چىن مودەن تىراگېدىيسى
(1740-1760 )
خانلىق يۈسۈپ بەگنى ۋاڭلىققا ئۆستۈرۈش بىلەن كىبىرسى بىراقلا ئۆسۈپ ، ئۆز تۆھپىلىرىگە تەمەننا قويۇش ئارقىسىدا كەڭ ئاممىدىن يىراقلاپ كەتتى . كەيىپ –ساپا ، ئەيىش –ئىشرەتكە بىرىلىپ ، رەھىمسىز بىشەمگە ئايلاندى .
قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ باغداشتىكى‹‹تۆمۈر چارۋا ›› باققۇچىسى – تاشپولات مىراقۇلنىڭ قىزى شەرۋانوم ‹‹ ياقۇپ قىزى چىن مودەن ››تىراگېدىيسى مانا مۇشۇ يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئېغىر قانلىق تارىخى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ تىرىك گۇۋاھچىسىدۇر .
مىلادى 1760-يىلى ، باھار پەسلى . باغداشقا چىققان ساناقچى بەگلەر ، ۋاڭنىڭ <<تۆمۈر چارۋا >>سىنى باقىدىغان مىراقۇل تاشپولاتنىڭ 20 ياشلىق قىزى شەرۋانەمگە *( بەزى تارىخى ماتىرياللاردا گۈلخان ياكى گۈلبانۇ دوپ ئېلىنغان ) كۆزى چۈشۈپ قالدى . شەرۋانەم ئاي دىسە ئاي ئەمەس . كۈن دىسە كۈن ئەمەس ، گۈزەللەكتە تەڭداشسىز ساھىپجامال بولۇپ ، ئەقىللىق ، زېرەك ، ناخشا - ئۇسۇلغا ماھىر ، لاتاپەتلىك ، بەئەينى پۈرەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك ،نەپىس ياسالغان جانان چىندەك شەرم - ھايالىق ، ئەدەپ - ئەخلاقلىق قىز ئىدى . يىراق - يېققىندىكى نى- نى يىگىتلەر ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار ئىدى . قىزنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ قىلدەك تولغىناتتى، ئۇلار ئۈچ ۋاق غىزا ئورنىغا دەردۇ - پىراق يىيىشەتتى ، ئاھۇ -ھەسرەت چىكىشەتتى . گويا دەرۋىشلەردەك سەۋدايا بولۇپ ، ياقا يىرتىپ يىغلىشاتتى ، كۆكرەكلىرىنى مۇزدەك يەرگە يېقىپ ، كۈن - تۈنلەپ يېتىشاتتى . ئەنە شۇ يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا مەردان ئىسىملىك باتۇر بەرنا يىگىت بار ئىدى . ئۇلار كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ، قەلپ رىشتىسى بىر بىرىگە باغلانغان ، ئۆمۈرلۈك مەشۇق بولۇشقا ئەھدىلەشكەن - ئاشىق مەشۇق ، لەيلى - مەجنۇنلاردىن ئىدى .گويا تىپتىنىچ كۆل سۈيىدە لەرزان ئۈزۈپ يۈرگەن ئاققۇلاردەك بىر بىرىگە زەپمۇ يارىشاتتى .ئۇلارنىڭ بىرى باغداش بېغىنىڭ گۈلى بولسا ، يەنە بىرى بۇ باغنىڭ سادىق باغۋىنى ، باتۇر قورۇقچىسى ئىدى.
مانا مۇشۇ گۈلگە يۈسۈپ ۋاڭنىڭ كۆزى چۈشتى . ساناقچى بەگلەرنىڭ قىزنى سۈپەتلەپ تەرىپلەپ ئېتقان قەسىدە - قوشاقلىرى ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇ - ھەۋەس ئوتلىرىنى قۇتىرتىپ، يۈرىكىدە چايان قاتىراتتى .شۇنىڭ بىلەن قۇدىرەتلىك بىر قول رەزىللىك ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ گۈلگە تاشلاندى ، باغلار خازان بولدى ، كۈن بىلەن تۈننىڭ ئورنى ئالماشتى ، ئاي يۈزىدە قارا داغلار پەيدا بولۇپ ، كۆز ياشلار دەريا - دەريا بولۇپ تاشقىنلىدى ...
يۈسۇپ ۋاڭنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن 20 نەچچە نەۋكەر شەرۋانومنى ئوردىغا ئالغىلى باغداشقا چىقىدۇ . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مىراقۇل تاشپولات ئارزۇلۇق قىزى شەرۋانومنى تۇتقىلى چىققانلىقىنى ئاڭلاپ ئونى شۇئان تاققا قاچۇرىۋەتكەنىدى ...
شۇ چاغ شەرۋانوم باغداش تاغلىرى ئارىسىدا گاھ يىقىلىپ ، گاھ ئۆمىلەپ قېچىپ كىتىۋاتاتتى .بىر توپ ئاتلىق نەۋكەرلەر گويا چىل بۆرىدەك ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىز قوغلاپ كېلىۋاتاتتى . قاچا – قاچا باغداش تېغىنىڭ ئېلىش بېششى ( باغداشنىڭ شىمالىدىكى جاي ئىسمى ) دىگەن يېرىگە كەلگەندە نەۋكەرلەرنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالدى . نەۋكەرلەر قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى بولمىغان شەرۋانۇمنى چەمبەرچەس باغلاپ ئاتقا غانجۇغىلاپ ئارتتى . شەرۋانۇم يۇلقۇنۇپ تىركەشتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ - نەپرەت ئوتلىرى قېتىپ قالغانىدى . قەلبىدە ‹‹ ئۆلسەممۇ باش ئەگمەيمەن ›› دىگەن بىر ئىستەك لاۋۇلداپ يانماقتا ئىدى .
نەۋكەرلەر شەرۋانۇمنى ئېلىپ ماڭدى . ئەل – يۇرت ، ئاتا- ئانا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئامال قانچە ؟ ....كىشىلەر كەينىدىن تولايتى ئېغىز *( باغداشنىڭ جەنوبىدىكى جاي نامى ) غىچە ئەگىشىپ يىغا – زارە بىلەن ۋىدالاشتى .
نەۋكەرلەر شەرۋانۇمنى ۋاڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىپ ئىنىكئانا لەيلىخانغا تاپشۇرىدۇ . بۇ چاغ شەرۋانومنىڭ ئۈستى-بېششى قانغا بويالغان ، چاچلىرى چۇۋۇلغان ، كىيىملىرى يىرتىلغان ، ئاۋالقى گۈزەل رۇخسارى قاپقارا چاڭ – تۇزان ، لايلارغا مىلەنگەن ھالەتتە ئىدى .ئىنىكئانا لەيلىخان شەرۋانۇمنى ھاممامدا يۇيۇپ ، ئۈستى بېششىغا چىرايلىق كىيىم – كېچەكلەرنى كىيگۈزدى – يۇ ، ھاڭ – تاڭ قالدى ، چۈنكى ئاي دىسە ئاي ئەمەس ، كۈن دېسە كۈن ئەمەس پەرىشتە سۈپەت ساھىپجامال بۇ قىزنى كۆرۈپ ، .ئىنىكئانا لەيلىخان ئىختىيارسىز ھالدا :
- قىزىم ، ئۆزلىرى ئادەمزات ئەمەس ، پەرىشتە ئىكەنلا ، مودەنگۈلگە ئوخشايدىكەنلا دەۋەتتى .( بەزى ماتىرياللاردا ۋاڭ كاتىپى ( چىن ) شەرۋانۇمنى كۆرۈپ ‹‹ ئاجايىپ گۈزەل ئىكەن ، مودەنگۈلگە ئوخشايدىكەن ›› ) دەپ تەرىپلىدى .شۇندىن ئېتىبارەن ‹‹ چىن مودەن ›› دىگەن بۇ ئىسىم ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ ، مەڭگۈلۈك يالداما بولۇپ قالدى .
شەرۋانومنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان ۋە ئۆزىنى كۆرگەن ۋاڭنىڭ كىچىك تىللىرى چاككىلداپ ، تاقىتى –تاق بولدى ، شۇئان ئۇنى ئەمرىگە-توقاللىققا ئالماق بولۇپ ئالدىرىدى .، بىراق چىن مودەننىڭ ۋاڭغا مەيلى ، قارار كۆزى يوق ئىدى ، يۈرىكىدە ‹‹مەردان ، مەردان !...›› دېگەن بىرلا ئوي غەلىيان كۆتىرەتتى . ئۇ زالىملارغا بوي بەرمەس قەيسەر قىز ئىدى ، ئۆلۈشكە رازىكى ، يۈسۈپ ۋاڭغا بېقىنماس ئىدى . ئۇ دائىم ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىگىز سېپىلى ئۈستىگە چىقىپ ، باغداش تاغلىرىغا تەلپۈلۈنۈپ ، قان – زار يىغلايتتى ، قوشاق ئېيتاتتى :
ئىچىم توشتى دەرتلەرگە ،
قان يىغلايمەن سەھەرلەردە .
ئۇچقىلى قانات بەرسە ،
تۇرمايمەن قۇمۇل شەھرىدە .
باغداش تاغنىڭ باغرىغا ،
ئاقتى يامغۇر تامچىسى .
سىز بىلەن مېنى ئايرىغان ،
يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قامچىسى .
چىن مودەن كېچە – كۈندۈز قوشاق ئېيتاتتى ، كۆزلىرىدىن قار – يامغۇر تۆكىلەتتى ، زالىملارغا غەزەپ – نەپرەت ياغدۇراتتى . ئىنىكئانا لەيلىخاننىڭ قىزغا ھېسداشلىقى قوزغالدى ،گويا ئۆز قىزىدەك چىن مودەننى باغرىغا بېسىپ يۇم – يۇم يىغلىدى .
مەن ئۆلسەم ئۆلۈكۈمنى ،
تاغدا قويۇڭلار.
تاغ يولى يىراق كەلسە ،
باغدا قويۇڭلار .
يۈزۈمنى قىبلى سايان ،
ئاچىپ قويۇڭلار .
بېششىمغا بىر دەستە گۈل ،
سانچىپ قويۇڭلار .
شۇچاغ باغداش تاغلىرى باغرىدا ، ئاشىق مەردان ( ۋاڭنىڭ گۇماشتىلىرى شەرۋانۇمنى تۇتۇپ ماڭغاندا ، مەردان تاغ ئارقىسىغا ئات باققىلى كەتكەنىدى ) جۇدالىق ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئېقىپ ، كۆكرىكىنى مۇزدەك يەرگە يېقىپ ، دەريا – دەريا ياش تۆكمەكتە ، ئاھ ئۇرماقتا ، قوشاق ئېتماقتا ئىدى :
شەرۋانومنى كۆرەرمەنمۇ ،
لېۋىگە سۆيەرمەنمۇ .
يېنىدا كىشى بولسا ،
دەرت تارتىپ يانرمەنمۇ .
سۇلار شاقىراپ ئاقسا ،
تۈگمەننىڭ نۇرى دەڭلار .
شەرۋانۇم ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسەم ،
ئۆزۈمنىڭ شورى دەڭلار ...
مەرداننىڭ مۇڭلۇق ناخشىسىدىن پۈتكۈل باغداش تاغلىرى ئېغىر سۈكۈتكە چۆمدى . ئاۋالقى نۇرلۇق قۇياش بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ ، زىمىننى كۆڭۈلسىز قاراڭغۇلۇق قاپلىدى . ھەممە ئادەم ، ھەممە قەلپ ئاشىق مەردانغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىشتى . ئەنە شۇ كىشىلەر ئارىسىدا ھادى قاتارلىق بىر قانە باتۇر ، پالگان يىگىتلەر بار بولۇپ ، مەرداننىڭ جان جىگەر دوستلىرى ئىدى . ناھەق ئىشلارنى كۆرسە چىدىيالماي ئۇتتۇرىغا چۈشەر ئىدى . ئۇلار ئاشىق مەرداننىڭ ھالىغا ھال ، مۇڭىغا مۇڭ ئىدى .شۇ كۈنى كېچىسى دوستلار يىغىلىپ كېڭەش ئۆتكۈزدى ، شەرۋانەمنى ۋاڭنىڭ تۆمۈر چاڭگىلى ئاستىدىن قۇتقۇزماق بولۇپ ، كېچىلەپ قۇمۇل شەھرىگە قاراپ مېڭىپ كەتتى .قۇمۇلغا بارغاندىن كېيىن ، ۋاڭ ئوردىسى يېنىدا مۆكۈنۈپ ياتتى .
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتتى ، بىراق شەرۋانەمدىن ھېچبىر ئىز – دېرەك بولمىدى . چۈنكى ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىگىز سېپىلىدىن ، ھىم يېپىلغان ھەيۋەتلىك سېپىل قوۋۇقلىرىدىن ، جېسەكچىلەرنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدىن ئادىمىزات ئەمەس ، ئۇچار قۇشلارنىڭمۇ ئۇچۇپ ئۆتمىكى بەسى مۈشكۈل ئىدى . كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئاشىق مەردان مۇڭ ھەسىرەتتىن ئۆرتىنىپ ، تىت – تىت بولۇشقا باشلىدى . ئۇ ھەر كېچىسى دەرۋىش سۈپەت ياسىنىپ ، ۋاڭ ئوردىسىنى ئايلىنىپ ، قوشاق ئېيتاتتى :
ئاللىيەي شەرۋانۇم ،
ھازىر بولۇڭلار .
كەلسە دۈشمەنلەر ،
ھوشيار تۇرۇڭلار .
ئاتلارنى توقۇپ قويدۇق ،
قوش ئولاننى بىز تارتماي.
بۇ دەرتلەرنى كىم تارتسۇن ،
سىزنىڭ بىلەن مەن تارتماي .
بىر كۈنى كېچىسى، ئىنىكئانا لەيلىخان قوشاق ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى – دە ، دەررۇ سېپىل ئۈستىگە چىقىپ توۋەنگە كۆز يۈگۈرتۈپ ، دەرۋىش سۈپەت بىر ئادەمنىڭ قارىسىنى غىل – پال كۆرۈپ قالدى . ئۇ ئادەم ئۇزۇن ھاسسىسىنى توكىلدىتىپ ، مۇڭلۇق ئاۋازدا قوشاق ئېتقىنىچە قاراڭغۇلۇق ئارىسىدا غايىپ بولدى .
بۇ ھالەت ئۇدا بىر قانچە كۈن داۋاملاشتى . ئۇخشاش بىر ئادەم ئوخشاش بىر قوشاقنى توۋلاپ ، سېپىل ئەتىراپىدا ئايلىنىپ يۈرمەكتە ئىدى . ئىنىكئانا لەيلىخاننىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشتى، شۇئان بۇ ئەھۋالنى چىن مودەنگە مەلۇم قىلدى .بۇنى ئاڭلاپ شەرۋانوم :
- مەردان ! ... ئاھ ، جېنىم مەردان !... – دەپلا ھوشىدىن كەتتى .
ئۇ ھوشىغا كېلىپ ئىنىكئانا لەيلىخاننى قۇچاقلىغىنىچە قار – يامغۇر يىغلىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاشىقى ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھازىر بولغانىدى ، شۇ دەقىقە ئۇ قانات ياساپ ، سۆيگىنى مەرداننىڭ قۇچىغىغا ئۆزىنى ئېتىشنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلدى . بىراق ، رەھىمسىز رىئاللىق بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايتتى ، تەڭسىز پەلەك بۇ بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇقنى گويا پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمچى قىزدەك بىر - بىرىدىن جۇدا قىلغانىدى .
چىن مودەن گاھى –گاھىدا ھوشىدىن كىتىپ ، زار – زار يىغلىدى ، سۆيگۈنى مەرداننىڭ ۋىسالىغا بىقارار بولۇپ ، مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ تىرىلدى . بۇنى كۆرۈپ ئىنكئانا لەيلىخاننىڭ ھېسداشلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى ، سەۋر قاچىسى توشتى . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇقنى ۋىسالىغا يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى . ئۇلارغا ياردەم قىلماق بولۇپ تەۋەككۈل كەمىرىنى بېلىگە چىڭ باغلىدى .
- چاپسان بوسلا ئاي خېنىم ، مودەن قىزىم !...- دىدى ئۇ توساتتىن بىر كېچىسى ئەل ياتقۇدىن ئاشقاندا تېز – تېز نەپەس ئېلىپ ، - مەردان ئوغلۇم بىلەن كۆرۈشتۈم ، ئۇ ... ئۇلار سىزنى سىرتتا ساقلاپ قالدى ! ... ئېھ ! جېنىم قىزىم ، ئالتۇن تەنلىرىنى ئېلىپ بۇ زىنداندىن ئۇچۇپ كەتسىلە ! ئىككىلىرلا يىراق – يىراقلارغا پەرۋاز قىلىشسىلا !...
ـ ئاھ ، جېنىم ئانا !... سىلىگە سىلىگە رەھمەت ، سىلىدەك پەرىشتىنى ماڭا ئۇۋىراتقان ئۇلۇغ ئاللاھقا رەھمەت ! سىلىنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئەبىدىلئەبەد ئۇنتۇمايمەن !...
ئىنىكئانا ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئۇزۇن ئاغامچا بىلەن چىن مودەننى سېپىل تېمىدىن پەسكە شۇڭغۇتتى ( بەزى ماتىرياللاردا ئەرەنچە نەۋكەر كىيىمىنى كىيگۈزۇپ تۈن نىسبىدە ئارقا ئىشىك بىلەن قاچۇرغان دىيىلىدۇ ) .
ئاشىق مەشۇقلار ئاخىرى جەم بولدى ، ۋىسال باغلىرى شەربەت بۇلاقلىرىدىن سۇ ئىچىپ قايتا ياشاردى ، جۇدالىق ئۇتلىرى زاۋال تېپىپ ، مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى گۈلخان كەبى چاراسلاپ يانغاندەك بولدى . ئۇلار لەڭگەرنىڭ چېچەك ئاۋات ئارقىلىق قارمۇقچا ، سايبۇلاق بىلەن يوقىرى ئۆرلەپ ئارىتامنىڭ غەربىدىكى جىگدە بۇلاقتا ھاردۇقلىنىدۇ .
چىن مودەننىڭ قاچقانلىق خەۋىرى يۈسۈپ ۋاڭغا مەلۇم بولدى . ۋاڭ غەزەپتىن ئۆپكىدەك ئېسىلىپ ، دىر – دىر تىتىرەپ كەتتى ، كۆزلىرىگە قان تولدى . ئىنىكئانا لەيلىخان قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىندى . بىراق ئۇ مىت قىلىپ قويمىدى ، ئاخىرى دەھشەتلىك قىيىن -قىستاققا بەرداشلىق بىرەلمەي ، ئۆز تىلىنى چايناپ ئۈزىۋەتتى . ۋاڭ 30 نەۋكەر بىلەن بىر ئىزچىنى ئۇلارنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئەۋەتتى . نەۋكەرلەر ئاخىرى ئۇلارغا يىتىشىۋالدى . قاچا – قاچا ئۇلار ئاخىرى بىر ئىگىز تاغنىڭ بېششىغا چىقىۋالدى . نەۋكەرلەر بۇ تاغنى قاتمۇ قات قورشىۋالدى ، قانلىق ئېلىشىش باشلاندى ...
يىگىتلەر قولىغا چىققان تاش – داڭگاللارنى چىرىكلەرنىڭ باش كۆزىگە ئاتتى ... چىن مودەن قەيسەرلىك ، پالگانلىقتا يىگىتلەردىن قېلىشماتتى ، ئۇ پۈتۈن قەھر – غەزىپى بىلەن نەۋكەرلەرنىڭ باش كۆزىگە تاش بوران ياغدۇرماقتا ...
بىر قانچە نەۋكەر تاغدىن تېزەكتەك دۇمىلاپ چۈشتى ، قىيا – چىيا ئەۋجىگە چىقتى ، جەڭ ئەنە شۇ تەرىزىدە بىر مەھەل داۋاملاشتى . نەۋكەرلەرنىڭ قاچقۇنلارنى تىرىك تۇتۇش خىيالى سۇدىكى كۆپۈكتەك بەربات بولدى-دە ، مىلتىقلىرىدىن ئوق ئۈزۈشكە باشلىدى . يىگىتلەر ئارقا – ئارقىدىن يەرگە يىقىلدى . بىر تال ئوق ۋىژىلداپ ئۇچۇپ كىلىپ ، چىن مودەننىڭ كۆكرىگىگە قادالدى ، چىن مودەن ‹‹ ئاھ !... ›› دەپلا يەرگە يىقىلدى .
‹ شەرۋانەم!...ئاھ، شەرۋانەم !...›› ئاشىق مەردان ھۆركىرگىنىچە ئۆزىنى شەرۋانەمگە ئاتتى ، كۆزلىرىدىن تارام – تارام ياشلار تۆكۈلدى . چىن مودەننىڭ ھالسىز كۆزلىرىدە بىلىنەر بىلىنمەس بىر كۈلكە ‹‹لىپ›› قىلىپ ئۆچتى ، تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن سۆيگۈنى مەرداننىڭ يۈزىنى سىلىدى ، قانسىز لەۋلىرى بوشقىنە قىمىرلىدى :
مەن ئۆلسەم ئېتىم ئۆچەر ،
بېششىمدىن شامال ئۆتەر .
مېنى دىگەن دوستلىرىم ،
يېنىمدىن يىغلاپ ئۆتەر .
چىن مودەن ئاداققى نۆۋەت يىگىتىگە تەلمۇرۈپ قارىدى – دە ، كۆزلىرى بوشقىنە يۇمۇلۇپ ، بېششى بىر يانغا لەسسىدە قىيسىلىپ قالدى ... ئەنە شۇ دەقىقىدە ، ھاۋا تۇيۇقسىز گۈلدۈرلەپ ، زىمىن گويا چاقماق زەربىسىدىن پارە – پارە بولۇپ كەتكەندەك بىلىندى . نۇرلۇق قۇياش بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرنۇپ ، ئەرىراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ، گويا كۆزدىن تۆكۈلگەن كۆز ياشلاردەك يامغۇر تامچىلىرى يەر يۈزىگە تاراسلاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى . ‹‹ شەرۋانەم !..،ئاھ! شەرۋانەم ...›› مەردانىڭ ئازاپلىق نالىسى گۈلدۈرماما كەبى گۈلدۈرلىدى ، بۇ ئاۋاز تۈپەيلى زىمىن يەنە بىر نۆۋەت تەۋرىنىپ سىلكىلىنىپ كەتكەندەك بولدى . مەردان ئورنىدىن دەست تۇردى – دە ، ئەتىراپقا كۆز يۈگۈرتتى . يىگىتلەر ھەممىسى شېھىتلىك شارابىنى ئىچكەن بولۇپ ، پەقەت پالگان يىگىت ھادىلا ئۆزى تەنھا ھالدا نەۋكەرلەر بىلەن ئېلىشماقتا ئىدى . ئۇنىڭ بىر قانچە يېرىگە ئوق تەككەن بولۇپ جاراھات ئاغزىدىن قان ئاقماقتا . نەۋكەرلەر بارغانچە قىستاپ كەلمەكتە ئىدى . ئاشىق مەردان خەنجىرىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ نەۋكەرلەرگە تاشلاندى . ‹‹پاڭ! پۇڭ ! ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ، زىمىن ئاداققى نۆۋەت تەۋرىنىپ سىلكىلىنىپ كەتتى ، ئارقىدىنلا كىشى تېننىنى شۈركەندۈرىدىغان ئېغىر تىمتاسلىق پۇتكۈل ئەتىراپنى ئۆز قوينىغا ئالدى .
ئەلقىسسە ، چىن مودەن بىلەن مەردان ساپ مۇھەببەت يولىدا ، ئادالەتسىز جاھان ئۈچۈن قارشىلىشىش ئارقىسىدا شىھىتلىك شارابىنى ئىچتى ، باغلار خازانغا ئايلاندى ، بۇلبۇللار خەندان ئۇرۇپ سايرىماس بولدى ، قەلىبلەر مۇسىبەتكە چۈمدى . شۇ يىلى مەردان 21 ياش ، چىن مودەن ئەمدىلا 20 ياشتا ئىدى.
چىن مودەن بىلەن مەرداننىڭ قەبرىسى باغداش بېغىدا ھېلى ھەم ساقلىنىپ تۇرماقتا .
|