«باي ناھىيىسىدە مەجبۇرىي مائارىپ قانداق يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ» ناملىق يازما ۋە شۇ ئاساستىكى بىر قىسىم ئىنكاسلارغا رەددىيە
مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ
باغداش مۇنبىرىدە «جېكسۇن» ئىسىملىك بىر تورداش «باي ناھىيىسىدە مەجبۇرىي مائارىپ قانداق يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ» ناملىق يازما ئېلان قىلىپ، باي ناھىيىسىنىڭ تولوقسىزنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولوق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشقا مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ۋە يولغا قويۇلىۋاتقان تولوق ئوتتۇرا مائارىپىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ھەم بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيسىنى تۇتقان. بۇنىڭغا يانداشقان كۆپ ساندىكى مۇنبەر ئەھلى تەڭ قەدەمدە دوست تارتىشىپ، بىر تەرەپلىمىلىك ئىنكارچىلىق پوزىتسىيسى بىلەن تولوق ئوتتۇرا مائارىپىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىپ، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇتىشىنى قاتتىق سۆكەن ھەم ئۇنى مىللىتىمىىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەر قاتارىغا ئىتتىرۋەتكەن.
ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، باي ناھىيىسىدە تولوقسىزنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرلاش ۋاستىسى ئارقىلىق تولوق ئوتتۇرغا يىغىۋالغان بولۇپ، بۇ ئېلىمىزنىڭ «مەجبۇريەت مائارىپ قانۇنى» غا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپمىش. شۇڭا ئۇلار قانۇن ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى، مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەر ئۆز ھەرىكىتىنى دەرھال توختىشىشى كېرەكمىش.
مەن ئاشۇلاردىن سوراپ باقاي، ئادەمنىڭ ئادەملىكى مائارىپسىز روياپقا چىقامدۇ؟ ئومومىي جەھەتتىن قارىغاندا، تولوق ئوتتۇرا مەلۇماتىغا ئىگىلەر بىلەن تولوقسىز ئوتتۇرا مەلۇماتىغا ئىگىلەرنىڭ ئاق-قارىنى پەرق ئېتىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئېتىقاد مۇستەھكەملىكى، ئادىمىيلىك چۈشەنچىسى، ئاتا-ئانىغا بولغان مېھرىبانلىقى، ئەخلاق-دىيانىتى، كەيپ-ساپاغا بېرىلىش دەرىجىسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، مەسىلىلەرنى كۆزۈتۈش، بايقاش، بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، جەمىئىيەتكە مەسىئۇل بولۇش تۇيغۇسى ئوخشامدۇ؟ قايسىسىنىڭ يۇقىرى تۇرىدۇ؟
بىلىشىمىز كېرەككى، زامانىمىزدىكى ئەقلى ئويغاق، پەرق ئېيىشچانلىقى يۇقىرى، مەسىئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، مەسىلىلەرگە مىللەت ۋە ئېتىقاد نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مۇئامىلە قىلالايدىغان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەلقىمىزنىڭ ئېتىراپى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن زىيالىلرىمىز دەل ئاشۇ سىلەر سۆكۈۋاتقان تولوق ئوتتۇرا مائارىپىنى تاماملاپ ئاندىن ئالىي مائارىپ بوسۇغىسىغا قەدەم قويالىغان ھەم بۈگۈنكىدەك ئادەم بولالىغان. دەل ئاشۇ تولوق ئوتتۇرا مائارىپى ئۇلارنى ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەننىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە دەسلەپكى ئاساسقا ئىگە قىلىپ، ئۇلاردا پەن قارىشىنى ئويغاتقان ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى بايقاپ، ئالاھىدىلىكى بويىچە پەنلەرنى تاللاپ ئۆگۈنۈپ، بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قازىنىشىغا ئاساس سالغان. مەن ئۆزەمنى ئالسام، مەن تولوقسىزدا ھېچنېمىنى ھېس قىلالمايدىغان بىر سەبىئىي بالا ئىدىم. مېنىڭ ھازىرقا تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات نەزىريىسى ھەم پەلسەپەگە دائىر ئاساسلىرىم شۇنداقلا دەسلەپكى ھېسسىي چۈشەنچەم دەل ئاشۇ تولوق ئوتتۇرا باسقۇچىدا شەكىللەنگەن. ئەگەر مېنىڭ تولوق ئوتتۇرا باسقۇچۇم بولمىغاندا ئىدى، مەن ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى «مەن» بولالمىغان بولاتتىم. ئابدۇلئەھەت ئابدۇرەشىت بەرقى، ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى، ئەسەت سۇلايمان، ئابلىز ئۇرخۇنلارغا ئوخشاش ئىجتىمائىي پەننىڭ ئۇنۋېرسال قاتلىمىدىن تەڭ يېتىلگەن ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئۇنۋېرساللىقىمۇ دەل ئەنە شۇ تولوق ئوتتۇرا مائارىپىدىكى كۆپ خىل پەن قۇرۇلمىسىنىڭ مەسىئۇلى. ئىشەنمىسەڭلار ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ۋە ئەشۇلارغا ئوخشاش تەڭ يېتىلگەن ئەزىمەتلەردىن سوراپ كۆرسەڭلار بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، تولوق ئوتتۇرا مائارىپى ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەشنىڭ پەلەمپىيى. تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپ بولسا، تولوق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگىلەرنىڭ ئومومىي مىللەت نوپۇسى ئىچىدىكى نىسبىتى ئېشىپلا قالماستىن، ئالىي مەكتەپلەرگە تاللىنىش ئىمكانىيىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇللانغانلارنىڭ سەرخىللىشىشىغا، ئاخىردا ئومومىي مىللەت ساپاسىغا ھەم مىللەتنىڭ يېتەكلىنىش، يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ياپونىيىدە ئالىي مائارىپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەرنىڭ نىسبىتى %95 تىن ئاشقان بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلارغا، يەنى تولوق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەرگە بولغان ئېھتىياج 195 مىڭ بولغان. ئەمدى بىزگە قاراپ باقايلى، بىزدە ئالىي مائارىپ ئەمەس، تولوق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيسىدىكىلەرنىڭ نىسبىتى زادى قانچىلىك؟ تولوقسىز مەدەنىيەت سەۋىيسىدىكىلەرنىڭ ئەپتى قانداقراق؟ ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ ئومومىي قۇرۇلمىسىغا بولغان تەسىرى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ بۇنى ئويلىساق بەدىنىمىز ھەسىرەتتە ئاچچىق چايقىلىدۇ.
ئۇلار يەنە تولوق ئوتتۇرا مائارىپىنى سۆكۈپ، «باي تولوق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلار سىنىپقا ئۈنئالغۇ ئېلىپ كىرىپ مەشىرەپ قىلىدىكەن، ئوغۇل-قىزلار بىر-بىرىگە سالام خەت يېزىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىكەن»، «تولوق ئوتتۇرىدا مەجبۇرىي ئوقۇتۇش بالىلارنى بۇزىدۇ» دەپ قاخشىغان.
بىز ئەستايىدىل بولۇپ، دىققىتىمىزنى جېكسۇننىڭ يازمىسىدىن مۇستەسنا قىلىپ تۇرۇپ، ئەتىراپىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ تولوقسىز مائارىپىدا ھەم تولوقسىزنى پۈتتۈرگەنلەردە تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
تولوقسىزنى پۈتتۈرۈپ تولوق ئوتتۇرىغا چىققانلارنىڭ ئاز بىر قىسىمى مەجبۇريەت يۈزىسىدىن ئوقۇۋاتقانلار بولسىمۇ، كۆپ قىسىمى مەلۇم مەقسەد ياكى غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن، ئائىلە تەربىيسىمۇ نىسبەتەن ياخشى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ئاتا-ئانىسى تولوق ئوتتۇرغا مايىلچان ياكى تولوق ئوتتۇرغا بارغاندىن كېيىن ھامىنى ئوقۇغاندىن كېيىن «ئوقۇشنىڭ نېنى يېيىش» نىيىتىگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلار. شۇڭا مەن كۆزەتكەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇنداقلارنىڭ بۇزىلىشى تولوقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئائىلىگە قايتقانلاردەك ئېغىر ئەمەس.
دەرھەقىقەت، ئادەم بار يەردە ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى مۇقەرەرلىك. بىراق بىزنىڭ كۆزىمىز ياخشىلىققا قارىغاندا يامانلىقنى بەكرەك كۆرۈپ، شۇنچە كۆپ ياخشى تەرەپلەر تۇرسا ئازراق يامان تەرەپنى تۇتىۋېلىپ، ئۇنى ياخشى تەرەپنى بىر يولىلا ئىنكار قىلىدىغان قورال قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بىز تارىختىن بۇيان بۇنداق چوڭ ئىنكارچىلىقنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدۇق.
مەنمۇ بىر تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. بىزمۇ تۈرلۈك بايرام ياكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاتاپ سىنىپلار بويىچە سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلىتىمىز. ئوقۇغۇچىلار سىنتەخسىلەرنى ۋە قويغۇلارنى ئېلىپ كېلىپ ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدا سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلايدۇ، مەشىرەپ ئوينايدۇ. بۇنى قانداقتۇ مەكتەپتىكى بۇزۇقچىلىقنىڭ ئىسپاتى قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس. بىز مىللىي مائارىپنى قۇتقۇزالماي ئاۋارە، سىلەر يوقۇتالماي ئاۋارە.
مەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆپلىگەن يېزا-قىشلاقلىرىدا جەمىئىيەت تەكشۈرۈشتە بولغان ياكى بۇرادەرلەر بىلەن تور ئارقىلىق مۇلاقەتلەردە بولغان. ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندىن، دىيارىمىز ياشلىرىدىكى بىر ئومومىيلىق، تولوقسىزدا ئوقۇۋاتقان ياكى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك كەچكى كۆڭۈل ئېچىشلارغا قاتنىشىشى ۋە ئەبجەش ئۇسۇلغا چۈشىشى ناھايتى گەۋدىلىك بولۇپ، يېزىلاردا ھەتتا سورۇنلارنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىگىلىۋالغان. تولوق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ بۇنداق سورۇنلارغا قاتنىشىشى يوقنىڭ ئورنىدا. يەنە بىر تەرەپتىن تولوقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئائىلىگە قايقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاراققا بېرىلىشى، جېدەل-ماجىرا چىقىرىشى، ئاتا-ئانىسىغا ئىش تېپىپ بېرىشى، ئوغۇل-قىزلار ئارا ساغلام بولمىغان مۇناسىۋەتلەردە بولىشى، قېچىپ كېتىشى، شەھەرلەردە بولسا ئوغۇل-قىزلارنىڭ توپ بولۇپ تورخانىلاردا، چايخانىلاردا، دېسكوخانىلاردا يۈرىشى، قىز-ئوغۇل دېمەي توپلۇشۇپ مەست بولۇشۇپ جېدەل تېرىشلىرى، كېچىلەپ ئۆيگە قايتماسلىقى ناھايتى ئېغىر. بىراق، تولوقتا ئوقۇۋاتقانلاردا بولسا بىرقەدەر ئاز. مېنىڭ مۇنداق دېگىنىم تولوق ئوتتۇردا يوق دېگىنىم ئەمەس. بىز دىققىتىمىزنى يالغۇز تولوق ئوتتۇرىغىلا قارىتىۋالماي باشقا بوشلۇقلارغىمۇ قارىتىپ باقايلى. شۇ چاغدىلا بىز ئاندىن تولوق ئوتتۇرىنىڭ يەنىلا بىرقەدەر ساپلىقىنى كۆرەلەيمىز.
مەن يەنە مۇنداق بىر ئىشنى سىتاستىكا قىلىپ باقتىم. يەنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەر بويىچە QQ غا چىقىدىغانلارنىڭ ياش ۋە جىنىس ئايرىمىسى بويىچە سىتاستىكىسىنى ئالغىنىمدا، بارلىق ۋىلايەتلەر بويىچە كۆپتىن ئازغا قارىتا تەرتىپى مۇنداق: ياش گۇرۇپپىسى بويىچە 16-22، 22-30، 30-40، 40 ياشتىن يۇقۇرىلار. جىنىس بويىچە قىزلار كۆپ، ئوغۇللار ئاز. مەدەنىيەت سەۋىيسىدىن قارىغاندا، تولوقسىزنى پۈتتۈرۈپ بىكار يۈرۈۋاتقانلار مۇتلەق كۆپ بولۇپ، ئاندىن قالسا ئېرىدىن ئاجراشقانلار، مۇقىم خىزمىتى ۋە بەختلىك ئائىلىس بارلار، ساغلام پىكىرلىك سىرداشلاردىن بولۇشنى ئارزۇلايدىغانلار، تولوق ئوتتۇردىكىلەر. ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن قارىغاندا، چوڭ ياشتىكىلەرنىڭ كۆپى پىكىرداش دوستلاردىن بولۇشنى ئارزۇلىسا، تولوقسىزنى پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتكەن ياش ئوغۇللارنىڭ تۇنجى سورايدىغىنى «قىزمۇ سىز؟ بۇ مۇنبەردە قىزلار بارمۇ؟» دېگەندەك گەپلەر ھەم بىزەپ سۆز-ئىبارىلەر. قىزلارنىڭ سورايدىغىنى بولسا «نەچچە ياش؟» دېگەندىن ئىبارەت. ئەگەر سىز 30 ياشتىن يۇقىرى بولسىڭىز، ئۇلارغا ئۆز ئاكىسى ئورنىدا تۇرۇپ ھەقىقىي ئاكىلىق مېھرىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىزمۇ بىكار. ئۇلار دەرھال ئالاقىنى ئۈزۈپ، چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ. يەنە بىرسى، QQ دا ئاجايىپ بىمەنە، شەھۋانىي تۈستىكى، شالغۇت تىلدىكى ناملارنى قويىۋالغانلارمۇ يەنە شۇ تولوقسىز مەلۇمات سەۋىيسىدىكىلەر.
ئۇلار يەنە، تولوق ئوتتۇرا بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدن ئايرىپ، ئائىلە تەربىيسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، دەپتۇ.
ئۇنداقتا، ھازىر ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار تەربىيسىدىكى مەجبۇريىتىنى تونۇشى ۋە ئۈستىگە ئېلىشى قانچىلىك؟ بۇ مەسىئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلار ۋە ھازىرلاش دەرىجىسى قانچىلىك؟ بالىلارنى تۇغۇپ قويۇپ، 6-7 ياشقىچە بولغان ئەڭ ياخشى تەربىيلەش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۋېتىپ، ئويۇنغا ئۆگۈتۈپ چوڭ قىلىپ، ئاندىن بالىلارنى تەربىيلەش مەكتەپنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى دەپ، ھەممىنى مەكتەپكە، ئوقۇتقۇچىغا ئارتىپ، مەسىلە كۆرۈلگەندە مەكتەپكە يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئوقۇتقۇچىغا ئېسىلىدىغان ئائىلەردىن يەنە قايسى تەربىيەنى كۈتمەكچى؟
ئۇلار يەنە تولوق ئوتتۇرىدا بىزگە مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەر ئۆگۈتىلىدۇ دەپتۇ.
بىلىشىمىز كېرەككى، تولوق ئوتتۇرا مائارىپى ئادەمنىڭ بالىلىق مەنزىلىدىن ياشلىق قىيامىغا يېتىشنىڭ، جىسمانىي، ئەقلىي ۋە كىشىلىك قاراش جەھەتتىن نىسبىي تۇرغۇنلۇققا قەدەم قويۇشنىڭ مۇھىم ئۆتكۈلى. بۇ دەۋردە ئۇلار ئۆزلىرى ئوقۇغان تۈرلۈك دەرسلەر ئارقىلىق مىللىي كىملىككە تەۋە جاۋاھىراتلارغا ئېرىشەلمىسىمۇ، ئۇنىڭدىن قىسمەن دائىرىدە خەۋەردار بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ شوتىسىغا ئىگە بولىدۇ. يەنى، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا، باشتا دەپ ئۆتكەندەك ئاساسىي بىلىم جۇغلانمىسى شەكىللىنىشى بىلەن بىرگە، بىر قىسىم كاللىسى سەگەك، پەرق ئېتىشچانلىقى يۇقىرى ئوقۇغۇچىلاردا باشقىلار مۇنداقكەن، ئۇنداق بولسا بىز قانداقراقتۇرمىز؟ دېگەندەك سوئاللار پەيدا بولىشى، باشقىلارنى بىلىش ئاساسىدا ئۆزىنى بىلىش ئىستىكى تۇغۇلىشى ياكى ئۆزىنى بىلىشكە ئىنتىلىشى مۈمكىن. ئەگەر بىزدە تولوق ئوتتۇرا مائارىپى بولمىسا، مىللىتىمىز ياشلىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم قابىللار ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش مۇھىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، نابۇت بولۇپ كېتىدۇ.
يۇقارقى يازما ۋە ئىنكاسلاردا يەنە، ئۇلار، خەلقىمىزنىڭ تورلاردا ئىپادىلىگەن دىنىي ھېسسىياتىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ تولوق ئوتتۇرا مائارىپىغا قارىشى تەشۋىقاتىغا كەڭ جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ھېسسىياتىدىن قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىش يولىنى تۇتۇپ،«تولوق ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى دىندىن يىراقلاشتۇرۋېتىدىغان جىنايەتلىرى» نى كۆپتۈرۈپ ئوتتۇرغا قويۇپ، كەڭ تور ئەھلىنى تولوق ئوتتۇرا مائارىپىغا دىنىي نۇقتىدىن قارىشى تۇرۇشقا چاقىرغان.
ئۇنداقتا مەن سوراپ باقاي، ھازىر دىيارىمىزدا دىن بىلەن مائارىپ ئايرىۋېتىلگەن. دىننىڭ مەكتەپلەرگە ھەرقانداق شەكىلدە كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەرنى باشقا خىل شەكىلدە دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن تەربىيلەشكىمۇ يول قويۇلمايدۇ. سىلەرچە، تولوق ئوتتۇرىدا دىنىي تەربىىيە يولغا قويۇلومىغانلىقى ئۈچۈن بالىلىرىمىزنى ئوقۇتمىساق، تولوقسىزدا يولغا قويۇلامدۇ؟ مەكتەپ سىرىتىدا يولغا قويۇلامدۇ؟ بىز مۇشۇ سەۋەپتىنلا بالىلىرىمىزنى تەربىيسىز قويىمىزمۇ؟ ئۇنداقتا يا دىنىي تەربىيە ئېلىش مۇھىتى بولمىسا، يا پەننىي مەكتەپلەردە تەربىيلىمىسەك، ئۇلارنى كىەلگۈسىدە قانداق ئادەم قىلىپ چىقماقچى؟
مەن يۇقاردا بىر قاتار بايان ۋە ئىسپاتلار ئارقىلىق ئۆزەمنىڭ جېكسۇننىڭ يازمىسىغا ۋە ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم ئىنكاسلارغا بولغان قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتۈم. ئەمدى نۆۋەتتىكى باي ناھىيىسى يولغا قويۇۋاتقان تولوق ئوتتۇرا مائارىپىدىكى خەلقىمىزگە پايدىلىق تەرەپلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
مەن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، باي ناھىيىسى تولوق ئوتتۇرا مائارىپىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇشنى مىللىتىمىزنىڭ ئومومىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلغان ھەم بىر قاتار پايدىلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1› باي ناھىيىسى ياشلارنىڭ تولوق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، بىرقانچە يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان جايلاردا يۈرگۈزۈلگەن، تولوقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئائىلىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ناملار بىلەن ئىچكىردىكى كارخانىلارغا چۈشۈپ ئىشلەشكە ئېلىپ كېتىشنى تۈگۈتۈپ، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ تۆۋەن ساپالىق كەسىپىي خادىم بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەلۇماتلىق بولىشىغا زېمىن ھازىرلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا مىللىي ئەنئەنە تۇپىرىقىدا يىلتىز تارتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
2› باي ناھىيىسى تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغانلارنىڭ تۈرلۈك يۈك ۋە غەم-ئەندىشىسىنى يەڭگىللىتىپ، خاتىرجەم ئوقۇشىغا زېمىن ھازىرلاش ئۈچۈن، تولوق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇغانلارنىڭ تۈرلۈك ئوقۇش، ياتاق ۋە ئاساسىي دەرسلىك ماتېريال پۇلىنى تولوق كەچۈرۈم قىلىۋەتكەن.
3› ئائىلىسى يىراق، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئايدا ئىككى قېتىملىق بېرىش-كېلىش كىراسىنى يىلنى بىرلىك قىلىپ ھەل قىلىپ بەرگەن بولۇپ، ئەڭ يىراق يېزىسى بولغان قېيىر يېزىسىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولسا ئايدا ئىككى قېتىملىق بېرىش-كېلىش كىراسى ئۈچۈن 60 يۈئەن، ھەر يىلدا 600 يۈئەن كىرا ھەققى بىلەن تەمىنلەنگەن.
4› تولوقتا ئوقۇغان، ئائىلە قىيىنچىلىقى بىر قەدەر ئېغىر ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن يىلدا 1500 يۈئەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا نەقلەشتۈرگەن. دەرستە بىر قەدەر ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە ئايرىپ، سوممىسى 2000 يۈئەندىن 50 يۈئەنگىچە مۇكاپات تارقىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. يۇقارقى ئىككى خىل پۇلنى مەكتەپ، كارخانىلار ھەم ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن چىقىرىش شۇنداقلا جەمىئىيەت ئىئانە قىلىش شەكلى بىلەن ھەل قىلغان بولۇپ، قاپلاش دائىرىسى تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئومومىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ %70 نى ئىگىلىگەن.
مەنبە: قەلىمىم
|