قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 864|ئىنكاس: 2

ھەدىسلەردىن قىممەتلىك دۇردانىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

1

دوست

1990

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4908
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 454
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 20:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    [li]
    بۇ لۇغەتتە 500جۈملە بولۇپ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىنى تولۇق يوللاشقا ئىمكانىيەت بولمىدى .داۋامىنى  داۋاملىق يوللىنىدۇ. 
     
    [/li]
1-ئىلىم ئۆگىنىش توغرىسىدا
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرىلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان ،ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ ،يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن ؛ئەنە شۇلار مەقسىدىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر .
 
ئاللاھ ئىنسانغا قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى .
 
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارغا قورقىدۇ .
 
بىز ئىنسانلارغا بايان قىلغان بۇ ئۆمۈچۈك ھەققىدىكى تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ .
 
پەيغەمبىرىمىز : ھېكمەت ئىلىم مەرىپەت شەرەپكە شەرەپ قوشىدۇ ،قۇلنى خوجايىنغا خوجا قىلىدۇ دىگەن .
 
بىر ئالىمنىڭ ئۆلگىنىدىن بىر قەبىلىنىڭ ئۆلۈمى ئاسانراق ،ياخشىراق .
 
قىيامەت كۈنى ئالىملارنىڭ ئىشلەتكەن سىياسى بىلەن شېھىتنىڭ قېنى تەڭ تارازىغا قۇيۇلىدۇ .
 
بىر ئالىم دىندا ئالىم بولسا ،ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق مۇھىم ئىشلىرىغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ ۋە ئويلىمىغان يەردىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ .
 
ئالىملار –ئاللاھنىڭ زىمىندىكى ئەمىن بەندىلىرىدۇر .
 
 ئۈممىتىمدىن ئىككى خىل كىشىلەر تۈزەلسە ھەممە تۈزۈلىدۇ . ئۇلار بۇزۇلسا ھەممە بۇزۇلىدۇ .بىرى ئەمەلدارلار ،يەنە بىرى ئالىملار .
 
قىيامەت كۈنى ئۈچ خىل ئادەملەر شاپائەت قىلىنىدۇ ؛ پەيغەمبەرلەر، ئالىملار ،شېھىتلار .
 
شەيتانغا مىڭ ئابىدتىن بىر ئالىم كۈچلۈكرەكتۇر .
 
كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كىلىدۇ ،ئالىملىرى ئاز ،نەسىھەتچىلىرى كۆپ ، بېرىدىغانلار ئاز ،سورايدىغانلار كۆپ .ئۇ چاغدا ئەمەلدىن ئىلىم ياخشىراقتۇر .
 
بىر باب ئىلىم ئۆگەنگىنىڭ ئىشلىتەلىسەڭ ياكى ئىشلىتەلمىسەڭمۇ مىڭ رەكئەت نەفلە ناماز ئوقۇغىنىڭدىن ياخشىراقتۇر .
 
ئىلىم تەلەپ قىلىش –ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز .
 
ئىلىم بىر خەزىنە ،ئۇنىڭ ئاچقۇچى سۇئال ،بىلمىگىنىڭلارنى سوراڭلار !ئۇنىڭدا تۆت ئادەم ساۋابقا ئېرىشىدۇ:سورىغۇچى،جاۋاب بەرگەن ئالىم ،بۇ سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغۇچى ، ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرگۈچى .
 
بىلمسىز بىلىمسىزلىكە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى كېرەك .بىلىملىكمۇ بىلىمىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى كېرەك ،بىلىمسىز ئۆگىنىشى ،بىلىملىك ئۆگىتىشى كېرەك .
 
باشقىلاردىن ئاڭلىغان ھېكمەت نىمىدىگەن ياخشى سوۋغات –ھە!ئۇنى ئاڭلاپ ئەستە تۇتىسەن ،ئاندىن ئۇنى مۇسۇلمان بۇرادىرىڭگە ئېيتىپ بېرىسەن ، بۇ قىلغىنىڭ بىر يىللىق نەفلە ئىبادەتكە باراۋەر .
 
بىر مۆھمىننىڭ ئاڭلىغان بىر ياخشى گەپنى ئەستە ساقلاپ ،ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ ،باشقىلارغا ئۆگەتكىنى بىر يىللىق نەفلە ئىبادىتىدىن ياخشىراقتۇر .
ئۈممىتىمنىڭ ھالاكىتى پاسىق ئالىم ۋە نادان ئابىدتۇر .يامانلارنى يامىنى ئالىملارنىڭ ناچىرىدۇر ،ياخشىنىڭ ياخشىسى ئالىملارنىڭ ياخشىسىدۇر .
 
ئالىملار پادىشاھلارغا ئارىلاشمىسىلا ،ئاللاھ تائاللانىڭ بەندىلىرى ئىچىدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىلىرىدۇر .ئەگەر ئۇلار پادىشاھلار بىلەن ئارىلاشسا ،پەيغەمبەرلەرگە خىيانەت قىلغان بولىدۇ ،ئۇلاردىن ھەزەر قىلىڭلار،ئۇلارغا ئارىلاشماڭلار .
 
 
ئالىملارنىڭ ئەڭ يامىنى ئەمەلدارلارنىڭ يېنىغا بارىدىغىنى .ئەمەلدارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئالىملارنىڭ يېنىغا بارىدىغىنىدۇر.
 
 
موھتاجلارغا مەنپەئەت بېرىدىغان ،كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا موھتاج بولمىسا ،كىشىلەرنىڭ قولىدىكىگە تەلمۈرمەيدىغان مۆھمىن ئالىم كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
 
بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئۆزىگە يەتكەن ياخشى گەپنى يەتكۈزگەندىنمۇ كاتتا پايدىنى ئۆز قېرىندىشىغا يەتكۈزەلمەيدۇ .
 
 
ئەگەر بىر ئادەم كىشىلەرگە ئۇلار چۈشىنەلمەيدىغان بىر ھەدىسنى بايان قىلسىلا ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە پىتنە-پاسات پەيدا بولىدۇ .
 
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب مۇنداق دىگەن : كىشىلەرگە ئۇلار بىلەلەيدىغان گەپنى قىلىڭلار ،ئۇلار چۈشىنەلمەيدىغان گەپنى قىلماڭلار .ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ يالغانغا چىقىرىلىشىنى خالامسىلەر ؟
،
پاكىزلىك –ئىماننىڭ يېرىمىدۇر .
 
خالىغىنىڭلارچە ئۆگىنىڭلار ،ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ،بارلىق ئىلىمنى ئۆگىنىپ بولساڭلارمۇ ئەمەل قىلمىغۇچىلىك ئەجرىگەئېرىشەلمەيسىلەر .
 
ئالىم بول ياكى ئۆگەنگۈچى بول ،ياكى ئاڭلىغۇچى بول ياكى ئالىمنى دوست تۇتقۇچى بول ،بەشنچىسى بولۇپ قالما ،بولمىسا ھالاك بولىسەن .
 
بىلىمنى يېزىق بىلەن توختىتىڭلار،(ئىگىلەڭلار)
 
زەيىد ئىبنى سابىت مۇنداق دەيدۇ :پەيغەمبىرىمىز ماڭا يەھۇدىي يېزىقىنى ئۆگىنىشىمنى بۇيرۇدى .
 
خالايىق ئىلىم ئۆگىنىڭلار ،ئىلىم دىگەن ئۆگىنىش بىلەنلا ھاسىل بولىدۇ .
 
مۇسۇلمان ئۆز قېرىندىشىغا ھېكمەتلىك سۆزدىنمۇ ئارتۇق سوۋغاتنى بېرەلمەيدۇ .
 
كىچىك چېغىدا ئۆگەنگىنى تاشقا نەقىش ئويغاندەكتۇر .
 
ئاللاھ تائاللا بىر ئادەمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ .
 
كىشىلەر ئالتۇن –كۈمۈش كانلىرىغا ئوخشاش ،ئۇلارنىڭ جاھىلىيەتتىكى ياخشىلىرى ئىسلامى بىلىملەرنى بىلسە ئىسلامدىمۇ يەنىلا ياخشىدۇر .
 
پەقەت ئىككى ئادەمگىلا ھەسەت قىلىشقا بولىدۇ .بىرى،ئاللاھ كۆپلەپ مال بەرگەن ،ئۇنى ھەقىقەت يولىغا ئىشلەتكەن ئادەم .يەنە بىرى ئاللاھ ئىلىم-ھېكمەت ئاتا قىلغان ،شۇ ئىلىم بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇ ئىلىمنى كىشىلەرگە ئۆگەتكەن ئادەمدۇر .
 
بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ،ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئىشىدىن باشقا ھەممە ساۋابلىق ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ ،داۋاملىق ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان ياخشىلىق ،مەنپەئەتلىك ئىلىم،ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان ياخشى پەرزەنىت .
 
بىر ئادەم بىر مۆھمىندىن دۇنيا مۇشەققەتلىرىدىن بىر مۇشەققەتنى كۆتۈرىۋەتسە ،ئاللاھ تائاللا ئۇنىڭدىن ئاخىرەت مۇشەققەتلىرىدىن بىر مۇشەققەتنى كۆتۈرۋىتىدۇ .ئەگەر بىر ئادەم بىر قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرسە ،ئاللاھ تائاللا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ .ئەگەر بىر ئادەم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا ،ئاللاھ تائاللا ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى گۇناھىنى ياپىدۇ .بىر كىشى ئۆز قېرىندىشىغا ياردەم قىلىپ تۇرسىلا ،ئاللاھ تائاللا ئۇنىڭغا ياردەم تۇرىدۇ .ئەگەر بىر ئادەم ئىلىم يولىدا ماڭسا ،ئاللاھ تائاللا ئۇنىڭغا جەننەت يولىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ .
 
ئاللاھ ئىلىمنى بەندىلەردىن بىراقلا تارتىپ ئالمايدۇ ،لېكىن ئالىملارنى ئېلىپ كېتىش ئارقىلىق ئىلىمنى ئېلىپ كېتىدۇ .ھەتتە بىرمۇ ئالىم قالمىغاندا كىشىلەر نادانلارنى ئۆزلىرىگە باش قىلىۋالىدۇ .ئۇلار نادانلاردىن سورالسا ،ئىلىمسىزلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ ،ئۆزلىرىمۇ ئازىدۇ ،باشقىلارنىمۇ ئازدۇرۋىتىدۇ.
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىر گەپنى باشقىلار چۈشەنگۈچە ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى ،ئەگەر بىر توپ كىشىلەرگە سالام قىلسا ،ئۇلارغا ئۈچ قېتىم سالام قىلاتتى .
 
بىرەر ياخشىلىققا باشلاپ قويغۇچى شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ .
 
ھەرقانداق ئادەم ناھەق ئۆلتۈرۈلسە ،ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ قاتىل ئوغلىغا بىر ئۈلۈش گۇناھ يېزىلىدۇ ،چۈنكى ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم قاتىللىق قىلغان .
 
ئەگەر بىر ئادەم ئىلىم يولىدا ماڭسا،ئاللاھتائاللا ئۇنىڭغا جەننەت يولىدىن بىر يولنى بېرىدۇ .شۈبھىسىزكى پەرىشت
ىلەرمۇ ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىدىن رازى بولۇپ ،ئۇنى ھۆرمەتلەپ ،ئۇچۇشتىن توختاپ تۇرىدۇ،ئالىمغا ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى ھەممە نەرسە ،ھەتتا دىڭىزدىكى كىتلارمۇ مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ .ئالىم بىلەن ئابىدنىڭ پەرقى ئاي بىلەن يۇلتۇزلارنىڭ پەرقىگە ئوخشايدۇ .ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر .پەيغەمبەرلەر تەڭگە –تىللالارنى مىراس قالدۇرمىدى ،ئۇلار پەقەت ئىلىمنى مىراس قالدۇردى .كىمكى ئۇ ئىلىمدىن ئالسا لازىملىق نىسىۋىسىنى ئالغان بولىدۇ .
 
پەرىشتىلەر ئاسمان زىمىندىكى ھەممە نەرسە، ھەتتا ئۇۋىسىدىكى چۈمۈلىلەرمۇ ،دىڭىزدىكى كىتلارمۇ كىشىلەرگە ياخشىلىق ئۆگەتكۈچىلەرگە ئاللاھتائاللادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ .
 
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن :كىشىلەر سىلەرگە ئەگىشىدۇ ،ئۇلار يىراق يۇرتلاردىن دىنى ئىلىم ئىگىلەشكە كىلىدۇ ،ئەگەر ئۇلار كەلسە ياخشلىقنى تەۋسىيە قىلىڭلار .
 
ھېكمەتلىك سۆز مۆھمىننىڭ يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر ،قەيەردە شۇ ھېكمەتنى تىپىۋالسا ، شۇ يەردە ئۇنى ئېلىۋىلىشقا ھەقلىقتۇر .
 
مۇناپىقتا بىرگە كەلمەيدىغان ئىككى خىسلەت بار .بىرى گۈزەل ئەخلاق ، بىرى دىنى ئىلىم .
 
بىر ئادەم ئىلىم يولىدا ئۆيىدىن چىقسا ،ئۆيىگە يېنىپ بارغۇچە ئاللاھتائاللانىڭ يولىدا بولغان بولىدۇ .
 
بىر ئادەم ئىلىم تەلەپ قىلسا ئۆتكەن گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ .
 
مۆھمىن ئادەم جەننەتكە بارغۇچە ياخشىلىقنى ئاڭلاپ قانمايدۇ .
 
بىر ئادەم بىر ئىلىمدىن سورالسا ئۇ ئادەم بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى يۇشۇرسا ،ئۇ ئادەمگە قىيامەتتە ئوتلۇق يۈگەن سېلىنىدۇ .
 
بىر ئادەم ئالىملار بىلەن قارشىلىش ئۈچۈن ياكى نادانلاربىلەن جىدەللىشىش ئۈچۈن ،كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگەنسە ،ئاللاھ تائاللا ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ .
 
بىر ئادەم ئاللاھ تائاللانىڭ رازىلىقىنى ئىزدىلىدىغان ئىلىمنى پەقەت دۇنيالىق نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆگەنسە ،قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ .
 
مۇسۇلماننىڭ قەلبى مۇنۇ ئۈچ ئىشتا خىيانەت قىلمايدۇ؛ئەمەلنى ئاللاھ تائاللا ئۈچۈن خالىس قىلىش ،مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىش .جامائەتتىن ئايرىلماسلىق،ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئۇلارنى ئوراپ تۇرىدۇ .
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن :بىزدىن بىرەر نەرسىنى ئاڭلاپ ،باشقىلارغا ئاڭلىغىنىدەك يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى نۇرلاندۇرىۋەتسۇن ،بەزى يەتكۈزۈلگۈچىلەر ئاڭلىغۇچىلاردىن ياخشىراق چۈشىنىشى مۇمكىن ،
 
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ :پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن :مەن دىمىگەننى دىدى دىيىشتىن ھەزەر قىلىڭلار .پەقەت بىلگىنىڭلارنى دەڭلار ،كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى ئارتماقچى بولىدىكەن ،ئۇ ئادەم دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييار قىلغان بولىدۇ .
 
كىمكى ئۆز رايى بويىچە ئەرەب گىرامماتىكىسىنى ياخشى بىلمەي تۇرۇپ قۇرئاننى تەپسىر قىلىدىكەن .ئۇ ئادەم دوزاختىن بىر كىشىلىك جاي تەييار قىلىپ قويسۇن .
كىمكى ئىلىمسىز ھالدا قۇرئاننى تەپسىر قىلىدىكەن ،ئۇ ئادەم دوزاختىن بىر كىشىلىك جاي تەييار قىلىپ قويسۇن .
 
بىر ئادەم بىلمەي تۇرۇپ ھۆكۈم چىقارسا ،گۇناھ ھۆكۈم چىقارغۇچىغا بولىدۇ ،بىر ئادەم توغرىسىنى بىلىپ تۇرۇپ ،قېرىندىشىغا خاتا تەرەپنى كۆرسەتسە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ .
 
ئاللاھ تائاللا ھەر يۈز يىلنىڭ بىشىدا مۇشۇ ئۈممەتنىڭ دىنىنى بىدئەتتىن يىڭىلايدىغان ئادەم ئەۋەتىپ تۇرىدۇ .
                                                         

بىر ئادەم ئىلىم تەلەپ قىلىپ ،ئۇنىڭغا ئېرشسە ئىككى ئەجىر بولىدۇ .ئېرىشەلمىسە بىر ئەجىر بولىدۇ .
 
بىر مۆمىن ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆگىنىپ ،نەشىر قىلغان(تارقاتقان )بىلىمى ،قالدۇرۇپ قويغان ياخشى بالىسى ،مىراس قالدۇرغان قۇرئان ،سېلىپ قويغان مەسجىد ،مۇساپىرلار ئۈچۈن سالغان دەڭ(رەبات)چاپتۇرۇپ قويغان ئېرىق-ئۆستەڭ  ۋە ساغلام چاغدا قىلغان سەدىقىلىرى ياخشى ئەمەل –ساۋابلىرى قاتارىدا ھىسابلىنىدۇ .
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن :ئاللاھ تائاللا ماڭا ۋەھى قىلىپ مۇنداق دىدى :بىر ئادەم ئىلىم ئۆگىنىش يولىغا ماڭسا ،مەن ئۇنىڭغا جەننەت يولىنى ئاسان قىلىمەن ،بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئېسىل نەرسىسىنى (ئىككى كۆزىنى ئىلىۋالسام )،ئۇ ئادەمنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمەن .ئىلىمدىكى پەزىلەت ئىبادەتتىكى پەزىلەتتىن ئارتۇق .دىننىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى تەقۋادارلىقتۇر .
 
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن :كېچىدە بىر سائەت ئىلىم مۇزاكىرە قىلىش كېچىچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغاندىن ياخشى .
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن :مەن مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتىلدىم .
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن :كىمكى ئۈممىتىمنىڭ دىنى ئىشلىرىغا دائىم قىرىق ھەدىسنى يادلىسا ئاللاھ ئۇ ئادەمنى ئالىم قاتارىدا قوپۇرىدۇ .مەن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىمەن ۋە گۇۋاھچى بولىمەن .
 
ئىككى خىل تويماس ئادەملەر بار ،بىرى ئىلىمغا تويمايدۇ ،بىرى دۇنياغا .
 
قىيامەت كۈنى ئەڭ ئەشەددى ئازاب قىلىنىدىغان كىشى ئۆزىنىڭ ئىلمىدىن مەنپەئەتلىنەلمىگەن باشقىلارنى مەنپەئەتلەندۈرەلمىگەن ئالىمدۇر .
 
مەنپەئەتى يوق ئالىم خۇددى ئاللاھ تائاللا يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.
 
 
                                                       مەنبە :‹‹ئەرەبچە ۋە ئويغۇرچە500جۈملە››دىن ئېلىندى
 
 
 
 
 
 
ھەدىسلەردىن قىممەتلىك دۇردانىلەر
2- ئەقىل-تەپەككۈر توغرىسىدا
ئەقىل ئىگىلىرى ئېسىگە ئىلىۋالغاي .
 
ئەي ئادەملەر!پەرۋەردىگارىڭلار ھەققىدە ئوبدان ئويلاڭلار ،ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلىڭلار ،شۇنىڭدىلا نىمىگە بۇيرۇلۇپ ،نىمىدىن چەكلەنگىنىڭلارنى ياخشى بىلىسلەر . شۇنى بىلىڭلاركى ئەقىل سىلەرگە ئاللاھ تائاللانىڭ ئالدىدا مەدەت بېرىدۇ ،بىلىڭلاركى كىمكى ئاللاھ تائاللاغا بويسۇنىدىكەن شۇ ئەقىللىقتۇر،ئۇنىڭ چىرايى سەت ، ئورنى تۆۋەن ،كۆزگە ئىلىنمايدىغان ئادەم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر كىمكى ئاللاھ تائاللاغا ئاسىي بولىدىكەن شۇ ناداندۇر .ئۇنىڭ چىرايىلىق مەرتىۋىسى يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇستا ناتىق بولۇشدىن قەتئىنەزەر .
 
ئەي ئادەملەر! ھەر نەرسىنىڭ يىتەكچىسى بولىدۇ ،ئىنساننىڭ يىتەكچىسى ئەقىلدۇر .دەلىل-ئىسپات بىلەن بىلەلەيدىغان كىشلەر ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەردۇر .
 
كىشىلەر ئاللاھ تائاللا بەرگەن ئەقلىگە چۇشلۇق ئەمەل قىلىدۇ ،ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بېرىلگەن ئەقىللىرىنىڭ مىقدارى بىلەن باراۋەر بولىدۇ ،قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مىقدارىغا چۇشلۇق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ .
 
ئاللاھ تائاللا ئەقىلدىن ھۆرمەتلىكرەك نەرسە ياراتمىدى .
 
ئەقلىڭنى ئىشلەت ،پەرۋەردىگارىڭغا يىقىن بولىسەن .
 
مۆھمىن بىر تۆشۈكتىن ئىككى قېتىم چىقىلمايدۇ .(يەنى مۆھمىن ئىككى قېتىم ئالدانمايدۇ )
 
پەقەت تەجرىلىك ئادەملا ھەلىم (ئېغىر-بېسىق) بولىدۇ ،پەقەت تەجرىلىك ئادەملا ھۆكۈما بولىدۇ .
 
ئەڭ ئەقىللىقلىرىڭلار خۇدادىن ئەڭ قورقىدىغىنىڭلار ،بۇيرۇغاننى ئىجرا  قىلىدىغىنىڭلار ،توسقىنىدىن يانىدىغىنىڭلاردۇر ،ئۇنداقلار نەفلە ئىبادەتلەرنى ئاز قىلسىمۇ ...
 
نادانلىقتىنمۇ قاتتىقراق نامراتلىق يوق ،ئەقىلدىنمۇ پايدىسى كۆپ مال يوق .
 
تەدبىردەك ياخشى ئەقىل يوق .
 
تەپەككۈردەك ئىبادەت يوق .ھايا ۋە سەۋىردەك ئىمان يوق .سۆزنىڭ ئاپىتى يالغانچىلىك ،ئىلىمنىڭ ئاپىتى ئۇنتۇغاقلىقتۇر.

                    مەنبە :‹‹ئەرەبچە ۋە ئويغۇرچە500جۈملە››دىن ئېلىندى
بىر كەم دۇنيا ،كىمىنى تولدۇرۇپ ياشا!

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 12:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەسىمىڭىز تېمىڭىزغا ماس كەلمەپتۇ شۇڭا باشقا سۈرەت ئىشلەتكەيسىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئەلقوندى

41

تېما

2

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  404
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5160
تۆھپە : 3437
توردىكى ۋاقتى: 3212
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 01:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ilimدە2012-12-01 12:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەسىمىڭىز تېمىڭىزغا ماس كەلمەپتۇ شۇڭا باشقا سۈرەت ئىشلەتكەيسىز  

ئىلىم ئاكا ماتېمىغا ئىنكاس يېزىپسىز ئەمما تەستىقلاشنى ئۇنتۇپ قاپسىز ھە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )