قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 916|ئىنكاس: 3

كەتكەندە ئاناڭ بىر كۈنى(مۇسئەب)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10885
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 250
تۆھپە : 149
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 19:26:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئانىلار ئۇلۇغدۇر،دىنىمىزدا ئاللاھ تائالنىڭ ھەققىدىن قالسا ئاتا ئانىنىڭ ھەققى كېلىدۇ،ئاتا ئانىمىزنىڭ قەدرىنى قىلايلى،ئۇلار بىزگە ئۆمۈرلۈك باقىۋەندە ئەمەس، بىركۈنى كىتىدۇ يىغلاپ قالىمىز،ئامالىمىز بولمايدۇ،ئەمما بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلماي ئامال بولمايدۇ،شۇڭا قېرىنداشلار ئاتا ئانىمىزنىڭ قەدرىنى قىلايلى!
 

كەتكەندە ئاناڭ بىر كۈنى
(مۇسئەب)
كەتكەندە ئاناڭ بىر كۈنى
يىغلايسەن ئەلەم بىلەن شۇ كۈنى
ئاھ ئۇرىسەن دادلايسەن ئامالسىز
لېكىن ئاناڭ جىمجىت چىقماس ئۈنى
شۇندا بىلىسەن خاتالىقىڭنى
تەقدىرنىڭ ئاچچىق سىنىقىنى
كاللاڭنى سىلكىۋەت ئويلانغىنسەن
بىشىڭغا كىلىشتىن بۇرۇن شۇنداق بىر كۈنى
******
ئاناڭ كۈتەر سېنى كىچە كېچىلەپ
بالام بالام كەلسە باغرىمغا بېسىۋالسام دەپ
قىززىقىدا تامىقىنى يېۋالسىكىن دەپ
سەن ۋاپاسىزنى ئويلاپ غېمىڭنىلا يەپ
ئاغرىپمۇ قالدى بالام بالام دەپ
سەن ئويلايسەن ئانام تېخى ياش دەپ
كەتكەندە ئاناڭ بىر كۈنى
يىغلايسەن ئەلەم بىلەن شۇ كۈنى
******
بىچارە ئاناڭ ئولتۇرىدۇ بولۇڭدا
كۆزلىرى دائىما سېنىڭ يولۇڭدا
غېمىڭنىلا يەيدۇ چۈشىدە ياكى ئوڭىدا
لېكىن سەن ئەركىن ئوينايسەن تويدا
خۇددى ھېچكىمىڭ يوق بۇ دۇنيادا
كەتكەندە ئاناڭ بىر كۈنى
يىغلايسەن ئەلەم بىلەن شۇ كۈنى
*****
تويلار تويلار ئۈزۈلمەس تويلار
ئەگىشىپ ئۇنىڭغا رەڭگارەڭ چايلار
ياغار ئۆيۈڭگە يامغۇردەك باغاقلار
غېرىپ كۈلبەڭدە يوقتۇر كىتابلار
كىتابلاردىن ئويغىنىدۇ ۋىجدانلىق روھلار
سېنى تېخىمۇ پەپىلەر ئېسىل باغاقلار
تۈگىمەس باغاقلىرىڭدىن بىزار ئانىلار
كەتكەندە ئاناڭ بىر كۈنى
يىغلايسەن ئەلەم بىلەن شۇ كۈنى
******
سەن تۇغۇلغاندا مەجبۇر ئىدىڭ
ھېچ ئىشىڭنى قىلالماس ئاجىز ئىدىڭ
چىچالمىساڭ ئىنجىقلاپ يىغلار ئىدىڭ
يىغاڭ بىلەن ئاناڭنى ئۇخلاتماس ئىدىڭ
ئەمدى ئەھۋال ئۆزگەردى چۈنكى چوڭ بولدۇڭ
ئانا دېگەن ئۇلۇغ زات قەدرىنى بىلمىدىڭ
كەتكەندە ئاناڭ بىر كۈنى
يىغلايسەن ئەلەم بىلەن شۇ كۈنى
*****
ياشىدىڭ دۇنيادا دوستلىرىڭ ئۈچۈن
قايغۇرسا قايغۇرۇپ ئازابى ئۈچۈن
سەن بەك ئالدىراش بىچارە ئاناڭ ئۈچۈن
ئويلۇنۇپ باقمىدىڭ ئاناڭنىڭ ھېسياتى ئۈچۈن
سۇئال قوي نېمە قىلدىم مېھرىبانىم ئۈچۈن؟
كەتكەندە ئاناڭ بىر كۈنى
يىغلايسەن ئەلەم بىلەن شۇ كۈنى
*****
ئانىلار يىغلىسا يىغلايدۇ ئالەم
بىر قولىدا بۈشۈك بىرىدە ئالەم
نۇر چاچىدۇ قاراڭغۇ دىللارغا
ئاجىز بۇۋاقلارنى قىلىىپ چىن ئادەم
قۇربانلىق بېرىدۇ بولۇپ ئۇ بەردەم
كەتكەندە ئاناڭ بىر كۈنى
يىغلايسەن ئەلەم بىلەن شۇ كۈنى
*****
سۆزلىرىم جىق ئىدى ئاجىز كەلدى قەلىمىم
ئىچىم كۈچلۈك ئوخشايدۇ يۇتىۋەتتىم ئەلىمىم
ئاخىرىدا ساڭا باردۇر بىر سەمىمى تەكلىپىم
ئويلۇنۇپ باققايسەن توغرا كۆرسەڭ تەكلىپىم
ئاناڭنىڭ ھېسياتى بىلەن ئويناشما ھېچقاچان
ئاناڭ قارغىمايدۇ ئەمما كۆز ياشلىرى يامان
بىلمەي قالىسەن تۇتقاندا يۈرىكىڭنى قىلىپ قان
ئانىسىنى قاخشاتقان بولغان ئەمەس ھەرگىز ئامان
بارىدا خىزمىتىنى قىل دۇئاسىنى ئال بولغىن سەن ئامان
كەتكەندە ئاناڭ بىر كۈنى
يىغلايسەن ئەلەم بىلەن شۇ كۈنى
مەنبە: قەلىمىم                                         
مەدىنە مۇنەۋۋەرە
2012-11-25
 
كەڭ تورداشلارنىڭ كەم قالغان يەرلىرىگە  سەمىمى تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن
ئۆزەڭدە يوق ئالەمدە يوق!!!

0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11690
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 9
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق ئىنسان ئويلىنىشقا تېگىشلىك شۇنداقلا ئەمەليىتىدە ئورۇنداشقا تېگىشلىك تىما ئىكەن تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

4583

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11602
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1007
تۆھپە : 714
توردىكى ۋاقتى: 194
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 20:57:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇ  مەسلىدە  مەڭگۈلۈك  ئەپسۇسلانغۇچى،  چۈنكى  مەن  ئۇلارنىڭ  قەدرىگە يېتىپ  بولغىچە  ئۇلار  تۈگەپ  بولدى،  تورداشلارنىڭ  مەندەك  ئەپسۇسلانماسلىقى  ئۈچۈن  بالدۇرراق  ئويغىنىشىنى  ئۈمىد  قىلىمەن.

6

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10885
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 250
تۆھپە : 149
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 21:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى muslima416دە2012-11-27 20:57يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن  بۇ  مەسلىدە  مەڭگۈلۈك  ئەپسۇسلانغۇچى،  چۈنكى  مەن  ئۇلارنىڭ  قەدرىگە يېتىپ  بولغىچە  ئۇلار  تۈگەپ  بولدى،  تورداشلارنىڭ  مەندەك  ئەپسۇسلانماسلىقى  ئۈچۈن  بالدۇرراق  ئويغىنىشىنى  ئۈمىد  قىلىمەن.  


ئاللاھ سىزگە سەبىر ئاتا قلسۇن ھەمشىرەم
ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ
ئۇلار ئۈچۈن يىتىم يىسىر تۇللارغا خەيىر ئېھسان قىلىڭ ئۇلار بۇنداق قىلىشىڭزغا بەك مۇھتاج
ئۆزەڭدە يوق ئالەمدە يوق!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )