- تىزىملاتقان
- 2012-9-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 407
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
53.5%
|
ئادەمنى ھايۋانغا ئايلاندۇرۇش تەجرىبىسى
ئاپتورى: ئۇيغۇر تېكىن
بۇ تېما ئەسلىدە مۇكەممەل تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر ساھە ئىدى. تەتقىقاتقا ئىمكانىيەت يار بەرگۈچە، ئۇنىڭ خەۋىرىنى بولسىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىگە سۇنۇشنى لايىق تاپتىم. تېخى يېقىندىلا بۇ توغرىسىدىكى بىر ئەسەرنى كۆرۈپ، ئۇنى مىللىتىمنىڭ ھالىغا سېلىشتۇرۇپ، ھەم چۆچىگەن ھەم جىددىيلەشكەن ھالدا قولۇمغا قەلەم ئالغان ئىدىم. قەلەمنىڭ تولۇق ئاۋازىنى يەتكۈزۈشكە بىر كۈنى نىسىپ بولار.
ھايۋاننى ھەرقانچە تەربىيىلەپمۇ ئادەمگە ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ ئاددىي ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن پاكىت كۆرسىتىش كېرەك. ئەمما ئادەمنى ھايۋانغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ پاكىتى 2 –دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرىكى جازا لاگىرلىرىدىكى جەھۇدىيلارنىڭ ھاياتىدا كۆرسىتىلگەن. يەھۇدىيلار ئادەمدىن ھايۋانغا -- ئىتقا ئايلاندۇرۇلغان….
نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز „ماڭقۇرت“ ئىبارىسىنى بىلىپ – بىلمەي ئىشلىتىدۇ. ماڭقۇرتلارنىڭ“ ئىگىسىنى ئالىدىغان قۇش“ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاددىي مەناسىغا ئېسىلىۋېلىپ، ئەسلىنى ئۇنتۇش ۋە نەسلىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت تېخىمۇ خەتەرلىك مەناسىنى خاتىرىسىدىن ئايرىپ قويىدۇ. زورلۇق كۈچلىرىگە تايانغان تەلىم – تەربىيىنىڭ ئادەمنى ئادەملىك سۈپىتىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماي، ھايۋانلىق دەرىجىسىدىنمۇ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويالايدىغانلىقىنى تارىخنىڭ ئىسپاتلىغانلىقىدىن خەۋىرى يوق كىشىلەر ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنى ھىچ كاپالىتى بولمىغان قۇرۇق ئارزۇ ياكى غايىۋانە شاپائەتلەرگە باغلىۋېلىپ، كۆڭۈللىرىگە تەسەللى بېرىشكە ئۆگىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ۋىندان ئازاپلىرىنى يەڭگىللىتىشنىڭ يولى بىمەنە تەسەللى بولماسلىقى كېرەك.
1940 – يىللارنىڭ دەسلىۋىدە گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا يەھۇدىيلارنى ھايۋانغا ئايلاندۇرۇش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلغان. بىر قىسىم يەھۇدىيلارنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش تەجرىبىسى مۇۋەپپىقىيەت قازانغان. قىسقىغىنا بەش يىل ئىچىدە ئىتقا ئايلاندۇرۇلغان يەھۇدىيلار 1945 – يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئادەملىك ھالىتىگە قايتالماي، خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىتتەك قاۋاپ، ئىتتەك ئۆمىلەپ، ئىتتەك جىنسىي ئالاقە قىلىپ، ئىتتەك ئوزۇقلىنىپ ياشىغان …..
ئىسرائىلىيىنىڭ ھايفا ئۇنىۋېرىستېتى 2 –دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىتقا ئايلاندۇرۇلۇپ ھايات قالغان يەھۇدىيلارنى يىغىپ، ئۇلارنى داۋالاش ۋە كەچمىشلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان. گېرمانلار قولىدا گەپ قىلىشقا ئىجازەت يوق، خەت يېزىشقا ئىجازەت يوق، بېشىنى كۆتۈرۈشكە ئىجازەت يوق، ئۆرە تۇرۇپ مېڭىشقا ئىجازەت يوق، كىيىم كېيىشكە ئىجازەت يوق …. پۈتۈن قىلىقلىرى ئىتقا ئوخشاش بولىشى بەلگىلىنىپ باشقۇرۇلغان يەھۇدىيلار ئەسلى ئادەملىك ھالىتىگە قايتىش ئۈچۈن ناھايىتى قېيىن بولغان داۋالاش ۋە تەربىيىلەش باسقۇچىنى بېشىدىن كۆچۈرگەن.
ئادەملەر قارشىلىق ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇپ، بۇيرۇق ۋە زورلۇققا بوي سۇنۇشنى مەجبۇرىيەت دەپ تونۇشقا باشلىغان كۈندىن تارتىپ ئادەملىكىدىن ئايرىلغان بولىدۇ. ئادەملىكىدىن ئايرىلغان، يەنى ئۆزىنىڭ ئىززەت نەپسىنى قوغدىيالمىغان، ئۆزىنىڭ قىزلىرىغا ئىگە چىقالمىغان، ئۆزىنىڭ تىلىغا، دىنىغا، ئۆرپى – ئادىتىگە ئىگە چىقالمىغان ئادەملەر ۋەتىنىگە ئىگە چىقىشتىن، كەلگۈسىگە ئىگە چىقىشتىن سۆز ئاچمىسىمۇ بولىدۇ.
ئەركەكلىكنىڭ گېپىنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئەركەكلىك ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنىڭ گېپىنى قىلىش كېرەك. مەن بۇ توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىمەن. |
|