قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2776|ئىنكاس: 14

مەدەنىيەت  ئىنقىلاۋى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

7

دوست

6589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4853
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1340
تۆھپە : 1136
توردىكى ۋاقتى: 1156
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 20:36:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 
مەدەنىيەت  ئىنقىلاۋى
ئەي دوسلار ھەدىيە قىلاي بىر شېئىرنى،
قوشمۇدۇم بۇنۇڭغا ئەسلا يالغاننى.
بىلمەيمەن ئۆزۈممۇ ئەشۇ بىر ئىشنى،
يامانغا يېلىنىپ كۈچۈكلىنىشنى.
قەلەمنىڭ ھەقىدىن يوقتۇر تامايىم،
كۈتمەيمەن بىرونىڭ مەدھىيىسىنى.
ئازابىم قان كەبى ئاقسىمۇ دەريا،
ئارزۇيۇم پەقەت شۇ ئويلايمەن ئەلنى.
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيمەن ئەسلا،
قەلەمدە تاسقايمەن ياخشى ياماننى.
ئىغۋادىن ،تۆھمەتتىن پاكتۇر تىنىقىم،
يازىمەن پاكلىققا چۆمۈلگەنلەرنى.
يازىمەن تاماسىز ياشىغانلارنى،
يازىمەن قەغەزنى بىر جەڭگاھ بىلىپ،
ئۇرۇشتا شان-شەرەپ قۇچۇغانلارنى.
بىلمىدىم بۇگۈن مەن چۇشتۇم نە كويغا،
قەلەمنى سەپ قويدۇم ئازاپلىق ئويغا.
يېزىشنى بۇئىشنى قەغەز يۈزىگە،
يەنە كىم مېنىڭدەك كۆرۈدۇ راۋا.
ئۇيغاندى ئۇ كۈنى سۈبھىدە قېنىپ،
بارچە ئەل شاتلىقتا خوشاللىق چېچىپ،
قالغاندەك يېزىغا پەرىشتە كېلىپ.
سەھەرنىڭ ئۇيقىسى قانمىغان گويا
تۇراتتى قارىيىپ كۆزىنى يېرىپ.
شۇچاغدا كانايدىن ياڭرىدى سادا،
ئېسىلغان ئۈجمىنىڭ شېخى ئاستىغا.
خوپ يارقىن قەھىرلىك تونۇش بىر ئاۋاز،
دىدىكى، يىغىلىش دادۈي ئالدىغا.
ئاز ئۆتمەي چوڭ-كىچىك يىغىلدى ھەممە،
سېكرىتار قارىدى مەغرور تۆۋەنگە.
يۆتەلدى خىرىلداپ تۈزەپ گېلىنى،
باشلىدى سۆزىنى قوشۇپ سۈرەنگە.
ـ بۈگۈندىن ئېتۋارەن ئاڭلاش خالايىق
يىرمايسەن ھەرگىسمۇ مېنىڭ سۆزىمنى.
توختايدۇ قۇرۇقتىن چېچىلغان غەۋغا،
باشلايمىز يېڭىدىن راۋرۇس ھەر ئىشنى.
ئورمىنى ئورۇشنۇڭ ۋاقتى كەلمىسە،
خام چوتنى سوقماڭلار ئورمايمىز ئۇنى.
ھاشارغا چىقمايمىز ئازات زامانبۇ،
پۇل بەرسە قىلىمىز باشلىق ئىشىنى.
قوناقنىڭ ئىزىغا پۇرچاق تېرىشنى،
كالا-قوي ئورنىغا پىلە بېقىشنى،
لەۋسۇرۇق ياساشقا ھەم مۇچ تېرىشنى،
ئالغىلى كېلىدۇ خېرىدارلار دەپ،
تەمى يوق سورتتى بار قوغۇن تېرىشنى.
بولدى بەس ھەممىنى توختاتتۇق ئەمدى..
شۇ چاغدا خالايىق ۋارقىراپ كەتتى،
ھاياجان ئىچىدە ئالقىشلار چاچتى.
ياشاپ كەت سېھرىتار چاقناپ نۇر كەبى،
دىللاردا مەڭڭۈگە يىلتىزتار  دىدى.
-بولدى بەس ئالقىشنى قويۇڭلار ئاۋال،
ئىشىمىز ھەر چاغدا تاپماقتا زۇۋال.
بامداتقا چىقىمىز ئەتىدىن باشلاپ،
ياتمايمىز ئىشەكتەك يوتتىنى قاشلاپ.
قايسى ئەر مەسجتكە چىقمىسا ئەگەر،
تەكشۈرسۇن ئۆزىنى شۇ كۈندىن باشلاپ..
سېھرىتار بۇگەپنى راستلا دىدىمۇ؟
ۋە ياكى بۇ قۇلاق ھىيلە قىلدىمۇ؟
بېشى ئون ئەمەستى ھەي بۇ قارۋاينىڭ،
 سەھەردە بىرەر جىن قەست قىلدىمۇ؟
ھاڭ بېقىپ بەزىلەرچەكچەيدى دەرھال.
ئەقىللەر بىر پەسكە بولدى شۇنچە لال
سېھرىتار ئۆزىنى سەزگەندەك گېنىرال،
سۆزلەيتى توختىماي شۇنچىلىك خوشال؛
-تۇغمايمىز دىيىشمە ئاياللار ھەرگىز،
تۇغمىساڭ ھەم مەيلىڭ جەرىمان تۆلە.
يىراقتىن يۆتكەيمىز ئەمگەك كۈچىنى،
تېجەيلى شۇ پۇلنى مېنىمۇ يۆلە.
كېسەلمەن دىگۈچى بولما مېنىڭغا!
ھۆكۈمەت يامانمۇ ياكى سېنىڭغا؟
يىيىشىڭ ،ئىچىشىڭ،تۇغۇشۇڭ ھەقسىز،
ئون بالا تۇغساڭمۇ زوق كەلمەس ساڭا..
بۇ قېتىم غۇدۇراپ كەتتى ئاياللار،
توغماسقا چىققاچقا شۇنچە نۇرغۇنلار.
شەرەپمۇ ئالغانتى يەنە بەزىلەر،
ئاكتىپ  بوپ ئەڭ ئاۋال بوغۇپ قۇرساقلار.
پەرۋايى پەلەكتۇر سېكرىتار شۇتاپ،
سوزلەيتى،توختايتى.باشلايتى ئويلاپ؛
-ھەي زورەك نىمىگە قارايسەن بۇنچە؟
ئايالسەن ئايالچە يۈرۈشۈڭ كېرەك.
كەڭلەتكىن كۆڭلەكنى، ئۇزارت يوپكاڭنى،
بولمىسا بېشىڭغا يىيىسەن كېسەك.
رۇستەم تاز كۈلمىگىن سەنمۇ تايىنلىق،
ئايالدەك پارقىراپ يۈرۈيسەن كۈندە.
شاپاقتەك قىرىسەن كۈندە يۈزۈڭنى،
قويۇپ بەر يارىشار ساڭىمۇ ئۆسسە.
ئاڭلاپ قوي كىمىكى كىرسە يېنىمغا،
«بىسمىللا» دەپ كىرسۇن تەگمەي زىتىمغا.
ياخشى سۆز دىيىلىش كېرەك ئەڭ ئاۋال،
يامان سۆز ياراشماس ئەمدى بىزنىڭغا.
ھە راس نىيازخان مومىنىڭ ئۆيى
كەلكۈندە ئۆرۈلۈپ چۇشۇپ كېتىپتۇ.
ئەر تۇرۇپ موماينىڭ ئالدىدا لېكىن،
دۈگدەرەپ كېتىشتىڭ ئېيتە نىمىشقا.
بۈگۈندىن ئېتۋارەن كېڭەش-پېڭەشنى،
مەسجىتتە قىلىمىز ھەي بىلىشتىڭمۇ؟
ئىشخانە دادۇينۈڭ ئاڭا تاسەدۇق،
ئولتاسۇن بىچارە ئۆيدىن غەم يىمەي،
بۇ ئىشقا بىرونىڭ گېپى بارمىدۇ؟
بولمىسا پۈتۈشتۇق تامام بۇ ئىشمۇ.
شۇ چاغدا غۇدۇراپ كەتتى بوغالتىر،
گەپ قىلساق ئۇنۇڭدىن ئىشىتىمىز تىل.
ئۇ قېرى كەلسەگەر ئىشخانىمىزغا،
سەرسان بوپ يۈرىمىز-دىدى،- يىلمۇ-يىل.
-بوغالتىر- دوق قىلدى، سېھرىتار شۇچاغ،
-بىلىمەن مەن سېنى ھەدىڭدىن ئاشما.
بولدى بەس نەفسىڭنى يىغىشتۇر تېز بول،
دىخاننىڭ يېنىنى ئەمدى كولىما.
بىلىمەن ناھىنىڭ ھاكىملىرىغا،
بېرىسەن ھەر ئايدا ئاز-تولا تىللا.
ئايلىقىڭ نەچچە پۇل ئېنىقتۇر-ئېنىق.
خوشامات لېيىغا پېتىقسەن-پېتىق.
مەخسىدىڭ بىلىشلىك ماڭا ئېپ-ئېنىق
ئورنۇمنى بېرەيمەن ساڭا ۋاي سېسىق-..
كۈلۈشۇپ كەتتىكى شۇچاغ ھەممىسى،
ئالالماي يۈرگەنلەرئۇندىن ئۆچىنى.
ھەتتاكى خوتۇنى تارتى پېشىنى،
بولدى بەس بەرگىن دەپ مېنىڭ خېتىمنى.
-نەق گەپكە كېلەيلى –دىدى سېھرىتار،
-روزىمۇ كەپ قالدى بەلنى باغلايلى.
بىزلەرغۇ ئاز سانلىق ئىكەنمىز بىراق،
دۆلەتتە نوپۇس كۆپ بۇنى ئويلايلى!
بىرىمىز بىرداندىن تېجىسەك ئەگەر
ئاچ-زارلار ئازلايدۇ كۈنلەپ شۇ قەدەر.
ئەگەردە ھەر مىللەت تۇتسا روزىنى،
قۇدرەتتە بىزلەرگە كىممۇ يېتەلەر..
بەزىلەر توغۇرا دىيىشتى بۇنى،
بەزىلەر يەنىلا غۇدراپ كېتىشتى.
بىراق ئۇ تەتۈردۇر شۇنچىلىك تەرسا،
ئويلايدۇ ھەركىشى ئامان بولۇشنى.
-ئەي شوجاڭ ساڭىمۇ گەپ بار بۇيەردە،
ئاڭلىسام ياغلىققا بەكمۇ ئۆچكەنسەن.
ياغلىقنى مۇقۇملۇق دۈشمىنى دەپسەن،
چاغلىغىن ئۆزەڭنى پوقۇمنى يەپسەن.
ئۈلۈشكۈن ئايالىڭ ئۇچۇراپ قالدىكى،
بىلمىدىم ئۈستىدە كىيىم بارمۇ-يوق.
مۇقۇملۇق شۇ بولسا كۆتە لاقاڭنى،
ئاڭلاپ قوي بىزدىچۇ سەندەك خۇمسى يوق!
ئېسىلما ياغلىققا ئۇ كىچىك بىر ئىش،
تاپمىساڭ ئەگەردە پىننى-پاساتنى،
يۈرەتتى خوتۇنلار شۇنچىلىك تېچ..
غۇدۇراش بىردىنلا ئەۋجىگە چىقتى
دىخاننىڭ قولىدىن نىمە كېلەتتى.
بولسىدى ئۇلاردا ئەگەردە قۇۋۋەت،
جىن تەپكەن باشلىقنى راسا سوقاتتى.
-پىخىلداپ كۇلمىگىن ئەي سېيىت سايىم،
بىلىمىز خوتۇندىن قورقۇسەن دائىم.
بىرنىمۇ تۇغالماي يۈرسە خوتۇنۇڭ،
مەسخىرە قىلىسەن خەقنى ۋاي زالىم.
تەكشۈرتكىن دوختۇرغا ،سەۋەبىنى قىل،
دۇنيادىن نەسىلسىز كېتىپ قالمىغىن.
بولمىسا ئەگەردە سېنىڭدا چاتاق،
مەلىدە تۇللار كۆپ قىينىلىپ قالغان،
شۇلاردىن بىرنى ئال قورقما خوتۇندىن.
ئەركەكتەك ياشىساڭ ئەي سېيىت سايىم،
ئەپلىشىپ ئۆتىدۇ ئۇ ئىككى ئايىم.
مەنمۇچۇ خوتۇندىن ئالىمەن يەنە،
گېپىم گەپ سىلەردەك يانمايمەن ئەتە
خوتۇنۇڭ تېرەڭنى سويىدۇ دەمسەن؟
قورقمايمەن مېنىڭغا قىلماڭلار تەنە.
ئويلاڭلار شۇنچە قىز يۈرسە پوقنى يەپ،
بىز ئەركەك دىيىشكە بىزگە نىمە گەپ.
ئاياللار ئاجىزدۇر بىزگە بېقىندا،
پەرۋاسىز يۈرسەك بىز ئۇلار نىم قىلا؟
بېشىغا كۈن چۈشسە كۆپى ئۇلارنىڭ،
بىلمەستىن شەيتانغا ئىقتىدا قىلا!
بىرىمىز ئۈچ-تۆرتتىن ئالساق خوتۇننى،
كوچىدا قىز-چوكان نىمىمۇ قىلا؟!..
سوزلىدى سېكرىتار سۆزلىدى تىنماي،
چۇۋۇدى ئۇۋۇنۇڭ بىرىنى قويماي.
تىللىدى ئازلارنى كۆپلۈكتىن قورقماي،
ھەتتاكى چىشلىدى كىچىكنى قويماي؛
ـ غاپپار پاڭ سەنمىچۇ ئېسىڭنڭ يىققىن،
غام بەڭنى بولدى بەس ئەمدى تارتمىغىن.
ئۆزەڭنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن قىزىڭنى،
بازارغا چىقىرىپ ئىشقا سالمىغىن.
كۆرگەنلەر قىلىدۇ ھەر چاغدا ھەۋەس،
قىز بالا پاكمۇ-پاك بىر پارچە قەغەز.
بەزىلەر ئۇنۇڭغا يازۇر كاتتا شېئىر.
بەزىلەر سىر چېچىپ قىلىدۇ ئەۋرەز.
قايتۇرغىن يېنىڭغا تۇرسۇن خاتىرجەم،
ئەرگە بەر تۇرمىشتىن ئالسۇن ئۇمۇ تەم.
پېلەكتىن ئۈزۈلمەي ئېچىسا خەمەك،
دەردىنى تارتىسەن سوراق كەلسە ھەم...
سۆزلەيتى سېكرىتار سۆزلەيتى تىنماي،
بولدى قىل دىسىمۇ سۆزلىدى ئۇنىماي.
سۆزلىرىڭ بەك قەبى دىسىمۇ قورقماي،
سۆزلىدى بىر ئېغىز ياخشى گەپ قىلماي.
تىللىدى ھاكىمنى ھەتتا ۋالىينى،
تىللىدى سىياسەت-پىياسەتلەرنى.
قېتىغا ئىلىپمۇ قويمىدى ھەمدە.
ئاق لېچەك موماي ۋە مويسىپىتلارنى.
بىرچاغدا ھېرىدى توختىدى ئەمما،
دىدىكى ساراڭدەك ؛-نىم بولدى ماڭا؟
يېنىدا ئۈمچۈيۈپ تۇرغان خوتۇننى،
تىللىدى؛- بۇ يەردە پوق بارمۇ ساڭا.
ئەگىشىپ يۈرۈيسەن ئارقامدىن تاپتەك،
سېزىك بوپ قالدىڭمۇ يەنە سەن ماڭا.
يائاللاھ بۇ خەققە نىمە بولغاندۇ؟،
بۇتلاردەك ھەممىسى قېتىپلا قاپتۇ.
يوقۇلۇش ئېتىزغا بېرىش ھەر قايسىڭ،
ئاسماندىن سىلەرگە ئۈجمە چۇشەمدۇ؟
تارقالدى خالايىق ئازاپ ئىچىدە،
بەزىلەر يۇقۇرغا يوللاش پېيىدە.
كۆز يۇمۇپ تۇرسا گەر مۇنداق گۇناغا،
يۈز كېلەر قانداقمۇ يىگەن ئېشىگە؟
ئاز ئۆتمەي بۇ گەپلەر يەتتى ناھىگە،
ناھىدىن ئاتلىدى ۋىلايەتكىچە.
بىرگە مىڭ قوشۇلۇپ ھەسسىلەپ ھەتتا،
ئاتومدەك پارتتىلاپ تولدى توننىگە.
غۇلغۇلا قىلىشتى يىغىن ئېچىشتى،
رەھبەرلەر يېزىغا يېتىپ كەلگۈچە.
قايتىدىن خالايىق يىغىلدى دەرھال،
ئەسكەرلەر تىزىلدى چىقىرىپ ھىلال.
دەرەغكە باغلاندى ھەمدە سېھرىتار،
بىلىندى ئۇنۇڭغا جاھان شۇنچە تار.
سورالدى ئېيت قېنى مەخسىدىڭ نىمە؟
بۇ گەپنى مەن مۇنداق دىگەنلا دىمە!
قۇرۇلدى قاچاندا تەشكىلاتىڭلار؟
شۇتاپتا نەچچىلىك ئادەم بار ئېيتە؟
نەچچىلىك قورال بار ئېيت بول چاپسان ئېيت!؟
بازاڭلار قەيەردە ئېيت ئەي جاھىل ئېيت؟!
شەھەردە نەچچىلىك جاسوسىڭلار بار؟
يوشۇرماي بىرنىمۇ ئېيتتە چاپسان ئېيت؟!.
بىراقكى ئەششەدىي دۇشمەن سېكرىدار،
قىلماقتا جاھىللىق قەبى ئۇنسۇردەك.
بارچە خەق گۇۋالىق بېرىپ تۇرسىمۇ،
بېشىنى چاقايتتى يالغان دىگەندەك.
بېشىغا تەگمەكتە تاياق -كالتەكلەر،
توختىماي تېگەتتى مۇش ۋە تېپەكلەر.
شۇندىمۇ بوينىغا پۇچۇق گۇناھنى،
پەقەتلا ئالمىدى بۇ جاھىل خۇمپەر.
خەلىقتىن بىرمۇ-بىر ئىنكاس ئېلىندى
بۇ ئىشقا پۇتسىيە سىناق قىلىندى.
كىم سۆيەر ۋەتەننى ھەمدە خائىننى؟
ئايرىلىپ بىردەمدە تىزىپ چىقىلدى.
چېتىلىپ قېلىشتىن قورققاشقا ھەممە،
ئۇنۇڭدا ياخشىلىق پەقەت يوق دىدى.
بەزىلەر ئۇنى ھەم پارىخور دىدى.
بەزىلەر دىدىكى ئۇمېنى ئۇردى.
بەزىلەر يولۇمغا ئورا كولىدى.
راخمان تاز سەھنىگە چاچىراپ چىقىپ،
خالايىق مېنىڭغا بولۇڭلار گۇۋا،
كۆك كۆڭلەك ئەسلىدە مېنىڭكى دىدى.
ھەممىڭگە ئاياندۇر بۇلتۇر كەچكۈزدە
تۆلە دەپ ئەپكەتكەن جەرىمانىنى.
كۆك تامبال مېنىڭكى دىدى بىرلىرى.
ئاياقنى مەن بەرگەن دىدى بىر قېرى...
سوراقمۇ ئەۋجىگە چىقتى شۇتاپتا،
لېكىن ئۇ ئىڭىراپ كەتتى ئازاپتا.
قۇلغۇغا كىرسىمۇ يېقىملىق نىدا،
ئىقرار قىل كەڭچىلىك دىگەن بىر كاتتا،
چىقمىدى ئۇنۇڭدىن پەقەتلا سادا.
تىنجىدى ئاخىرى بۇ كىچىك يېزا،
دىخانلار ئېتىزغا قايتمىدى ئەمما.
ئېنىقلاپ چىقىشچۈن قالدۇق دۇشمەننى،
سوراقلار باشلاندى قايتىدىن يانا.
جاھىلنىڭ ئايالى ھەمدە بالىسى،
رېجىمگە ئېلىندى ئەسلى-ۋەسلىدىن.
ئۆگۈنۈش باشلاندى دادۈي زالىدا،
ئۇلارغا گەپ قىلىش چەكلەندى لېكىن.
قايتقاندا كېچىدە ئۆيىگە ھەركىم،
ئانىنى، بالىنى تۇرغۇزۇپ قويۇپ
ئۇراتتى  بىرەيلەن ھەمدە بىر قېتىم..
................................
.................................
ئەيھاناس ھېكايە تۈگىدى مانا،
لېكىن مەن يوق ئىدىم ئەشۇ مەيداندا.
ئەگەردە ئۆلمىگەن بولسا سېكرىتار،
مەن خوشال يۈرەمتىم مۇشۇ جايلاردا.
خوپ بوپتۇ ئۇنۇڭغا بۇ كۈنلەرمۇ ئاز،
گەپ قىلسا شۇنداقمۇ قىلامدۇ ئۇ ماز.
ھەراس شۇنۇڭدىن كېيىن بىر موماي،
تۇتۇلدى دۈشمەنكەن سېپى ئۆزىدىن.
دىگەچكە سېكرىتار ياخشى ئادەمتى،
پۇل بەرگەن مېنىڭغا ئۆز يېنىدىن.
ئۆرۈلۈپ چۇشكەندە ئۆيۈم كەلكۈندە،
ئۆي بەرمەك بولغانتى دادۈي ئىچىدىن.
ئۆگۈنۈش باشقىدىن باشلاندى يەنە،
دۈشمەننىڭ ھەمراسى چوقۇم بار ھەمدە.
تاپشۇرسۇن ھەممىنى جاھىللىق قىلماي،
ئۇلارنىڭ چوڭىنى تۇتتۇققۇ ئەنە؟!
شۇنۇڭدىن كېيىن بەك  تۈزۈم چىڭىدى
قوي،كالا،ئوشكىمۇ مۆرىمەي ئۆتتى.
گەپ سۆزدە قالسىمۇ ھەتتا تۇتۇلۇپ،
پېشىدىن دۇشمەن دەپ تارتىپ چىقىلدى.
تىنجىدى جاھانمۇ تۇتۇلدى زۇۋان،
ھەتتاكى چىقىرماس بولدى ھەم قاۋان.
«ئىنقىلاپ»قاينىدى چېچىپ تۇماننى،
ئالماشتى مەشىرىق مەغرىپ تامانى.
 مەس-ئەلەس بولۇپ ھەم تاتارغان قۇياش،
تاپالماي قالدىكى ياتار ماكاننى....
 
تۇرغۇن نېرىنكىر
 
 
 

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 09:55:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ساتىرا بەك ياخشى يېزىلىپتۇ .ئۆتمۈشكە ۋە ھازىرغا ۋەكىللىك قىلغۇدەك
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

13

تېما

0

دوست

4047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11043
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 520
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 11:35:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !! بەك ياخشى يېزىپسىز...

3

تېما

5

دوست

3587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8678
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 766
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 13:39:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە! تۇلىمۇ ياخشى يېزىپسىز. مەزمۇنى بەك چوڭقۇركەن بۇ ساتىراداكەلگۈسى زامان ھەم ھازىرقى زامان  ۋەزىيتى ياخشى تەھلىل قىلنىپتۇ .
اللە ئىگەم ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن.

39

تېما

0

دوست

4359

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11426
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 861
تۆھپە : 768
توردىكى ۋاقتى: 369
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 14:08:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاشقان ئۆي قازغاندەك باغدا چىمەندە،
بەختكىمۇ يار ئىكەن ھەرخىل كۈشەندە.
ھۆسنىنى بۇلغىدى سوتسىيالىزىمنىڭ ،
بىز كىيگەن ئون يىللىق كۇلاھۇ-جەندە.

--مۇھەممەت رېھىم

دىنىڭنى قوغدا ۋە تىلىڭنى

0

تېما

8

دوست

6667

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10293
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1164
تۆھپە : 1241
توردىكى ۋاقتى: 387
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 15:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز    مەزمۇنى ھەقىقەتەن  چوڭقۇر كەن

1

تېما

5

دوست

5885

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8084
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1137
تۆھپە : 1037
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 18:04:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئۇزۇنراق شىئىرنى، بۇنداق ئەستايىدىل ئوقۇپ باقماقتىكەنمەن.
تىپىك شىنجاڭ ھاۋاسى...

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 23:09:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر نېرىنكىرنىڭ بۇ  شېئېرى قۇلاققا يېقىشلىق ، ئېغىز تىلىغا يېققىن ، بىر مىسرا بىر مسىرادىن ئىچكىرلەپ كىرگەن ، كۆڭلىمىزگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان  تاغ سۇيدەك ئۇخچۇپ تۇرۇدىكەن ،
بۇ كاتتا شېئرنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ،

بۇ شېئىرنى پ د ئېف قا ئايلاندۇرۇپ تېلفۇنۇمدا تەكرار كۆرسەم بولغۇدەك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )