- تىزىملاتقان
- 2012-9-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2047
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
1.57%
|
بۇ مەزمۇن 69قەۋەتتىكى ilimدە2012-11-19 15:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىر كەم دۇنيا يەنە يازمامنى خاتا چۈشىنىۋاپسىز .
مەن مائارىپ تۈزىمىنى ئۆزگەرتەيلى ،ئوقۇتقۇچىلارنى قۇترىتىپ دىننى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەتكۈزەيلى ،مائارىپقا خۇپىيانە دىننى ئارلاشتۇرايلى دىمەكچى ئەمەس .سىز تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەي .مەن قىسقا قىلىپ بىر جۇملىنىلا دەي قېنى سىز ئاشۇ جۈملىنى يەنە قانداق قىلىپ شاخلىتىپ باقىسىزكىن .
مەن دەيمەن مۇشۇنداق پاسىق ،بۇزۇق مائارىپ شارائىتىدا ئىتىقاتىمىزنى ۋە مىللى ئەنئەنىمىزنى قانداق قىلىپ نورمال ساقلاپ قېلىشقا ۋەتەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدۇ؟ئەلۋەتتە ئالدىنقى شەرت ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا .بىز باش قاتۇرۇشقا تىگىشلىك مەسىلە مۇشۇ .
قوشۇمچە قىسقىچە ئىزاھات بىرەي .ئاۋۇ <تۇزكورلۇق> بولىدۇ ،دىگەن گەپنى ئەمدى دىمەڭ ،يەنە دىسىڭىز سەت گەپ قىلىپ قويىمەن .سەۋەبىنى ئۆزىڭىز ئىزدىنۋېلىڭ .
ھۆكۈمەت بىكادىن بىكا ھەقسىز قىلىپ قويمايدۇ ئۇ مائارىپنى .بۇ خۇددى دىبوچىغا ئىككى خالتا سۈپىتى تۆۋەن ئۇننى تۇتقۇزۇپ ياشىغايلا ياشىغايلا تۈمەنمىڭ يىل ياشىغايلا دىگۈزۈپ فىلىمگە ئالغاندەك ئىش .مائارىپ بىر ئەۋلات سوستىيالىزىمنى پارتىيىمىزنى سۆيىدىغان ئىزباسارلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئاساسىي نىشان قىلمايدىغان ئىش بولسا ھەرگىز ھەقسىز قىلمايدۇ بۇ مائارىپنى .تېخى تۇزكورلۇق بولىدۇ دەپكەتكىنىنى ئادەمنى توخو ئەت قىلىپ .
.......
ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك ئىدى، لېكىن ئەسلىدە سىزگە يۈك ئەمەسكەن ئەمەسمۇ؟!تەخسىگە ئالسا تۇرمىغان باشنى دومۇلىتىۋېتىش كېرەك بولغاچ ، يەنە ئەزۋەيلەشكە توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ.
قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ.مائارىپنى شۇنداق ئەشەددى تىللار بىلەن "پاسىق،بۇزۇق"دەپ ئاھانەت قىلغىنىڭىزغا قارىغاندا،سىز بۇ مائارىپنىڭ تۇزىنى يىمەي، ئەكسىچە قانداقتۇر بىر ئىلاھىي كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر 32 ھەرپىدە چىرايلىق ئۈنچىلەر تىزىپ، پاساھەتلىك سۆزلىيەلەيدىغان قىلىنىپ بىر كىچىدىلا ئاسماندىن "توروككىدە"چۈشۈپ قالغان "مۆجىزە"لەردىن بىرى ئوخشايسىز.شۇنداق بولغان ئىكەن سىز بىلەن مۇنازىرەلىشىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئوخشايدۇ.توغرا، سىز چىش-تىرنىقىڭىزغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن ("پاسىق،بۇزۇق"دىگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكىنىڭىزگە قاراپ دەۋاتىمەن.)مائارىپتا ئوقۇتۇپ نېمە قىلىسىز. ئوقۇتماڭ!بۇ سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز.ئىۋۇ چەتئەلگە چىقىۋېلىپلا "ئادەم"دەك ياشايدىغان بولۇپ كەتكەن قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش قۇربىڭىز يەتسە نەزەرىڭىزدىكى ئىلغار مائارىپى بار دۆلەتكە ئەچىقىپ ئوقۇتۇڭ.ۋەھالەنكى،مېنىڭ خەلقىم- زامان-زاماندىن بېرى ئاتا- بوۋىسىدىن قالغان بۇ تەۋەررۈك زېمىننى تەرك ئەتمەي مۇشۇ زىمىندا ياشاپ كەلگەن خەلقىمنىڭ مىڭلىغان ،ئونمىڭلىغان ،يۈزمىڭلىغان ....پەرزەنتلىرى يەنە مۇشۇش زىمىندىكى سىز ھاقارەتلىگەن "پاسىق"مائارىپتا تەربىيەلىنىدۇ.كەلگۈسىدە ئالىم، پرىفەسسېر ،ئېنجىنىر،ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، ھالال تىجارەتچى.....لەردەك جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ يىتىلىپ چىقىپ، ھەر ساھە ، ھەر كەسپتەجەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشىدۇ،خەلقىمنىڭ بۈگۈنىنى ئەتىسىگە ئۇلايدۇ.ئەلۋەتتە مائارىپ ھەممە ئادەمنى 100% ئالىم قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغاچ، يارامسىزلارمۇ چىقىدۇ. تېخى سىزدەك نەچچە يىل "تۇز"ىنى يەپ، ئاخىرىغا بېرىپ ،ئىككى قۇر يازالايدىغان بۇلىۋېلىپلا، ئەڭ ئەشەددىي تىللار بىلەن ھاقارەت قىلىدىغان "تۇزكور"لارنى يەنە چىقمايدۇ دىگىلىمۇ بولمايدۇ.توخۇ ئەتلىرىڭىز كۆۋەجەپ، تىمساھنىڭ قاسرىقىدەك بۈرتۈپ چىقسىمۇ، مەن يەنىلا شۇنداق دەيمەن. چۈنكى مەن مۇشۇنداق قىلمىشنى "تۇزكور"لۇق دەپ چۈشىنىمەن.ئەلۋەتتە سىز ئۆزىڭىز ھاقارەتلەۋاتقان مۇشۇ مائارىپتا تەربىيەلەنمەي، ئالاھىدە ئىقتىدارلىق بۇلۇپ پەيدا بولغان مەن باشتا دىگەن "مۆجىزە"لەرنىڭ بىرسى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە بۇ گېپىم سىزگە ئارتۇقچە.
ئىلگىرىكى ئىنكاسلاردا دەپ ئۆتۈلگەندەك، مائارىپتا مەسىلە يوق ئەمەس بار. مەسىلە بولمىسا ئۇ مائارىپ بولمايدۇ.ھەر دەۋردە ئوخشاش بولمىغان مەسىلەلەر كېلىپ چىقىدۇ.بۇمەسىلەلەرنى كونكىرىت ئىشلارغا قاراپ ، قاراتمىلىقىبولغان تېمىلارنى ئېچىپ مۇنازىرەلەشسەك تامامەن بولىدۇ. لېكىن ، مۇشۇ تېمىنىڭ ئىزچىللىقى بۇيىچە ، يەنە دېسەك، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى قەتتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. |
|