بىر كۈنى بىر يولۇچى ئىزوپتىن يول سوراپتۇ :
__ شەھەرگە يەنە قانچىلىك ماڭسام يېتىپ بارالايمەن ؟
___ مېڭىپ باقمامسىز ،__ دەپتۇ ئىزوپ .
__ مېڭىشنىغۇ ماڭىمەن ، _ دەپتۇ يولۇچى ، _ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شەھەرگە بېرىشقا نەچچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ ؟
__ مېڭىڭ دېگەندىكىن مېڭىپ باقمامسىز !
يولۇچى ئۇنى قاملاشمىغان ئادەمكەن ، دەپ ئويلاپ قېلىپ ، خاپا بولۇپ مېڭىپتۇ .
__ ئىككى سائەتتە ، __ دەپ ۋارقىراپتۇ ئىزوپ ھايال ئۆتمەيلا .
___ نىمىشقا بايا دەپ بەرمەيسىز ؟__ سوراپتۇ يولۇچى .
__ سىزنىڭ ئاستا ياكى ئىتتىك ماڭىدىغىنىڭىزنى بىلمىسەم ، __ دەپتۇ ئىزوپ ،_ نەچچە سائەتتە بارىدىغانلىقىڭىزنى نەدىن بىلەي !
ئەھۋال سوراش
بىر ئادەم ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشمىگەن ئاغىنىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ قىزغىن ئەھۋال سوراپتۇ :
__ ئەھۋالىڭ قانداقراق ؟
_ ياخشى .
__ بالىلىرىڭ قانداقراق تۇرىۋاتىدۇ ؟
__ ئۇلارمۇ ياخشى تۇرىۋاتىدۇ .
ئۇ ئارقىدىنلا " ئايالىڭچۇ؟" دەپ سوراۋېتىپ ،دوستىنىڭ تاتىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپلا ،ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۆتكەن يىلى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئاپتۇ_دە ،"ئايالىڭچۇ؟"دېگەن سۆزگە ئۇلاپ دەرھاللا مۇنداق دەپتۇ:
__ يەنە بۇرۇنقى مازاردا يېتىۋاتامدۇ؟
لەۋنى قولنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش
بىر دوختۇر بىر ياتاققا كىرسە ، سېستىرا قىز بىر كېسەل بىلەن سۆيۈشىۋاتقۇدەك . سېستىرا دوختۇرنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كېتىپتۇ_ دە ، ئالدىراپ چۈشەندۈرۈپتۇ :
__ قەسەم قىلىمەن ،مەندە خاتالىق يوق ! بۇ كېسەل " كالپۇگۇم قىزىپ كېتىۋاتىدۇ " دېدى ، تېمپىراتورىسىنى ئۆلچەي دېسەم ، قولۇم پاسكىنا ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدۇم .
ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق
ئايال : ئېرىمنى ئىزدەۋاتقىنىمغا ئىككى سائەت بولدى ، تاپالمىدىم ،ئۇ نەگە كەتكەندۇ؟
قېرى قىز : كىچىككىنە ئىشكەنغۇ بۇ ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق . مانا مەن ئەر دېگەننى ئىزدىگىلى توپتوغرا قىرىق يىل بولدى ، تا ھازىرغىچە تاپالىغىنىم يوق .
ناچار ھاۋا
ئايال : ئەگەر ئەتە ھاۋا ئوچۇق بولسا ، كىيىم سېتىۋالغىلى بازارغا چىقىمەن ، بايا تېلېۋىزوردا ھاۋارايىنى قانداق بولىدۇ دەيدۇ ؟
ئەر : چاقماق چېقىپ قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ،بوران چىقىدىكەن ،قاتتىق يەر تەۋرەش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن .
رەھمەت ئېيتىش
[align=justify] چىرايلىق كەلگەن ياش بىر ھامىلدار ئايال دوختۇرنىڭ ئۆيىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بارغانىكەن ، دوختۇر ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرنىڭ خانىمىغا مىننەتدار بولغان قىياپەتتە :
[align=justify]__ ئېرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن سەۋىيىسى بار ئىكەن ، پەقەت شۇلا مېنى ھامىلدار قىلالىدى ، _ دەپتۇ .
قۇلۇپ
[align=justify][align=justify] سەپەردىن قايتىپ كەلگەن بىر ئەر ئۆيىگە كىرسە ، ئايالى باشقا بىر ئەر كىشىنى قۇچاقلاپ تۇرغۇدەك . ئەرنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇدە ،ۋاقىراپ كېتىپتۇ :
[align=justify] __ ھۇ ئۇياتسىزلار ،مۇشۇمۇ ئىش بولدىمۇ ؟ ھېلىمۇ ياخشى ، مەن ئىكەنمەن ،باشقا بىرى كىرىپ قالغان بولسا ،تازا سەتچىلىك بولماسمىدى؟ ھېچ بولمىسا ئىشىكنى قۇلۇپلىۋالساڭلار بولماسمىدى؟!
مەن بارامدىمەن ياكى ئۇ ئۆزى كېلەمدۇ؟
[align=justify][align=justify] 1948 – يىلى نىيۇ –يورك شىتاتىنىڭ باشلىقى دۇۋېي بىلەن ترومېن زوڭتوڭ سايلىمىغا قاتنىشىپتۇ . خەلق رايىنى سىناشتا دۇۋېي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ ،غەلىبە قىلىدىغاندەك قىپتۇ .سايلام كېچىسى ، دۇۋېي غەلبىسىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋېتىپ ،خوتۇنىدىن :
[align=justify] سېنىڭ ئامېرىكا زوڭتۇڭى بىلەن بىر كارىۋاتتا بولىشىڭغا ئازلا قالدى ،قانداق ھېسسىياتتا بولىۋاتىسەن ؟_ دەپ سوراپتۇ .
[align=justify] __ ئىنتايىن بەختلىكمەن ،مۇشۇ دەقىقىلەرنى ساقلاپ تاقىتىم تاق بولدى ،_ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ خوتۇنى .
[align=justify]كۈتۈلمىگەندە . دۇۋېي سايلامدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بوپتۇ .تېرومىن غەلىبە قىلىپ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەپتۇ . ئەتىسى ئەتتىگەندە ، دۇۋېي مېھمانخانىدا ناشتا قىلغاچ گېزىت كۆرىۋاتسا ،دۇۋېي خانىم ئېرىدىن سوراپتۇ :
[align=justify] __ ئېيتىڭا ،ۋاشىنگتونغا مەن بارامدىمەن ياكى ترومىن بۇ يەرگە كېلەمدۇ؟[align=justify]
ھاراق دېگەن نىمە ؟
[align=justify] بىرنەچچە ھاراقكەش بىر يەرگە جەم بولۇپ ھاراقنىڭ نىمىلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قاپتۇ :
[align=justify] __ ھاراق دېگەن خوتۇن ،مەن ئۇنىڭدىن ئۆمۈر بويى ئايرىلمىدىم . _دەپتۇ بىرىنچىسى .
[align=justify]___ ھاراق دېگەن مېنىڭ ئاتا_ بوۋام ،مەن ئۇنى كۆرسەملا تەزىم قىلىمەن ،_ دەپتۇ ئىككىنچىسى .
[align=justify] __ ھاراق دېگەن بېنزىن ،مەن ماشىنا، ھاراق بولمىسا مەن ماڭالمايمەن ،_ دەپتۇ ئۈچىنچىسى .
[align=justify] تۆتىنچىسى ئىششىپ كەتكەن يۈزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ دەپتىغۇ :
[align=justify] _ ھەي ،ھاراق دېگەن شاپىلاق ! مەن ھەر قېتىم مەست ئۆيگە كىرسەملا ئايالىم ماڭا بىر شاپىلاق مۇكاپات بېرىدۇ .
قىزىتما
[align=justify] بىر ئايالنىڭ ئېرى ئاغرىپ قاپتۇ ،تېرمومېتىر ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان بۇ ئايال يولدىشىنىڭ بەدەن تېمپىراتورىسىنى ئۆلچەپ بولۇپ ،دەرھال دوختۇرغا تېلىفون قىپتۇ :
[align=justify] __ ۋەي دوختۇرخانىما ؟ تېز كېلىڭلار يولدىشىمنىڭ بەدەن تېمپىراتورىسى 93 گىرادوسقا چىقىپ كەتتى .
[align=justify] بۇنى ئاڭلىغان دوختۇر مۇنداق دەپتۇ :
[align=justify] __ ھۆرمەتلىك خانىم ،ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا ، بۇنىڭغا بىزنىڭ قۇربىمىز يەتمەيدۇ ،ئۇنى دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە ئېلىپ بېرىڭ!
|