مۇئاۋېننىڭ پىغانى ساتىرا
ياغنىڭ بۇسى يامان، باشلىقنىڭ پۇسى .
ماڭا باشلىق بولماقمۇ چۈشمىگەن بەك ئاسانمۇ،
مۇشۇ يولدا كۆتۈردىم كۈندە نەچچە چاپانمۇ،
بولۇپ قالدىم بۇ يولدا ياخشىلارغا يامانمۇ،
ھوقۇق ئۈچۈن پىنھاندا ساتتىم ھەتتا ۋىجدانمۇ،
باشلىق بولۇش چۈشلىرىم روياپ تاپار قاچانمۇ؟
قانچە باشلىق ئۆيىگە باردىم كەچتە يورغىلاپ،
توشۇپ تۇردۇم ئۆيىگە ئۆيدىكىنى ئوغرىلاپ،
كۆپ ئولتۇرۇش قىپ بەردىم سەتەڭلەرنى توغرىلاپ،
يالغان گەپنى كۆپ قىلدىم ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ،
قاتراپ يۈرگەچ ھەريەردە تېشىلدى پۇت،تاپانمۇ.
ھوقۇق ئۈچۈن مەن ئەمدى ماڭمىغان يول قالمىدى،
خەجلىۋەتتىم ھەممىنى يانچۇقتا پۇل قالمىدى،
ھەجەپ تولا ئېگىلدىم بەللىرىممۇ تالمىدى،
تويمايدىكەن باشلىقلار بەرگىنىمنى يالمىدى،
يەنە باشلىق بولمىدىم قىلىپ قالدىم گۇمانمۇ.
ئۈزەي دېدىم ئۈمىدنى قالغاچقا بەك ھالسىراپ،
شۇنداقتىمۇ تەس ئىكەن ئۈمىد ئۈزمەك ئالدىراپ،
كېچىلىرى ئۇيقۇ يوق بولدى ماڭا بەك ئازاپ،
پۇلنى ئالغان باشلىقتىن كەلمەيدۇ يا بىر جاۋاپ.
ئارزۇيۇمنى راست ئېيتسام قاپلىدى ئىس، تۇمانمۇ.
پاھ،پاھ مانا ئاخىرى كەلدى يىڭى ئۇختۇرۇش،
بولدى خۇددى بېشىمغا قونغان كەبى ھۇما قۇش،
دۈشمەن ئەمەس دوستلارمۇ بولدى ھەسەتتىن بىھۇش،
مەنمۇ باشلىق بوپتىمەن ،ماڭا ئامەت كەلدى قوش،
باشلىقلىقنىڭ پەيزىنى بىزلەر سۈرسەك يامانمۇ.
يامان يېرى راست ئېيتسام بولدۇم مۇئاۋىم باشلىق مەن،
شۇنچە يۇمشاق باشلىققا ، پۇخرالارغا قاتتىق مەن،
كاتتىۋاشنى كۆرگەندە شېرىن سۆزلۈك تاتلىق مەن،
مۇئاۋىنلىقنىڭ دەستىدىن بەزى چاغدا ئاچچىق مەن،
تېخى بەزى دەرتلەرنى قىلالمىدىم بايانمۇ.
راستنى ئېيتسام ئابرۇيۇم جىڭ باشلىققا يەتمەيدۇ،
نۇرغۇن يەردە گەپ قىلسام گېپىم پەقەت ئۆتمەيدۇ،
باشلىق بىلەن تەڭ يۈرسەم مېنى ھېچكىم كۈتمەيدۇ،
بىكار يۈرۈپ باشلىقىم ماڭا يۈكنى يۈكلەيدۇ،
چەشنى ئالار ئۇ دائىم ماڭا قالماس سامانمۇ.
ئۆتەي دېسەم ئالدىغا ئۇ كەينىمدە تۇر دەيدۇ،
يەيدىغاننىڭ ھەممىنى ماڭا بەرمەي ئۇ يەيدۇ،
ھەممە ئامەت ئۇنىڭكى كۈندىن كۈنگە كۆكلەيدۇ،
قىلىپ تۇرسام خۇشامەت مېنى يەنە يەكلەيدۇ،
مۇئاۋىنلىقنىڭ دەستىدىن قىينالماقتا بۇ جانمۇ.
راستنى ئېيتسام دوستلىرىم مۇئاۋىن باشلىق بولماڭلار،
مۇئاۋىنلىقنىڭ دەستىدىن مەندەك يىغلاپ قالماڭلار،
مۇئاۋىنلىقنى بەرسىمۇ ھوقۇقكەن دەپ ئالماڭلار،
كىلىڭلارچۇ دوستلىرىم ھالىمغا تەڭ يىغلاڭلار،
مەن سۆزلىسەم تۈگمەيدۇ يۈرەكتىكى پىغانمۇ.
ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن دەپ نەچچە يىللار ئىلگىرى توردىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن. ئيلاپ باقسام باغداشقا نەرسە يوللاپ باقمىغىلى ئوزۇن بوپتۇ، شۇڭا يوللاپ قويدۇم. |