- تىزىملاتقان
- 2012-9-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2047
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
1.57%
|
ئىچى-مىچى دەرد-ئەلەم، ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ-نەپرەتكە تولۇپ كەتكەن ئادەملەرنى لەئىلى-ياقۇتلار بىلەن بىزەلگەن شاھانە ئوردىغا ئەكىرىپ قويسىمۇ ، بەلكىم نىجاسەت باسقان ئەسكى كۈلبە كۆرۈنىشى مۇمكىن.شۇڭا بۇ يەردە ھەممە ئىشتىن قۇسۇر چىقىرىپلا يۈرىيدىغان، شۇ ئارقىلىق كىشى بىلىپ بولمايدىغان ئازغۇن ھىس -تۇيغۇلىرىنى تاماكا ئىسىدەك لەيلىتىپ يۈرىدىغان ، دۇت باسقان قەلبلەرنى باغداشتىن ھەر قەدەم ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن.
بارىنى قەدىرلەشنىمۇ بىلىش كېرەك. يوققا نە چارە؟!
بىز مۇشۇ يەردە ھەر مۇقامدا خالىغانچە سايراۋاتقان مۇنبەر ئەھلى ، ھەممىمىز ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ مەھسۇلى. يۇرتۇمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر، تۈپ نىگىزىدىن شۇ مائارىپنىڭ نەتىجىلىرى،ئىككى ئېغىز سۆزلەيدىغان بۇلىۋېلىپلا ئاغزىمىزغا كەلگەنچە سېسىتساق ئەجەبا تۇزىكورلۇق بولماسمۇ؟!
زامان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.ئىلگىرىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدا ئۇقۇتۇپ، ئاندىن ئىختىيارىغا قۇيۇۋېتىش زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالمايۋاتىدۇ. شۇڭا تولۇق ئوتتۇرانىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ، باي ناھىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى ئاجرىتىپ بۇ ئىشنى باشلىشى ،مېنىڭچە تىللاردا داستان قىلغۇدەك ياخشى ئىش بوپتۇ. مائارىپقا نىسبەتەن ئۈنۈم بەلكىم ئون، يىگىرمە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن كۆرۈلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئالدىراپ باھا بەرمەي، بۇنىڭغا مەدەت بېرەيلى. باي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۇسرەتلىك ئىشىغا ئاپىرىن ئېيتايلى.
ئەمدى كۆرۈلىۋاتقان مەسىلەلەرگە كەلسەك، بۇنىڭغا ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا ماسلاشتۇرۇپ، تەكلىپ-پىكىر بېرىشنىڭ ئۆزىنى يامان ئىش دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما، كونكىرت كۆرۈلىۋاتقان مەسىلەلەرنى بۇ نۇسرەتلىك ئىشقا رەددىيە بېرىشنىڭ كوزۇرى قىلىۋالساق، تولىمۇ نادانلىق، چىدىماسلىق ۋە مەن تەسۋىرلەشكە ئامالسىز قېلىۋاتقان، چۈشىنىش قىيىن بولغان قەلبلەرنىڭ بۇسلىشىپ كەتكەن قاڭسىق ھېس-تۇيغۇلىرىدىن تاراۋاتقان بەدبۇيلۇق بولىدۇ. |
|