[strike]ياشلار[/strike]
[strike](مۇسئەب)
[/strike] ]كەلگۈسىدۇر ياشلار مىللەتنىڭ
يېقىن دوستى بولۇپ قاپتۇ ئىللەتنىڭ
ئىللەتلەر چىرىتمەكتە ياشلار روھىنى
نېمە بولۇر تەقدىرى بۇ مىللەتنىڭ
ئى ياش سەن نىمانچە زەئىپانە
سەن پەقەت قىزلار ئۈچۈن پەرۋانە
ياشامسەن قىز ئۈچۈن شەھۋەت ئۈچۈن
بولغىڭ يوقمۇ ھەق ئۈچۈن سەرسانە
****
تارىختىكى ياشلار كەلمەسكە كەتتى
ساپ ۋىجدان دىيانەتنى بىللە ئەپ كەتتى
ياۋدىن قورقماس ئۇلۇغ روھمۇ قالماپتۇ پەقەت
ياشلىرىمىز روھىغا نېمە دەز كەتتى
ئى ياش سەن نىمانچە زەئىپانە
بولغىڭ يوقمۇ ھەق ئۈچۈن سەرسانە
****
تارىخ ئوقۇسام سېغىنىپ قالىمەن شۇ ياشلارنى
ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاققان قىزىل قانلارنى
ئۆلۈم دىن قورقماس ئۇلۇغ روھلارنى
جانلىرىنى سېلىپ بەرگەن ھۆر ئوغلانلارنى
ئى ياش سەن نىمانچە زەئىپانە
بولغىڭ يوقمۇ ھەق ئۈچۈن سەرسانە ****
ياشلىرىمىز ياشىماقتا مەقسەت نىشانسىز
بەزىلىرى مۇناپىق،بولۇپ كەتتى ئىمانسىز
كۆنۈپ قالغانمىدۇ بۇنداق ياشاشقا ھېسياتسىز
ھايۋان كەبى پەرق ئېتەلمەس ھېچنىمىنى ۋىجدانسىز
ئى ياش سەن نىمانچە زەئىپانە
بولغىڭ يوقمۇ ھەق ئۈچۈن سەرسانە ****
ياشلارنى ئويلىسام ئېچىشىدۇ يۈرىكىم
تېپىرلايمەن دىيىشلىرىگە يات قىزلارنى ئومىقىم
بوپ قالدىمۇ ياشلىرىم لەيلە مەجنۇن ۋارىسى؟
ئاڭلانمامدۇ ئۇلارغا بىچارە مىللەت نالىسى
ئى ياش سەن نىمانچە زەئىپانە
بولغىڭ يوقمۇ ھەق ئۈچۈن سەرسانە ****
مىللەت قىزلىرىنى قىلمىغىن سەن خار
سېنىڭمۇئاچا سېڭىللىرىڭ بار
ھوشۇڭنى تاپماي كىرىۋەرسەڭ كۆڭۈل كەينىگە
قىلمىشىڭنىڭ جازاسى بىر كۈنى يانار
ئى ياش سەن نىمانچە زەئىپانە
بولغىڭ يوقمۇ ھەق ئۈچۈن سەرسانە ****
كۆزۈڭنى ئاچ ياشلىرىم بولمىغىن زەئىپانە
خەلقىڭ ئۈچۈن بولسۇن سەندە ئۇلۇغ بىر غايە
سىرتلاندەك ياشاۋىرەمسەن ئۆزۈڭ ئۈچۈنلا
خەلقىڭ ئۈچۈن ياشاپ كەت ياشا مەردانە
ئى ياش سەن نىمانچە زەئىپانە
بولغىڭ يوقمۇ ھەق ئۈچۈن سەرسانە
مەدىنە مۇنەۋۋەرە
2012-11-26 ئۇستازلارنىڭ تەلمى بېرىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن |