- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7251
- نادىر
- 0
- يازما
- 631
ئۆسۈش
45.02%
|
يېزا رەھبەرلىك قاتلىمىنى تەھلىل قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى بولغان ناھىيە رەھبەرلىك قاتلىمىغا قاراپ بېقىڭ، ناھىيە رەھبەرلىك قاتلىمىغا قاراپ بېقىشتىن بۇرۇن، ۋىلايەت رەھبەرلىك قاتلىمىغا قاراپ بېقىڭ، يەنە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا قاراڭ، مەركەزنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغىمۇ قاراپ بېقىڭ.
يېزىدىكى 1-قول رەھبەرلەرنىڭ باشقىلاردىن بۇلىشىنى تەبىئى ھالدا يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمى بەلگىلەپ قويىدۇ، مىللىلاردىن قانۇنى ۋەكىل بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىشتە ۋە نۇرغۇن تۈر مەبلىغى، ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چوقۇم ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ئىزدىشى كېرەك، ناھىينىڭ باش رەھبەلىرى ئارىسىدا يەنە باشقا مىللەتتىن بولغان رەھبەرلەرنىڭ پىچىقى بەكرەك كىسىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئەلۋەتتە ئۆزلىرىدىن بولغانلارنى بەكرەك قوللايدۇ، شۇلار كەلسە ئىش ئاسان ھەل بۇلىدۇ، ياخشى ھەل بۇلىدۇ، بىزنىڭ باشلىقلىرىمىز بولسا ئىشك تۈۋىدە ساقلايدۇ، ئاخىرى ئاغزىغا ئىمزگىنى ئەمگەن ھالدا يېنىپ كىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەدرىجى ھالدا ھوقۇق ئىشنى ۋاقتىدا بېجىرگۈچى، يۇقۇرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان ئادەمگە مەركەزلىشىدۇ، ئەگەر قانۇنى ۋەكىل بەكرەك ئالدىغا چىقىۋالسا يۇقۇرقىلار دىگەندك ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ ياكى ۋەزىپە ئورنى يۆتكىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك ئۇرۇنلار، ۋىلايەتنىڭ ئاغزىغا، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلار ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئاغزىغا قارايدۇ، ئاپتۇنۇم رايۇن مەركەزنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. ۋەزىپە، مۇناسىۋەت تەرتىپى ئاساسەن ئوخشاش بۇلىدۇ. رەھبەرلىك قاتلىمىدا مىللى رەھبەرلەرنىڭ قانچىلىك بۇلىشىنى بىر دەرىجە يۇقۇرى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار بەلگىلەيدۇ.
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى پىچىقى كىسىدىغان، غۇرۇرى كۈچلۈك 1- قول مىللى رەھبەرلىرىمىزدىن خېلى كۆپ ئىدى، ئۇلار ھازىر پىسىيگە چىقىرىۋىتىلدى ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق كومىتىتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دىگەندەك ئورۇنلارغا تەڭ دەرىجە بىلەن يۆتكىۋېتىلدى، يەنە ئاز بىر قىسىملىرى خاتالىشىپ تەكشۈرۈلۈپ چىرىك ئەمەلدارغا ئايلاندى، يەنە بەزىلىرى سىياسى جەھەتتە خاتالىشىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
يۇقارقى ئەھۋاللارنى كۆرگەن ئاڭلىغان بىزنىڭ ھازىرقى بىچارە مىللى رەھبەرلىرىمىزنىڭ يۈرىكى مۇجۇلۇپ بەكرەك گەپ قىلغۇدەك ھالى قالمىدى، ياكى ۋىجدانى ئويغۇنۇپ مەنسىپىدىن كىچىپ مەيدىسىنى كېرىپ چىقالمىدى، ئۇلارغىمۇ ئامال يوق، شۇنچىلىك ئەمەلگىمۇ مىڭ بىر تەسلىكتە ئاران دىگەندە ئىرىشكەن. سېكرىتارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويسا ئاقىۋەتنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر بىز مىللىلاردىن سېكرىتار سايلاپ قويسىمۇ ئىش يەنە ئۆزگەرمەيدۇ، مىللى رەھبەرنىڭ لاتا پىچاق بۇلىشى ئېنىق.
قانداق قىلىمىز ؟ يا بىز ئومۇمى ئاۋاز بىرىپ باشلىق سايلىيالمىغاندىكىن. بىز سايلاپ بەرگەن ۋەكىللەرمۇ بېشىنى باغلاپ يىتىلەككە ئۆگەتگەن ئىشەكتەك، ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلالمايۋاتسا، قەلەم بىلەن سايلام بېلىتىنى بەرسىمۇ بېلەتكە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئادەمنى يازالمايۋاتسا، قۇرۇلتاي مۇزاكىرىسىدە ۋە پىكىر ئالغاندا ساپالىق بىرەر پىكىر يازالمىسا، ئۆز قەۋمىنىڭ دەردى ھالىنىمۇ دوكلات قىلالمىسا؟
بولدى تالاشمايلى، مىڭ تالاشقان بىلەن بىكار......
سىز بىلەن بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىكىدەك ئادەملەر ھەرگىز باشلىق بۇلالمايدۇ. |
|