتاپ چىققاندا چاپلاشقان ،ئون يىل ئۆتكەندە بۇ مۇبارەك نامنى ماڭا بىر يازغۇچى دوستىمىز <<لەقەم >>قىلىپ سىڭدۈردى .مەن مۇشۇ خاسىيەتلىك نام ۋە ئۇنى ماڭا ھەدىيە قىلغان بۇرادەرنىڭ روھى قەرزدارلىقىنى ئادا ئېتىش تۈرتكىسى بىلەن ئەدەبىيات بازىرىنى <<كاسات>>قىلىشقا سوقۇنۇپ كىرىپ ئاز-تولا تۇخۇم كاكىلىغان بولساممۇ ئەمما بۇ تۈپەيلى بىرەر سورۇن ،ئەنجۇمەن ياكى مەرىكىدە <<قاقاقلاپ>> باش ئاغرىتىدىغان ئىشنى قىلمىدىم.
ئەندى سىزنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرىڭىز ئالدىدا مەن خېرىدارلىق قىلماقچى بولغان بۇ نامنىڭ ۋەزنىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىنى،ئۇنىڭغا جاۋاپكار بولۇشتىكى ھەركەت سالاھىيىتىم ۋە ھەركەت ئىقتىدارىمنىڭ چەكلىكلىگىنى ئەمما ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقۇمنىڭ يوق ئەمەسلىگىنى تونۇپ كۆزۇمنى يەنە بىر قېتىم ئاچقاندەك بولدۇم. بۇ يەردە ئۆزۇمنىڭ،فولكلور، تارىخ،ئىتنىڭ مەدەنىيەت ،بىئوگراپىيە ئىلمى،سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ساھەسىدە <<چالا موللا>> بولۇپ قېلىشىمنىڭ ئوبىكتىپ سوبىكتىپ سەۋەپلىرىنىڭ بارلىقىدىن ئۆزۈمگە تەسەللى تېپىپ ،باشقىلارغا بىلدۈرگە قىلىپ قىستۇردۇم ۋاقىپلانغايسىلەر ...رەھمەت ئاللا سىزنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلغاي؟ ۋەقۇر رەببى زىدنى ئىلما! |
|