- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71036
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1. شۇنداق ھەممىمىز سوغات قوبۇل قىلىپ باققان ، سوغات بىرىپ باققان ، لېكىن ئىنتايىن چىركىن بىر مۇناسىۋەت مەدىنيىتىنىڭ رادىئاتسىيەسى ئاستىدا سوغاتنىڭ مەنىسى ئۆزگۇرۇپ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئىزگۈ ھەم ئەڭ تاتلىق بولغان ھەدىيە ئۇقۇمنىڭ مەنىسى ئۆزگۇرەپ سوغات دىگەن گەپنى دەپ بولغۇچە ئادەمگە قانداقتۇر بىر يىرگىنىچنى سايە قىلىپ ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى ،
2. شۇنداق ئەلۋەتتە ، يەنىلا چىن سەمىمى پاكدىل ئادەملەر كۆپ بولسىمۇ ،غەرەزسىز سوغات ھەدىيەلەر قەدەمدە بىر ئۇچۇراپ تۇرسىمۇ ، بىراق ئومۇمى جەھەتتىن قارىغاندا سوغات ھەدىيە قاتارلىق ئىزگۇ ئۇقۇملىرىمىزنى قارا قىراۋ باسقاندەك بولۇپ قالدى . گويا سوغات ھەدىيەلەرنى باشلىق ئۇچۇن ۋە ياكى باشقا مەخسەتلەر ئۇچۇن مەلۇم نەرسىگە ئېرىشىش تەمەسىدە ئاندىن قارار تاپقۇزىدىغان شۇنداق قىلساق ئاندىن تەبئى تۇيۇلىدىغان ، نەپ كەلمىگەن يەرگە ھېچ دەسسىمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى .
3. يېققىندا بىر نەۋرە سىڭلىم مېنىڭ قىزلارغا ھەدىيە قىلىنغان قىممەت باھالىق سوغاتلارغا قانداق قارايدىغانلىقم ھەقىدە سوراپ ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ . دەمەللىقا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ، سوغاتنى قوبۇل قىلىش سۇننەت ، ئەمما غەرەزلىك سوغاتنى قوبۇل قىلىشچۇ ، مەن قانداشلىق دائىرسىدە ئاتا ئانا ، قېرىنداشلار ئارا قىلىنغان سوغاتنى چىن يۇرۇكىدىن چىقىرىپ بەرسە مەيلى ئۇ سوغات قىممەت بولسىمۇ ،قوبۇل قىلسا ھېچ باك يوقمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىميۇ يەنىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسساللامنىڭ باللىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار دىگەن تەۋسىيە گىمۇ چوقۇم چۇشۇشى لازىملىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم ، چۇنكى بىر نەچچە بالىنىڭ ئالدىدا بىر بالىغا ئالاھىدە قىممەت باھالىق سوغات بىرىش شۇ ئائىلدىكى ئىناقلىقنىڭ بۇزۇلۇشنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن .
4.ئەلۋەتتە بىر قىز ئۇچۇن ئۆز ئائىلسىدىكى قانداشلىق دائىرسىنىڭ سىرتىدىكى ئادەملەرنىڭ قىممەت باھالىق سوغاتلارنى بىرىىشىگە كەلگەندە ئاساسەن بېىشمىنى چايقاشقا مەجبورمەن ، چۇنكى يامان نىيەتلىك ئەبلەخلەر ئەنە شۇنداق سوغات ھەدىيە نامى ئاستىدا قىزلارنىڭ ئالتۇندەك غۇرۇرى ئىززىتىنى پايخان قىلىپ بولۇپ گويا بەدەل تۆلەپ بولغاندەك ھېچنىمە بولمىغاندەك ھىس قىلىشى مۇمكىن . شۇڭا بۇدا نەۋرە سىڭلىمنى ئۆزىنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغان قىممەت پۇللۇق سوغاتلارنى قوبۇل قىلشىنى قەتئى ئويلاشماسلىغىنى ئېيتتىم ،
5. كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ بولۇپمۇ يېڭىدىن جەميەتكە قەدەم باسقان قىز ھەمشىرلىرىمگە ، ۋە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىز ھەمشىرلىرىمگە بىر ئويلۇنۇش بولۇپ قالار دىگەن ئۇمۇتتە بۇ تىمىنى يازدۇق .
6.قىممەت سوغاتلار دىگەنگە يانفۇن ، كومپۇيۇتۇر ، ماشىنا ئۆي ، ئالتۇن ئۇزۇك ، زىبۇ زىننەت ئالى ماركىلىق كىيىم كىچەكلەر دىگەنلەر كىرەمدىكىن دەيمەنغۇ ئەمدى .
7.كونىلار بىر بالاسى بولمىسا سايدا قۇيرۇق نە قىلۇر دەپ بەكمۇ توغرا ئېيتقان . |
|