- تىزىملاتقان
- 2012-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 244
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
81.33%
|
قايسى خىلدىكى شىركەت قۇرۇش مەسىلىسى بولسا، سىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە تەلىپى قاتارلىق مەسىلىلەرگە باغلىق. ئەگەر سىز تۇرىۋاتقان جاي دىخانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان جاي بولسا مېنىڭچە،ئەڭ ياخشىسى يېزا ئىگىلىك ۋاستىلىرى (خىمىۋىي ئوغۇت، ئۇرۇق،سۇلياۋ يوپۇق، دىخانچىلىق دورىسى، تېمىتىپ سۇغۇرۇش تاسمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زاپچاسلىرى ) تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغىنىڭىز تۈزۈك. ئەگەر چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان جاي بولسا، يۇڭ، تېرە، ئۈچەي قاتارلىقلارنى پىششىقلاش، سېتىپ چىقىرىش تىجارىتى بىلەن شوغۇللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. دېمەك، سىز تۇرىۋاتقان جاي ۋە شۇ جاينىڭ كىشىلىرى نېمىگە بەك ئېھتىياجلىق؟ نېمە كەم؟ موشۇلاردىن سىز سورىغان قايسى خىلدىكى شىركەت (كارخانا)، قايسى كەسىپنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدىكى جاۋابنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن.
شىركەت قۇرۇشقا كېتىدىغان مەبلەغ ھەققىدە بىلمەكچى بولسىڭىز، بۇ سىز قۇرماقچى بولغان شىركەتنىڭ تەشكىلىي شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا:
1.تارماق شىركەت قۇرماقچى بولسىڭىز، سىز قۇرماقچى بولغان تارماق شىركەتنىڭ باش شىركىتىنى ئىزدەپ بېرىپ شۇلارنىڭ بىر ئەزاسى (مال ساتقۇچىسى) بولسىڭىزلا بولىدۇ. باش شىركەت سىزگە تىجارەت كېنىشكىسى قاتارلىق قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئىجازەتنامىلەرنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا سىز پەقەت شۇ شىركەتنىڭ مېلىنى سېتىپ بېرىسىز، ئۆز ئالدىڭىزغا مۇستەقىل ھالدا باشقا شىركەتلەرنىڭ مېلىنى كىرگۈزۈپ ھەم سېتىپ چىقىرالمايسىز. مۇستەقىل ھالدا ھەق تەلەپ ھوقۇق - مەجبورىيىتىڭىزنى ئۈستىڭىزگە ئالالمايسىز(قانۇني ئىگىلىك سالاھىيەتكەت ئىگە بولمايسىز).
2. چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى قۇرماقچى بولسىڭىز، (1) پايچىكلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولىشى كېرەك، يەنى چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنى 50تىن ئاز پايچىك مەبلەغ چىقىرىپ قۇرىدۇ. (2) چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالى (مەبلىغى)نىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ئۈچ تۆمەن (30مىڭ)يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ ( بۇ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تىجارەت كېنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان چاغدىكى شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرىدىغان مەبلەغنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى كۆرسىتىدۇ ،تۆۋەندىمۇ ئوخشاش).
3. بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى قۇرماقچى بولسىڭىز، بىرلا كىشى (تەبىئىي شەخس) پايچىك بولغان ياكى بىرلا قانۇنىي ئىگە پايچىك بولغان چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ. بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالى 10 تۆمەن يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شېرىكسىز كارخانا قۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. شەرتى شۇكى، شىركەت-كارخانا دېگەنلەرنىڭ چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش شارائىتى بولىشى كېرەك.
ئەمدى زاۋۇت قۇرۇش مەسىلىڭىزگە كەلسەك، يوقۇرىدا بايان قىلىنغىنىدەك سىز ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇ جايدىكى خام ئەشيا ئەۋزەللىكىنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرالىشىڭىزغا، يېڭى ھەم زامانىۋىي تېخنىكىلارنى ئىگەللىگەن ۋە ئىگەللمىگىنىڭىزگە باغلىق. يوقۇرىدا بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئېيتقاندەك كېرەكسىز سۇلياۋلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بولسۇن ياكى ئەتراپتىكى ياغاچ پارچىلىرى ياكى ياغاچ قىرىندىلىرىنى سىقىپ، قاتۇرۇپ كېرەكلىك ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇش دېگەندەك.
ئۇن زاۋۇتى، جۇۋازخانا، يەم-خەشەك پىششىقلاش قاتارلىقلار بىلەن شوغۇللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ خىلدىكى تىجارەت تۈرلىرى بەك يوقۇرى تېخنىكىنى، كۆپ مەبلەغنى تەلەپ قىلمايدۇ.«شىركەت» ياكى «كارخانا» دەپ تىزىمغا ئالدۇرماي، «يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت كېنىشكىسى» نى بېجىرىپلا يەككە تىجارەت بىلەن شوغۇللانسىڭىزلا بولىدۇ.
يامان يېرى شۇكى، ئۇن زاۋۇتى ياكى جۇۋازخانا قۇرماقچى بولسىڭىز ، ھازىر سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن «يېمەكلىك پىششىقلاش تىجارىتى ئىجازەتنامىسى» نى بېجىرىش تولىمۇ مۈشكۈل بىر ئىش. يەم-خەشەك پىششىقلاش قاتارلىقلار ئىجازەتسىز تىجارەت تۈرىگە تەۋە بولۇپ، بىۋاستە ھالدا تىجارەت كېنىشكىسى بېجىرىشكە بولىدۇ.
بىلىدىغانلىرىم موشۇنچىلىك ئىكەن. قالغىنىنى باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ دەپ باقسۇن، كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ. |
|