قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6516|ئىنكاس: 31

ئوتتۇرا شەرقنى زىلزىلىگە سالغان لىۋان ئاللا پارتىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 2725
توردىكى ۋاقتى: 494
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 22:33:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرا شەرقنى زىلزىلىگە سالغان لىۋان ئاللا پارتىيەسى
 
    ئۇ زوڭتوڭ بولمىسىمۇ، خەلقئارادىكى ئابرويى زوڭتوڭدىن يۇقىرى، دۆلەت باشلىقى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش دۆلەت باشلىقىغا يېقىنلىشىشتىن تەس. غەرىبلىكلەر ئۇنى <<ئەرەبلەرنىڭ ھۈمەينىسى>>، <<لىۋان تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى>> دەپ ئاتىشىدۇ. مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ شىئەلەر ئۇنى <<مىللىي قەھرىمان>> دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇ ئوتتۇرا شەرقنى زىلزىلىگە سالغان سىرلىق شەخىس_ لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى ھەسەن نەسرۇللا.

    <<يەر شارى ۋاقت گېزىتى>>نىڭ مۇخبىرى زور تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق نەسرۇللانى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 2008-يىلى 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى مۇخبىر لىۋىننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى بىر نامراتلار رايونىغا كەلدى. كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر جايدىكى كونا توققۇز قەۋەتلىك بىنا لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ باش شىتابى ئىدى. بىنانىڭ سىرتىدىن قارىغاندا ھېچقانداق مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. مۇخبىر بىر نەچچە قوغدىغۇچىنىڭ ھەمراھلىقىدا تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ نەسرۇللا بىلەن كۆرۈشتى.

    مۇخبىر لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ زادى قانداق تەشكىلات ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، نەسرۇللا: ئاللا پارتىيەسى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس، ئۇ مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە: پارتىيەمىزنىڭ بىر ھەربىي ئورگىنى بولۇپ، مەخسۇس پارتىزانلارنى تەربىيەلەش ۋە ھەربىي پىلان تۈزۈشكە مەسئۇل. نۆۋەتتە پارتىزانلارنى مەشقلەندۈرۈش لاگىرىمىزدىن ئىككىسى بار: بىرى، بېيرۇتنىڭ جەنۇبىغا، يەنە بىرى، بىقا جىلغىسىغا جايلاشقان. ئەزالىرىمىز ھەر خىل ھەربىي مەشقلەردىن باشقا، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسىنىمۇ ئۆگىنىدۇ. ئادەتتە مەشق قىلىش ۋاقتى ئۈچ ئاي بولۇپ، تەلەپ ئىنتايىن قاتتىق. بىز ئەزالىرىمىزدىن مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاشنى تەلەپ قىلىمىز، پارتىيەمىزنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئەزەلدىن ئاشكارىلىمايمىز، شۇڭا سىزگە بۇ ھەقتە بىر نېمە دەپ بېرەلمەيمەن، دېدى.

   مۆلچەرلىنىشىچە، ئاللا پارتىيەسى ئەزالىرى 5000 دىن ئاشىدىكەن. مەزكۇر پارتىيە لىۋاندىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولغاچقا، پارتىزانلارنىڭ سانى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىكەن. ئاللا پارتىيەسى پارتىزانلار قىسمى 2000-يىلى <<سەھەر-3>> تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن ئونىغا ئېرىشكەن. ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىراننىڭ سۈرىيە ئارقىلىق لىۋان ئاللا پارتىيەسىگە ئۆزگەرتىلگەن <<كاتىيوشا>> بەلگىلىك راكىتادىن 8000نى بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. مۇخبىر بۇ خەۋەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى سورىغاندا، نەسرۇللا: مەن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نېمە دەپ بېرەلمەيمەن، يۇقىرىقى ساننىمۇ ئىنكار قىلمايمەن. ئىسرائىلىيە يادرو قورالىغا ئىگە بولغان يەردە، پارتىيەمىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى قوغداشقا كېرەكلىك قوراللارغا ئېرىشەلمىگىدەك؟ بىز ھەر قانداق قورال-ياراغقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەگەر ئىسرائىلىيە لىۋانغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلسا، پارتىيەمىز دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدۇ. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى ئوتتۇرا شەرققە كېڭەيسە، بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز، دېدى.

   ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قەستلەش سۈيىقەستىگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا: مەن ئىسرائىلىيەنىڭ سۈيىقەستىدىن قورقمايمەن. ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەم، ئاللا پارتىيەسى ئۈچۈن شېھىت بولىمەن، ئەمما بىز ئورۇنسىز قۇربان بەرمەيمىز. بىزنىڭ ئىلغار ئاخبارات سىستېمىمىز، نۇرغۇن جايدا ئىش بېجىرىش ئورنىمىز ۋە تۇرالغۇمىز بار. مىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنۇم ۋە تۇرالغۇمنى ئىسرائىلىيە ئاسان بايقىيالمايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى.

   ئاللا پارتىيەسى لىۋانلىقلارنىڭ نەزەرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قەھرىمانلارچە تاقابىل تۇرىدىغان قوراللىق تەشكىلات. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ نەسرۇللا 1992-يىلى لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئاللا پارتىيەسى ئوبرازىنى ئۆزگەرتىپ، <<مۆدىتىل>>لىككە يۈزلەندى. نەسرۇللا لىۋاننىڭ سىياسى تۈزۈلمىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇش پەيدا قىلىشتىن ھەر ۋاقىت ساقلاندى. ئاللا پارتىيەسى لىۋان پارلامىنتىدا توققۇز ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئوننەچچە يەرلىك كومىتېتنى كونتىرۇل قىلىدۇ. مەزكۇر پارتىيە يەنە چوڭقۇر بولغان ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە. ئۇ ئەمگەكچى خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش يوللىرىنى ئاچتى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن مىليونلىغان ئامېرىكا دوللىرى ئىئانىدىن پايدىلىنىپ، دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىنى قۇردى. ئاللا پارتىيەسىنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا ئاخبارات ئورگانلىرى بار. نۆۋەتتە ئاللا پارتىيەسى لىۋاننىڭ سىياسىي مۇنبىرىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مۇھىم كۈچكە ئايلانماقتا.

<<خەلق تورى>>دىن ئېلىندى
مېھرىگۈل ئەلى تەرجىمىسى
چاقچاققا ئىزاھات بەرمەڭ، شىئېرنى چۈشەندۈرمەڭ
uyghuray

54

تېما

0

دوست

8575

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3396
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1929
تۆھپە : 1372
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 13:19:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچ كىم دۈشمىنىنى چىرايلىق نام بىلەن ئاتىمايدۇ  .

ئامرىكا  ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئۆزىگە قارىشى تەشكىلاتلارنى << تىرورچى >> دەپ شالىسىنى چېچىۋاتسىمۇ بەرىبىر ھەممە كۆرىۋاتقان ھەقىقەت شۇكى ئامرىكىنىڭ قورللىق ئەسكىرى  ئوتتۇرا شەرىقتە ، قوراللىق ئوتتۇرا شەرىقلىقلەر ئامرىكىدا ئەمەس .

ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ( كىمنىڭ تىرورچى ئىكەنلىكى ) ناھايىتى روشەن ئىشتۇر .

تىنىچلىق تەشكىلاتلىرىدىكى ئۇششاق بالىلارمۇ شۇنى بىلىشى كېرەككى ....... باشقىلارنىڭ ئىنسانى  ھۇقۇقىغا ، ئەركىنلىكىگە ، زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقان تىرورچىلارنى بېسىقتۇرمىغىچىلىك دۇنيا ئەمىنلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .

ئىتنى تالاشقا قۇيۇپ بېرىپ پاخلاننى جىم تۇر دېيىشكە كىممۇ رازى بولسۇن.
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ، پەزىلەت بىلەن ياشاش !

0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11313
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 9
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 15:16:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرورىزىم دىگەن نىمە؟ بىلىدىغانلار چۇشەنچە بەرسەڭلار.

6

تېما

1

دوست

2695

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9764
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 323
تۆھپە : 624
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 18:27:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزتەرەپتە ئېتىزىڭىزغا كىرىپ بۇغدايلارنى يەۋاتقان توڭگۇزلارنى قوغلىۋىتىش تېرورىزىم دەپ ئاتالساكىرەك !!
uyghuray

1

تېما

2

دوست

7189

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   43.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1370
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1714
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 1289
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 19:12:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇنھوندە2012-11-23 22:33يوللىغان يازمىسى ئوتتۇرا شەرقنى زىلزىلىگە سالغان لىۋان ئاللا پارتىيەسى :
ئوتتۇرا شەرقنى زىلزىلىگە سالغان لىۋان ئاللا پارتىيەسى
 
    ئۇ زوڭتوڭ بولمىسىمۇ، خەلقئارادىكى ئابرويى زوڭتوڭدىن يۇقىرى، دۆلەت باشلىقى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش دۆلەت باشلىقىغا يېقىنلىشىشتىن تەس. غەرىبلىكلەر ئۇنى <<ئەرەبلەرنىڭ ھۈمەينىسى>>، <<لىۋان تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى>> دەپ ئاتىشىدۇ. مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ شىئەلەر ئۇنى <<مىللىي قەھرىمان>> دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇ ئوتتۇرا شەرقنى زىلزىلىگە سالغان سىرلىق شەخىس_ لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى ھەسەن نەسرۇللا.


پاھوي ،مۇنۇ تەرجىمە كارامەتكەنغۇ ،،لىۋان ئاللا پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى .............ھاي بۇ ئۆركەشلىگەن كۈلكەمنى نەرىمگە تىقىشتۇراي  ،ياچىيكىدا ئىلغار سايلىنىپتىكەندە بۇ سىرلىق شەخسىمىز   ؟ نۇزەيكۇ چاپىنىم دېگەندەكلا بىر ياڭزا ئاڭلىنىپ كەتتىچۇ ئەمدى  
چىقىپ «بوران» كۆچۈپ «قۇملار» كۆمۈلگەيمۇ ئىزىمىز ؟

13

تېما

0

دوست

4144

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11043
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 520
تۆھپە : 924
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 19:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر كۆپۇنچە  ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا  ۋەياكى مەزھەپلەر توقۇنىشىغا پېتىپ قالدى.قاراڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بىردىن بىر ئىسلام دۆلىتى پاكىستانغا ھازىر ھەرقايسى مەزھەپلەر ئۆز ئارا مەسچىت پارتىلتىپ قىرغىن قىلىشۋاتىدۇ،ئۆلۋاتقانلار كىمدۇيەنە شۇ مۇسۇلمانلار ،زىياننى تارتىۋاتقانلارمۇ يەنە  شۇ ..    مۇسۇلمانلار.   .سۇرىيە،ئېراق،ئاففانىستان،لىۋىيە،يەمەن ،سۇدان،مىسىر دۆلەتلىرى ئامرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب چوشقىلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ،كۇندە نامايىش ،كۇندە قىرغىن،كۇندە ئۆلۇم -يىتىم،كۇندە ئۇر-چاپ ...پۇتۇن ئىسلام دۆلەتلىرى ئاشۇنداق تېنىچسىز،داۋالغۇپ تۇرسا،تەرەققي قىلمىسا،.ئادەملىرى ئاچ -يالىڭاچ ،قورساق غېمىدە يۇرسە ئۇلار خۇش بولىدۇ.سومالى...قاتارلىق ئافرىقىدىكى ئىسلام  دۆلەتلىرى نامراتلىق،سىياسى داۋالغۇش،ھوقۇق كۇرەشلىرىنىڭ قارا تۇمانلىرى ئىچىدە ئاجىز ئېڭراۋاتىدۇ. نىمىشقا مۇسۇلمانلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئوخشاش بىر يولدا ماڭالمايدۇ؟؟ نىمىشقا ئوزئارا قول تۇتۇشۇپ ئورتاق دۇشمەنگە بىللە تاقابىل تۇرمايدۇ؟؟ مۇسۇلمانلار ھوقۇققا شۇنداق ئاشىقمىدۇ،بىر تەخىتكە چىقىۋالسا ئولگۇچە چۇشمەيدۇ. .....ھەي!ھەممە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى تۇركىيەدىن ئوگەنسە،تۇركىيە باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئېتتىپاقىنى قۇرۇپ ،ئىسرائىلىيىدەك قانخور جاللاتلارنى يەر يۇزىدىن پاكىز سۇپۇرۋەتسە دەيمەن. شۇ چاغدىلا بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۇلۇم ئېچىلاتتى!

17

تېما

0

دوست

7732

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2959
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1690
تۆھپە : 1243
توردىكى ۋاقتى: 674
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 20:14:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتنى تالاشقا قۇيۇپ بېرىپ پاخلاننى جىم تۇر دېيىشكە كىممۇ رازى بولسۇن

ئاجايىپ گەپلەر دە بۇ....

31

تېما

0

دوست

6443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6223
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1593
تۆھپە : 882
توردىكى ۋاقتى: 258
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 20:32:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنى ھۆكۈرەتكەن ئىران بىلەن سۈرىيەنىڭ ئەمەلىيەتتە بولسا رۇسىيەنىڭ قۇراللىرى.
شۇڭا نىمە پارتىيەسى دەپ ئات قويىۋالسىمۇ بىكار.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )