قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: attila

[ئاتتىلا] «باي ناھىيىسىدە مەجبۇرىي مائارىپ قانداق يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ» غا رەددىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

2

دوست

4524

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 682
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 23:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(‏ئالەم شۇمۇل ئۆزگۈرۈش)(تىللاردا داستان) ماۋۇ ئاجايىپ تەسەۋۋۇر پولوپتۇ  ......................باي ناھىيەسىگە چۈشىۋاتقان كۈن نۇرىنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ بېشىڭىزغا  چۈشۈدىغان ئوخشايدۇ.......
Subhanalla

12

تېما

0

دوست

2564

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4795
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 475
تۆھپە : 466
توردىكى ۋاقتى: 326
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 01:43:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاتىللانىڭ پىكرىنى توغرا دەپ قارايمەن. نامى باي بولسىمۇ، ئەمما بايدا نامراتلىق ۋە نادانلىق سەۋەپلىك بالىلىرىنى ئوقۇتۇشنى خالىمايدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس. مەن تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندىمۇ بەش مەھەللىسى-بىرەر مىڭدەك نوپۇسى بار بىر كەنىتتىن ئۆزەم يالغۇز ئوقۇيتۇم. ئەينى ۋاقىتتا ئون مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار يېزىمىزدىن ناھىيىدىكى تولۇق تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كىرىدىغانلاردىن بىر قاراردا ئوندىن ئاشمايتۇق. ئەينى ۋاقىتتا بايدا يۈز بەرگەن «ئاچ ۋەقەسى»مۇ  شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەنغۇ دەيمەن. بايغا بېرىپ باقمىغان تورداشلار ئاز بولمىسا كېرەك، باي تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن قورشالغان، بىر تەرەپتە نەچچە ئون كىلومىتىر سايدىن ئۆتۈپ ئاقسۇغا، يەنە بىر تەرەپتە يەنە نەچچە ئون كىلومىتىر سايدىن ئۆتۈپ كۇچاغا بارغىلى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، باي شىنجاڭنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنىشىگە ئوخشايدۇ. تاغلىرى-باغلىرى، سايلىرى-سۇلىرى بايلىق بىلەن تولغان. ئەمما ئىسمى-جىسمىغا ماس كەلمىگەن بايلىقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان. ھەممىمىز بىلىدىغان موللا مۇسا سايرامى بىلەن ئەرمىيە ئېلى سايرامىمۇ كۇچا ۋە قەشقەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان.
  قىسقىسى، بايلىقلاردا   بىكىنمىچىلىك، شۇ سەۋەپلىك يۇۋاشلىق ھەم مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى بەك بىلمەسلىك دېگەندەك پاسسىپ ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يوق دېيەلمەيمىز.  مائارىپ كىشىلەرگە توغرا-خاتالىقنى، ئادىللىقنى، دىمۇكىراتىيەنى، باراۋەرلىكنى، باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشنى ئۆگۈتىدۇ. مەسىلىلەر ھەممە يەردە، ھەممە ساھەدە بولىدۇ. مەلۇم مەسىلەرنى كۆرۈپ ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا ئۆتۈپ كىتىش نەزىرىيىۋى تەپەككۇردىكى چولتىلىقنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.
دۇنيادا ئالى مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى ھالەتتىكى يەھۇدىلارنىڭ قانداق مىللەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك.
شۇڭا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا  قارشى پىكىرنى چۆرىۋېتىپ، مائارىپنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالساق، مۇھاكىمە قىلساق، يول كۆرسەتسەك بولىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

پەرۋايىم پەلەك

52

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7500
تۆھپە : 4597
توردىكى ۋاقتى: 3292
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 04:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسلىدە ئوقۇ -ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئۆگۈنۈش ھوقۇقى»غا توللۇق ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك ئىدى.ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئۆگۈنۈش ھوقۇقى»دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.مۇشۇنداق لوگىكا ئاساسىغا قۇرۇلغان مائارىپ بىر پۈتۈن ، تەكشى پىلانلانغان ئۆلۈك مائارىپتىن باشقا نەرسە ئەمەس.مۇنداق مائارىپنىڭ پەقەت بىرلا نىشانى بولىدۇ.ئۇ بولسىمۇ دۆلەتنىڭ مەقسىدى، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىدۇر.ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى ۋە جىسمانى ئېھتىياجى قىلچە نەزەرگە ئېلىنمايۋاتىدۇ.مائارىپنىڭ پۈتكۈل ئورۇنلاشتۇرىلىشىدا ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەتتىن ئىبارەت بۇ غايەت زور ماشىنىنىڭ مەلۇم بىر زاپچىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈشلا مەقسەت قىلىنىۋاتىدۇ.بۇ ئادەمنى ماددىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىق بولماي نېمە ؟ بۇ خىل مائارىپ ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھاياتلىق رېتىمىغا ، تەبىئىي قانۇنىيەتكە مۇخالىپ كېلىدىغان مائارىپتۇر.

   «ئۆگۈنۈش ھوقۇقى»نىڭ ماھىيىتى ئۇنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇنلىقىدا.مۇنداقچە ئېيىتقاندا «ئۆگۈنۈش ھوقۇقى» بىر خىل ئىگىلىك ھوقۇقتۇر.پەقەت ئۆگەنگۈچىلەرلا مائارىپنىڭ ھەقىقى ھوقۇقدارلىرىدۇر. تاللاش ھوقۇقى بولماسلىقنى ئالدىنقى شەرىت قىلغان ھوقۇق پەقەت بىر خىل قۇرۇق،مەنىسىز ھوقۇقتىنلا ئىبارەت خالاس.ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە ئگەنگۈچىنىڭ  ئۆزىنىڭ قايسى زامان،قايسى ماكاندا   قانداق تەنەرىق بىلەن قانداق مەزمۇندىكى  ، قانداق مائارىپنى تاللاش ھوقۇقى توللۇق  كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.مۇنداقچە ئېيىتقاندا ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى مائارىپنىڭ ئەڭ ئالىي پەرمانىدۇر.مائارىپنىڭ ئاساسى ھوقۇقنى ئۆگەنگۈچىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشى يېڭىلمەس ھەقىقەتتۇر.

   بۇ مەنىدىن ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرلاش مائارىپىنىڭ ھەممىسى  «ئۆگۈنۈش ھوقۇقى» غا قىلىنغان ھاقارەتتۇر، حالاس!

  «ئۆگۈنۈش ھوقۇقى»نى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۉزىگە توللۇق قايتۇرۇپ بېرىش نىداسى ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى خېلى يىللار بولدى. ئەمما، بۇمەسىلە ئىچكى ئۆلكىلەردە توللۇق ئەمەلىيلەشمىدى. بىزدە بولسا قىلچە ئەمەلىيلەشمىدى.ئومۇمەن بۇ مەملىكەت خارەكتىرلىك تۅزۅلمە مەسىلىسىدۇر.

2

تېما

4

دوست

7443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 07:10:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
... تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا  قارشى پىكىرنى چۆرىۋېتىپ، مائارىپنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالساق، مۇھاكىمە قىلساق، يول كۆرسەتسەك بولىدۇ

__ مۇنۇ پىكىرنى قوللىغۇم بار.سەۋەبى، بۇ پىكىر غايىۋى ئومۇمىلقنى يەنى ئىنسان بالىسى چوقۇم تەربىيىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى، تەربىيىنىڭ چوقۇم تەربىيىلەنگۈچىنىڭ بەختىگە ئوڭ تاناسىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
بىراق، كونكىرت بىر تەلىم-تەربىيە جەريانى ، تەلىم تەربىيە سورۇنى  ئۆزىنىڭ جەلىپكارلىقىنى يوقاتمىغاندىلا، تەربىيىلەنگۈچىلەر بۇ سورۇندا سەرىپ ئەتكەن مۇئاييەن ۋاقىت (بىر بۆلۈك ھايات) ئىسراپ بولۇنمىغاندىلا، تەربىيىلەنگۈچىلەر ئۆز ھاياتىنىڭ بۇ بىر قىسىم جەريانىدا  ئېلىشقا  تېگىشلىك نەپنى ئالالىغاندىلا، ھېچكىم <مائارىپ> دەپ ئاتالغان جەريانغا قارشى تۇرمايدۇ. مەكتەپلىرىمىز ئۈنۈملۈك ئەمگەك مىقدارىنى ئاشۇرالىغاندىلا ، ھېچكىم تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا  قارشى پىكىرنى قىلمايدۇ.
ئادەمنى ئاساس قىلىش دىگەنلىك  تەلىم تەربىيىدە ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش،   ئوقۇتقۇچىنى ئاساس قىلىش دېگەنلىك. ئوقۇغۇچىلارنى ياراملىق كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىش، ئۇلارنى ساغلام بەدەن، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت،   يۇقۇرى مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى دەسمايە قىلىپ تۇرۇپ كىشىلىك ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەلەيدىغان كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئاساس قىلىش ھەم شۇنداق قىلالىغان <ئۇستاز>لارنى ، ھەر دەرىجىىك <مۇدىر>لارنى ئەمەلىي قوللاشنى ئاساس قىلىش دېگەنلىك. مائاش خېلى ئۆستى، ئۆسۈۋاتىدۇ ھەم ئۆسۈشى كېرەك. ئۇنداقتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىچۇ؟ ئالدىنقى <ئۆسۈش> كىلا دىققەت قىلىپ قالماي كېيىنكى <ئۆسۈش>كىمۇ دىققەت قىلايلى. ئاتا-ئانىلار  جاپاغا، تۈرلۈك خورلۇقلارغا چىداپ  بالىلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدىنلا بالىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا تاماملاپ كەلگەن ئائىلىۋى ئىشلار، ئىش-ئەمگەكلەرنى تەنھا ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈمۈدى بالىلىرىنىڭ تۈزۈكرەك مەلۇماتلىق ئادەم بولۇشىنى كۆرۈش. ئەگەر بۇنى كۆرەلمىسە، ئۇلار ئەڭ ئاۋال مەكتەپلەرگە بولغان ئىشەنچىنى يوقۇتىدۇ. ئاندىن شۇ مەكتەپلەرنى كونتورۇل قىلىۋاتقان مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىن ئۈمىتىسىزلىنىدۇ.
<ساپا>مائارىپى چاقىرىقى بىلەن باشلانغان ھەيۋەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى مەيدانغا كەلگەندىن بۇيانقى غەلىتىلىكلەرگە ئاتا-ئانىلار چىداپ كەلدى، بالىلار چىداپ كەلدى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ چىداپ كەلدى. ھەدىسە يېڭىلىق، ھە دىسە ئۇنداق ئوقۇتۇش، بۇنداق ئوقۇتۇش! توۋا، تەجرىبە دىگەننى ئۇنىڭ نەتىنجىسىگە قاراپ، جايلارنىڭ شارائىتىغا قاراپ قىلمامدۇ؟ مائارىپتىكى دايۆجىنلەرگە ھەيرانمەن...
مائارىپ ئىجتىمائى ھادىسە، مىللىي مائاىپمۇ شۇنداق. ئىلى-پەن تەربىيىسى، ئەمگەك تەربىيىسى، ساغلام بەدەن تەربىيىسىگە مىللىي ئەنئەنە تەربىيىسى، مىللىي مەدەنىيەت تەربىيىسى قوشۇلغاندىلا ، بۇلارنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بولغاندىلا بىز مىللىي مائارىپنى كۆرەلەيمىز. يىغىۋېلىش شەكلىدىكى مائارىپ مىللىي بالىلارنى ئائىلە تەربىيىسىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئائىلىنىڭ، يۇرت- مەھەللىلەرنىڭ پەرزەنتلەرگە مىللىي پۇراق بېرىدىغان، مىللىي مەدەنىيەت تەربىيىسى بېرىدىغان ئاكتىپ رولىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. مائارىپنىڭ مىللىيلىكى سۇسلايدۇ.  
ئاساسىي مائارىپ باسقۇچى-يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغىچە بولغان <ئۇل>جەريان ھازىر قايسى يۆنۈلۈشتە كېتىۋاتىدۇ؟ مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن، مىللىي تۈس كۈنسېرى سۇس! تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە ئاران چىداپ كەلگەن بەزى ئاتا-ئانىلار مەجبۇرىيەت بولغان تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇشىغا قانداق چىدايدۇ؟ ...

......
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان، ئۆتۈپ كەتكەن 9 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىن ساۋادىنى چىقىرالمىغانلارغا ساۋات چىقىرىش كۇرسىنىڭ ئېچىلغانلىقى ئىنتايىن ياخشى ئىش. ئەمدىكى گەپ شۇكى، ئاشۇ 9 يىل ئىچىدە شۇ بالىلار مەكتەپتە زادى نىمە ئىش قىلدى خەت ساۋادىنى چىقارماي؟ بالىلارنى مەكتەپتە 9 يىل گالۋاڭ قىلغۇچە 9- يىلىنىڭ شۇ كۇرس ئېچىلىغان ۋاقتىدىلا ئۇلارنى مەكتەپكە يىغىپ كۇرس ئېچىلسىمۇ بولىدىكەنتۇققۇ؟

2

تېما

4

دوست

7443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 07:13:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
... تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا  قارشى پىكىرنى چۆرىۋېتىپ، مائارىپنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالساق، مۇھاكىمە قىلساق، يول كۆرسەتسەك بولىدۇ

__ مۇنۇ پىكىرنى قوللىغۇم بار.سەۋەبى، بۇ پىكىر غايىۋى ئومۇمىلقنى يەنى ئىنسان بالىسى چوقۇم تەربىيىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى، تەربىيىنىڭ چوقۇم تەربىيىلەنگۈچىنىڭ بەختىگە ئوڭ تاناسىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
بىراق، كونكىرت بىر تەلىم-تەربىيە جەريانى ، تەلىم تەربىيە سورۇنى  ئۆزىنىڭ جەلىپكارلىقىنى يوقاتمىغاندىلا، تەربىيىلەنگۈچىلەر بۇ سورۇندا سەرىپ ئەتكەن مۇئاييەن ۋاقىت (بىر بۆلۈك ھايات) ئىسراپ بولۇنمىغاندىلا، تەربىيىلەنگۈچىلەر ئۆز ھاياتىنىڭ بۇ بىر قىسىم جەريانىدا  ئېلىشقا  تېگىشلىك نەپنى ئالالىغاندىلا، ھېچكىم <مائارىپ> دەپ ئاتالغان جەريانغا قارشى تۇرمايدۇ. مەكتەپلىرىمىز ئۈنۈملۈك ئەمگەك مىقدارىنى ئاشۇرالىغاندىلا ، ھېچكىم تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا  قارشى پىكىرنى قىلمايدۇ.
ئادەمنى ئاساس قىلىش دىگەنلىك  تەلىم تەربىيىدە ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش،   ئوقۇتقۇچىنى ئاساس قىلىش دېگەنلىك. ئوقۇغۇچىلارنى ياراملىق كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىش، ئۇلارنى ساغلام بەدەن، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت،   يۇقۇرى مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى دەسمايە قىلىپ تۇرۇپ كىشىلىك ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەلەيدىغان كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئاساس قىلىش ھەم شۇنداق قىلالىغان <ئۇستاز>لارنى ، ھەر دەرىجىىك <مۇدىر>لارنى ئەمەلىي قوللاشنى ئاساس قىلىش دېگەنلىك. مائاش خېلى ئۆستى، ئۆسۈۋاتىدۇ ھەم ئۆسۈشى كېرەك. ئۇنداقتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىچۇ؟ ئالدىنقى <ئۆسۈش> كىلا دىققەت قىلىپ قالماي كېيىنكى <ئۆسۈش>كىمۇ دىققەت قىلايلى. ئاتا-ئانىلار  جاپاغا، تۈرلۈك خورلۇقلارغا چىداپ  بالىلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدىنلا بالىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا تاماملاپ كەلگەن ئائىلىۋى ئىشلار، ئىش-ئەمگەكلەرنى تەنھا ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈمۈدى بالىلىرىنىڭ تۈزۈكرەك مەلۇماتلىق ئادەم بولۇشىنى كۆرۈش. ئەگەر بۇنى كۆرەلمىسە، ئۇلار ئەڭ ئاۋال مەكتەپلەرگە بولغان ئىشەنچىنى يوقۇتىدۇ. ئاندىن شۇ مەكتەپلەرنى كونتورۇل قىلىۋاتقان مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىن ئۈمىتىسىزلىنىدۇ.
<ساپا>مائارىپى چاقىرىقى بىلەن باشلانغان ھەيۋەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى مەيدانغا كەلگەندىن بۇيانقى غەلىتىلىكلەرگە ئاتا-ئانىلار چىداپ كەلدى، بالىلار چىداپ كەلدى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ چىداپ كەلدى. ھەدىسە يېڭىلىق، ھە دىسە ئۇنداق ئوقۇتۇش، بۇنداق ئوقۇتۇش! توۋا، تەجرىبە دىگەننى ئۇنىڭ نەتىنجىسىگە قاراپ، جايلارنىڭ شارائىتىغا قاراپ قىلمامدۇ؟ مائارىپتىكى دايۆجىنلەرگە ھەيرانمەن...
مائارىپ ئىجتىمائى ھادىسە، مىللىي مائاىپمۇ شۇنداق. ئىلى-پەن تەربىيىسى، ئەمگەك تەربىيىسى، ساغلام بەدەن تەربىيىسىگە مىللىي ئەنئەنە تەربىيىسى، مىللىي مەدەنىيەت تەربىيىسى قوشۇلغاندىلا ، بۇلارنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بولغاندىلا بىز مىللىي مائارىپنى كۆرەلەيمىز. يىغىۋېلىش شەكلىدىكى مائارىپ مىللىي بالىلارنى ئائىلە تەربىيىسىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئائىلىنىڭ، يۇرت- مەھەللىلەرنىڭ پەرزەنتلەرگە مىللىي پۇراق بېرىدىغان، مىللىي مەدەنىيەت تەربىيىسى بېرىدىغان ئاكتىپ رولىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. مائارىپنىڭ مىللىيلىكى سۇسلايدۇ.  
ئاساسىي مائارىپ باسقۇچى-يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغىچە بولغان <ئۇل>جەريان ھازىر قايسى يۆنۈلۈشتە كېتىۋاتىدۇ؟ مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن، مىللىي تۈس كۈنسېرى سۇس! تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە ئاران چىداپ كەلگەن بەزى ئاتا-ئانىلار مەجبۇرىيەت بولغان تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇشىغا قانداق چىدايدۇ؟ ...

......
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان، ئۆتۈپ كەتكەن 9 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىن ساۋادىنى چىقىرالمىغانلارغا ساۋات چىقىرىش كۇرسىنىڭ ئېچىلغانلىقى ئىنتايىن ياخشى ئىش. ئەمدىكى گەپ شۇكى، ئاشۇ 9 يىل ئىچىدە شۇ بالىلار مەكتەپتە زادى نىمە ئىش قىلدى خەت ساۋادىنى چىقارماي؟ بالىلارنى مەكتەپتە 9 يىل گالۋاڭ قىلغۇچە 9- يىلىنىڭ شۇ كۇرس ئېچىلىغان ۋاقتىدىلا ئۇلارنى مەكتەپكە يىغىپ كۇرس ئېچىلسىمۇ بولىدىكەنتۇققۇ؟

0

تېما

0

دوست

2047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10609
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 496
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 09:58:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 31قەۋەتتىكى ulughyarدە2012-11-15 23:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
  ھۆرمەتلىك «مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا» مۇئەللىم مەن يوقۇرقى يازمىڭىز ئاستىدىكى تۈرلۈك ئىنكاسلارنى تولىمۇ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم ھەم سىزنىڭ شۇنچىلىك كۈچ سەرىپ قىلىپ مائارىپ ھەققىدە ئېلىپ بارغان بىرقاتار سىتاتىستىكىلىرىڭىزگە قايىل بولدۇم.
دېمەكچىمەنكى: بۇ يازمىڭىز ھەقىقەتەن مىنى قايىل قىلدى، كۆرسەتكەن سانلىق مەلۇماتلىرىڭىز تېخىمۇ شۇنداق. مېنىڭچە بولغاندىمۇ باي ناھىيىسىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا ئوقۇشقا جەلىب قىلىشى ھەم ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ھەقىقەتەن ئاپىرىن! گەرچە بۇ ناھىيىنىڭ تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇ دەپ مەجبۇرلاش ۋاستىسىنى قوللانغىنىنى بىرقىسىم تورداشلار خاتا دەپتۇ، ئەشۇ تورداشلارغا شۇنى دەپ باقاي: ناۋادا ئۇلار بۇنداق قىلماي بالاڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولدى، نېمە قىلساڭ قىل دەپ قويىۋەتسە بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەل شۇلار: «ھۆكۈمەت تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇشنى چىڭ تۇتسا بولمامدۇ» دەپ ئاغرىنماسمۇ؟ دېمىسىمۇ ھازىر دېگەن قايسى زامان، بۇرۇنقىدەك مەكتەپ پۈتتۈرسىلا «دېھقان» بولىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى، مەيلى دېھقانمۇ بولۇڭ دەيلى، دېھقان بولسىڭىز سىز تېرىيدىغان يەر قېنى، يەرمۇ بار بولسۇن شۇ تېرىۋاتقان يەرنىڭ ھېساباتىنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن شۇ يۈرەك پارىڭىز قىلالامدۇ، سىز تېرىۋاتقان تۇپراققا ماس ھالدا ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى بىرىپ ئانالىز قىلالامدۇ؟ ئەلۋەتتە قىلىشى كېرەك، قىلالىشى كېرەك. لېكىن سىزنىڭ بۇ بالىلىرىڭىز مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغاندا مەكتەپ پۈتتۈرگەن بالام ئانى بىلمىدى، مانى بىلمىدى، بۇنداق مەكتەپتە ئوقۇتقاندىن ئوقۇتمايلا قوياي دەپ زەردە قىلغان ۋاقتىڭىزدا بۇرۇن بالىڭىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا بالىڭىزنىڭ ئوقۇشىغا، نېمىنى ئۆگەنگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ باققان بولغۇيمىدىڭىز؟
مەنچە بولغاندا يەنىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. بىر قىسىملار كىشىلىك ئەركىنلىك دېگەن گەپنى تىلغا ئېلىپتۇ. (بۇ كىشىلىك ئەركىنلىك ئېھتىمال بالىلار دىنغا ئېتىقاد قىلسا بولىدۇ دېگەن ئەركىنلىكقۇ دەيمەن، شۇنداق بولسا ئاندىن ئەركىنلىك سانىلامدۇ- قانداق)، ھۆكۈمەت بىزگە ئەركىنلىك بەرمىدىمۇ، گىپىمنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار، تەربىيەلىنىش، بىلىم ئېلىش ئەركىنلىكى بەرمىدىمۇ، زادى شۇنچىلىك شارائىتىمىز يوقمىدۇ؟ مەكتەپتە مۇئەللىم ئۆگەتمىگەن، ئۆگىتەلمىگەن بولسا ئائىلىدە نېمىشقا سىز ئۆگەتمەيسىز، مەسىلەن: باشلانغۇچ مەكتەپتە خەت يېزىشنى، ھېساب ئىشلەشنى بىلمىسە سىز ئاز- ئازدىن ئۆگەتسىڭىز، بالىڭىز سەل- پەل يىتىشىۋالسا ئاندىن ئاستا- ئاستا بىرنەرسىلەرنى بىلمەمتى؟ ئۆزىمىز دىققەت قىلماي، ئاخىرىدا بېرىپ ھەممىنى مائارىپقا، ئوقۇتقۇچىغا ئارتىپ قويۇپ بۇ يەردە قالايمىقان سۆزلىگەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى. ھەممىمىزگە مەلۇم (بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش 80- يىللاردا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەنلەرگە)، شۇ ۋاقىتلاردا مەن تۇرۇشلۇق كەنتتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نوقتىسىدا باشلانغۇچنىڭ 1- يىللىقىغا ئوقۇشقا كىرگەن ئىدىم (1985- يىلى)، شۇ چاغدىن باشلاپ يۈرۈكۈمگە مۆھۈر باسقاندەك بىر كۆرۈنۈش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ: بۇ ۋاقىتلاردا بىز ئوقۇيدىغان سىنىپ خام كېسەكتىن سېلىنغان ئادەتتىكى پاكار ئۆيلەر ئىدى، سىنىپلىرىمىزدا ھازىرقى بالىلار ئولتۇرۇپ ئوقۇيدىغان پارتىلاردىن باشقا يەنە بىز ئەينى ۋاقىتتا «گومىنداڭ پارتىسى» دەپ ئاتىۋالىدىغان ئۈستەل- ئورۇندۇقلىرى بىرتۇتاش يوغان ھەم قوپال پارتا بار ئىدى، ھەتتا بەزىلىرىمىز كېسەكنى ئورۇندۇق، تېزىمىزنى ئۈستەل قىلىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايتۇق. مەن ئائىلەمگە ماڭىدىغان، مەكتىپىمىزدىن بىرقانچە ئون مېتىر نېرىسىغا يول بويىغىلا پىششىق خىشتىن كۆركەم ئىسلام مىمارچىلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان مەسچىت بار ئىدى. مانا بۇ مەسچىتكە توپتوغرا ئۆيۈمگە بېرىپ- كېلىش جەريانىدا 5-6 يىل زوقۇم بىلەن قارايتىم: ئەمدى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىم ئېنىق بولغاندۇ. ھۆكۈمەت مانا بىزگە دەسلەپتە دىنىي تەلىم- تەربىيە جەھەتتە شۇنداق يول قويدى، شۇنداق شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ھەتتا مەكتەپلىرىمىزدە، دوختۇرخانىلىرىمزدا يوق ئەشۇنداق پىششىق خىش قۇرۇلمىلىق مەسچىتلەرنى سېلىپ بەردى، شۇنداق قىلسا ئاخىرىدا بىز خەق قانداق قىلىقلارنى قىلدۇق؟ (ئەلۋەتتە بۇنى مەن بۇ يەردە تىلغا ئالمايمەن، ئالغۇممۇ يوق)، ئاخىرىدا بېرىپ «ياخشىغا ياغ ياراشماپتۇ، ئۆشكىگە تاغ» دېگەندەك ئىش بولغاندىن كېيىن كۆرگەن كۈن، بولغان ئەھۋال مانا مۇشۇ. ئەمدى مەكتەپلىرىمىزنى يېڭىلاپ بەردى، شارائىتىمىز ياخشىلاندى، ئىقتىسادىمىز ياخشىلاندى. گەپنىڭ پوسكاللىسى- ھۆكۈمەت بالىلىرىمىزنى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ھەقسىز قىلىپ بىرىۋاتسا (بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ) يەنە نېمە گەپ ئەمدى. بىزنىڭ ئىككى مۈرىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كاللا كاللىمۇ ياكى قاپاقمۇ. توغرا، ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق قارشىمىز بار، بۇلارنى پۈتۈنلەي خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، نېمە دېيىشسەك دېيىشكەندىمىز بەرىبىر مەقسىدىمىز بىرلا، ئۇ بولسىمۇ: يۈرەك پارىمىز بولمىش بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى. شۇنداق بولغاندىن كېيىن مائارىپىمىزغا ئۇنى- بۇنى دەپ بۆھتان چاپلىماي ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىن باشلىساق بولىدىغۇ. ساۋادى چىقمىغان پەرزەنتلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزمۇ كۈچەيلى، ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرى، ئۇكىلىرى بولمىسا خەقنىڭ بولسىمۇ «ھاي» دەپ قويايلى، ئۇلارغا كۆيۈنەيلى. ئۆزىمىز قوپۇپ جەمئىيەتتىكى بىرقىسىم ناچار ئىشلارنى، شۇلارنىڭ قاتناشچىلىرىنى كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ھەتتا ھىجىيىپ تاماشا كۆرۈپ توسماي، ئەمدى قوپۇپ پالان- پۇستان دەيدىغانغا نېمە ئاساسىمىز بار. ھەممىمىز چامىمىزنىڭ يېتىشىچە بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىشلارنى ئاز- ئازدىن بولسىمۇ ئوڭشىساق، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس شەكلىدە ئەھۋال مەلۇم قىلساق، بەزى سەلبىي ھادىسىلەرنى زادى تۈزەتكىلى بولماسمۇ. مېنىڭچە بۇ تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىشلار. گەپ، ئەمدى ھۆكۈمەت بىر ئوبدان تۈزۈپ بەرگەن سىياسەتتىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەيلى، ئەتراپىمىزدىكى شۇنداق قىسمەن ناچار قىلمىشلارغا دادىل ھالدا قارشى تۇرايلى، ئالدىنى ئالايلى. ئون يىل بولاي دېدىغۇ دەيمەن، مەن تۇرۇشلۇق يېزىدا بىر خەنزۇ تىجارەتچى ئۇچىسىغا مەكتەپ فورمىسى كېيگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلىپ تۇرۇپ پىۋا ۋە ئاق ھاراق سېتىپ بېرىۋاتقان نەق مەيداندا مەن مەيدانىمنى كېرىپ تۇرۇپ، كۆزىگە قولۇمنى تىقىپ ئۇنداق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان، ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىمۇ، تىجارەتچىمۇ دەسلەپتە ماڭا تەڭلا قارشى تۇرغان، مەنمۇ بوش كەلمەي ساتقان بىر نېمىسىنى يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋېتىپ، پۇلنى قايتۇرغۇزۇپ بەرگەن (بۇنداق ئىشلاردىن قانچىنى قىلغانلىقىمنى ساناپمۇ بېرەلمەيمەن ئەلۋەتتە).
بىزنىڭ دۆلىتىمىز سوتسىيالىسىتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت، مائارىپ دەل سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ماسلىشىشى كېرەك، شۇڭا ئەلۋەتتە مائارىپ، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ھەم دۆلىتىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تەلىم- تەربىيە ئېلىشىنى چەكلەيدۇ. بۇنىڭغا سىزمۇ- مەنمۇ ئامالسىز، لېكىن ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتىدە قورامىغا يەتكەندىن كېيىن دىنغا ئېتىقاد قىلسا بولمايدۇ دېگەن تۈزۈم يوق (ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلار، پارتىيە ئەزالىرى بۇنىڭ سىرتىدا). شۇڭا ھەر ئىشقا توغرا قارايلى. قىسقىسى دەۋر بىزگە بەرگەن بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى، ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەيلى، ياخشى ئىشنى باھانە- سەۋەب كۆرسىتىپ يامان ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويمايلى. (كەڭ تورداشلارنىڭ كۆڭلۈڭلەرگە مۇخالىپ سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ سالغان بولسام توغرا چۈشىنىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن، ئەپۇ قىلارسىلەر)
     ئاتىللا مۇئەللىم، مەن سىز بىلەن قانداقلا بولمىسۇن بىر ناھىيىدىن ئوخشايمىز. پۇرسەت بولسا ئالاقىلىشىپ، بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن (گەرچە مەن ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق قىلمىساممۇ).  

پىكىرلىرىڭىز تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق.ئەلۋەتتە كۆزى ئۇچۇق، ئەقلى ئويغاق ئادەملەر  مېنىڭچە مائارىپنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەتلىرىنى ۋىجدانى بىلەن ھىس قىلالايدۇ. ئەمدى شۇ مائارىپنىڭ "تۇزى"نى يەپ تۇرۇپ، "چوڭ" بۇلىۋېلىپلا ، بۇ يەردە ئىنكارچىلىق پوزىتسىيەسىدە بىلجىرلاۋاتقانلارنىڭ مەقسىدىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. پەرزەنتلىرىمىز ئۆزلىكسىز ئۆگۈنىشكە مۇھتاج. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ھۆكۈمەت ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ شارائىتلارنى قەدىرلەپ ، ياخشى ئۆگۈنىشكە تەشەببۇس قىلماقتا يوق، ئەكسىچە بۇ يەردە تۇترۇقسىز باھانە -سەۋەپلەر بىلەن كاللا قايمۇقتۇرۇش، بالىلىرىمىزغا قىلىنغان زىيانكەشلىك. مەن سىزدەك ۋە سىزگە ئوخشىغان بالىلىرىمىزنى ئىلىم-ئېرپانغا ، توختىماي بىلىم ئېلىشقا ئۈندەيدىغان ،تەقدىرىمىزگە ھەقىقىي كۆيۈنگۈچىلەر بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە.

16

تېما

0

دوست

7607

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  846
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1801
تۆھپە : 1101
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 10:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ماۋۇ تېما ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. بارىكاللا!   ئىلىم ئەھلىنىڭ تەپەككۈر يولى مۇشۇنداق بولىدۇ.

  ئاللاھتىن يىراقلاشقانلار باقى ئالەمدە خورلۇق تارتىدۇ، ئاللاھنىڭ ھىكمىتىدىن يىراقلاشقانلار ھەر ئىككى ئالەمدە خورلۇق تارتىدۇ.
ئاللاھ ئۇلۇغدۇ، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
  بالىنىڭ 1- ئۇستازى ئاتا- ئانا.   ئەگەر سىز ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىپتىدائى ئالى مەكتەپكە سەل قاراپ، بالىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە تەربىلىشىگە  تاشلاپ بەرسىڭىز ، ئۇچاغدا باشقىلار بالىڭىزنى ھەر نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدۇ. ئەگەر سىز ئائىلىڭىزنى ياخشى بىر تەربىيە مۇھىتىغا ئايلاندۇرالىسىڭىز، ئەخلەتلەر ئىچىدىن گۆھەر تاللاش ماھارىتىنى يىتىلدۈرەلىسىڭىز ئەڭ ناچار مائارىپ مۇھىتىدىمۇ بالىڭىز، ئاللاھنىڭ ھىكمىتىنى ئىلغاپ قوبۇل قىلالايدۇ. بۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان ھەقىقەت.
بالىڭىز بۇزۇلغان بولسا ئۇنى باشقىلاردىن كۆرۈپ ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ.
  بىز ، مەكتەپتە بىر كۈنمۇ ئوقۇپ باقمىغان، بۇزۇقچىلىققا كەلگەندە دوكتورلارغا دەرس بىرەلەيدىغان ئىنسان سىياقىدىكى ھايۋانلارنىمۇ جىق كۆرگەن.
  ئاتا-ئانىلار ، ئائىلىدىكى تەربىيە 1 ياشتىن باشلىنىدۇ ، ئەگەر تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئائىلىدە بولغان بالا 16-17يىل سىزنىڭ تەربىيىڭىزدە بولىدۇ.
  مۇشۇ 16-17 يىلدا بالىڭىزنى لاياقەتلىك بىر ئوقۇغۇچىغا ئايلاندۇرالمىغان بولسىڭىز. سىزنىڭ باشقىلارنى بىرنەرسە دەيدىغانغا سالاھىتىڭىز توشمايدۇ.
   باشقىلارنىڭ سىزنىڭ بالىڭىزنى ئالىم، مۇتەخەسىس قىلىپ بىرىش مەجبورىيىتى يوق. سىزنىڭ ئازۇيىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىز بولسا بۇ باشقا گەپ.

0

تېما

0

دوست

2047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10609
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 496
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 10:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردىكى بەزەنلەرنىڭ كۆپ يازمىلىرىغا قاراپ چىقتىم.قىزىقارلىق ئەمما ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس يېرى شۇكى، بۇلارنىڭ  كۆزىگە ھېچقانداق ئىش  سىغمايدىكەن. ھەممەدىن ، ھەتتا كوچىدا بىر چىرايلىق ئېچىلىپ تۇرغان گۈلدىنمۇ ،قىزىل ئېچىلىپ قاپتۇ ، نېمىشقا يېشىل ئېچىلمىغاندۇ، كەيپىياتىمنى بۇزۇپ، دەپ بىزار بولىدىكەن دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. توۋا دەيمەن،«ئوقۇت دېدى.»دەپمۇ قاقشاپ، مۇنبەردە بىر پاتمان دەتالاشلارغا سەۋەپ بولساق، بۇنىڭغا نېمە دىگۈلۈك؟! جېنىم  تۇغقانلىرىم، بىرەر كىچە بالدۇرراق يېتىپ،بىر  قېنىپ ئۇخلاپ بېقىڭلارا، (ئۇخلىيالمىساڭلار بىر ئىستاكان سۈت ئىچىۋېتىپ، كارۋىتىڭلارنىڭ بېشىغا بىرەر تال ئالما قۇيۇپ قويساڭلار بىر دەمدىلا تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىسىلەر)ئەتىسى ئەتتىگەن تۇرساڭلار،ساپ ھاۋاداسىرىتنى بىر چۆرگىلەپ كىرسەڭلار،ئۆزىڭلارنى يىنىك ھېس قىلىسىلەر، بىر كىرىلېۋېتىپ كۈن چىقىشقا قارىسىاڭلار، دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەل،ھاياتنىڭ نەقەدەر شىرىن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىلەر. ئەتراپقا مۇھەببەت بىلەن قارىغىنىڭلاردا بۇ يەردە دۇتلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ تۇلىمۇ بىمەنە ئىش ئىكەنلىكىنى ، ھاياتنى قەدىرلەپ، پايدىلىنىشقا تىگىشلىك شارائىتلاردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەكلىكىنى مەندىنمۇ ياخشى ھېس قىلالىشىڭلار مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )