قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1107|ئىنكاس: 2

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ جاھىلىيەت دەرۋىدىكى ھاياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

1

دوست

1990

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4908
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 454
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 19:53:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 
ئىسمى : ئابدۇللا ئىبنى ئوسمان ئىبنى ئامىر ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى كەئىب ئىبنى سەئىد ئىبنى تەييىم
 
لەقىمى:ئەتىيق؛تەخەللۇسى :ئەبۇ بەكرى .كىشىلەر ئۇنى( سىددىق،راسچىل) نامى بىلەن تونۇيدۇ .
 
 دادىسىنىڭ ئىسمى ئوسمان ئەبۇ قۇھافە .ئانىسىنىڭ ئىسمى ئۇممۇل خەير سەلمە بىنتى سەخر .
ئانىسىمۇ بەنى تەييىم قەبىلىسىدىن بولۇپ ،دادىسىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى ئىدى .بەنى تەييىم قۇرەيشنىڭ ئون ئىككى ئايمىقىنىڭ بىرى بولسىمۇ ،ئابدۇمەناف ۋە بەنى مەخزۇم ئايماقلىرىدەك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى .
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ھىجرەتتىن 51يىل بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ،ياشتا پەيغەمبىرىمىزدىن ئىككى يىل بىر نەچچە ئاي كىچىك ئىدى .ئەبۇ بەكرى جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەنىدى .ئۇ ئاياللارنىڭ بىرى،قۇتەيلە بىنتى ئابدۇل ئۇززا بولۇپ ،ئۇ ئايالىدىن ئابدۇللار ۋە ئەسما تۇغۇلدى .يەنە بىرى ،بەنى قىنانەدىن ئۇممۇ رۇمان بىنتى ئامىر بولۇپ .ئۇ ئايالىدىن ئابدۇرەھمان ۋە ئائىشە دۇنياغا كەلدى .
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى قۇرەيش ئاقساقاللىرىدىن ئىدى .ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن قۇرەيىشنىڭ ئورۇن ۋە مەنسەپلىرى ئون ئايماقتىن ئون كىشىنىڭ قولىدا بولۇپ ،ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
بىرىنچى .بەنى ھاشىم ئايمىقىدىن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تاغىسى )ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب .بۇ زات جاھىلىيەت دەۋرىدە ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى باشقۇراتتى .بۇ ۋەزىپە ئىسلامىيەتتىن كىيىنمۇ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى .
 
ئىككىنچى ،بەنى ئۈمەييەدىن ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھارب :قۇرەيشنىڭ ‹ئۇقاب›دەپ ئاتىلىدىغان تۇغى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى .قۇرەيشلەر مۇھىم بىر ئىشقا بىرىنى باش قىلىپ سايلىماقچى بولۇپ ،پىكىر بىرلىكىگە كىلەلمىسە ،ھەممىسى ئۇنى سايلاپ قۇياتتى .
ئۈچىنچى ،بەنى نەۋفەلدىن ھارس ئىبنى ئامىر ؛ئۇ ‹رىفادە ›دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىجتىمائى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقاتتى .ئۇ قۇرەيش رەئىسلىرىنىڭ قىسىلچىلىقتا قىلىپ ،پەرىشان بولغان ھاجىلار ئۈچۈن بەرگەن مەلۇم مىقداردىكى ياردىمىنى توپلاپ ،بېرىلىشى كېرەك بولغان كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىدىغان خىزمەت ئىدى .
تۆتىنچى ،بەنى ئابدۇدداردىن ئوسمان ئىبنى تەلھە ؛ئۇ كەئبىنى قوغداغ ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى قىلاتتى .
بەشىنچى ،بەنى ئەسئەدتىن يەزىد ئىبنى زەمئە ئىبنى ئەل ئەسۋەد ،ئۇ قۇرەيشنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ،قۇرەيىشلەر ئۇنىڭ مەسلىھەتنى ئالماي تۇرۇپ ،ھېچقانداق بىر ئىشقا قارار بەرمەيتتى .ئۇ بىر ئىشقا تەستىق سالغاندىن كىيىن ئۇنى ئىجرا قىلاتتى ياكى ئۇ ئىككىلىنىپ قالسا ،ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشاتتى .
ئالتىنچى ،بەنى تەييىمدىن ئەبۇ بەكرى،ئۇ ئىقتىسادى جازالارنى قۇرەيشنىڭ نامىدا ئۆتكۈزىۋالاتتى .بىر ئىشنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن ،قۇرەيىشلەردىن دەلىل تەلەپ قىلىنغان ۋاقىتتا ،ئۇنىڭ گېپى بەكمۇ كۈچلۈك ھىسابلىناتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىماقچى بولغان كىشىگىمۇ ھوقۇق بېرىلەتتى .ئەمما ئۇنىڭ سىرتىدا بىر كىشى بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بولسا ،ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇياتتى .
يەتتىنچى،بەنى مەخزۇم ئايمىقىدىن خالىد ئىبنى ۋەلىد ،چېدىر ۋە قوماندانلىق ئۇنىڭ قولىدا ئىدى .چېدىر لازىم بولغاندا بىر يەرگە قۇرۇلاتتى ۋە قۇرەيش چوڭلىرى كىلىپ قۇشۇننىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە مەسلىھەتلىشەتتى .قوماندانلىق خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولۇپ ،ئۇرۇشلاردا ئاتلىق قۇشۇننىڭ يۈرۈش قىلىشىغا ۋە قوماندانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولاتتى .
 
سەككىزىنچى ، بەنى ئادىيدىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ،ئۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە قۇرەيشلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ،ھازىرقى دۆلەت ئەلچىسى ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئوخشاش ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل ئىدى .
توققۇزىنچى ،بەنى جىمھى ئايمىقىدىن سەفۋان ئىبنى ئۈمەييە ، ئۇ پال ئوقلىرىنىڭ ئامانەتچىسى ئىدى .
ئونىنچى ، بەنى سەھىمدىن ئىبنى ھارىس ئىبنى قەيس .ئۇ بۇتلارغا ئاتا قىلىنغان ماللارغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى .
 
ئۇندىن باشقا ،ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى قۇرەيشنىڭ نەسەبشۇناسى ئىدى .تارىخچى ئىبنى ھىشام ‹‹پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمالى ››ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ :
‹‹ئەبۇ بەكرى قۇرەيشنىڭ نەسەبىنى ئەڭ ياخشى بىلەتتى . بۇ نەسەبتىكى ياخشىلىق ياكى باشقا ئىشلار بولسا ،ھەممىدىن خەۋەردار ئىدى .يامانلىقلارنى كۆرمەسكە سالىدىغان ،خۇش پېئىل ،ئەخلاقلىق ۋە باشقىلارغا خەيرىخاھلىق قىلىدىغان كىشى ئىدى .قۇرەيش ئۇنى يوقلاپ ،ئۇنىڭ تىرەن بىلىملىرى ،سودا-سېتىق تەجرىبىلىرى ۋە ساداقىتى سەۋەبىدىن ھەرخىل تىمىلار ھەققىدە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايتتى .
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى تىجارەتچى بولغاچقا ،كۆپلىگەن مەملىكەتلەرگە بېرىپ ئايلىناتتى .ئۇ مۇشۇ مەقسەتتە ئەبۇ تالىپنىڭ كارۋىنىغا قېتىلىپ شامنى زىيارەت قىلدى .كۆپ مىقداردا مەبلىغى بار ئىدى .ھە ناھايىتى سېخى ئىدى .ھەر دائىم ئۆز مېلىدىن سەرپ قىلىپ ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ياخشلىق قىلاتتى .شۇڭا قۇرەيشلەر ئۇنى بەكمۇ سۆيەتتى ۋە ھەر ئىشنى ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە قىلاتتى .
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى جاھىلىيەت دەۋرىدىلا ئىچىملىكنى تەرك ئەتكەنىدى .شۇڭا مەيلى جاھىلىيەتتە ياكى ئىسلامىيەتتە بولسۇن ئىچىملىكنى پەقەتلا ئىچمىگەنىدى .جاھىلىيەت دەۋرىدە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بىر مەستكە يولۇقۇپ قالدى .ئۇ مەست قولىنى ئادەمنىڭ چوڭ تەرىتىگە تىقىپ ،ئاندىن ئاغزىغا يېقىن ئاپىراتتى ۋە .پۇرىقىدىن سەسكىنىپ قولىنى تارتىۋالاتتى .ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بۇ يىرگىنىشلىك مەنزىرىنى كۆرۈپ ،ئۆزى ھېچ تېتىپ باقمىغان ئىچىملىكنى بىر ئۆمۈر ئاغزىغا ئالماسلىق ھەققىدە ئۆز-ئۆزىگە قەسەم ئىچتى .
ئەبۇ نازىم ئىشەنچىلىك خەۋەر ئارقىلىق ھەزرىتى ئائشەدىن شۇنى نەقىل قىلىدۇ :(دادام )ئەبۇ بەكرى جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ ئىچىملىكنى ئۆزىگە ھارام دەپ ھىسابلايتتى .
 
ئىبنى ئامىر يەنە بىر ئىشەنچلىك رىۋايەت ئارقىلىق ئائىشەنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ :ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ، (دادام )ئەبۇ بەكرى مەيلى جاھىلىيەت دەۋرىدە بولسۇن ياكى ئىسلامىيەت دەۋرىدە بولسۇن ،قەتئى شىئېر ئوقۇمايتتى .ئوسمان بىلەن ئىككىسى جاھىلىيەت دەۋرىدىلا ئىچىملىككە يىقىن يولىمايتتى .
 
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىدىن پەقەت ئۈچ بىيىتلا رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ .ئۇنىڭ بىرى مۇنداق ئىدى :
 
ئەي تەلھە ئىبنى ئابدۇللا !
ساڭا خۇش خەۋەر ،ساڭا خۇشاللىق ،
مۇبارەك جەننەتلەر بىر ساڭا لايىق .
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ئۆز ھاياتىدا سەنەم –بۇتقىمۇ چوقۇنمىغانىدى .ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ساھابىلىرى ئارىسىدا تۇرۇپ مۇنداق دىگەنىدى :‹مەن ئۆز ھاياتىمدا سەنەم –بۇتقا چوقۇنۇپ باقمىدىم .يىگىتلىك ۋاقىتلىرىمدا ،بىر كۈنى دادام مېنى سەنەم –بۇتلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر بۇتخانىغا باشلاپ باردى ۋە ماڭا :
-ئوغلۇم ! مانا بۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ ئىلاھلىرىڭ ،-دىدى ۋە مېنى ئۇ يەردە قالدۇرۇپ قۇيۇپ ئۆزى كېتىپ قالدى .مەن سەنەم –بۇتنىڭ قىشىغا كىلىپ :
-مېنىڭ قورسۇقۇم ئاچ ،ماڭا يىگۈدەك بىر نەرسە بەر ! –دىدىم .ئەمما سەنەم –بۇت جاۋاب بەرمىدى .مەن يەنە :
-مەن يالىڭاچ ،ماڭا كىيگۈدەك بىر نەرسە بەر !-دىدىم .سەنەم –بۇت يەنە جاۋاب بەرمىدى .شۇنىڭ بىلەن مەن ئاچچىقىمدا بىر پارچە تاشنى ئېلىپ ،سەنەم –بۇتقا قارىتىپ ئاتتىم .سەنەم –بۇت يەرگە دۈم چۈشتى .
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى مەخپى –ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن بىللە ئىدى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ۋەھى چۈشۈشتىن بۇرۇنمۇ ئۇ زاتقا بەك سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىب بىلەن بىرلىكتە بارغان ۋە مەشھۇر پوپ بۈھەيرە بىلەن ئۇچراشقان شام زىيارىتىدىمۇ ئۇ زات بىلەن بىللە ئىدى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ۋەھى چۈشكەن دەسلەپكى چاغلاردا ،‹ئى مۇھەممەد !›دەپ چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى .
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇنى بىر سىر سۈپىتىدە پەقەت ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىگىلا ئېيتتى .چۈنكى جاھىلىيەت دەۋرىدە كۆپ شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ جاھلىيەت دەۋرىدىكى ھاياتى ھەققىدە ئېنىق ۋە تەپسىلى مەلۇمات يوق .ئۇ دەۋىر ھەققىدىكى مەلۇماتلار پەقەت ئۇنىڭ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ،نەسەبشۇناس ئىكەنلىكى ،قۇرەيشلەرنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىسى ئىكەنلىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن ئۇ دەۋرىدىمۇ دوست ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىدى .ئۇنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئىسلامغا كىرىشى ،يەنى ئۇنىڭ بۇرۇندىنلا ئىسلامغا كىرىشى ،يەنى ئۇنىڭ بۇرۇندىنلا ئىسلامغا مايىل بۇلۇشى ئۇنى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ .
 
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ بەدەن قۇرۇلىشىغا كەلسەك ،ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دەپ تەرىپلەيدۇ :‹‹ئۆڭى ئاق ، ئورۇق ۋە ساقىلى شالاڭ ئىدى .ئالدىغا سەل ئېگىلىپ تۇراتتى .يۈز تومۇرلىرى ئوچۇق كۆرۈنەتتى ،پىشانىسى كەڭ ،قوللىرى تۈكسىز ئىدى .››
 
 
مەنبە -‹‹تۆت خەلىپە ››ئاپتۇرى –مەھمۇد شاكىر (ئەرەبىستان )
بىر كەم دۇنيا ،كىمىنى تولدۇرۇپ ياشا!

0

تېما

0

دوست

163

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21930
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 16:23:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئىلمىمىزنى زىيادە قىلغاي
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22155
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 15:30:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا تەسرلك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )