قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7414|ئىنكاس: 51

غېنى باتۇر ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

4879

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9173
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 864
تۆھپە : 925
توردىكى ۋاقتى: 247
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 09:02:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                        



    



   
      سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىنو ستۇدىيىسى «قازاق فىلىم» 1980 - يىلى؛ 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمانى «غەنى باتۇر» نى باش تېما قىلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى. رۇس تىلىدا ئىشلەنگەن « غېنى باتۇر» دەپ ئاتالغان مەزكۇر فىلىمدە خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى ھاياتى، كۈرەشلىرى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىلىرى باش تېما قىلىنغان.

          فىلىمدە غېنى باتۇرنىڭ سىماسى كۆرۈلگەندىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭ ئۆز ئاۋازىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، 79 ياشقا كىرىپ قالغان غېنى باتۇر ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئىنقىلابقا قاتناشقانلىقى ۋە ئىلىنى ئازاد قىلىش ھەمدە ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدۇ؛

          بۇ غەنى باتۇرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان نەق مەيداندىن ئېلىنغان بىردىن بىر جانلىق سىماسى ھەمدە ئۆز ئاۋازى بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق بىز 20 - ئەسىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۇيغۇر قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ سىماسىنى كۆرۈش ۋە ئاۋازىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز.

          فىلىمدە غېنى باتۇرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىنقىلاب جەريانىدىكى قەھرىمانلىقلىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىدۇ. غېنى مەمەتباقى ئوغلى 1902 - يىلى، غۇلجا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى قاش يېزىسىدىكى تۇردىيۈزى كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئىشچان، قورقماس، باتۇر يۈرەك بالا بولۇپ چوڭ بولغان. ئۇ 16 يېشىدا كۈچلۈكلىكتە داڭ چىقىرىدۇ، كەمبەغەل - پۇقرالارنىڭ مەيدانىدا تۇرىدۇ. پۇقرانى بوزەك قىلغانلاردىن، ئەمەلدار زالىملاردىن قورقمايدىغان غېنى باتۇر ئىلى ۋادىسىدا داڭ چىقىرىدۇ ھەمدە ئىككى يىل ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1944 - يىلى، 4 - ئايدا تۈرمىدىن قاچىدۇ. ئۇ فىلىمدە ئۆز كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە سۆزلەيدۇ.

         غېنى باتۇر 1944 - يىلى 9 - ئايدا نىلقا پارتىزانلىرى قاتارىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق باتۇرلىرىدىن بىرگە ئايلىنىدۇ ھەمدە پارتىزان ئەترىتىنىڭ كوماندىرلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ نىلقىنى ئازاد قىلىشتا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ، ئارقىدىن 1944 - يىلى، 7 - نويابىردا بىرىنچى بولۇپ، غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، ئالدى بىلەن غۇلجا شەھىرىدىكى رايونلۇق ساقچىخانا ئىشغال قىلىپ، كۆپلىگەن ئادەملىرىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. ئارقىدىن ئۇ ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى، ئىلى ۋىلايەتلىك باش ساقچى قاتارلىق ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. غېنى باتۇر 1944 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى ئىلىدىكى گومىنداڭنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورغىنى ئىلى باش ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت ھۈكۈمىتىنى قۇرۇشقا زېمىن ھازىرلايدۇ.

       غېنى باتۇر شۇنىڭدىن كېيىن غۇلجا شەھىرى، سۈيدۈڭ ۋە كەڭسايدىكى جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە ئارشاڭنى ئازاد قىلىشقا ئەۋەتىلىپ، ئارشاڭنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن شارائىتى ھازىرلايدۇ. ئۇ ئارشاڭدىكى جەڭدە يارىلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى غېنى باتۇر، فاتىخ باتۇر ۋە ئەكبەر باتۇرغا خەلق قەھرىمانى دېگەن ئەڭ ئالىي نامنى بېرىدۇ. ئارقىدىن پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيە ھەربىي سوتىنىڭ باشلىقى بولىدۇ.

        غېنى باتۇرنىڭ 1950 - يىلىنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ جەرياندا ستالىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئاغزاكى ئۇچۇرلار مەۋجۇت. غەنى باتۇر يەنە 1950 - يىلى، 10 - ئايدا بېيجىڭدا زىيارەت بولىدۇ. تاكى 1953 - يىلىغىچە لەنجۇدا قاتارلىق جايلاردا تۇرغۇزىلىدۇ ۋە 1953 - يىلى ئۈرۈمچىگە، 1954 - يىلى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ مەزگىللەردە غېنى باتۇرنى تەنقىد قىلىش ۋە ئەيىبلەشلەر باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. .. غېنى باتۇر 1955 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا باشتا تاشكەنتتكە، كېيىن ئالمۇتا ئەتراپىغا ئورۇنلىشىپ، شۇ يەردە ياشايدۇ ۋە 1970 - يىللاردا ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى شەرەپ رەشىدوف، قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى دىن مۇھەممەد قۇنايېف قاتارلىقلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ھەم ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ. شەرەپ رەشىدوف ئۇنىڭغا كىچىك ماشىنا تەقدىم قىلىدۇ.

        بۇ فىلىمدە يەنە غەنى باتۇرنىڭ سەپداشلىرى، يەنى 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي - سىياسىي كادىرلىرىدىن، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋە مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى ھەمدە 1955 - يىلى جوڭگۇ ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن زۇنۇن تېيىپوف، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى، 1949 - يىلىدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن يازغۇچى زىيا سەمەدى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ھەم 1950 - يىللاردا ياشلار خىزمىتى ساھەسىدە رەھبەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان ھاشىر ۋاھىدى، مۇزىكانت غوپۇر قادىرخوجايېف قاتارلىق ئەربابلارنىڭ سىمالىرى كۆرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ غېنى باتۇر ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى  ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۆز ئاۋازلىرى بىلەن بېرىلگەن....

         فىلىمدە سابىق مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف غېنى باتۇر ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەققىدە بايان قىلىپ، غەنى باتۇرنىڭ قوشقان تۆھپىسى، باتۇرلۇقى ۋە قەيسەرلىكىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ...
         غېنى باتۇر ئۆزى ھەققىدىكى بۇ فىلىم ئىشلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 1981 - يىلى ۋاپات بولۇپ، ئۆزى ياشىغان مەھەللىگە دەپنە قىلىنىپ، ھەيكەل ئورنىتىلدى.

غېنى باتۇر

غېنى باتۇر
مەغلۇپ بول مەغلۇپ بول تازا مەغلۇپ بول

0

تېما

6

دوست

4190

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 544
تۆھپە : 923
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 16:08:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈن قان كىچىپ كۆرەش قىلغان خەلق قەھرىمانلىرى نەدە بولمىسۇن ئۇ مەڭگۈ خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ، ھۆرمەتلىنىدۇ، يادلىنىدۇ، روھى، ئىش- ئىزلىرى ئەبەدىي ئۇنتۇلمايدۇ....
0=1-99
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ana tilim jan tilim!

7

تېما

5

دوست

4695

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10175
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 933
تۆھپە : 829
توردىكى ۋاقتى: 812
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 16:13:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ،كۆكلەم تورى دەپ!
ئويغان ئۇيغۇر!مەرىپەتتە ئويغان!قەددىڭىنى رۇسلا!

سۇكۇتتە تۇرۇشۇم

40

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3347
تۆھپە : 1993
توردىكى ۋاقتى: 573
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 16:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھور ئۇيغۇر قەھىرىمانى-غەنى باتۇر خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۇ ھايات!تارىخنى ئۇنتۇش نۇمۇستۇر،باتۇرنىڭ قەھىرىمانلىق تارىخنى ئەۋلاتلرىمىزغا يەتكۇزۇش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر!

yaxnar

1

تېما

4

دوست

5741

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 1436
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 17:05:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلا ياخشىمۇ سىلەر پىقىر نۆلدىن ھەمىڭلارغا ئوتلۇق سالام مەن تىما يازسام نىمىشقىكىن بىلمىدىم 75 تىن جىق1500 يۇزدىن ئازبۇلسۇن دەيدۇ بىلمىدىم بىلدىخانلار خاپا بولماي دەپ بەرسەڭلار رەخمەت

2

تېما

0

دوست

3252

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6901
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 723
تۆھپە : 512
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 17:33:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش قېرىندىشىم ،كۆپ كۆپ رەخمەت.ئەجەپ ياخشى يوللاپسىز، يا ئاللاھ،بۇنىڭغىمۇ ئىرىشتۇق،.

1

تېما

0

دوست

3643

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   54.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6180
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 18:03:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،رەھمەت سىزگە!
لېكىن يەنىلا ئەپسۇس، ئۇيغۇرچە ئاۋازنىمۇ رۇسچىسى بېسىپ كېتىپتۇ، ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ قايتا ئاۋاز بېرىشكە مۇمكىن بولغان بولسا، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!
شۇنداقتىمۇ، كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر!
تەرجىمە قىلىدىغانلارنىڭمۇ چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!

1

تېما

0

دوست

1861

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8484
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 230
تۆھپە : 419
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 19:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى يولاپسىز!رەھمەت !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )