- تىزىملاتقان
- 2011-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4411
- نادىر
- 0
- يازما
- 186
ئۆسۈش
80.37%
|
ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك كىشى كىم؟
كىمنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ قەدىر-قىممەتكە سازاۋەر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇنداقتا ،بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەي،تۆۋەندىكى مەسىللەرنى تەپسىلى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن يەكۈن چىقىرىڭ.
(1)سىز ئۆي ياكى ماشىنا سېتىۋالماقچى بولۇپ ئون نەچچە مىڭ يۈەن كەملەپ قالغاندا پۇل سوراش ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن كىمنى ئېسىڭىزگە ئالىسىز؟كىم بىرىنچى بولۇپ كەملەپ قالغان پۇلنى سىزگە قەرز بېرالايدۇ؟
جاۋاپ:
(2)سىز خىزمەت ياكى تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا دەردىڭىزنى ئەڭ بۇرۇن كىمگە ئېيتىسىز؟ئەڭ بۇرۇن كىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەردىڭىڭگە دەرمان بولىدۇ؟
جاۋاپ:
(3)سىز تىجارەتكە كىرىشكەندە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىڭىزنى سېتىشتا ياكى خېرىدار چاقىرىشتا ئەڭ دەسلەپ كىمنى تاللايسىز؟كىم تۇنجى بولۇپ سىزنىڭ خېرىدارلىقىڭىزنى قىلىدۇ؟
جاۋاپ :
(4)كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا ياكى ئۇشتۇمتۇت بىرەر كېلىشمەسلىككە دۇچار بولۇپ قالغاندا ئەڭ بۇرۇن كىمنى ئېسىڭىزگە ئالىسىز؟ئەڭ بۇرۇن كىم سىزنى يوقلاپ كېلىدۇ؟
جاۋاپ:
(5)سىز سودا ئىشلىرىدا ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقۇپ،پۈتۈن ئەسلى-ۋەسلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا،ئەڭ بۇرۇن كىمنى ئېسىڭىزگە ئېلىپ تېلىفۇن قىلىسىز؟كىم بىرىنچى بولۇپ سىزگە ئىقتىسادى قەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ؟
جاۋاپ:
(6)سىز تۇيۇقسىز يۈز بەرگن يەر تەۋرەشتە ھادىسىدە ئېغىر زەخىملىنىپ قاڭغاندا ئەڭ بۇرۇن كىم ئېسىڭىزگە كېلىدۇ؟ئەڭ بۇرۇن كىم سىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يوقلاپ كېلىدۇ؟
جاۋاپ:
(7)سىز ئىش ئورنىڭىزدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبىدىن ئىچىڭىز پۇشۇپ پۇخادىن چىققىدەك بىر ئېچىلىۋېلىشنى ئويلىغاندا،ئەڭ دەسلەپ كىمنى تاللايسسز؟بۇنداق ۋاقىتتا كىم تۇنجى بولۇپ،سىزنىڭ دەردىڭىزگەيىتىپ ئۈلپەت بولالايدۇ؟
جاۋاپ:
(8) سىز «ئەمەلدار»لىق تەختىدىن چۈشكەندىن كېيىن كىملەر بىلەن بېرىش كېلىش قىلىسىز؟بۇنداق ۋاقىتتا كىم سىز بىلەن بۇرۇنقىدەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالالايسىز؟
جاۋاپ:
(9) سىز روھى جەھەتتىن چوڭقۇر غېرىپلىققا چۇشۈپ قالغاندا مۇڭدىشىش ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن كىمنى ئېسىڭىزگە ئالىسىز؟كىم سىز بىلەن ھال مۇڭ بولالايدۇ؟
جاۋاپ:
(10)سىز ياقا يۇرتلاردا بىر تىيىنمۇ توق «قاق سەنەم»بولۇپ قالغاندا،دەردىڭىزنى ئەڭ بۇرۇن كىمگە ئېيتىسىز؟ئەڭ بۇرۇن كىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە ياردەم قىلىدۇ؟
جاۋاپ: |
|