ئۇيغۇرلاردا ئەمەلدارلىق ۋە ئەمەلدارلىق قارىشى توغرىسىدا (1)
ئۈزەم ھاراقنى ئانچە كۆپ ئىچىپ كەتمىسەممۇ، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يېقىندا مەدەنىيەت سەۋىيىسى خېلىلا يۇقىرى ھىساپلىنىدىغان كىشىلەر قاتناشقان بىر سورۇنغا داخىل بولۇپ قالدىم. سورۇن باشلىنىپ ساھىپخان قولىدىكى جۈپ رۇمكىنى تەرتىپ بويىچە قاتار ئولتۇرغان مىھمانلارغا ئۇزاتقاچ، قىزىقارلىق گەپ سۆزلەرنى ئارلاشتۇرغان ھالدا نۆۋىتى كەلگەن مىھماننى كۆپچىللىككە تونۇشتۇرىۋاتاتتى. مىھمانلارمۇ سورۇننىڭ كەيپىياتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش مەخسىتىدە ئانچە مۇنچە قىزىقارلىق گەپ ئارىلاشتۇرۇپ، تونۇشتۇرۇلغۇچىغا نىسبەتەن چاخچاق قىلىپ قوياتتى. نۆۋەت ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان مىھمانغا كەلگەندە، ساھىپخان ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ‹‹ ئىسمى پالانى، پالانى ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن جۈيجىڭى›› دەپ توختىۋىدى، ئارىدىن قىزىقچى ئاتىلىدىغان بىرەيلەن ‹‹ ئاداش، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپلا، پالانى ئىدارىنىڭ ئۇيغۇر جۈيجىڭى دىسەڭلا بولمىدىمۇ؟ شۇنداق دىسەڭلا بىز چوقۇم ئۇنىڭ مۇئاۋىن جۈيجاڭ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايتتۇق›› دىۋىدى، ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ كۈلۈپ قويدۇميۇ، شۇ زامات بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئەمەلدارلىق ۋە ئەمەلدارلىق قارىشى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.
توۋا، بۇ ئۇلارنىڭ نىمە دىگىنىدۇ؟ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېرىتۇرىيىلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە رايۇنىمىزنىڭ ھەممىلا يىرىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىرىنچى قول رەھبەرلەردىن بىرى چوقۇم ئۇيغۇرلاردىن بولۇش ئاللىقاچان ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇرسا، بۇلارنىڭ نىمە دىگىنىدۇ؟
شۇ سورۇن بولۇپ 2-3 كۈن ئۆتە ئۆتمەي دىھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ماتىرىيالنى ئېلىپ ، مۇناسىۋەتلىك بىر ئىدارىنىڭ تامغۇسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كىرگەن ئىدىم، ئىدارە باشلىقى ماتىرىيالنى قولىغا ئېلىپمۇ باقماي تۇرۇپ، ‹‹ ئىدارىمىزنىڭ پارتىيكوم شۇجىسى كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئېلىپ كىرسىڭىز، ئۆزى كۆرۈپ بىر نەرسە دىسۇن›› دەپلا سىرتقا ماڭدى. شۇجىنىڭ قاچان كىلىدىغانلىقىنى سورىۋىدىم، ئۇ ماڭا سوغوق نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ، ‹‹ يەنە بىر ھەپتىدىن كىيىن كېلەرمىكىن›› دەپ جاۋاپ بەردى.
مەن دەررۇ ئۇنىڭغا، ‹‹ جۈيجاڭ، بۇ ماتىرىيال 3 كۈن ئىچىدە يۇقۇرىغا يوللىنىش تەلەپ قىلىنغان ماتىرىيال ئىدى، بۇ ئۆز رايۇنىمىزدىكى دىھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال، سىز مۇشۇ دائىرىدىكى كەسپى تارماقنىڭ مەسئۇلى بولغاندىكىن، كۆرۈپ بېقىپ، ئىدارىڭىزنىڭ تامغۇسىنى بېسىپ بەرگەن بولسىڭىز›› دىۋىدىم، ئۇ چېچىلغان ھالدا، ‹‹ ئۈزىڭىزنىڭ گېپىنى دەۋەرمەي، شۇجى كەلگەندە ئېلىپ كىرمەمسىز، قانداق بىزەڭ بالا سىز؟›› دەپ قويۇپ سىرتقا مېڭىۋەردى.
مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. توۋا، بۇ يا ئۈزەمنىڭ شەخسى ئىشىمغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال بولمىسا، ئەگەر بۇ ماتىرىيال يۇقۇرى تەلەپ قىلغان قەرەلدە يوللانماي قالسا، دىھقانلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان يېتىدىغانلىقى ئېنىق تۇرسا، بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. دىمىسىمۇ مۇشۇ كەسپىي تارماقنىڭ بىرىچى قول جۈيجىڭى بولغان كىشى شۇ ئۇرۇننىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدىغان تۇرسا، ئاممىنىڭ مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق بىر ئىشتىمۇ بىر قانۇنىي ۋەكىل بولغان كىشى ئۈزى ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ماتىرىيالنى كۆرۈپ چىقىپ، تامغۇ بېسىپ بىرىش مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتسا، قانداق بولغىنى؟
مېنىڭ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرگەن بىرەيلەن ئاستا يېنىمغا كېلىپ، ‹‹ ئۇكام، كۆڭلىىزگە ئالماڭ، بىزنىڭ جۈيجاڭ باش جۈيجاڭ بولغىنى بىلەن، مۇئاۋىن شۇجى ئەمەسمۇ، ئۇنىڭدىن رەنجىگىلى بولمايدۇ›› دەپ كۆڭلۈمگە تەسەللىي بەرگىلى تۇردى .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم، ئۇ مۇئاۋىن شۇجى بولسا نىمە بوپتۇ؟ شۇ ئورۇننىڭ قانۇنىي ۋەكىلىغۇ؟ مەن ئەكىرگەن ماتىرىيالنىڭ دىھقانلارنىڭ مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك پاكىت ئاساسلار بىلەن ئىشلەنگەن، جىددىي يوللىنىدىغان ماتىرىيال ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسا، بۇنىڭغىمۇ باشقىچە مۇزاكىرە قىلىش كىتەمدىغاندۇ؟
شۇ ھامان ھېلىقى سورۇندىكى چاخچاق يادىمغا يېتىپ، ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. كاللامدا خىلمۇ خىل سۇئاللار تۇغۇلماقتا ئىدى.
بىز ئۇيغۇرلار ئەمەلدارلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيۋاتامدۇق ياكى ئەمەلدارلىق قارىشىمىزدا مەسلە بارمۇ؟ ئەمەلدارلىق دىگىنىمىز بەرىبىر خەلق مەنپەتى ئۈچۈن باشلامچىلىق بىلەن ئىزدىنىش، خەلىققە مەنپەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىش ئىدىغۇ؟ مۇشۇنداق بىر مەسىلىلەردىمۇ تاينىۋېلىش ئىددىيىسىدە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل قاراش، خەلقىمىز ئالدىدا تەكرار تەكرار يۈز بىرىۋەرگەنلىكتىن، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ‹‹ ئۇيغۇر باشلىقلار دىگەن ئىشلانى بىر تەرەپ قىلىشتا كەسمەيدۇ، ئۇ نىمىلا بولمىسۇن ھامان 2- ئورۇندا تۇرىدۇ›› دىگەندەك خاتا قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدىمۇ قانداق؟؟؟
|