قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1712|ئىنكاس: 7

بىز ۋە ئوقۇتقۇچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

0

دوست

6339

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  618
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1378
تۆھپە : 1024
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 00:32:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ئوقۇتقۇچىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى تىلغا ئالساق بەزى كىشىلىرىمىز ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىغان بولدى، ھەممەيلەن دەيدۇ، ۋاي ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلاردا ساپا يوق،ئۇنداغەي بۇنداغەي. نېمىشقا ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆز پەرزەنتلىرىمىزدىن سەۋەب ئىزدەپ باقمايمىز؟
    مەن بۇيەردە مۇئەللىملەر توغرىلىق بىر نەرسە دېيىشىم مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغىنىمدىن ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈشۈمدىن بولدى.
پەرزەنتىڭىزگە قاراپ بېقىڭ ،ئاندىن بالىڭىز بىلەن بىر سىنىپتىكى  دەرستە ياخشى باشقىلارنىڭ پەرزەنتىگە قاراپ بېقىڭ ، نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بالىسى دەرستە ياخشى ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالدى؟لېكىن سىزنىڭ بالىڭىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى؟

          ئوخشاش بىر سىنىپتىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمىغان نەتىجىگە ئېرىشتى؟ گۇناھ ئوقۇتقۇچىدىمۇ؟  مېنىڭچە گۇناھ بالىڭىزدا ، ھازىر ئوچۇق ئاشكارا دەۋر ،ئوقۇتقۇچى قەستەن قالدۇرۇۋەتتى دېگەن تەقدىردىمۇ بۇ مۇمكىن ئىش ئەمەس، ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنچىلىك چوڭ ھوقۇقى يوق. ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇرئالغان ئوقۇغۇچى دەرستىىن سرت ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن،ۋە ياكى ئۇ تىرىشچان، ئەگەر بالىڭىزدا تىرىشىش ،ئالغا ئىلگىرلەش روھى رىقابەت ئېڭى بولمايدىكەن ئۇنى ئېينىشتىيىن،نوبېل، ئېدىسوندەك ئالىملار ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يېتەكلىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ.
        ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى ھەقىقەتەن ئېغىرلاپ كەتتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق، لېكىن بىر قىسىم ئاتا ئانىلار بالىسنىڭ نەتىجىسى ناچار بولسا ئوقۇتقۇچىدىن كۆرىدىغان بولدى، بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئادالەتسىزلىك.  بەزى ئوقۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ناچارلىقى ئۇنىڭ ئۈگىنىشكە قىزىقماسلىقى ۋە ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىشى ۋەياكى باشقا سىرتقى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەرزەنت تەربىيىسدە مەكتەپ ،ئائىلە،جەمىيەت ئورتاق بولغان ئۇنۋېرسال كۆڭۈل بۆلۈش سېستىمىىسى شەكىللەندۈرسەك بىزنىڭ ياش ئۆسمۈرلىرىمىزگە چوقۇم پايدىسى بولىدۇ.
مېنڭچە كونىلارنىڭ ئۇستاز زالىم بولسا شاگىرىت ئالىم بولىدۇ دەيدىغان گېپى ناھايىتى توغرا گەپكەن. ھە دېسە بالىڭىزغا بولۇشۇپ ئوقۇتقۇچىنى تىللىماڭ،ئوقۇتقۇچىنى ھاقارەتلىگەنلىك ئىلىم ئىگىلىرىگە قىلنغان ھاقارەتتۇر. بۇنداق ئاتا ئانا تەربىيلىگەن پەرزەنتنىڭ ياخشى ئادەم بولۇپ يېتىلىشى ناتايىن.

 
          ھۈرمەتلىك ئاتا ئانىلار:
        ئازراق ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ پەرزەنتلەرنىڭ ئۈگىنىشىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلەيلى. پەرزەنتىڭىزگە ئانا تىل تەربىيىسى بېرىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ(پەرزەنتلىرى قېرىنداش مىللەتلەر تىلىدا ئوقۇۋاتقانلار)،چۈنكى تەپەككۇرى ئۆلگەن ئادەم جەسەتكە ئوخشايدۇ. پەرزەنتىڭىزنىڭ دەرستە ناچار بولۇشى ئەيىپ ئەمەس، مۇھىمى تىرىشىشتا، قانداق ئۈگىنىشتە، پوزىتسىيەدە، پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. بالىڭىز مەكتەپتە بىلىم ئۈگىنەلمىسىمۇ قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگىنەلىسە بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بايلىق يوق..

http://everoll.tk

45

تېما

0

دوست

5073

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  703
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 1287
تۆھپە : 682
توردىكى ۋاقتى: 1186
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 02:31:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن بەزىدە ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن بالىلارغا ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قويىدۇ...
ئەگەر  بېسىم بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بالىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ...
مېنىڭچە بالىنىڭ ئۆگىنىشىگە مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك،بەك ئاشۇرۋەتسە بولمايدۇ.
http://everoll.tk
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

51

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 3031
تۆھپە : 2094
توردىكى ۋاقتى: 1828
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 10:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ ئۇنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىش، دەپ قارىمايمەن. بالىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، ئوي-ئىدىيسى دىگەندەكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويايلى. ھازىرقى بالىلارنىڭ نىمە ئويلايدىغىنىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئوقۇشقا قىلچىلىك قىزىقمايدۇ، دەيدۇ ئوقۇتقۇچى دوستلىرىم. بالىڭىزنىڭ ئىدىيسىگە تەسىر قىلىۋاتقان ناچار ئىدىيلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز، بالا پۈتۈن دىققىتىنى ئوقۇشقا قاراتسا، قالغان ئىشقا مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار بار. قىزىقمىغان ئىشنى زورلىغان بىلەن ھېچ نەتىجە چىقمايدۇ. ھازىر بالىلاردا بۇنداق قاشاڭلىقنىڭ پەيدا بولىشىدا ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپنىڭ ئورتاق تەسىرى بولىشى مۇمكىن، ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق، دىگەن ئىدىيە بالىلاردىكى ئەڭ چوڭ خاتا قاراشتەك قىلىدۇ ھازىر. ئوقۇپ خىزمەت تاپالماسلىق بىلەنلا ئوقۇشنى ھېچنىمىگە ئەرزىمەس قىلىۋېتەمدۇق. ئوقۇپ خىزمەت تېپىش، پۇل تېپىش ئۇ بىر ۋاستە ھەرگىزىمۇ ئاخىرقى نىشان ئەمەس، ئاخىرقى نىشانىمىز بەختلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر تۇرمۇشقا ئېرىشىش. بەزىلەر بەلكىم پۇل بولمىسا بۇ ئۇلۇغ غايە نىشانلىرىمىز يوققا چىقىدۇ، دىيىشى مۇمكىن، ئەمما تاغدەك پۇلىڭىز بولسىمۇ، شۇنى ئىشلىتىپ شۆھرەت قازانغۇدەك ئەقىل-ئىدراكىڭىز بولمىسا، مەنىڭچە بۇ تۇرمۇش، بۇ ئاقىۋەت ھەرگىزمۇ بىز ئارزۇ قىلغان ئاقىۋەت بولمايدۇ.

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 10:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتا مەشغۇلار ئىككى تەرەپتىلا بار لېكىن مەسئولىيەت يەنىلا ئوقۇتقۇچىلاردا ئېغىر .
ئاتا ئانىلار ئۆيدە ياخشى ئۈلگە بولىشى كىرەك .ھەممە بالا ئوقۇتقۇچى بولسامكەن
دىمەيدۇ .لېكىن ئاتىسى توكچى بالىنىڭ بالىسى توكچى بولغۇسى كىلىپ قالىدۇ .
بالىلار شۇنداق دوراش ئىچىدە چوڭ بولىدۇ .ئاتىنىڭ كىچىككىنە بولمىغۇر قىلىقىمۇ
بالىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن .
مانا مۇشۇنداق دوراش ئىچىدە چوڭ بولغانبىز دىگەن مونو يازمىنى ئوقۇپ بېقىڭىزلار
http://www.choghlan.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=1819

29

تېما

8

دوست

8209

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  111
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1945
تۆھپە : 1184
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 14:21:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز. بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز. بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار بار بالىسىنى خۇددى پادىغا قوشىۋەتكەندەك، مەكتەپكە بىرىۋەتسە بالىسى نىمە ئۆگىنىۋاتىدۇ، بالىسىنىڭ ئەھۋالى نەدىن نەگىچە  دىگەنلەرنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. ھەتتا بالىسىنىڭ قانچىنچى سىنىپتا  ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان ئاتا-ئانىلارمۇ بار.   مانا موشۇنداق ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلاردىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ. ماڭا شۇنداق بىر ئائىلە باشلىقى ئۇچرىغان. بىر سورۇندا ئۇچۇرشۇپ قېلىپ ئوقۇتقۇچىلارنى  چۈشۈرۈپ سۆزلەپ كەتتى، ئۇ كىشىنىڭ بالىسى دەل بىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيتتى. مەن ئۇ كىشىدىن بالىلىرى قانچىنچى سىنىپتا ئوقۇيدۇ دەپ سورىسام 5-يىللىقتىمۇ ياكى 6-يىللىقتىمۇ دەپ بىلمەيدۇ، ئاخىرى سىنىپ مەسئولى كىمدۇ دەپ سورىسام ئۇنىمۇ ئۇقمايدۇ، شۇڭا ئاچچىقىم كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دىيىشكە سالاھىيەتلىرى توشمايدۇ.  بالىسىنىڭ نەچچىنچى يىلللىقتا ئوقىۋاتقانلىقىنى ھەمدە سىنىپ مەسئولىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ پىكىر قىلىشلىرى خاتا. ئەگەر ھەقىقى بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلسىلە مەكتەپكە بېرىپ بالىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى تونىۋالسىلا ھەمدە ۋاقىتلىرى بولسا باللىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ باقسىلا ، ئاندىن پىكىرلىرى بولسا قىلسىلا بولىدۇ دىگەنتىم، ئەتراپتىكىلەرمۇ ئۇ كىشىنى ئەيىپلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاغزى بېسىققانتى.

0

تېما

0

دوست

1925

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  850
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 459
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 19:39:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىرىمىز ئائىلە،مەكتەپ، جەمىيەتنىڭ تەربىيلىشىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ مۇھىم.

6

تېما

1

دوست

1417

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  362
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 309
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 665
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 12:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئاسماندىن چۇشكەن يامغۇر سۈيى ئوخشاش ، ئۇنى قانچىلىك يىغىۋېلىش يىغىۋالغۇچىنىڭ  تەدبىرىگە باغلىق ، بىر سىنىپتا سۆزلىنىدىغان دەرس ھەرگىزمۇ  ھەر خىل بولمايدۇ ، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ھەر خىل ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
        ھازىر كىيىم كېچەك ماگىزىنلىرى ، ئويۇنچۇقخانىلار ، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش مەيدانلىرىدا پەرزەتلىرىنى يېتىلەپ يۇرگەن ئاتا-ئانىلارنى كوپ ئۇچرىتىمىز ، ئەممە كىتاپخانىلارغا قاراپ باقايلى ؟
       ئاتا - ئانىلار سۆھبىتىدە ھازىر ئوقۇتقۇچىلار تەشەببۇسكار ئورۇندا  ، ئۆز پەرزەنتىنىڭ مەكتەپتىكى ئومومى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ سىنىپ مەسئولى ، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سوھبەت قىلىدىغان ئاتا-ئانا قانچىلىك ؟ يۈزتۇرانە سۆھبەت قىلىشقىغۇ ۋاقىت چىقمايدۇ ، مۇشۇنداق ئۇچۇرلاشقان دەۋىردە تېلفون سۆھبىتىگىمۇ ۋاقىت چىقماسمۇ ؟
      بەلكىم 70% ئاتا-ئانا پەرزەنتىنىڭ سىنىپ مەسئولىنى تونۇيدۇ ، ئەمما قايسى پەنگە قايسى ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش تېلفونى دېگەنلەرنى بىلىدىغانلار قانچىلىك ؟  

0

تېما

0

دوست

210

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  852
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2011-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 13:11:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراپ باقسام ھازىرقى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بالدۇر يېتىلىش،تورغا ۋە تېلفۇندا ئوچۇر يېزىش قاتارلىقلارغا قىزىقىش تولىمۇ ئەۋىج ئېلىپ كېتىپتۇ. مەن بىر مەۋسۈملۈك پاراكتىكا قىلىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى 90-يىلدىن كېيىنكى كۆپۈنچى بالىلاردا ئاتا ئانىغا يۈكلىنىۋېلىش ،جاپادىن قورقۇش ،شەخسىيەتچىلىك قارىشى ئەۋىج ئېلىپ كېتىپتۇ.
مەنچە ئائىلىدەئاتا ئانا چوقۇم قاتتىق تەلەپ قويۇپ بالىلارنى ئىستىل جەھەتتىن ياخشى تەربىيلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن
سەن دۇنياغا باقمىساڭ ،دۇنيا ساڭا باقماس!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )