- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4047
- نادىر
- 0
- يازما
- 203
ئۆسۈش
68.23%
|
تونۇگۇن ئۆيگە ئاچام تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوغلى بىلەن بىللە كەلدى.ئۇكام ئىشىكتىن كىرە -كىرمەيلا ماڭا-
- ئاكا مېنى مېھمان قىلىڭ ،مەن سىنىپ بويىچەئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىپتىمەن.دىدى.
-ۋوي ياخشىغۇ ئۇكام سىزدە ئىلگىرلەش زورغۇ ؟ مىھمان قىلسام قىلاي ..دىگەندىن كىيىن.ئۇنىڭدىن چاخچاق قىلىپ سورىدىم،
-سىنىپتا ئونلا بالا يوقتۇ ؟
-ئون دەيسىزغۇ ئاكا، ئاتمىش بالا بار
-چاخچاق قىلماڭ ھە،نەدىمۇ ھازىر بىر سىنىپتا ئەللىك-ئاتمىش بالا ئوقۇيدىغان ئىشلار بولسۇن، ھازىر دىگەن قايسى زامان، مانا بىز ئوقۇغان چاغلاردا ئاشۇنداق بىر سىنىپتا ئەللىك-ئاتمىش بالا ئوقۇيدىغان ..
-راست دەيمەن ئاكا ،ئىشەنمىسىڭىز ئاپامدىن سوراڭ،ئاچامغا قارىسام ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى.
-نەچچە پەندىن ئۆتۇپ ،نەچچە پەندىن ئۆتەلمىدىڭىز ؟
-بەش پەندىن ئۆتەلمىدىم ..ھېھې ھېھې..、、ئۇچ پەندىن ئوتۇپتىمەن.
-نىمە ؟ ئاران ئۇچ پەندىن ئۆتۇپ تۇرۇپمۇ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرەلىدىڭىزما؟ ئاتمىشىنجى بولغان بالىچۇ ؟ئۇ نەچچە پەندىن ئۆتۇپتۇ ؟
-ۋاي تاڭەي كىم بىلىپتۇ..ئىش قىلىپ ھەممە پەندىن ئوتەلمىگەنلەر جىققۇ...
ئاچام ماڭا تونۇگۇن مەكتەپتە ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى، مۇئەللىمنىڭ بالىلارنىڭ كەپسىزلىكى،دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلىمايدىغانلىقى،گاھىلىرى ئۇخلىسا،گاھىلىرى تېلفۇن ئويناپ ئولتۇردىغانلىقى،بالىلارغا گەپ ئاڭلىتالمايۋاتقانلىقىنى....سوزلەپ بىرىپتۇ. ئاتا -ئانىلاردىن بىرەيلەن سىنىپتىكى بالىلار سانىنىڭ كۆپلىكى،بولسا ئىككى سىنىپقا بۆلۇپ ئوقۇتۇش توغۇرسىدا پىكىر بايان قىلغانلىقى،مۇئەللىمنىڭ بۇ ئىش توغۇرلۇق مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئىنكاس قىلغانلىقىنى،لېكىن ھەل بولمىغانلىقىنى دەپ بېرىپتۇ. ئاشۇ ئاتىدىن باشقا پىكىر بىردىغان ئادەم چىقماپتۇ.
ئاچچىقىمدا ئاچامغا قايناپلا كەتتىم،نىمىشقا ئوقۇ-ئوقۇتۇش توغۇرسىدا،بالىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ بۇنچە توۋەن بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ توغۇرسىدا،قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئوگۇنۇشىنى ياخشىلاش توغۇرسىدا...پىكىر بايان قىلمايسىلەر؟نىمىشقا مەكتەپ رەھبىرىنى ئىزدىمەيسىلەر؟ بالاڭلارنىڭ كەلگۇسىدىن غەم يىمەمسىلەر؟ سىلەر باللىرىڭلارنىڭ شۇ نەتىجىلىرىگە رازىما؟
باللىرىڭلارنى مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتامدۇ يا قوي باققۇزۋاتامدۇ ؟ ئاتمىش بالىنى قوي ،كالىنى قوتانغا سولغاندەك سولۋېلىپ قانداق دەرس ئۆتىۋاتىدۇ ؟ ھېلىمۇ بىر مۇئەللىم ئاتمىش بالىغا دەرس بەرمەك ئاسان ئەمەس،ئۆيدە بىر-ئىككى بالىنى باشقۇرالماي نىملەر قىلمايۋاتىمىز؟ ئەڭ ئاددىيسى بىچارە سىنىپ مەسئۇلى ئاتمىش بالىنىڭ ئىسمىنى قاچانمۇ تۇتۇپ بولغاندۇ؟بۇرۇن بىز ئوقۇغان چاغلاردا سىنىپتا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بالا يوق دىيەرلىك ئىدى،بار بولسىمۇ بىر-ئىككى بالا چىقاتتى.ھازىر شارائىت شۇنداق ياخشى تۇرۇپمۇ بۇ قانداق بولغىنى ؟سەۋەپ زادى نەدە؟؟؟
ئويلاپ قالدىم ،ھازىرقى مۇئەللىملەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى توۋەنمۇ ياكى مەكتەپنىڭ قائىدە-تۇزۇملىرىدە چاتاق بارمۇ؟ ياكى ھازىرقى زامان باللىرى شۇنداق دۆت،ئويۇن قېپىمۇ ؟ياكى چاتاق ئاتا-ئانىلاردىمۇ ؟؟؟
-مەنبەسى؛ ئوزۇم
-شەھرى قۇمۇل |
|