باجىېنىڭ تاڭسىڭغا خېتى |
(فىليەتۇن) |
ئالپامىش |
|
قەدىرلىك،سۈيۈملۈك،مىھرىبان ئۇستازىم تاڭسىڭ،تەنتەك،جايىل،ئاتكاچى چوڭ ئاغام ۋۇكۇڭغا،يۇمۇلاق تاۋۇز،مەيدانى ئوچۇق ئەمەس،ئېغىر بىسىق،سەھرالىق ئىنىم شاسىڭغا پېقىر باجىې دىن ئوتلۇق سالام؛ |
ئۇستاز،ئاغا،ئىنىلەر..ئوبدان تۇردۇڭلارمۇ؟راسنى دىسەم يازغان خىتىڭلارنى كۆرۈپ،سىلەرنى ھەقىقەتەن سېغىنغانلىغىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن،گەرچە كۈنلەر مۇشەقەت بولسىمۇ شۇ بىرگە بولغان كۈنلىرىمىزنى ئويلىسام كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياش كىلىدۇ،ھىلىمۇ بۇزۇرۇكۋارىمىزغا شۈكرى،شۇ كۈنلەرنىڭ لەززىتىنى مانا ئەمدى كۆرىۋاتىمەن،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستازىم تاڭسىڭغا كۆپ تەشەككۈر. |
ئۇستاز،مەن ھازىر شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر شەھەردە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى.يېقىندا مىنى يەنە چوڭ شەھەرگە يۆتكىمەكچى،كۈنلىرىم خېلى يامان ئەمەس ئۆتىۋاتىدۇ،شەھەرنىڭ سىرتىدا شەخسى ئۈچ قەۋەتلىك داچام بار،قايەرگە بارماي ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان پىكاۋىم بار،خوتۇن-بالا دەمسىز؟سەككىز بالام بار،ئەڭ كىچىكى قىشىمدا،قالغىنى ئامىرىكا دىگەن شەھەردىكى چوڭ مەكتەپلەردە،ئۈچ خوتۇن ۋە تاڭ دۆلىتىگە يېغىنغا بارغاندا تونۇشۇپ قالغان توققۇز ئۇسۇلچى ئاشنام بار. |
ئۇستاز،سىزنىڭ سايىڭىزدە غەرىپكە نوم ئالغىلى بارغاننىڭ پايدىسىنى مانا ئەمدى كۆرىۋاتىمەن،غەرىپتىن قايتىپ كىلىپ مىنى خىزمەتكە بۆلگەندە كىيىنكى كۈنلىرىمنى ئويلاپ كۆزۈمگە ياش ئالغانتىم،لىكىن چوشقا بولۇپ قالغانلىغىمدىنمۇ تەلىيىم كەلگىلى تۇردى،يىلدىن يىلغا مەرتىۋەم ئۆستى،بۇ يەردە بىلىمنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئەمەس،قورساقنىڭ چوڭ-كىچىكلىگە قاراپ مەنسەپ بىرىدىكەن،بۇنداق بولىشىنى سىزمۇ ئويلاپ باقمىغانسىز ھە؟ئۆز ۋاقتىدا بۇزۇرۇكۋارىمىز ماڭا'سپپايە'ئۇنۋانىنى بەرگەندە نارازى بولغانىدىم،لىكىن شۇ سپپايەم بىلەن باشلىقلارنىڭ پوردىقىنى سىپايىلىق بىلەن ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ،مانا شەھەر باشلىقى بولۇپ قالدىم دىسە..بۇزۇرۇكۋارىمىز ھەقىقەتەن ئوقۇغان ئادەمكەن.بۇ شەھەرگە يېڭى كەلگىنىمدە تەلىيىمگە ئىتلار چاشقان تۇتۇپ يەيدىغان بولۇپ قاپتۇ،چۈنكى مۈشۈكلەر چىرىكلىشىپ كەتكەن گەپ،مۇشۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئاممىنىڭ ياخشپ چوشقىسى بولۇپ قالدىم،ئۇنۇڭ ئۈستىگە سىز بىلەن نوم ئەكەلگىنىم،مىنىڭ چوشقا جەمەتىدىن بولغىنىم مەرتىۋەمنىڭ كەينى-كەينىدىن ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. |
ئۇستاز...ئۆزۋاقتەدا سىزمىنى بەكلا ئاچكۆز،ھورۇن،بۇزۇق دەپ تىللايتىڭىز،ئەنە قاراپ تۇرۇپسىز،چوڭ ئاغام باتۇر،ئەخلاقلىق،راسىتچىل ئىدى،لىكىن ھازىر كۆرگەن كۈنىچۇ؟ھەرنىمە بولسا،كۆڭلىڭىز يېرىم ۋاقىتلاردا شاسىڭ ئىنىمنىڭلا سۆزىنى تىڭشايتىڭىز،ئۇنى سوغۇق قان،سەۋىرچان دەپ ماختايتىڭىز،ئۇنىڭ كۈنى چوڭ ئاغامنىڭكىدىنمۇ بەتەر تۇرمامدۇ،ۋاقىت ھەممىنى بەلگىلەيدىكەن ئۇستاز،ھەممىدىن كۆرۈمسىز،ئاچكۆز،ئاسمانغا مەڭگۈ بىشىنى كۆتۈرۈپ قارىيالمايدىغان چوشقا بولغان مەن،مانا ھازىر جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتىمەن،مىنى دۆت دەيتىڭىز،مانا مەندىنمۇ دۆت بولغان ئاممىغا باشلىق بولۇپ يۈرىپتىمەن ئۇستاز. |
ئۆزۋاقتىدا سىزنىڭ غىمىڭىزنى يەپ،سەكسەن بىرمىڭ مۇشەقەتنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسام ھازىر بۇ شەھەردە خەلىقنىڭ غىمىنى داچامدا يىتىپ-قوپۇپ،كۈندە ئەيشى ئىشارەت بىلەن يەۋاتىمەن،توغراق قىلىپ ئېيىتقاندا غېمىنى ئەمەس،نېنىنى يەپ قېنىنى ئىچىۋاتىمەن،كىم ئۇلارنى غەرپىكە بېرىپ نوم ئەكەلمىسۇن دەپتىكەن،ھەر نىمە بولسا مەن دىگەن تاڭ دۆلىتىگە چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان چوشقا تۇرسام،يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىسى مۇبارەك نامىمنى بىلىدىغان تۇرسا،ھەتتا تاڭ دۆلىتىنىڭ مۇخبىرلىرى پات-پات كىلىپ زىيارەت قىلىپ كىتىدۇ دىسە.بىزنىڭ بۇيەردە'ھەممە ئادەمنىڭ بالىلىرى مەكتەپتە ئوقۇش كېرەك''ھەممە گۈللەر بەس-بەستە ئىچىلسۇن''ھەممە ئېقىمدىكىلەر بەس-بەستە يايرىسۇن'دىگەندەك مۇھىتتىن قىلچە ئەسەر بولمىسىمۇ،لىكىن 'ئىسلاھات ئىچىۋىتىش' كەڭ جارى بولىۋاتقان ياخشى كۈنلەر بولغاچقا،مىنىڭ بۇ راھەت-پاراغىتىم ئەيىبلىك بۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،رەھبەرلەرنىڭ ئوبدانلا مەدەتلىرىگە سازاۋەر بولىۋاتىدۇ،شۇڭا مەن مۇشۇ ئۇسۇلدا داۋاملىق تېرىشىپ،چوشقىلىغىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ،قولۇم بىلەن كۆتۈرگەن پورداقنى دۈمبەمدە يۈدۈپ كۈتۈرۈپ(ئۆز ۋاقتىدا كېلىن يۆتكىگەندەك)بۇزۇرۇكۋارىمىز بۇيرىسا تاڭ دۆلىتىگە باشلىق بولىمەن.شۇ ۋاقىت كەلسۇن قەنى ئۇستاز،ۋۇكۇڭ ئاغام بىلەن شاسىڭ ئىنىمنى قىشىمغا ئەكىلىۋالىمەن،چوڭ ئاغامغا ئۆزەم يازغان 'پورداق كۆتۈرۈشنىڭ يۈز تەدبىرى'دىگەن كىتابىدىن بىرنى مۇشۇ خەت بىلەن ئەۋەتىۋىتەي،ۋاقتى بولسا كۆرۈپ قويسۇن،شاسىڭ ئىنىمدىن غەم قىلمايمەن،ئۇ بۇرۇنلا ئەپكەش كۆتۈرۈپ كۆنۈپ كەتكەن،ئۇنۇڭ ئۈچۈن پورداق كۆتۈرۈش چوڭ ئىش ئەمەس،سىز بولسىڭىز پېنسىيەگە چىققاندىكىن ئاز تولا چوڭلار ئىشلىتىدىغان ئاتمار دورىلىرىنىڭ ئېلانىنى ئىشلەتكۈزۈپ بىر كىچىدىلا ئابرويىڭىزنى كۆتۈرۋىتىمەن ئۇستاز. |
|
خەتنى كاتىپىمدىن يازغۇزغاچقا كۆڭلۈمدىكى نۇرغۇن سۆزلەرنى دىيەلمىدىم ئۇستاز(چۈنكى مەن خەت تونىمايمەن،بۇنى بىلىسىزغۇ ھە)يېقىندا ئورۇنلاشتۇرغان 'چوڭ رەھبەرلەرنىڭ ئۈچ ئايلىق كۇرسى'دا بىزگە خەت ئوقۇش-يېزىشنى ئۈگەتكۈدەكمىش،شۇ چاغدا ئۆز قۇلۇم بىلەن سالام خەت يازارمەن،كەچتە ساپا مۇئارىپى ۋە ئۇقۇشسىز قالغان بالىلارنىڭ ئىقتىسات مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرۇلۇق چوڭ بىر زىياپەت بولماقچى ئىدى،كىچىكىپ قالماي،شۇڭا خەتنى مۇشۇ يەرگىچە يازاي،خەيىر،بۇزۇرۇكۋارىمغا ئامانەت. |
|
كامالپ ئېھتىرام بىلەن پەخىرلىك چوشقا جەمەتىدىن جۇباجې. |
|